ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تۇنجى نۆۋەتلىك «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

تۇنجى نۆۋەتلىك «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

2019–يىلى 4–ئايدا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كەلگۈسى تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، مەخسۇس 9 ئۇيغۇر ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ماگېستىر-دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن 21 نەپەر ئۇيغۇر ياشلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 21 پىداكار ئۇيغۇر ياش تەشكىلاتچىلار ئىككى كۈنلۈك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ھەر بىر دەرسىدە ۋاقىتقا رىئايە قىلىغان ئاساستا ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا 2 كۈنلۈك كۇرستىن كۆپ بىلىملەرنى ئۆگەندى ۋە ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن داۋاملىك بۇ تۈر كۇرسلارنىڭ ئېچىلىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

كۇرسقا قاتناشقان ياشلارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ھىرا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەخپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2019–يىلى 7–ئاينىڭ 27– ۋە 28-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا 2 كۈنلۈك «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىدۇ.

تۇنجى نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسىغا قاتناشقان ياشلارنىڭ قاتنىشىشىنى مەقسەد قىلىنغان، ئەمما يېڭى ئاكتىپ ياشلارنىڭمۇ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

تۇنجى نۆۋەتلىك «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» كۇرسىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى يېنىدا خاتىرە كومپىيوتېر ئېلىپ كېلىشلىرى كىرەك، ئەگەر كومپىيوتېرى بولمىسا ئىلتىماس قىلغاندا ئېنىق ئەسكەرتىشى كىرەك. كۇرسقا قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.  كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىككى كۈنلۈك چۈشلۈك تاماق ۋە يىغىندا كىرەكلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەيدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت (ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى)
2019-يىلى 14–ماي، ئىستانبۇل

ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2019-يىلى 5–ئاينىڭ 26–كۈنىگىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى:
uyghuracademy@gmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
ئالاقە تېلىفۇنى: 05306677851

ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار:
1) ئۇيغۇرچە ئىسىم–فامىلىسى
2) ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى
3) ئوقۇغان كەسپى
4) ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى ئاكادېمىك ئۇنۋانى
5) تۇرىۋاتقان دۆلىتى ۋە شەھىرى
6) ئالاقە تېلىفۇنى
7) ئالاقە ئېلخېتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش