ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىستانبۇلدا 3 ئايلىق تۈركچە تىز تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىستانبۇلدا 3 ئايلىق تۈركچە تىز تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

تۈركچە ئۆگىنىش ئېھتىياجى بار ئۇيغۇرلارنىڭ تىزرەك تۈركچە ئۆگىنىپ تۈركىيەگە كۆنۈشى، ئوقۇشقا كىرىشى ۋە خىزمەت تېپىشى قاتارلىق ئەمەلىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۈچ ئايلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئادەم تەربىيەلەش مۇقەددەس ۋە قېيىن ئىشلاردىن بىرى. ئاكادېمىيە بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچە دەرس بېرىدىغان تۈرك ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنى تۆلەيدۇ ۋە تۈركچە كۇرسنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۇرسقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىز – ئوغۇل سانى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قاتناشقۇچىلار يىتەرلىك بولغان تەقدىردە قىز – ئوغۇللار سىنىپلىرى ئايرىم تەشكىللەنىشىمۇ پىلانلانماقتا.

تەلەپكە ئاساسەن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 30-قارارلىقى بولۇپ، بۇرۇنقى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى قوللىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچىنى ياخشى ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ.

تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىش تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركچە كۇرسلار ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە داۋاملىق ئېچىلىدۇ.

تۈركچە كۇرسىغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارغا تۈركچە دەرستىن سىرت تۈركىيە ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇشقا كىرىش ۋە خىزمەت تېپىش جەھەتلەردە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

تۈركىيەلىك تۈركولوگىيە ۋە تارىخ كەسپىدىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچىنى ياخشى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنى، تۈركىيە جەمىئىيىتىنى ۋە ئويغۇر تارىخىنى ئەتراپلىق تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

3 ئايلىق تۈركچە كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە تۈركچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت تۈركچە تىل كېنىشكىسى بېرىلىدۇ.

ئاكادېمىيە ئاچقان تۈركچە كۇرستا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار سىرتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى كەلگەن قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبەك قېرىنداشلارمۇ تۈركچە ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولسا بولىدۇ.

تۈركچە ئۆگىنىش ئېھتىياجى بار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاكادېمىيەدە ئۆگەنگەن تۈركچىسى ۋە تۈركىيە ھەققىدە ئالغان مەلۇماتى بىلەن تۈركىيەدىكى يېڭى ھاياتىنى تېخىمۇ مەنىلىك ۋە غەلبىلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى


3 ئايلىق تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى تەپسىلاتى: 

تۈركچە كۇرس مۇددىتى: 3 ئاي (144 سائەت)، تۈركچە كۇرسىدا ھەپتىدە 4 كۈن، كۈندە 3 سائەت بولۇپ، ئايدا جەمىئي 48 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

كۇرس سەۋىيەسى: باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيە

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى دۈشەنبە

تىزىملىتىش ۋاقتى: 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 غىچە

تىزىملىتىش شەرتى: ئۇيغۇر قاتارلىق پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىدىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن قېرىنداشلار

تىزىملىغۇچى: شاتگۈل ساۋۇر (تېلفۇن: 02125897667، ئەسكەرتىش: ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئىش ۋاقتى ھەپتە ئىچى چۈشتىن بورۇن سائەت 9:30 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە)

دەرس كىتابى: تۈركچە ئۆگىنەيلى (Türkçe Öğrenelim)

ئايلىق ئوقۇش پۇلى: 100 تۈرك لىراسى

كىتاب پۇلى: 40 تۈرك لىراسى

سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سان چەكلىمىسى: 12 ئوقۇغۇچى

دەرس ئۆتىلىدىغان ئورۇن: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىشخانىسى

ئىشخانا ئادرىسى: چاپا شەھرەمىنى مەھەللىسى، بۆرەكچى ۋەلى كوچىسى، 38- نۇمۇر، فاتىھ، ئىستانبۇل (چاپا تىرامۋاي بىكىتى يېنىدا)

Akademi Ofisi Adresi: Şehremini Mahellesi, Börekçi Veli Sokak, No: 38, Çapa, Fatih

تۈركچە كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار ئاكادېمىيە ئىشخانىسىغا بېرىپ، كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ كىرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كىرەك.

ئەسكەرتىش: تۈركچە كۇرسىغا تېخىچە تىزىملاتمىغان ئەمما ئوقۇشنى خالىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرەلىشى ئۈچۈن 5-ئاينىڭ 30-كۈنى پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:30 غىچە ئاكادېمىيەنىڭ چاپادىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئايلىق 100 لىرا ئوقۇش پۇلى ۋە 40 لىرا كىتاب پۇلى بولۇپ، 3 ئايلىق جەمىئىي 340 لىرا تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار ئاكادېمىيە ئىشخانىسىغا بېرىپ، كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ كىرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنى بىرەر ياردەم سۆيەر ئۇيغۇرلىرىمىز تۆلەپ بەرگەن ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى كۇرس ئاخىرىدا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ئىلاۋە: ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان ھەر بىر ئىنگلىزچە سىنىپى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىغا ئايلىق تەخمىنەن 800 لىرا مائاش بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۈچ ئايلىق بىر سىنىپ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى مائاشىغا 2400 لىرا ۋە باشقا چىقىملار بولۇپ تەخمىنەن 3000 لىرا ئەتراپىدا چىقىم سەرىپ قىلىنىدۇ. ياردەم سۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ  تۈركچە كۇرسى ئوقۇتقۇچى مائاشىنى تۆلەشتە ياكى ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە كىتاب ئېلىپ بېرىشتە ئاكادېمىيەگە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىي ئۆتۈنىمىز. ياردەم بەرگۈچىنىڭ تەلىپى سىرتىدا، ئۇنىڭ كىملىكى ۋە ياردىمى قەتئىي مەخپى تۇتىلىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ياردەملىرىنى ئايىمىغاي.

ئوقۇتقۇچى مائاشىغا ياردەم ئۈچۈن ئاكادېمىيە بانكا ھېسابى:
تۈركىيە ئىش بانكىسى
ئىبان نومۇرى: TR 6100 0640 0000 1106 8093 1248
ھېساب نومۇرى: 1068-931248
ھېساب ئىگىسى: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
مۇشتەرى نومۇرى: 223926880
فېندىكزادە شۆبە كودى: 1068

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركچە كۇرسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان دەرس كىتابى

Türkçe Kitap

(ئىستانبۇل سۇلايمانىيە فىلىز كىتاب ئۆيى نەشىرى)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش