ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئانا تىل » يېزىق ۋە تەرەققىيات

يېزىق ۋە تەرەققىيات

چىنار*
گەرچە يېزىق بىلەن تەرەققىيات ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئوخشاش بولمىغان كاتېگورىيەلەرگە مەنسۇپ. يېزىق بولسا ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلىققا ئىگە بىرخىل شەيئى، تەرەققىيات بولسا ئاپستراكت بىر خىل ئۇقۇم، ئۇنىڭ ئەمىلىي ئىپادلىنىشى باشقا شەيئى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
مۇئەييەن بىر مىللەت ياشاۋاتقان مەدەنىي بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا يېزىقىنىڭ بولماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولسىمۇ، لېكىن يېزىق پەقەت ۋاسىتىلىك بىر ئامىل. مۇئەييەن بىر مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى زور دەرىجىدە شۇ جەمئىيەتنىڭ دۆلەت خاراكتېرى ۋە دۆلەت تۈزۈم- قانۇنلىرى، ھەر جەھەتتە يۈرگۈزۋاتقان ئەمەلىي ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي سىياسەت- تۈزۈملىرى، جەمئەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرى، تەرەققى قىلدۇرۇلماقچى بولغان شەيئىنىڭ ئىچكى تۈزۇلمىسى ۋە رىۋاجلىنىش قانۇنىيەتلىرى، شۇ جەمىئەتنىڭ ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي ئەھۋالى، مائارىپ- مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، تارىخى، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتلەر ۋە ئىجتىمائىي كىشلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ساپاسى ھەمدە شۇ جەمىئەتنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق نۇرىغۇن ئامىللارغا باغلىق.
يېزىق بولسا جەمىئەتنىڭ تەرەققىياتىدا نىسپىي ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. يېزىق پۈتكۈل بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇئەييەن بىر ساھەدىكى مەلۇم بىر تەرەققىيات پىلانىنى ئۇستىدە ئالاقىلىشىش، خاتىرلاش، تەشۋىق قىلىش، ئىنفورماتسىيە توپلاش ۋە يەتكۈزۈش قاتارلىق فونكىسىيىلىك روللارنى ئويناش بىلەن بىرگە ئىنسانىيەت جەمئيەتنىڭ مەدەنىيەت- مائارىپ قاتارلىق سەھەلىرىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. قەدىمىي يېزىقلارنىڭ ئىجاد قىلىشى ئىنسانلارنىڭ تارىخنى خاتىرلەش دەۋرىگە يەنى ئىدراكىي مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغانلىقنىڭ سىمۋولى.
ھەممىگە مەلۇم، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە يېزىقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئىنتايىن كۆپ تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرقى چىقىرىلغان خۇلاسە: يېزىق ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىدا جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپى بىلەن پەيدا بولغان ھەمدە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىياتى جەريانىدا تەدىرجى تەرەققى قىلىپ مۇكەممەللىشكەن.
مۇئەييەن بىر مىلللەتنىڭ يېزىق سىستېمىسى شۇ مىللەتنىڭ فونېتىك سىستېمىسىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە (فونېتىك پرىنسىپقا ) ئاساسەن ئىجاد قىلىنىدۇ، ياكى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇئەييەن بىر مىللەت باشقا بىر مىللەتنىڭ تەييار يېزىق سىستېمىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشى مۇمكىن. تەييار يېزىق سىستېمىسىنى قوبۇل قىلغۇچى مىللەت بۇ خىل تەييار يېزىق سىستېمىسىنى ياكى ئۆزگەرتمەي ئەينەن ئىشلىتىشى ياكى ئۆز مىللىتىنىڭ فونېتىك سىستېمىسىنىڭ قانۇنىيەتلىرى بۇيىچە ئىسلاھ قىلىپ ئىشلىتىشى مۇمكىن. ئۆتمۇشتە ئوسمان تۈركلىرى ئەرەپ يېزىقىغا قارىتا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قىلماي ئىشلەتكەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئەرەپ يېزىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ فونېتىك سىستېمىسىنىڭ قانۇنىيەتلىرى بۇيىچە ئىسلاھ قىلىپ ئىشلەتكەنلىكنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
فونېتىك پرىنسىپ بۇيىچە ئىجاد قىلىنغان يېزىق سىستېمىلىرىدىن مۇھىمى تۆۋەندىكى ئىككى خىل تىپتىن ئىبارەت : ھەرپلىك (ئېلىپبەلىك) يېزىق سىستېمىسى ۋە بوغۇملۇق يېزىق سىستېمىسى.
ھەرپلىك يېزىق سىستېمىسىدا مۇئەييەن بىر تىلنىڭ فونېتىك ( تاۋۇش) سىستېمىسىدىكى مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە ئەڭ كىچىك بىرلىك – فونېتىك بىرلىك—فونېمىلار ئارقىلىق شۇ تىلدىكى مۇئەييەن بىر مەنە بىرلىكى (سۆز) دىكى تاۋۇشلارنى بىرىكتۇرۇپ بوغۇم ياكى بوغۇملارنى شەكىللەندۈرش بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا بۇ بوغۇملارنى (ئىككىدىن ئارتۇق بوغۇملۇق سۆزلەردە) بېرىكتۇرۇش يولى بىلەن ئېغىز (جانلىق) تىلدىكى تاۋۇشلۇق سۆز ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇيغۇرچە، [ ʃi ] ( ئىش)،[ iʧ+ʃi] ( ئىشچى)؛ ئىنگلىزچە: [ :kǝw ] ( ئىش)،[:+kǝǝw ] ( ئىشچى)؛ رۇسچە: [ ra+bo+ta]( ئىش)،[ ra+bot+nik] (ئىشچى). بۇ خىل يول بىلەن ھاسىل بولغان مۇئەييەن تاۋۇشلۇق سۆز بولسا ئەينى ۋاقىتتا گرامماتىكىدا ( يېزىقتا) يەنە مەنىلىك بۆلەكلەرگە ئاجراتقىلى بولمايدىغان مەنە ئىپادىلىگۈچى ئەڭ كىچىك مەنىلىك بىرلىك – گراماتىك بىرلىك – سىمانتىك بىرلىك – مورفېمىلارنىڭ بىرىكىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرچە: ئىش، ئىش+چى؛ ئىنگلىزچە: work، work+er؛ رۇسچە : рa+bo+тa، рa+boт+ник .
بۇ خىل يېزىق سۆزلەر مورفېمىلارنىڭ بېرىكىشى ئارقىلىق ياسىلىدىغان تىللارغا باپ كېلىدۇ. لۇغەت فوندىدىكى ياسالما سۆزلار مورفولوگىيىلىك سۆز ياشاش ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. لاتىن يېزىقى، سىلاۋىيان يېزىقى ،ئەرەپ يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق يېزىقلار ھەرپلىك( ئېلىپبەلىك ) يېزىق سىستېمىسىدىكى يېزىقلار تىپىدىندۇر.
ئەندى، بوغۇملۇق يېزىق سىستېمىسىدا بولسا مەلۇم بىر تىلنىڭ فونېتىك سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان مۇئەييەن بىر مەنە بىر ياكى بىر قانچە فونېمىلارنىڭ بېرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بوغۇم ئارقىلىق ئىپادىلەش فونكىسىيىسىگە ئاساسەن بىر بوغۇم شەكىللەندۈرۈش بىلەن تاۋۇشلىق سۆز ياسىلىدۇ. مەسىلەن، wo]] ( مەن) ، [ yaw qĭng ] ( تەكلىپ قىلماق) . بۇ تاۋۇشلىق سۆزلەر ئۈچۈن يېزىقتا ھەر خىل شەكىل ئىجاد قىلىنىدۇ. بۇ خىل شەكىللەر ھەرپلەرگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. مەسىلەن، wo]] سۆزى ئۈچۈن 我 ( مەن) شەكلى، [ yaw qĭng] سۆزى ئۈچۈن邀请 ( تەكلىپ قىلماق ) شەكىللىرى ئىجاد قىلىنغان. بۇ خىل يېزىقتا مەنە ۋە شەكىلى ھەر خىل لېكىن بىر خىل تاۋۇشلۇق سۆزلەر ئۇرغۇ ئارقىلىق پەرقلەندۇرۇلىدۇ. بۇ خىل يېزىق ئاساسىي لۇغەت فوندى بىر بوغۇمدىن تەركىپ تاپقان سۆزلەردىن تۆزەلگەن تىللار ئۈچۈن باپ كېلىدۇ. بۇ تىپتىكى تىللاردا كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەر مورفولوگىيىلىك سۆز ياشاش ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. خىتاي يېزىقى بوغۇملۇق يېزىق سىستېمىسى تىپىدىكى يېزىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
قايسى خىل تىپتىكى يېزىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشنىڭ شۇ يېزىقنى قوللىنىدىغان تىل جەمئىيەت توپلۇقىدىكىلەرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فونېتىك سىستېمىسىنىڭ ئاساسىدا بولسا، ئەندى بۇ خىل فىزىئولوگىيىلىك فونېتىك سىستېما ئۈچۈن قانداق شەكىلدىكى بەلگىلەرنى( ھەرىپلەر ياكى شەكىللەرنى) ئىجاد قىلىپ، يېزىق سۆپىتىدە قوللىنىشى پەقەت شۇ خىل تىلنى ئىشلىتىدىغان تىل جەمئىيىتىنىڭ (توپلۇقىنىڭ) ئۆزئارا كېلىشىشى بىلەن بولىدۇ.
ئىلمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا تۈرلۈك يېزىقلار ئارسىدا ھىچ قانداق ئىلغار ياكى قالاق يېزىق دېگەن پەرق مەۋجۇت ئەمەس. ھازىرقى زاماندا ھەر قايسى مىللەتلەر قوللىنىۋاتقان ھەر قايسى يېزىقلار شۇ مىللەتلەرنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى تەلەپ- ئىھتىياجلىرىنى قامداپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تۈرلۈك يېزىقلار ئۈچۈن كومپيۇتېردا ئىشلىتىلىدىغان يېزىق فوندىلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى بۇ نۇقتىنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئىسپاتلاپ بەردى. مابادا قايسى بىر مىللەت ئۆز يېزىقىنى باشقا يېزىقلارغا قارىغاندا ئىلغار ياكى تەرەققى قىلغان دېسە، بۇ خىل ئەھۋال شىۋىنىزمنىڭ تىپىك ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەت، خالاس. ئەرەپ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋرلەردە مۇسۇلمان ئالىملىرى ئەرەپ يېزىقىنى ئىشلىتىپ جاھان ئىلىم- پەنىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئادەم ئېكولوگىيىسى– ئۇنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتى،مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، دىنى ھەمدە باشقا ئېجتىمائىي ئەنئەنەلىرىنى ئىچگە ئالغان ھالدا تىل بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تىل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئالەقىلىشىش ۋاستىسى. يازما تىلمۇ (يېزىقمۇ) ئېغىز (جانلىق ) تىل ئىگە بولغان تىل جەمئىيىتىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىشىش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش– خەۋەرلىشىش ۋە خاتىرە قالدۇرۇش قاتارلىق فونكسىيەلىرىگە ئىگە. جانلىق تىلنىڭ تەرەققىياتقا بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان فونكىسيىسى يوق بولغىنىغا ئوخشاش يېزىقنىڭ تەرەققىياتقا بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان فونكىسيىسىمۇ يوق. شۇڭلاشقا يىزىق شۇ يېزىقنى قوللىنىۋاتقان تىل جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا يىزىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شۇ تىل جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئېلگىرى سۇرۇشتەك ئىدىيىنىڭ ھىچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، يېزىق ئۆزگەرتىش شۇ يېزىقنى قوللىنىۋاتقان تىل جەمئىيىتىگە سەلبى تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش رولىنى ئوينايدۇ، بىر قانچە ئەۋلاتنى ساۋاتسىز قىلىدۇ، كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى يازما ئالاقىلىشىشقا توسالغۇ بولىدۇ. مىللەتنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ داۋاملىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ۋاسىتلىق ھالدا جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئاستالىتىدۇ.
بۇ نۇقتىنى ئۆز يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتمەي جەمىئيەت تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈپ،ئىقتىساد ۋە پەن- تىخىنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا كېتىپ بارغان ياپۇن، كورىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە يېزىق ئۆزگەرتىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۇپ، ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردە قەد كۆتۈرۈشنى خام خىيال قىلىپ، ئاسماندىكى غازنىڭ شۇرپىسىغا نان چىلاپ ئىچكەن ئورتا ئاسىيادىكى ئۆزبىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بارغانسىرى نامراتلىشىپ كېتىپ بارغان ئەمەلىيىتى تولۇق ئىسپاتلايدۇ.
بىر مىلەتنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشى ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالدا يۈز بېرىدۇ:
بىرىنىچى، بىر دۆلەتتىكى ھاكىمىيەتتىكى ھۆكۈمران مىللەتنىڭ ئىرادىسى – دۆلەت ئىچىدىكى باشقا بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى نىيەت قىلغاندا مەزكۈر بېقىندى مىللەتتە يېزىق ئۆزگەرتىشتەك سۈنئىي ئىجتىمائىي ھادىسە سادىر بولىدۇ. ئۆتكەن ئەسىردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ « شىنجاڭ ئۆلكسى » دىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشلىرى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.
ئىككىنىچى، بىر مىللەتتىكى بىر گۇرۇھ كىشلەرنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە يېزىق ئۆزگەرتىشتەك سۇنئى ئىجتىمائىي ھادىسە سادىر بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بۇ دۆلەتلەردىكى ھاكىمىيەت ئۇستىدىكى بىر گورۇھ كىشلەرنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىك ھىسياتى ، ياكى يېزىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋېتى ۋە يېزىق ئىلمىغا بولغان چۆشەنچىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ياكى ھەر ئىككى سەۋەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا يۈز بېرىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر.
ئۈچىنىچى، تارىخىي سەۋەپلەر ۋەجىدىن باشقا مىللەتتىن قوبۇل قىلىنغان يېزىقنى ئۆزگەرتىش. بۇ خىل يېزىق ئۆزگەرتىشتە ئىككى خىل يېزىق ئۆزگەرتىش ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن :
1 . ئىستىمالدىكى يېزىق سىستېمىسىدىن باشقا بىر خىل تىپتىكى يېزىق سىستېمىسىغا كۆچۈش
مۇستافا كامالنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشى بۇ خىل يېزىق ئۆزگەرتىش تىپىغا ياتىدۇ. ئەرەپ يېزىق سىستېمىسى ئوسمان تۈرك تىلنىڭ فونېتىك سىستېمىسىدىكى سۇزۇق تاۋۇشلارنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنىلىك سەۋەپى بىلەن ئوسمان تۈرك تىلنىڭ فونېتىك سسىتېمىسىدىكى ئايرىم سۇزۇق فونىمىلار ئۈچۈن ھەرپ ئىجاد قىلمايلا، ئەرەپ يېزىق سىستېمىسىدىن ۋاز كېچىپ، لاتىن يېزىق سىستېمىسىغا كۆچۈپ، لاتىن فونېتىك سىستېمىسىدا يوق، لېكىن ئوسمان تۈرك تىلنىڭ فونىتىك سىستېمىسىدىكى بار بولغان فونىمىلار ئۈچۈن ئايرىم- ئايرىم ھەرپلەرنى ئىجاد قىلىشتەك يېزىق ئۆزگەرتىش.
2. قوبۇل قىلىنغان يېزىق سىستېمىسىنى تولۇقلاش ئاساسىدا ئۆزگەرتىش قىلىپ، يېڭى بىر يېزىق سىستېىمىسىنى يارىتىش. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بۇ خىل يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
ئۇيغۇرلار ئەرەپ يېزىق سىستېمىسىنى قۇبۇل قىلىپ ئىشلەتكەندىن بۇيانقى نەچچە ئەسىرلەر داۋامىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەرەپ تىلىنىڭ فونېتىك سىستېمىسى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئەرەپ يېزىقىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ فونىتىك سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيەتلىرىگە ماسلاشتۇرۇش جەريانىدا ئېلىپ بارغان ئىستېداتلىق ئەجىرلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، خۇددى گرېك يېزىق سىستېمىسىدىن يېڭى بىر خىل تىپتىكى مۇستەقىل بىر يېزىق سىستېىمىسى – سىلاۋيان يېزىق سىستېمىسى بارلىققا كەلگەنگە ئوخشاش، ئەرەپ يېزىق سىستىېمىسى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان يېڭى بىر خىل تىپتىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مۇستەقىل بىر سىستېمىسى شەكىللەندى. بۇ يېزىق سىستېمىسى ئۇزىنىڭ ئىلمىلىقى، مۇكەممەللىكى، يېزىلىشىنىڭ ساباھەتلىكى ۋە ئىملا قايىدىلىرى ئىلمىلىقى ۋە سىستېمىچانلىقى قاتارلىق ئۆزگىچە بولغان خاسلىقلىرى بىلەن ئەرەپ يېزىق سىستېمىسى بىلەن سۆپەت جەھەتتىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
2019- يىلى ئاپرىل
* بۇ يازمىدا ئاپتۇرنىڭ تەلىپى بىلەن يازغۇچى ئىسمىدا تەخەللۇسلا ئىشلىتىلدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش