ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مەدەنىيەت بوستانى » «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى

«قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ناملىق كىتاب نەشردىن چىقتى


تەييارلىغۇچى: زۇلھايات ئۆتكۈر

ئىككى يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا چىققان «قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» ناملىق كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئاسمىلاتسىيە ۋە دەپسەنچىلىككە ئۇچراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى تۈرك دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
كىتاب تۈركىيە «تاشقىي تۈركلەر قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى» نىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، دوتسېنت دوكتۇر ئادەم ئۆگەر Adem Öger ئەپەندىنىڭ باش مۇھەررلىكىدە تۈزۈلدى.
بۇ كىتاب تۈرك قوۋملىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىش، ئۇسلۇب جەھەتتىن تۈرك تىللىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئۈچ خىل دىيالېكتى بىلەن تەييارلىنىش ھەمدە چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلغان دالا تەكشۈرۈشى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلىشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردىن مەزمۇن جەھەتتىن روشەن پەرقلىنىدۇ.
دالا تەكشۈرۈش تەتقىقاتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن، (غەيرى ماددىي) مەدەنىيەت مىراسلىرى تېما قىلىنغان “قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى 1-2” ناملىق ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان ھۈججەتلىك فىلىمنىڭ ھازىرلىنىشى بۇ تەتقىقاتنى تېخىمۇ ئۆزگىچە ۋە جەلپكار تۈسكە ئىگە قىلغان نۇقتىلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ كىتاب بىلەن بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىدىغان ھۈججەتلىك فىلم، كىتابنىڭ كەينىدە DVD پىلاستىنكىسى شەكلىدە ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان.
تۆۋەندە قېرىنداشلارغا كىتابنىڭ ئۆزۈم تەرجىمىسىنى تەييارلىغان كىرىش سۆز قىسمىنى سۇندۇم.

كىرىش سۆز
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئەسلى ماكانى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىمۇ مۇھىم نىسبەتنى ئىگىلەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىن قالسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت – قازاقىستاندۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈش دەۋرى 1864-يىلى قۇرۇلغان ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ رۇسىيەگە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىپ ئاياقلىشىشى بىلەن تەڭ 1870-يىللىرى باشلانغانىدى. سۇلتانلىقنىڭ پادىشاھى ئابىلئوغلى قېرىنداشلىرى ۋە بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى ئالمۇتىنىڭ قارشى تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان رايونغا كېلىپ جايلىشىدۇ (كامالوۋ 2016:14 ). 1881-يىلى سان پېتېرسبۇرۇگدا روسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا شەرتنامە ئىمزالىنىپ، روسىيە ئىلىنى خىتايغا بۆلۈپ بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىلى-غۇلجا رايونىغا كۆچۈپ كېلىدۇ. شەرتنامىنىڭ نىزاملىرىغا ئاساسەن، 1884-يىلى يەتتىسۇ ئەتراپىغا (ۋېرنېسكومغا 26164، ياركەنتكە 19209) بولۇپ، جەمئىي 45373 نەپەر ئۇيغۇر ئاھالىسى ئولتۇراقلاشقان (باراتوۋا 82- 1987:81 ). روسىيە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان مەزگىلدە، يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ چېگرىسىنى بوروخونزىر ۋادىسىغىچە دەپ بېكىتىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن، چېگرا رايونلىرىغا جايلاشقان بەزى يېزىلار ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىدىن قۇرغان رايونىغا قوشۇۋېتىلىدۇ. يەتتىسۇغا جايلاشقان ئۇيغۇرلار ياركەنت ناھىيىسىنى ۋە 80 گە يېقىن كىچىك ناھىيە، يېزىلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ (كامالوۋ 2016: 14).
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق كۆچ ھەرىكىتىدىن كېيىن، يەتتىسۇ ۋىلايىتىدە قىرىق ئىككى ئۇيغۇر يېزىسى قۇرۇلىدۇ ۋە 2000-يىللارنىڭ بېشىدا بۇ يېزىلارنىڭ سانى 99غا يېتىدۇ. ئەينى چاغدا، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان بۇ رايونلار ياركەنت-تارانچى، ئاقسۇ –چورىن، مالىباي، قورام ۋە قارىسۇدىن ئىبارەت بەش مەمۇرىي رايونغا ئايرىلغانىدى. 1909-يىلى ياركەنت رايونىدىن ئاقكەنت رايونى مۇستەقىل رايون بولۇپ ئايرىلىپ چىقىدۇ. كېيىن ئاقسۇ-چورىن ۋە كەتمەن رايونلىرى ياركەنت ناھىيىسىگە قاراشلىق رايونلار قىلىپ بېكىتىلىدۇ؛ مالىباي، قورام ۋە قارىسۇ رايونلىرى ۋەرنىي ناھىيىسىگە تەۋە رايونلار قىلىپ بېكىتىلىدۇ (باراتوۋا 18- 1994:17). 2000 -يىللارنىڭ بېشىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، يەتتىسۇ ۋىلايىتىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار كۆپىنچە ياركەنت ۋە ئاقكەنت ناھىيىسى (ھازىرقى پانفىلوۋ ئۆلكىسى)، چورىن ناھىيىسى(ئۇيغۇرناھىيىسى)، مالىباي، قورام ۋە قارىسۇ ناھىيىلىرى (ئەنبەكشى قازاق ئوبلاستى) ۋە ۋەرنىي رايونى (ھازىرقى ئالمۇتا) دىن ئىبارەت تۆت ئالاھىدە رايوندا توپلىشىپ ياشايدۇ (كلارك، كامالوۋ 2010:169).
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇن يۇرتلىرىدا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېرىقچىلىققا ماس كېلىدىغان يەتتىسۇ رايونىغا جايلاشتۇرۇش، بۇ خىل كۆچۈرۈش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار جايلاشقان يەتتىسۇ رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى، ئىلى-غۇلجا رايونىدىكى ۋادىلەر ۋە چەكسىز كەتكەن تۈزلەڭلىكلەرگە ناھايىتى ئوخشىشاتتى. ئۇيغۇرلار يەنە يېڭىدىن جايلاشقان يېزا قىشلاقلارنىڭ نامى ئۈچۈن ، بۇرۇن ئۆزلىرى ياشىغان يەردىكى يەر جاي ناملىرىنى قوللىنىدۇ (كامالوۋ 2016:15). يەتتىسۇغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ (تارانچى ئىلى ئۇيغۇرلىرى) سانى كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇ تەبىئىي كۆپىيىش سەۋەبىدىن بولماستىن ، بەلكى خىتايدىكى زۇلۇمدىن قېچىپ كەلگەن كىشىلەر سانىنىڭ ئارتىشىغا ئەگىشىپ كۆپەيگەن ئىدى.
1883- 1897-يىللىرى ئارىسىدا، ھازىرقى قازاقىستان زېمىنىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: 1883-يىلى 45373، 1884-يىلى 47991، 1885-يىلى 47786، 1886-يىلى 47786، 1887-يىلى 47834، 1888-يىلى 49202، 1889-يىلى 49520، 1890-يىلى 49896، 1891-يىلى 50831، 1892-يىلى 51097، 1893-يىلى 50902، 1894-يىلى 51387، 1895-يىلى 50833، 1897-يىلى 55999 (باراتوۋا 1987: 83، 86؛ باراتوۋا 1994:16). بۇ رايوندا كېيىنكى يىللاردىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانى داۋاملىق ئېشىپ بارغان. 1900-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 62044 بولۇپ، 1906-يىلىغا كەلگەندە 77492، 1911-يىلى بولسا 86526 بولغان. فەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نوپۇسىدىمۇ قەشقەردىن كۆچۈش سەۋەبى بىلەن مەلۇم نىسبەتتە ئارتىش بولغان (باراتوۋا 1994: 16).
يەتتىسۇغا جايلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بۇ يەردە ياشايدىغان قازاقلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنىدىكى باشقا تۈرك قوۋملىرى بىلەن ئوخشاش بولدى. 1916-يىلى ئۇيغۇرلار، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سەپەرۋەرلىك خىتابنامىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن قازاق ۋە قىزغىزلارنى قوللاپ ياردەم قىلىدۇ. نەتىجىدە، قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر، روسىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قەلئە ۋە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ئىشچىلىققا ئەۋەتىلىدۇ. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر فولكلورىدىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ قەلئە ۋە كانلاردا مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئائىت بىر قىسىم خەلق ناخشىلىرى بارلىققا كەلگەن (كامالوۋ 2016: 16).
يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى تۈرلۈك قوزغىلاڭلار ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغانىدى. يەتتىسۇ سوۋېتلەر بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بىر تىراگېدىيىلىك تارىخىي ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، 1918-يىلى بولشىۋىكلار ۋەرنىي (ئالمۇتا) دىن ياركەنتكىچە بولغان غۇلجا يولىنى بويلاپ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارغا قەست قىلىدۇ. سەۋەبى ئۇيغۇرلارنى قازاق ۋە باشقا تۈرك قوۋملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلغان دېگەن باھانىنى ئۇيدۇرۇپ چىقىپ، كومىسسەر مۇرائېۋنىڭ قوماندانلىقىدىكى بولشىۋېكلەر گۇرۇھى تەرىپىدىن 25000 غا يېقىن ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى خىتاي چېگرىسى تەرەپكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولىدۇ (كامالوۋ، 2016:17). 1929-1931 يىللىرى ئارىسىدا تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تارىختا يەنە بىر قېتىملىق كۆچۈش سەرگۈزەشتىلىرىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. خىتايدا تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى ئاقساشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار كۆپ ساندا خىتاي تەرەپكە ئەمگەك كۈچى بولۇپ، كۆچمەن بولۇپ كېلىدۇ.
خىىتايدا سىياسىي زۇلۇمنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ سۈرگۈنگە ھەيدىلىشى، 1950-1960- يىللاردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىىدن قازاقىستانغا زور تۈركۈمدە كۆچۈش ھەرىكىتىگە سەۋەپ بولغانىدى. 1959-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا بۇ ۋاقىتتا، قازاقىستان زېمىنىغا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 95208 گە يەتكەنىدى (باراتوۋا 1994: 17).
ھازىر قازاقىستاندا ياشايدىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار رۇس، ئۆزبېك ۋە ئۇكرائىنالىقلاردىن قالسا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2014- يىلىدىكى سىتاتىستىكىغا قارىغاندا، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 246777 بولغان. ئۇيغۇرلار ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئەنبەكشى قازاق ئۇيغۇر رايونى، پانفىلوۋ ۋە ئالمۇتا مەركىزىدىن ئىبارەت ئۈچ رايونىغا زىچ ئولتۇراقلاشقان . ئەنبەكشىقازاق رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 51247 بولۇپ ، ئالمۇتا ئوبلاستى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ رايوندۇر. ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ نوپۇسى 35384 بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 56% نى تەشكىل قىلىدۇ. پانفىلوۋ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 33844 بولۇپ، بۇ رايون ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 28% نى ئىگىلەيدۇ. ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس؛ قاراسايدا 5696، قامبىلدا 4063، ئىلى رايونىدا 3288 نوپۇس مەۋجۇت (كامالوۋ 2016:17). 2014- يىلىدىكى مەلۇماتقا قارىغاندا ، پۈتۈن ئالمۇتا بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 80347 بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستاندىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، تاراز شەھىرىدە 847، چىمكەنتتە 1483 ئۇيغۇر نوپۇسى بار. يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئاستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 965 كە يەتكەن (كامالوۋ 2016:18).
قازاقىستاندا 130 دىن ئارتۇق ئېتنىك گۇرۇپپىلار ياشايدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئوخشىمىغان مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرقايسى مەدەنىيەت قاتلاملىرىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت قىممىتىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل مۇناسىۋەت ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنڭ مۇئەييەن بىر رايونغا جايلىشىشى (ياركەنت، ئۇيغۇر رايونى ۋە چىلەك) ۋە ئالمۇتىنىڭ مەركىزىدە مۇئەييەن مەھەللىلەرگە ئورۇنلىشىشى ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ -ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا ئىجابىي رول ئوينايدۇ. دالا تەكشۈرۈش تەتقىقاتىمىز نەتىجىسىدە ئالمۇتا مەركىزىدە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەر تۆۋەندىكىچە: سۇلتان قورغان، دۇرۇجبا (دوستىك)، گورنىي گىگانت، زارىيا ۋوستوك، مالايا سىتانىتسا (رازۋىلكا تاتاركا)، ئايرودرومنىي، كۆكتۆبە، ھۆجەت،كالىنىنا (تۇزدىباستاۋ\بېساغاچ)، كىراسنوئىي پولې (گۈلدالا)، قىزىل گايرات (تالگار رايونى)، كىراسنىي ۋوستوك (ئاقيار)، ۋەرنىي چاپاي، ئېنېرگىتىچەسكىي، ئۇزۇنئاغاچ، كوشمامبېت، كاسكەلەن (كاراسايىسكىي رايونى)، ئالتىنچى بىرگىدا، نىكولايېۋكا، گىرېس، ئاينابۇلاق قارىسۇ، بورالداي، ئالغاباس ۋە قىزىلتۇغ .
خىتاي – قازاقىستان چېگرىسىغا جايلاشقان قورغاستىن باشلاپ ئالمۇتا شەھرىنىڭ يېنىغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىك زېمىندە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلمەكتە. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىدىمۇ بۇ رايوننىڭ تېرىقچىلىققا ماس كېلىدىغانلىقى ئېتىبارغا ئېلىنغانىدى. تېرىقچىلىق يەرلىرى كۆپرەك بولغانلار ئارپا، بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىسا، تېرىقچىلىق يەرلىرى كۆپ بولمىغانلىرى ئالما، نەشپۈت، شاپتۇل قاتارلىق مىۋىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.سەھرا يېزىلاردا ياشايدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، چارۋىچىلىق ئەڭ مۇھىم ھاياتلىق مەنبەلىرىدىن بىرىدۇر. شەرق بىلەن غەرپنى ئۆزارا تۇتاشتۇرغان قازاقىستاندا، تارىخي يىپەك يولىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار، نەچچە يۈز يىللىق تىجارەت ئەنئەنىسىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى خىتايدىن ياكى باشقا دۆلەتلەردىن مال ئىمپورت قىلىپ قازاقىستان بازارلىرىدا سېتىش بىلەن بىرگە، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ مال ئېكىسپورت قىلىپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
قازاقىستاند ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىدىن دەرس ئېلىش ئىمكانىيىتى بولۇپ، ئالمۇتا ۋىلايىتىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى 62 مەكتەپتە ئۇيغۇر ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە 12 مەكتەپتە پۈتۈنلەي ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ، قالغانلىرىدا بەزى ئايرىم سىنىپلاردىلا ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈلىدۇ. قازاقىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا “ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى” بۆلۈمى يوق، شۇڭا ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرچە دەرسمۇ ئۆتۈلمەيدۇ. ر. ب سۇلايمانوۋ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قارمىقىدا “ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى” بولۇپ، بۇ مەركەزدە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئەدەبىياتى قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچىلار بار.
قازاقىستاندىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرى «مەكتەپ» ۋە «ئاتامۇرا» نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ، يازغۇچى، شائىر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بولسا «مىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ.
قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سەنئەت پائالىيەتلىرىدە ئەڭ چوڭ ياردەمدە بولىدىغان مۇھىم دۆلەت ئورگىنى «قازاقىستان خەلق ئانسامبىلىدۇر». ئۇيغۇر بۆلۈمى قازاقىستاندا ياشايدىغان ئوخشىىمىغان مەدەنىيەتكە ئىگە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ بىر شۆبىسى بولغان بۇ ئانسامىلدا ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. بۇندىن باشقا، «ئۇيغۇر تىياتىرى» دا 180 گە يېقىن دۆلەت خىزمەتچىسى بار. بۇ تىياتىرنىڭ فۇنكسىيىسى خۇددى بىر مەكتەپكە ئوخشاش جارى قىلىنىدىغان بولۇپ، ئورگاننىڭ ئىچىدە “ناۋا”، “رۇخسارى” قاتارلىق ئۇسسۇل گۇرۇپپىلىرى ۋە “ياشلىق”، “سادا” قاتارلىق ياشلار كومىتېتلىرى تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ كەلمەكتە.ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ ئويۇنلىرى ھەر يىلى نويابىردا باشلىنىپ ، تاكى مايغىچە داۋام قىلىدۇ. ھەپتىدە تۆت كۈن ئويۇن قويۇلىدىغان بولۇپ، تىياتىرخانىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش يۈز تاماشىبىنغا نومۇر كۆرسىتىلىدۇ.
«تەڭرىتاغ» تېلىۋىزىيە قانىلى قازاقىستاندا ئۇيغۇرچە پروگراممىلارنى يولغا قويغان تېلىۋىزىيە قانىلىدۇر. دۆلەتلىك رادىئو قانىلى ۋە تېلىۋىزىيە قانىلىدا بولسا، ھەپتىنىڭ مەلۇم كۈنلىرىدىكى مەلۇم سائەتلەردە ئۇيغۇرچە پىروگراممىلار بېرىلىدۇ. ئەرەپ ھەرىپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا ۋە كىرىل ھەرىپىدە بېسىلغان، يېرىم ئايلىق گېزىت «ئازىيا بۇكۈن» ناملىق گېزىت بىلەن بىرلىكتە ھەپتىدە بىر، 3000 تىراژ بىلەن چىقىدىغان «ئۇيغۇر ئاۋازى» ناملىق دۆلەت گېزىتى ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىدىغان گېزىتلەر قاتارىدا نەشر قىلىنىپ كەلمەكتە. ئېھسان، غۇنچە، ئاخبارات، ئۇيغۇر پەن قاتارلىق ژۇرناللارمۇ پەسىللىك ژۇرناللارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت كىملىكلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كەلمەكتە. گەرچە كەنتلىشىش ۋە دۇنياۋىيلىشىشنىڭ ۋە رۇس تىلىنىڭ تەسىرى ئاستىدا (شەھەر مەركىزىدە ياشايدىغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى بىلمەسلىكى) كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە ئاغزاكى تارالغان مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى بىلمەسلىكى، بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈلىشىنى تەسلەشتۈرسىمۇ، لېكىن ئاتا –ئانىلار يەنىلا پەرزەتلىرىگە ئۆز مەدەنىيىتىنى مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئالاقىدار بولغان بىر قىسىم تەتقىقاتلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى :
ئۇيغۇرلاردا ئائىلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا “توي” ئاتلىق مۇراسىملار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بوۋاقنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ باشلانغان بۇ خىل تويلار، ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ ھەربىر مۇساپىسىدىن ئورۇن ئالغان. بوۋاقنىڭ قىرقىنى قىلىشتىن كېيىن تۇنجى توي” بۆشۈك توي” بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇندىن كېيىن سۈننەت تويى بولىدۇ. ئوغۇللار سۈننەت يېشىغا توشقاندىن كېيىن ، يەنى 5 ياش بىلەن 7 ياش ئارىسىدا سۈننىتى قىلىنىپ، كەينىدىن “سۈننەت تويى” ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. بىرقانچە كۈنلەر يېمەكلىكلەر تەييارلىنىپ ، ئەل جامائەتكە چوڭ داستىخان سېلىنىپ مېھمان چاقىرىلىدۇ. تويغا كەلگەن مېھمانلار سۈننەت تويى بولغان بالىغا سوۋغا سالاملار بېرىدۇ ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، توي – مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان مۇھىت ۋە ئورۇن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ئاشىق – مەشۇقلارنى بىرلەشتۈرگەن، ئائىلىلەرنى يېقىنلاشتۇرغان، ئايلارچە تەييارلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مۇراسىملىرى بولسا، تويدىن بۇرۇنقى ۋە تويدىن كېيىنكى نۇرغۇن قائىدە ۋە ئۆرپ -ئادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۆز بېرىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزىلىدىغان چاي ئىچكۈزۈش مۇراسىمىدىن كېيىن ، تويلۇق سېلىش ئاندىن توي مۇراسىمى كۈنى “نىكاھ ” بولىدۇ. “نىكاھ سۈيى” دەپ ئاتالغان سۈت، تۇز ۋە ناننىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭدۇر. بىر ياستۇققا باش قويماقچى بولغان كېلىن بىلەن يىگىتنىڭ نىكاھ سۈيىنى ئىچىشى تۈركلەردىكى تۇز ۋە نان ھەققىنىڭ يەنە بىر خىل ئەكس ئەتتۈرۈلىشى بولۇپ، نىكاھنىڭ چىڭ بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يەنە توي مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، قىز يىگىت يامانلىقلار ۋە بالا قازالار يىراق بولسۇن دەپ، ئوتنىڭ ئەتراپىدا ئۈچ قېتىم ئايلىنىدۇ.
ئۆلۈم بولغاندا، ئەرلەر بېلىگە ئاق باشلاپ، ئاياللار بولسا بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ قارىلىق تۇتىدۇ. ئەرلەر مېيىتنى دەپنە قىلغىلى تۇپراق بېشىغا بارىدۇ، ئاياللار بولسا ئۆيدە قېلىپ بىر ياقتىن خەتمە-قۇرئان تالاۋەت قىلىدۇ، يەنە بىر ياقتىن ئەخمەت يەسەۋىنىڭ ھۆكمەتلىرىنى زىكىر قىلىپ ئوقۇيدۇ. قىرىقىنچى كۈنىگە كەلگەندە، پۈتۈن ئۇرۇق- تۇققانلار ، دوست- بۇرادەرلەر ۋە تونۇشلارنى چاقىرىپ ‘قىرىق نەزىرى” بېرىلىدۇ. مېھمانلارغا چوڭ داشقازانلاردا گۆش سېلىنىپ، پولو ۋە “ئەتكەن چاي” تارتىلىدۇ. ئارقىدىن مويسىپىت كىشىلەر مەرھۇم ئۈچۈن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ.
قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئاغزاكى تارالغان بەزى ئۆرپ ئادەتلىرىنى ياش ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. “چىن تۆمۈر باتۇر”، “نازۇگۇم” قاتارلىق داستانلار؛ “يېرىلىڭ تېشىم يېرىلىڭ”، “ھۆرلىقا” قاتارلىق چۆچەكلەر؛ ئۆزلىرى ياشىغان يەر جايلار ناملىرىنىڭ تارىخىغا ئائىت رىۋايەتلەر؛ يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن كۆچ ۋەقەلىرىگە ئائىت ھېكايىلەردىن نۇرغۇنلىغان خەلق ناخشىلىرى ۋە ھازا قوشاقلىرىنىڭ بەزى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئاغزاكى تارالغان ئەسەرلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان ئامىللار كۆچ ۋە تارىخىي ۋەقەلەر ئىچىگە سىڭدۈرۈلىۋەتكەن ئىدى. ياشانغان كىشىلەر ئارىسىدا “ئىرىم” دەپ ئاتالغان، ئۆزگىچە سىھرىي خۇسۇسىيىتىگە ئىگە خەلق ئىچىدىكى ئەمچىلىك ئەنئەنىسنى كەڭ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەر بولۇپ، ئاتا-ئانىسىدىن ياكى بىرەر ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن ئۆگىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ خىل ئادەت، نەچچە يۈز يىللىق ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبىنىڭ جۇغلانمىسىدۇر. كىشىلەر باش ئاغرىقى، بەل ئاغرىقى قاتارلىق بىئاراملىقلار كۆرۈلگەندە ياكى كۆز تېگىش، ھامىلدار بولالماسلىق، بوۋاقلارنىڭ توختىماي يىغلىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئاۋۋال بۇ خىل ئەمچىلەرگە كۆرۈنىدۇ. يەنە ئەۋلىيا دەرەخ دەپ ئاتالغان قەدىمىي دەرەخنى زىيارەت قىلىپ، دۇئالىرىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن دەرەخقە لاتا باغلاپ قويىدىغان ۋە ئۇيغۇر قەھرىمان قىزى نازۇگۇم غارىغا بېرىپ، تىلەك تىلەپ، تىلەكلىرىنى لاتىغا يېزىپ ئېسىپ قويىدىغان ئادەتلەر داۋاملىشىپ كەلگەن. “پالغا ئىشەنمە، پالسىزمۇ يۈرمە” دېگەن ماقال –تەمسىلگە ئاساسەن قۇمۇلاق پال بىلەن پال ئاچىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان مەھەللىلەر، كوچا–كويلار ۋە ھويلىلاردا كىچىك بالىلارنىڭ بەش تاش، ياغلىق تاشلاش، ئۈزۈگۈم كىمدە قاتارلق ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئوشۇق ئويۇنى بولسا، ئوغۇل بالىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنلىرىدىن بىرىدۇر.
ئۇيغۇرلاردىكى “مەشرەپ” ئۆزگىچە سەنئەت مەكتىپى دەپ تەرىپلىنىپ ۋە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كەلگەن، سەنئەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر سورۇنىدۇر . مەشرەپلەر، خەلق ناخشىلىرى، مۇزىكىسى، ئەنئەنىۋىي ئۇسسۇللار، ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىر يەردە جەم قىلغان مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدۇر. بىرقانچە ئائىلە ياكى جامائەتنىڭ توپلىنىپ ، نۆۋەت بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ خىل كۆڭۈل ئېچىش تۈرى ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىپ يىلتىز تارتقان ۋە ھەرقايسى رايونلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋام قىلىپ كەلگەن. كىشىلەرگە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە جامائەت ئەخلاقىنى ئۆگىتىش رولىنى ئۈستىگە ئالغان مەشرەپلەردە ، ياشلار بىر تەرەپتىن مېھمانلارنى كۈتۈش، داستىخان ھازىرلاش، ساھىپخانلىق قىلىش بىلەن بىرلىكتە ، چالغۇ چېلىش، ناخشا ئېيتىش ۋە مەشرەپنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرىنىمۇ ئۆگىنىدۇ. مەشرەپكە قاتناشقان مەشرەپ ئەھلى ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ، چوڭلارنى ھۈرمەت قىلىش، ئەخلاق پەزىلەتلىك بولۇش، ئەدەپلىك ۋە ھايالىق بولۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەربىيە ئالىدۇ. مەشرەپلەردە يەنە بەزى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزارا مەسلىھەت ۋە كېڭىشىشلار بولىدۇ. بۇ خىل يىغىلىشلاردا يۇرتتىكى بۇزۇلۇپ كەتكەن يوللار، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كۆۋرۈكلەر ياكى ئۆيلەرنىڭ رېمونت ئىشلىرى، ئېرىق–ئۆستەڭلەرنى تازىلاش؛ ياشانغان ، يېتىم ۋە ئاغرىق–سىلاقلارنىڭ مەسىلىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۆزارا مەسلىھەتلىشىپ ،كۆپچىلىكنىڭ پىكرى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى مەشررەپلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قازاقىستاندا بۇ خىل مەشرەپلەردىن “ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى” بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
مۇقام – ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىدىن بىرىدۇر. مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھەببەت ۋە قايغۇسىنى، تەڭسىزلىك ۋە زۇلۇمغا قارشى نالىلىرىنى، كېلەچەككە بولغان ئىشەنچ ۋە ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. “ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى” دەپ ئاتالغان مۇقاملار ئۇيغۇر مۇزىكا تارىخىدا مەلۇم رېتىم ۋە قائىدە بويىچە سىستىملاشتۇرۇلۇپ رەتلەنگەن چوڭ ھەجىملىك مۇزىكا ئەسىرىگە مەنسۇپتۇر. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا شەرقنىڭ شان –شۆھرىتىنى غەرپكە توشۇغان بۇ مۇقاملارنى، سۆھبەت مەجلىسلىرىدە، تۈرلۈك توي مۇراسىملىرىدا، بايراملاردا ۋە مەشرەپلەردە ئۇچرىتىشقا بولىدۇ.مۇقامنى ئاڭلاش جەريانىدا، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ، فۇزۇلىنىڭ، زەلىلىنىڭ غەزەللىرىنى؛ ئاشىق غېرىپنىڭ، تاھىر ۋە زۆھرەنىڭ سەلتەنىتىدىن، مۇزىكاتلارنىڭ ئەسىرلەر بۇرۇن ئىجات قىلغان مۇزىكىلىرىدىن ھۇزۇر ئالالايمىز.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە مۇزىكا بىلەن ئۇسسۇل ئايرىلماس قىسىملاردۇر. ئۇسسۇللارنىڭ يىلتىزى ناھايىتى قەدىمكى تارىخقا سوزۇلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ئۇسسۇلنىڭ ئايرىم بىر ھېكايىسى باردۇر. “ساما ئۇسسۇلى” ئەڭ دەسلەپتە 12-ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپچى ئەخمەت يەسەۋىنىڭ ھۆكمەتلىرىدە خاتىرىلەنگەن. قازاقىستاندا نورۇز بايرىمى، قۇربان ھېيت ۋە روزى ھېيتلاردا ساما ئۇسسۇلى ئوينىلىدۇ. دولان ئۇسسۇلى بولسا باشقىچە مەنىگە ئىگە ئۇسسۇلدۇر. كىشىگە بىر زامانلاردا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان زېمىنلاردىن قەشقەر، ئاقسۇ، يەركەنتلەرنى ئەسلىتىدىغان نۇسخا ۋە كىيىم –كېچەكلىرى بىلەن، كىيىم – كېچەك نۇسخىلىرىدا مۇھەببەت ۋە قىزغىنلىق يوشۇرۇنغان ۋە “ئاللاھ” دەپ نىدا سادالىرىنى ئاڭلاتماقچى بولغان بۇ خىل ئۇسسۇل مەدەنىيەت كىملىكىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇھىم بىر قورالىدۇر.”ساماۋەر ئۇسسۇلى” ۋە “چىنە ئۇسسۇلى” توي مۇراسىملىرىدا ئەڭ كۆپ ئوينىلىدىغان مۇھىم ئەنئەنىۋىي كۆڭۈل ئېچىش شەكىللىرىدۇر. قازاقىستاندا دولان ئانسامبىلى، تارىم ئانسامبىلى، رۇخسارى ئانسامبىلى قاتارلىق مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە ئۇسسۇلىنى تۈرلۈك توي مۇراسىملىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا سەھنىگە ئېلىپ چىقماقتا.
ئۇيغۇرلار رەسىم سەنئىتىدە تارىختا ئۆزگىچە شەكىلدە بىرىكىش ھاسىل قىلغان بولۇپ، سانسىزلىغان رەسساملارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن بۇ سەنئەتنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە. نەچچە ئەسىرلەر بۇرۇنلا، تام رەسىملىرى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھازىر بۇ خىل سەنئەت باشقىچە تېخنىكا ۋە مەزمۇن بىلەن داۋاملىشىپ كەلمەكتە. قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر رەسسامى ئەخمەت ئەخەتنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىدە قەشقەرنىڭ تار كوچىلىرىنى، گۈزەل مېھمانسارايلارنى ۋە يوللاردا ھاسا تايىنىپ كېتىۋاتقان ئاق ساقاللىق مويسىپىتلار دىققىتىمىزنى تارتسا، ئۇيغۇر رەسسامى ۋېنىرا ۋاجىتوۋانىڭ چوتكىلىرى جان كىرگۈزگەن تۇرپاننىڭ تاۋۇزلۇقلىرى، قەشقەرنىڭ ئانارلىق باغلىرى، خوتەننىڭ يىپەك توقۇش دەستىگاھلىرى، قۇمۇلنىڭ مۇقام سارايلىرى كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدۇ. قازاقىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ھۈنەر كەسىپ ۋە سەنئەتلىرى ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇستا شاگىرت مۇناسىۋىتىدە يېتىشىپ چىققان ئاخىرقى ئەۋلات ھۈنەر كەسىپ ئەھلىلىرى، كىچىك دۇكانلاردا موزدۇزلۇق، سۈپۈرگىچلىك، قاڭالتىرچىلىق، تىككۈچىلىك ، قاپاق سەنئىتى قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

مەنبەلەر:

Clark, Willeam; Kamalov, Ablet (2014), “Uighur Migration Across Central Asian Frontiers”, Central Asian Survey, pp. 167-182.
Kamalov, Ablet Kayumoviç (2016), Kazakstan Uyğırları, Kazakstan Halkı Assambleyası, Astana.
Zulpikar, Mesumcan (2010), Uygur Örp-Adetliri, Almatı.
G. S. Baratova, “Geografiya Rasseleniya i Dinamika Çislennosti Uygurov na Territorii Kazakstana na Rubeje XIX-XX vv.”, Voprosi İstorii i Kulturı Uygurov, Alma-Ata, Nauka, 1987, s. 81-97.
G.s Batarova, “Uygurı v Kazakstane i Sredney Azii v XIX-XX. vv (Dinamika Çislennosti)”, İzevstiya, Seriya Obşestıvennıh Nauk, 1994, S. 6, s. 16-19.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش