ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » مەرھۇم كۈرەش كۈسەن تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

مەرھۇم كۈرەش كۈسەن تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

بۇ يىل مەرھۇم كۈرەش سۇلتان كۈسەن ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغىنىغا 60 يىل بولغان خاتىرە يىلدۇر. گەرچە كۈرەش كۈسەن ئەپەندى ئارىمىزدىن بالدۇر ئايرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغان مەنىۋىي مىراسلىرى، ياڭراق ئاۋازى ۋە ئىجادكار روھى ھېلىمۇ بىز بىلەن بىرگە. ئۇ 80-يىللارداخەلق قەلبىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان كۈنىدىن باشلاپ تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە خەلقىنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، دەرت-ھەسرەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ جەڭگىۋار ناخشىلىرى خەلقنىڭ كۈلكىسىگە جۆر بولۇپ، قاغجىرىغان مەنىۋىيەتلەرگە مەلھەم بولدى. ئۈمىدسىزلەرنىڭ ئۈمىد چىرىقىنى ياندۇردى.ئۇ چەكلىك ئىمكانىيەتلىرى ئىچىدە چەكسز غايىسى ئۈچۈن قەدەم باستى. خەلقىنىڭ ھۆرلىكى ئۇنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسى ئىدى. ئۇ بۇ يولدا مۇشەققەتلىك داۋانلارنى بېسىپ ئۈتۈپ، ئۆزىنىڭ شەرەپلىك ئىزلىرىنى قالدۇردى.

ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆرنەك بولغان ئىجتىھاتلىق سىياسىي كۈرەش ھاياتىنى ئەسلەش ، كىيىنكىلەر ئۈچۈن قالدۇرغان مەنىۋىي دۇنياسىنى خاتىرىلەش _ بىزدەك زامانداش،پىكىرداش بولغان سەبداش، قۇرداش ۋە دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ خىزمىتىدۇر.

سەنئەت دۇنياسىدىكى ۋاقىتسىز ئۆچكەن بىر يۇلتۇز، ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ھارماس تۇلپارنىڭ بۇ دۇنيادىكى 47 يىللىق قىسقىغىنا ھاياتىنى بىرگە ئەسلەشنى، خاتىرىلەشنى ئويلىسىڭىز، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدىغان «مەرھۇم كۈرەش كۈسەن تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى» گە قەدەم تەشرىپ قىىلىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار:
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى
دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى

ۋاقتى: 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى جۈمە چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 دا

پائالىيەت ئورنى: فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسى يىغىن زالى (جەۋىزلىباغ مەۋلەۋىخانا كوچىسى. جەۋىزلى باغ ترامۋاي بىكىتىدىن بارسىڭىز ئاسان تاپالايسىز.)

توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش