ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنى «ئوغرىلاپ كېتىش» سىرى (1)

ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنى «ئوغرىلاپ كېتىش» سىرى (1)

(تۆت توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» دىن پارچىلار)

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1946-يىلى 6-ئىيۇن كۈنى 11 ماددىلىق بىتىم رەسمىي ئىمزالىنىش بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي، غۇلجىدىن غايىپ بولدى. ئەلىخان تۆرە قانداق شەكىلدە ۋە نېمە ئۈچۈن غايىپ بولدى ۋە ياكى ستالىن ئادەملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى؟ بۇ ھەقتە  تۈرلۈك قاراشلار ۋە پەرەزلەر تارقىلىپ كەلدى. ئەلىخان تۆرىنىڭ غۇلجىدىن غايىپ بولۇشى ھەققىدىكى غەيرى رەسمىي مەلۇماتلار، يەنى ئەسلىمە ۋە كۆرگەن-بىلگەن ئۇچۇرلار يەنىلا بۇ سىرنى ھەقىقىي يېشىپ بېرەلمەيدۇ، بۇنى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرىلا يېشىدۇ خالاس. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ جەرياننى ئەڭ ئېنىق بىلگۈچى ئەلىخان تۆرىنىڭ ئۆزىدۇر. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، موسكۋانىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ھەققىدە قانداق قارار ئالغانلىقى، قانداق پىلانلارنى تۈزگەنلىكى ئۇنىڭ ئۆزىگىمۇ ئايدىڭ بولۇشى ناتايىن. ئەلىخان تۆرىنىڭ ئېلىپ كېتىلىشى ھەقىقەتەن موسكۋادىن بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەم ستالىن، مولوتوف، بېرىيا  قاتارلىقلار خەۋەردار بولغان بىر مەخپىي ئوپېراتسىيەسىدىن ئىبارەت ئىدى. قىزىق نۇقتا شۇكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەينى ۋاقىتتا ئۆز رەئىسى غۇلجىدىن غايىپ بولسىمۇ، ھەتتا كېيىنرەك ستالىننىڭ ئۇنى «ئوغرىلاپ  كەتكەنلىكى» نى بىلگەن بولسىمۇ، بىراق بەرىبىر سۈكۈت قىلىپ يۈرىۋەرگەنىدى.

ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇش ئۈچۈن  بۇ يەرنى چېكىپ PDF  نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش