ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى

بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۆرۈگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سۈبھىنۇر ئۆمەر

بىر مىللەتنى ئىلمىي تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم، بىرىنجى ئامىل، ئۇمىللەتنىڭ كىلەچىكىگە ئەمەس بەلكى ئۆتمۈشى ۋە ھازىرىغا قاراشتۇر. بىر مىللەتنىڭ، ئىجتىمائىي ھاياتى دۇچ كەلگەن تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى يوقىتىش ياكى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى مەلۇم بىر ئىدىيەگە قارىتا ئاسانلاشتۇرۇپ ئىزاھلاش مەقسىتىدە قوللىنىلىدىغان تەدبىرلىرى ئىلمىي ماھىيەتتە بولماستىن، سەنئەت ماھىيىتىدىدۇر. ئىلىم پەن، ئەمەلىي بىر نەتىجە ئۈچۈن تەتقىقات ئېلىپ بارمايدۇ، چۈنكى ئەمەلىي غايىنى قوغلاشقان ئىجتىمائىي بىر سەنئەت، جىددىي بولغان ئىسلاھات ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئىلىم پەن ھەقىقەتنى ئەمەلىي ئىھتىياجلارغا تىگىشمەي، بۇنىڭدەك ئالدىراڭغۇ ئامىللاردىن ساقلىنىپ، ئەركىن ۋە سەۋىرچان ھالدا ئىشلىشى كېرەك.

بۇ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مەلۇمكى، ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن چىقىدىغان نەتىجىلەرنى ئىجتىمائىي سەنئەتلەر ئەمەلىي غايە ئۈچۈن تەتبىقلايدۇ. تەتقىقاتچىلار، ئىشلىرىنى چىدامچانلىق بىلەن قىلىدىغان تەشەببۇسكارلارمۇ بۈگۈن ئەمەلىي قايغۇلاردىن خالىي بولغان تەتقىقاتلارنىڭ ئەتە ئۆز مىللىتىگە ياكى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلار بىلەن تېخىمۇ گۈللىنىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك.

روھىدا مەپكۇرەۋى تۇيغۇ بولمىغان بىر ئالىم ھاياتىنى بۇنداق قىيىن بىر ئىشقا ئاتىيالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئەمەلىي تەتبىقلاشنىڭ ئىلىم پەننىڭ غايىسى بولماستىن بەلكى زۆرۈر بىر نەتىجىسى ئىكەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك.

بەدىئىي سەنئەتنىڭ غايىسى پەقەتلا سەنئەت بولغىنىدەك، ئىلىم پەننىڭ غايىسىمۇ يالغۇز ئىلىم پەندۇر. شائىرنىڭ پەقەت ۋە پەقەت گۈزەللىكنىلا ھىس قىلغىنىدەك ئالىممۇ ھەقىقەت ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ. جەمىئىيەت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق سەنئەت، ئىجتىمائىي پايدىسىنى ئويلاشمىغان بەدىئىي سەنئەت بولغىنىدەك، ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بىلىممۇ ئەمەلىي قايغۇلاردىن خالىي ئابىستىراكت تەبئىي پەندۇر.

بىر مىللەتنى تامامەن ئىلمىي يول بىلەن تەتقىق قىلىشتا، ئەمەلىي قايغۇلارنى ئابىستىراكىتلاشتۇرۇش يىتەرلىك بولمايدۇ. مىللىتىمىز ئۆز ئۆزىگە قايناق ھىسسىياتلار بىلەن باغلانغان ئۇلۇغ بىر مەۋجۇداتتۇر. ئۆز مىللىتىمىز دىنداشلىرىمىز، ئىرقداشلىرىمىز ۋە سەپداشلىرىمىز بىلەن تەرەپدار بولىشىمىز ۋە دۈشمەن قەۋملەرگە قارشى بولىشىمىزمۇ ئۆز خاھىشىمىزدىكى ئىش ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى ئۆز مىللىتىمىزگە نىسبەتەن ھىسسىياتتا تەرەپسىز بولىشىمىز بەكمۇ تەس. ھالبۇكى مىللىتىمىزنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ بۇرچىمىز ئۇنى ئۆزپېتى قوبۇل قىلىشتۇر. مىللىتىمىزدە بەزى بىر ئىللەتلەر بولسا بۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىللەتلەرنى تېپىپ چىقىش كېرەك. قۇسۇرلارنى كۆرمەسكە سالغانلىق ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مۇھەببەت ھېساپلانمايدۇ. ئۇنداقتا مىللىتىمىزنى ئىلمىيلىك بىلەن تەتقىق قىلىشتا ئەمەلىي قايغۇلارنىلا ئەمەس ۋىجدانىمىزدىكى قىممەتلىك ھىسسىياتلارنىمۇ بىر چەتكە قايرىپ قويىشىمىز لازىم. شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغان ھىسسىياتلار پەقەتلا ياخشىلىرى بولماستىن ناچارلىرىمۇ بولىشى كېرەك. مىللىي تەربىيە كۆرگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا مىللىتىگە نىسبەتەن ياخشى ھىسسىياتلار يىتىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ غەيرىي مىللىي تەربىيە بىلەن يىتىشتۈرۈلگەنلەردە بولسا خاتا ھالدا مىللىتىگە نىسبەتەن ناچار ھىسسىياتلار يىتىلدۈرۈلگەن بولىدۇ. مەيلى ياخشى ياكى يامان كۆز قاراش بولسۇن باغلىنىش تۇيغۇسى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ. ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولغان بىر تەتقىقاتچى ھەرقانداق ھىس تۇيغۇدىن يىراق ساپ ئەقىلنى ئىشلىتىدىغان بولىشى كېرەك.

بۇنىڭ بىلەن بىللە، تەتقىقاتلارنىڭ ئىلمىي بولىشى ئۈچۈن ئەمەلىي قايغۇلاردىن، مىللىي ۋە غەيرىي مىللىي ھىسسىياتلاردىن خالىي بولغان تەتقىقات يەنە يىتەرلىك ئەمەس. نەزىرىيەۋى ياكى ئەقلىي تەپەككۇر بىلەنلا بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. ئەقىلنى ئىككى تۈرلۈك چۈشىنىشكە بولىدۇ، بىرىنجىسى، ئەقىل، بىزدىن بۇرۇن دەرىجىلىرى بىلەن سىنىپلاندۇرۇلغان چۈشەنچىلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. بۇ قۇرۇلۇش مىخانىزمىسى بويىچە ئويلاشقاندا بۇ ھېچقاچان ئىلمىي تەتقىقاتلارغا تايانچ بولالمايدۇ. چۈنكى ياسالغان بۇ ئەقىل بىلەن ئويلاش تاشقى دۇنيادىكى ھەقىقەتنى ئاۋۋال زىھنىمىزدىكى چۈشەنچە رامكىسىغا قۇراشتۇرۇش دىمەكتۇر. ئەسلىدە ئەقىلنىڭ ۋەزىپىسى زىھنىمىزدىكى چۈشەنچىلەرنى تاشقى دۇنيادىكى ھەقىقەتلەرگە ئۇيغۇن ھالدا يىڭىدىن تۈزۈپ تۈرگە ئايرىپ چىقىشتۇر. بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن يىڭىلىق يارىتالايدىغان تەپەككۇر بولىشى كېرەك. مانا بۇ دەل ئىككىنجى مەنىدىكى ئەقىلدۇر ۋە ئىلىم پەن نۇقتىنەزىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇ يىڭىلىق يارىتىدىغان تەپەككۇرغا ئەقىل دىيىلىدۇ.

ياسالغان، مىخانىكىلىق ئەقىل بىلەن ئويلاش زىھىندىكى چۈشەنچىلەردىن تاشقى دۇنياغا چىقىشتۇر ۋە بۇ خىل ئۇسۇل مىساللاردىن ھۆكۈم چىقىرىشتۇر. يىڭى تەپەككۇر ۋە جانلىق ئەقىل بىلەن ئويلاش بولسا تاشقى دۇنيانى تەتقىق قىلىپ ئۇ چۈشەنچىلەرنى بۇ تەتقىقاتلاردىن چىقىرىشتۇر. بۇ خىل تەپەككۇر ئۇسۇلىغا بولسا ھۆكۈمدىن مىسال كەلتۈرۈپ چىقىشتۇر. تەتقىقاتچى، بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان ئاشۇ مىللەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭ ھەممىنى زىھنىدىن چىقىرىۋېتىشى كېرەك. دېكارتنىڭ پەلسەپەنى باشلىغاندا قىلغىنىدەك تارىختىن بۇيان خەلق ئارىسىغا سىڭىپ كەتكەن ئەنئەنىلەر ھەققىدىكى بىلگەنلىرىگە ۋە بۇرۇن قىلغان تەتقىقاتلىرىغىمۇ ئۆتكۈنچى ۋە شەكلەن بىر گۇمان بىلەن قارىشى كېرەك. تەتقىقاتچى بۇنىڭدەك قۇرغۇلاردىن يىراق تۇرۇپ بىۋاستە ۋەقەلەرگە قارىشى كېرەك. تاشقى دۇنيانى مەيدانغا كەلتۈرگەن خۇسۇسىي ۋە ماددىي ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ ھۆكۈمدىن مىسال كەلتۈرۈپ چىقىش يولى بىلەن بىرىنجى دەرىجىدىكى ئۇقۇملارنى ۋە يەنە ئوخشاش يول بىلەن ئارقا ئارقىدىن ئىككىنچى ئۈچۈنچى، ئاخىرىقى دەرىجىلەردىكى ئومومىي ۋە ئابىستىراكىت ئۇقۇملارنىمۇ چىقىرىشقا تىرىشىشى كېرەك.

نەتىجىدە بۇلارمۇ دەرىجىسى بىلەن سىنىپلاندۇرۇلغان بىر چۈشەنچە توپلىمىغا قوشۇلىدۇ. بۇ خىل تەتقىقاتلاردىن كېلىپ چىققان چۈشەنچىلەر تامامەن تاشقى دۇنيادىكى ھەقىقەتنىڭ ئۆز ئىپادىسى بولسىمۇ، ھەقىقەتنى تەتقىق قىلىشتىن بۇرۇنقى چۈشەنچەلىرىمىز ئۆتمۈشنىڭ ھەر دەۋرىدىن قالغان ۋە ھىسسىيات ياكى ئادەتلەرگە باغلانغان ھايات بىلەن مەۋجۇلۇقىنى قوغداپ كەلگەن ئەنئەنىلەردىن ئىبارەتتۇر. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن چىقىدىغان يىڭى ئۇقۇملار، بۇ ئەنئەنىلەرگە، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۇيىشىشىدىن كېلىپ چىققان مىخانىكىلىق، ئەقلىمىزگە ياتمىغان ئاز ئۇچرايدىغان ئەڭ گۈزەل شەكىلدە كۆرىنىشى مۇمكىن. دۇركايىمغا نىسبەتەن، ئىلىم پەن بەزىبىر گۈزەللىكلەرنى تېپىش ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ ئەمما تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇھىم بولغان گۈزەللىكلەر ئوتتۇرىغا چىقسا بۇنىمۇ ئىنكار قىلمايدۇ. چۈنكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئادەتتىكىچە نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان بولسا چوڭقۇر ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نىمە ھاجىتى

يۇقىرىقى ئىپادىلەردىن چىققان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا ئىلمىي بىر تەتقىقاتنىڭ ئۈچ شەرتى بار. 1. تەتقىقات ئەمەلىي بولماسلىقى، پەقەتلا نەزىرىيىۋى بولىشى كېرەك. 2. ھىسياتقا ئەمەس ئەقىلگە تايانغان بولىشى كېرەك. 3. مىساللاردىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان ئەمەس، چىقىرىلغان ھۆكۈمدىن مىسال كەلتۈرىدىغان بولىشى كېرەك. بۇ ئۈچ شەرت قىسقىچە تەتقىقاتلار سوبېكتىپ بولماستىن، ئوبېكتىپ بولىشى كېرەك دىگەندىن ئىبارەتتۇر.

ھەقىقەتەن بىر تەتقىقاتنىڭ ئوبېكتپ بولىشى يۇقىرىقى ئۈچ شەرتكە ئۇيغۇن بولىشىغا باغلىق.

ئەمما بىر تەتقىقاتنىڭ ئىلمىي بولىشى ئۈچۈن پەقەتلا ئوبېكتىب بولىشى يىتەرلىك ئەمەس. يەنە بىر مۇھىم شەرتى بولسا تەتقىقات تېمىسىنىڭ مۇستەقىل بىر ھەقىقەت بولىشىدۇر. ئەگەر مىللەت مۇستەقىل بىر ھەقىقەت بولالمىسا ئۇنداقتا بۇ ھەقتە ئىلمىي تەتقىقاتمۇ ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.

مىللەتنىڭ مۇستەقىل بىر ھەقىقەت بولالىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي ھەقىقەتنىڭ مەۋجۇت بولىشى ۋە بۇ ئىجتىمائىي ھەقىقەتنىڭ مىللەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. مىللەتنى شەخسى ئورگان ياكى شەخسىي روھقا ئوخشاش ئاددىلاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئويلايدىغانلار ھەرگىزمۇ مىللەتنى مۇستەقىل بىر ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلغان بولمايدۇ. مىللەتنىڭ خۇسۇسىي بىر مەۋجۇتلىقىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ھەممىدىن بۇرۇن ھاياتى ۋە روھى ھەقىقىتىدىن باشقا مۇستەقىل بىر ئىجتىمائىي ھەقىقىتىنىڭمۇ بارلىقىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھەقىقىتىنىڭ تىلى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىدە ئورتاق ھالدا بىرلەشكەن ۋاقىتتىكى ھالىتى بولىدۇ.

بۇ چۈشەنچىنى باشقىچە قىلىپ ئېيتساق،مىللەتلەر ھەققىدە ئىلمىي بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال تەتقىقاتنىڭ قايسى نوقتىنەزەردىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەش كېرەك.

بىر بىلىمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر ھەقىقەت تىمىسىنىڭ بولىشى كېرەك.ماددى، ھاياتى، روھىي ھەقىقەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن فىزىكا، بىئولوگىيە ۋە پىسخىلوگىيە بىلىملىرى پەيدا بولالىغان. مىللەت بۇ تېمىلاردىن بىرىگە تېما بولالامدۇ ياكى بىر ئىجتىمائىي ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىپ مىللەتنى بۇ جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمىگە تىما بولالايدۇ دەپ قاراش كېرەكمۇ مىللەتنىڭ فىزىكا ئىلمىگە تېما بولالمايدىغانلىقى ئېنىق. بىئولوگىيە ۋە پىسخىلوگىيە بولسا مىللەتنىڭ ئەزالىرىدىن تۈزۈلگەن ۋە ئەزالارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئورگانى ۋە پسخىلوگىيەسى بار. بىئولوگىيە بىراۋنىڭ شەخسىي ئورگانلىرى ۋە پىسخىلوگىيەسىنى ئوبىكىت قىلغان. لىكىن مىللەت بۇ شەخسىي تۈزۈلۈش ۋە پىسخىلوگىيەدىن تامامەن باشقا بىر نەرسە. ئۇنداقتا مىللەتنى تەتقىق قىلىشتا بۇلاردىن باشقا بىر نوقتىنەزەر لازىم. مىللەت، جەمىئىيەتلەر سىنىپىغا تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ بىلىم ئىجتىمائىي ھەقىقەتنى تەتقىق قىلىدىغان جەمىئىيەتشۇناسلىق ئىلمى بولالايدۇ.

داۋامى بار…

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «مىللىي تەتەببۇلار مەجمۇئاسى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش