ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۈچ خىل سىياسەت – 2 (داۋامى)

ئۈچ خىل سىياسەت – 2 (داۋامى)

ئاپتۇرى: يۈسۈپ ئاكچۇرا (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

(يازمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى بۇ ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ: يۈسۈپ ئاكچۇرا ۋە ئۈچ خىل سىياسەت https://www.akademiye.org/ug/?p=13833)

ئوسمانلى مەملىكەتلىرىدە غەرىبىنى تەقلىد قىلىپ يۈكسىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئارزۇلىرىنىڭ بىخ سۈرۈشكە باشلىشىدا ئۈچ سىياسىي پوزىتىسيە مۇھىم رول ئوينىدى دەپ قارايمەن. بىرىنچىسى، ئوسمانلې ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ھەرخىل مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق بىر «ئوسمانلى مىللىتى» ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش. ئىككىنچىسى، خىلاپەتنىڭ ئوسمانلى ھۆكۈمدارىدا بولۇش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ بارلىق ئىسلام ئەللىرىنى سىياسىي جەھەتتىن بۇ ھۆكۈمەت ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش (فىرانكىلىننىڭ پانئىسلامىزىم دىگىنىدەك). ئۈچىنچىسى، ئىرقنى ئاساس قىلغان «تۈرك سىياسى مىللىيەتى» (پانتۈركىزم) يارىتىش. بۇ مەسلەكلەردىن ئالدىنقى ئىككىسنىڭ بىر چاغلاردا ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ سىياسىتىگە مۇھم تەسىرى بولدى. كىيىنكىسى پەقەتلا بەزى قەلەمكەشلەرنىڭ قەلىمىدە زاھىر بولدى.

1

«ئوسمانلې مىللىتى» نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئارزۇسى ئانچە بەك ئۇلۇغ بىر غايىنى، پارلاق بىر ئۈمىدنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمەيتتى. ئەسلى مەقسەت ئوسمانلې مەملىكەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالارغا ئوخشاش ھەق- ھۇقۇق ۋە سىياسىي ئىمتىيازلارنى بىرىش ئارقىلىق ئۇلار ئارىسىدا ھەقىقىي باراۋەرلىكنى بەرپا قىلىش، كۆز  قاراشلار ۋە دىنلار نۇقتىسدىن پۈتۈنلەي ھۆرلۈك بەخىش ئىتىش، بۇ باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىكلەردىن پايدىلىنىپ پۇقرالار ئارىسدىكى دىن ۋە نەسەپ ئىختىلاپلىرىغا قارىماي بىر نۇقتىدا بىرلەشتۈرۈش ۋە ئۇلارغا  ۋەكىللىك قىلىش ئارقىلىق ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئامرىكا مىللىتىگە ئوخشاش ئورتاق بىر ۋەتەن ئىڭى بىلەن بىرلەشكەن يىڭى بىر مىللىيەت -ئوسمانلې مىللىتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ۋە بۇ مۇشەققەتلىك جەريانلارنىڭ نەتىجىسى سۈپىتدە «ئۇلۇغ ئوسمانلې» دۆلىتىنى ئەسلى ھالىتى بىلەن كونا چىگرالىرى بىلەن مۇداپىئە قىلىش ئىدى.
كۆپ سانلىقى مۇسۇلمان ۋە مۇھىم بىر قىسمى تۈرك بولغان بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا ۋە كۈچ- قۇدرىتىنى يۈكسەلدۈرىشدە، بارلىق مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر ئۈچۈن مۇئەييەن مەنپەئەت كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، بۇ سىياسىي پوزىتىسيە ئۇلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس ئىدى. شۇ  سەۋەپتىن  ئوسمانلې سىرتىدىكى مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەر بۇ  پوزىتىسىيەگە ئانچە ئىرەڭشىپ كىتەلەلمەيىتتى. مەسىلە يەرلىك ۋە ئىچكى مەسىلە ئىدى.
«ئوسمانلې مىللىتى» يارىتىش سىياسىتى رەسمى بىر شەكىلدە ئىككىنچى مەھمۇت دەۋرىدە كۈن يۈزى كۆردى. بۇ پادىشاھنىڭ: «مەن پۇقرالىرىم ئارىسىدىكى دىن پەرقىنى پەقەت ئۇلار مەسچىت، چىركاۋ ۋە ئىبادەتخانىلارغا كىرگەن چاغدا كۆرۈشنى خالايمەن» – دىگەن سۆزى ناھايتى مەشھۇردۇر.
19- ئەسىرنىڭ باشلىرى ۋە ئوتتۇرلىرىدا، بۇ سىياسەتنىڭ ئوسمانلې ئىمپېرىيەسىگە تەۋە مەملىكەتلەردە ئالقىشقا ئىرىشىشى ۋە تەتبىقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارىلىشى ناھايىتى تەبئىي ئەھۋال ئىدى: ئۇ چاغلاردا ياۋرۇپادا مىللىيەت پىكىرلىرى ڧىرانسىيە ئىنقىلاۋىي  بىلەن بىللە نەسەبى ۋە ئىرقى بولۇشتىن بەكرەك، ۋىجدانى ئىستەكلەرنى ئاساس قىلغان ڧىرانسۇز قائىدىسنى ئاساس قىلاتتى. سۇلتان مەھمۇد ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بۇ خىل تولۇق چۈشەنمەيدىغان قائىدىگە تايىنىپ، «دۆلەت تۈرلۈك ئىرق ۋە دىندىكى پۇقرالىرىنى ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ئاساسىدا بىر – بىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈپ تەڭ بىر مىللەتكە ئايلاندۇرالايدۇ»- دەپ قارايتتى.
ياۋروپادا بەزى مىللىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىش تارىخىدىكى مىساللارمۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇراتتى. ھەقىقەتەن فرانسۇز مىللىيەتى، تيۇتون، سېلت، لاتىن، گرېك قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئەمەسمۇ؟ نىمىس مىللىيەتىدە نۇرغۇن سىلاۋىيان ئېلېمېنتى يۇتۇلدى ئەمەسمۇ؟ شىۋىتسارىيەلىكلەر شۇنچە كۆپ ئىرقى ۋە دىنى  ئىختىلاپلار تۇرۇغلۇق بىر مىللەت دەپ قارىلىۋاتمامدۇ؟  ئۇلارنىڭ بۇ چاغلاردا گېرمان ۋە ئىتالىيەلىكلەرنىڭ سىياسىي بىرلىك بەرپا قىلىش ھەرىكىتىنى پوزىتسىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن خاتا نۇقتىئىنەزەر بىلەن توغرا دەپ قارىىشىمۇ ئىھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىدى.
ئوسمانلې مىللىتى پىكرى ھەممىدىن بەك  ئەلى ۋە ڧۇئاد پاشالار دەۋرىدە  كۈنتەرتىپتە ئىدى. ڧىرانسۇر قائىدىسىدىكى «ئومۇمنىڭ رايلىرى بىلەن مىللەت بەرپا قىلىش» دىگەن نەزەرىيەنىڭ تىپىك ۋەكىلى 3- ناپالىيۇن- بۇ غەرىپلەشكەن پاشالارغا  يۆلەنچۈك  بولاتتى. سۇلتان ئابدۇلئەزىز دەۋرىدىكى ڧىرانسىيە يەرلىك ئىسلاھاتى ۋە بۇ ئىسلاھاتنىڭ نامايەندىسى بولغان مەكتەبى سۇلتانى (خانلىق مەدرىسى) بۇ سىېستىما تەقلىد قىلىنغان مەزگىللەردە قۇرۇلغانىدى.
مىللىيەت قائىدىسى گېرمانىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن پاكىتلار ئارقىلىق مىللىيەتنىڭ ئاساسى ئىرق دەپ تەپسىر قىلىندى. بۇتەپسىر قىلىنغاندىن كىيىن 70-71- قىتىملىق فىرانسىيە كىرالى  ناپولېئون ۋە فىرانسىيە ئىمپېرىيەسى غۇلاپ چۈشتى. بۇ غۇلاپ چۈشۈش قىلىنغان تەپسىرنىڭ تەسىرىنى نامايەن قىلدى. مانا ئاشۇ ۋاقىتتىن ئىتىبارەن «ئوسمانلېلىق مىللىتى» سىياسى مەسلىكى، بىردىنبر كۈچلۈك يانتايىقىدىن ئايرىلىپ قالدى.  گەرچە مىتھات پاشا، يۇقۇردا ئىسىملىرى تىلغا ئىلىنغان ئۈچ مەشھۇر ۋەزىرنى بىر مەزگىل قوللىغان، تەقلىد قىلغان بولسىمۇ، مىتھات پاشانىڭ تۇتقان يولى ئۇلارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىشى ۋە ناھايتى قىسقا ۋاقىت دەۋىر سۈرەلىشى، شۇنداقلا مىھتاھ پاشانىڭ ۋارىسلىرى بولغان ھازىرقى ياش ئوسمانلېلارنىڭ پىروگىراممىلىرىنىڭ تولىمۇ مۇجمەل بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئوسمانلې مىللىتى يارىتىش تەسەۋۋۇرىنىڭ  فىرانسىيە ئىمپىرېيەسى بىلەن بىللە ۋە ئۇنىڭدەك تەكرار كەلمەسلىككە ئۇزىتىپ قويۇلىشىنى ناھايتى توغرا قارار بولىدۇ- ، دەپ قارايتتىم.
«ئوسمانلې مىللىتى» سىياسىتى مەغلۇپ بولۇشىغا ئىسلامىيەت مەيدانغا چىقتى. ياۋرۇپالىقلار پانئىسلامىزىم دەپ ئاتىغان بۇ پىكىر كىيىنكى چاغلاردا ياش ئوسمانلېلىقتىن، يەنى «ئوسمانلې مىللىتى» يارىتىش سىياسىتىگە قىسمەن ئاۋاز قوشقان پىرقىدىن تۇغۇلدى.
دەسلىپىدە «ۋەتەن» ۋە «ئوسمانلېلىق» يەنى، بۇ ۋەتەندە ياشايدىغان خەلىقتىن مۇرەككەپ بىر «ئوسمانلېلىق يارىتىش» نىدالىرى بىلەن ئوتتۇرغا چىققان ياش ئوسمانلې شائىر ۋە سياسىيۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «ئىسلامىيەت» ھەققىدە توختالدى. ياۋرۇپانى كىزىش، غەرىپ پىكىرلىرىنى كۆزىتىش، ئۇلارنىڭ بۇ تىما ئۈستىدە توختىلىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇلار شەرىقتىكى چىغىدا، كاللىسىغا 18-ئەسىرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پەلسەپىلىرىنى قاچىلىغان ئىدى. ئىچىدىن بىرسى رۇس- سونىڭ تەرجىمانى ئىدى.  لېكىن ، ئۇلار مىللەت ۋە دىنلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى تېخى تولۇق ئىگىلەپ بولالمىغانىدى، بولۇپمۇ يېڭى بىر مىللىيەت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، ئوسمانلې ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ھەر خىل ئۇنسۇرلارنىڭ مەنپەئەتى دەخلى يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئارزۇلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر بىرلىشىش ۋە ئۇيۇشۇشقا ھىرىسمەن ئەمەسلىكىنى ۋە بۇ سەۋەپتىن ڧىرانسۇز مىللىيەتى قائىدىسنى شەرقتە تەتبىقلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تىگى- تەكتىدىن چۈشىنىپ يىتەلمىگەنىدى.
چەت ئەللەردە ئۇلار ئۆز دۆلىتىنى تىخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە، دىن بىلەن ئىرقنىڭ شەرق سىياسىىتىدىكى ئورنىنىڭ ئىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشقا ۋە بۇ جەھەتتىن ئوسمانلې مىللىيەتى يارىتىش ئارزۇسىنىڭ بىھۇدىلىكىنى  تونۇپ يىتىشكە مۇۋەپپەق بولدى. ئەمدى بار كۈچنى توپلاپ، ئىسلام ئېلمېنېتلىرىنى- ئەڭ دەسلەپ ئوسمانلې مەملىكەتلىرىدىكى خەلىقنى، ئاندىن كىيىن پۈتۈن يەرشارىدىكى ئىنسانلارنى ئىرق، نەسەپ پەرقىگە قارىماستىن دىندىكى ئورتاقلىقتىن، ئوخشاشلىقتىن پايدىلىنىپ پۈتۈنلەي بىرلەشتۈرۈشكە، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ كىچىك چىغىدا يادلىغان «دىن ۋە مىللەت بىردۇر» قائىدىسگە ئاساسەن، بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئاخىرقى زاماننىڭ مىللەت سۆزىگە بەرگەن تەبىرى بويىچە «مىللەتى ۋاھىدە»- (تەك مىللەت) دەپ قاراشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. بۇ بىر جەھەتتىن، ئوسمانلې پۇقرالىرى ئارىسدا بىرلىشىش ۋە بۆلۈنۈشكە يول ئاچاتتى. يەنە بىر جەھەتتىن  چوڭ بىرلىشىشكە ۋە ئۇيۇشۇشقا مەدەت بولاتتى. پۈتۈن مۇسۇلمانلار ىىرلىشەتتى. بۇ پوزىتىسيە ئۆتمۈشتە تۇتۇلغان يوللارغا قارىغاندا تىخىمۇ كەڭ، باشقا بىر تەبىر بىلەن ئىيىتساق ئالەمشۇمۇل بىر تەشەببۇس ئىدى.
دەسلەپتە، پەقەت مەتبۇئاتلاردا كۆزگە چىلىقىدىغان بۇ نەزەرىيۋى پىكىرلەر، بارغانسىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندىغان پىكىرلەرگە ئايلاندى. ئابدۇلئەزىزنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە «پانئىسلامىزىم» ئىبارىسى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردىمۇ زىكىر قىلىندىغان بولدى.  ئوسمانلې بۇ پىكىرگە ئاساسەن ئاسيادىكى بەزى مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا تىرىشتى. مىتھات پاشانىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن كىيىن يەنى،  ھۆكۈمەت ئوسمانلې مىللىتى يارىتىش پىكرىدىن ۋاز كەچكەندىن كىيىن سۇلتان 2- ئابدۇلھەمىد ھەرزەتلىرىمۇ بۇ سىياسەتنى تەتبىقلاشقا تىرىشتى. بۇ پادىشاھ ياش ئوسمانلېلارغا باشتىن- ئاخىرى قارشى تۇرۇپلا قالماي مەلۇم دەرىجىدە ئۇلارنىڭ تۇتقان سىياسىتىنى تەتبىقلىغان ئىدى: قانۇنى باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىك ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردىمۇ غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالارنىڭ ئوسمانلې سىياسى كادرۇسىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كىيىن، ياش ئوسمانلېلار بۇ پۇقرالارغا ۋە بۇلارنىڭ ھىمايىچىسى بولغان خىرىستىيان ياۋرۇپاغا دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىغانىدى. ئابدۇلھەمىد ھەزرەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە تۇتۇۋاتقان سىياسىتىمۇ بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كىيىنكى ياش ئوسمانلې پىكرى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ.
مەۋجۇت ھۆكۈمدار «سۇلتان، پادىشاھ» دىگەن سۈپەتلەرىنىڭ ئورنىغا «خەلىپە» دىگەن دىنى سۈپەتنى قويۇشقا باشلىدى. ئومۇمى سىياسىتىدە دىن، يەنى ئىسلام دىنى مۇھىم بىر مەۋقىگە ئىگە بولدى. سىياسى مەكتەپلەرنىڭ دەرسىلىرىدە دىن بىلەن ئالاقىدار ماددىلارغا ئاجىرىتىلغان ۋاقىت كۆپەيىتىلدى. دەرىسلىكنىڭ ئاساسىي قىسمىنى دىنىيلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. دىندارلىق، تەقۋالىق كۆرۈنۈشتە رىياكارلىقتەك تۇيۇلسىمۇ خىلاپەتنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان ماقامنىڭ دىققىتىنى تارتىشتا ئەڭ كۈچلۈك ۋاستە بولۇپ قالدى. يىلدېز ئىمپىراتۇرلۇق سارىيى، مۇدەررىسلەر، ئىماملار، سەييىدلەر، شەيىخلەر، شەرىڧلەر بىلەن تولدى. بەزى خەزىنە ئىدارىيەتلىرىگە يەكتەكلىكلەر تەيىنلىنىدىغان بولدى. دىندا تەقۋادار بولۇشقا، بولۇپمۇ خىلاپەت ماقامىغا- خىلاپەت ماقامىدىن بەكرەك ئۇ ماقامنىڭ بۈگۈنكى ئىگىسى بولغان زاتقا سادىق بولۇشقا دەۋەت قىلىش ۋە غەيرى مۇسۇلمان قەۋىملەرگە قارشى نەپرەت ئويغىتىش ئۈچۈن خەلىق ئارىسىغا ۋائىزلار ئەۋەتىلدى. ھەممە يەردە تەككىلەر (تەرىقەت مۇرىتلىرىنىڭ توپلىنىپ ئىبادەت قىلىدىغان ئورنى)، زاۋىيەلەر (زاھىتلار، دەرۋىشلەرنىڭ ماكانى، يول ئۈستىدە، چەت ياقا جايلارغا سىلىنغان بىگانە ئۆيلەر)، مەسچىتلەرنىڭ سىلىنىشغا ۋە رىمۇنىت قىلىنىشغا ئەھمىيەت بىرىلدى. ھاجىلارغا ئىززەت- ئىكرام قىلىندى. ھەج مەزگىلىدە خەلىپىلىك مەركىزىگە كەلگەن ھاجىلار ئىمامۇلمۇسلىمىيىننىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرىنىڭ، خەلىپىنىڭ) ھەرتۈرلۈك ماختاش ۋە ئىنايەتلىرىگە نائىل قىلىنىپ، ھەم بۇ ھاجىلارنىڭ ھەم بۇ ھاجىلارنىڭ مەملىكەتلىرىدىكى مۇسۇلمان خەلىقنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش ئارقىلىق خەلىپىگە باغلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. يىقىنقى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمان نۇپۇسى كۆپ بولغان ئاڧرىقىنىڭ ئىچكى رايۇنلىرىغا ۋە خىتاي رايۇنىغا ئەلچى ئەۋەتىلدى. بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ  كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى ھەمىدىيە ھىجاز تۆمۈر يولى قۇرلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرلىشى بولدى. لىكىن بۇ سىياسى پوزىتىسيە بىلەن ئوسمانلې دۆلىتى، تانزىمات دەۋرىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتمەكچى بولغان دىنى دۆلەت شەكلىنى تەكرار مەيدانغا ئىلىپ چىقاتتى: ئەمدى ئەركىنلىكنى، پىكىر ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكىنى، سىياسى ئەركىنلىكنى، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باراۋەرلىكلەرنى، دىن ۋە ئىرق باراۋەرلىكىنى، سىياسى باراۋەرلىك، پۇقراۋى باراۋەرلىك قاتارلىقلارنى تەرك ئىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالاتتى.
شۇنىڭدەك ياۋرۇپاغا ئوخشاش ئاساسىي قانۇنغا تايىنىدىغان ھۆكۈمەت  بىلەن ۋىدالىشىشقا، ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلى دۆلەت بىلەن پۇقرالىرى ئارسىدا مىللەت ۋە دىن پەرقى تۇغۇلۇپ بۇرۇندىن تارتىپ بار بولغان زىتلىق ۋە زىددىيەتنىڭ كۆپىيىشىگە ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا قوزغىلاڭ ۋە ئىسيانلارنىڭ ئىشىشىغا ۋە ياۋرۇپادا باش كۆتۈرىدىغان تۈرك دۈشمەنلىكىگە قارىتا چىشىنى چىشىغا چىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇنداق بولدى. ئىرقنى ئاساس قىلىدىغان تۈرك سىياسى مىللىيەتى بەرپا قىلىش پىكرى بەكلا يىڭى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. مەن بۇ پىكىرنى مەيلى ئوسمانلې دۆلەتلىرىدە بولسۇن ياكى تارىختىكى باشقا تۈرك دۆلەتلىرىدە بولسۇن مەۋجۇت بولاپ باققان دەپ قارىمايمەن. چىڭگىزخان ۋە موڭغۇللارغا مايىل تارىخچى لېئون كاخۇن، بۈيۈن تۈرك خاقانىنىڭ پۈتۈن تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش مەقسىتىدە ئاسيانى باشتىن باشقا پەتىھ قىلغانلىقىنى يازغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆز – قارشىنى ئىسپاتلايدىغان تارىخى ھۆججەتلەرنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئوچۇق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. تانزىمات ۋە ياش ئوسمانلېلىق ھەركەتلىرىدىمۇ، «تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش» پىكرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا دائىر ھىچبىر مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. بىلمەيمەن، بەلكى مەرھۇم ۋەڧىق پاشا شىۋىسى بىلەن يىزىش ياكى ساپ تۈركچە يىزىش ئارزۇسى بىلەن بۇ چوڭ خىيالنىڭ ئارقىسىدا بىراز بولسىمۇ چۆگىلىگەنمىدۇر؟ شۇنىسى ئىنىقكى، كىينكى چاغلاردا ئىستانبۇلدا «تۈرك مىللىيەتى» بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەجلىسلەر سىياسىيلىقتىن بەكرەك ئىلمى بىر سورۇنغا ئايلاندى. بۇ مەجلىسلەرنىڭ شەكىللىنىشدە تۈرك ياشلىرىنىڭ، ئوسمانلى- گىرمان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە، گىرمان تىلىغا،  بولۇپمۇ گىرمانلارنىڭ تارىخى ۋە تىل- يىزىق ئىلىملىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى تۈرتكىلىك رول ئوينىغان دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ مەجلىسلەرد فىرانسۇزلارنى تەقلىد قىلىدىغان قىزىققان ياشلار بولغىنىدەك، يەڭگىل، ھىسسى، ئەدەبى ۋە سىياسى تىمىلاردىن بەكرەك تەمكىنلىك ۋە سەۋىرچانلىق بىلەن قىلىنغان تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ساغلام  ئىلىمى دەلىللەرمۇ مەۋجۇت ئىدى. شەمسەتتىن سامى، نەجىپ ئاسىم، ۋەلەد چەلەبى، ھەسەن تاھسىن، «مۇھتىرەم تۈركچە شىئىرلار»نىڭ مۇئەللىپى قاتارلىقلار بۇ مەجلىسلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالىرى بولۇپ، ئىكدام مەلۇم مەزگىلگىچىلىك بۇ پىكىرنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئىدى. بۈگۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسلەككە ئىجابى پوزىتىسيەدە بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئىشلار تىخمۇ مۇرەككەپلىشىپ كىتىدۇ. ئوسمانلې مەملىكەتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىن باشقا يەرلىرىدە، تىلغا ئىلىنغان پىكىرنىڭ قوللىغۇچىلىرى بارمۇ- يوقمۇ بۇنى بىلمەيمەن. لىكىن، تۈركلۈك سىياسىتىمۇ خۇددى ئىسلام سىياسىتىغا ئوخشاش ئومۇمى بولۇپ ئوسمانلې چىگرالىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن زىمىننىڭ تۈركلەر ياشايدىغان باشقا قىرلىرىغىمۇ نەزەر سىلىش كىرەك.
تۈركلەر ئەڭ كۆپ ياشايدىغان رۇسىيەدە، تۈركلەرنىڭ بىرلىشىش پىكرى تولىمۇ غۇۋا دەپ قارايمەن. يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئىدىل ئەدەبىياتى مۇسۇلمانلىقتىن زىيادە تۈركتۇر. ئەگەر توسالغۇلار بولمايدىغان بولسا بۇ پىكىرىنىڭ تارقىلىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق مۇھىت ئوسمانلې مەملىكەتلىرىدىن بەكرەك تۈركلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۈركىستان بىلەن  يايېك ۋە ئېدىل ھاۋزىلارى بولاتتى. كاڧكاسيا تۈركلىرى ئارسىدىمۇ بۇ پىكىرلەر مەۋجۇت بولسا كىرەك. ئەزەربەيجانغا كاڧكاسنىڭ  پىكرى تەسىر كۆرستىپلا قالماي، شىمالى ئىران تۈركلىرىنىڭمۇ «تۈرك بىرلىكى» تەرەپتارلقىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلمەيمەن. نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىرقنى ئاساس قىلىدىغان بىر سىياسى مىللىيەت بەرپا قىلىش پىكرى تىخى يىڭى بولۇپ ناھايتى ئاز تارقالغان.

2

ئەمدى بىز بۇ ئۈچ تۈرلۈك سىياسەتنىڭ قايسىسىنىڭ پايدىلىق ۋە تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقايلى.
پايدىلىق دىدۇق، لىكىن كىمگە ۋە نىمىگە پايدىلىق؟ دەسلەپتە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئالدى بىلەن ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەسلەك ياكى سىياسىي پوزىتسىيەنى بايان قىلىش، ئاندىن بۇ خىل مەسلەك ۋە سىياسى پوزىتسىيەنى  چەكلىك كىشلەر توپىغا تەتبىقلاشنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە مەنپەئەت ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش، ئەڭ ئاخىرىدا تىلغا ئىلىنغان ئۈچ مەسلەكتىن بىر ياكى بىرقانچىسىنىڭ يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان شەرىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەسلەك ۋە مەسلەكلەر بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغانلىقىنى شەرھىلەش كىرەك. لىكىن بۇلار  مېنىڭچە ھازىر مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى يۇقارقى شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي كەسىپ ياكى كەسىپلەرنى ئىنسانلار تېخى ئىدراك قىلىپ بولالمىدى !
ئەگەر بىز يۇقىرىقى تەرتىپلەرگە ئەمەل قىلماي بەزى ئۇسلۇپلارنى ئوسمانلېلار، ئىسلام دۇنياسى ياكى تۈركلەرگە تەتبىقلاپ، بۇنداق قىلىشىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنساق ، ئۇنداقتا تەرتىپنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن خاتالىقلار كېلىپ چىقىدۇ. گەرچە كۆپ ساندىكى ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىشلاردا بۇ خىل خاتالىققا يول قويۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە  ھەممىسى قۇرۇق سەپسەتە بولغانلى سەۋەبىدىن  مەن ئۇنىىڭدىن ۋاز كىچىمەن. مەسلىگە ئازراق چىگرا بىكىتىۋالايلى. بىز ئۇنى شەكىللەنگەن ئىنسان كادرۇسى دەپ ئاتايلى : شۇنداقتىمۇ بىز يەنىلا ئومۇمى بىر مەسىلىگە دۇچ كىلىمىز : مۇئەييەن بىر جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى نىىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟ بۇنىڭغا جاۋاپ بەرمەي تۇرۇپ، بەزى سىياسىي مەسلەك ياكى نەرسىلەرنى جەمئىيەتكە پايدىلىق دېگىلى بولمايدۇ.
مەلۇم بىر جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنىڭ نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بېكىتىش بىر سىياسىي مەسىلە، يەنە كىلىپ تىمىسى ۋە ئۇسلۇبى تېخى ئېنىق ئايدىڭلاشمىغان ئاتالمىش سىياسىي مەسىلىلەر ئىچىدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
سىياسەت ئىلمىدىكى مەسىللەر ھەققىدە كىڭەيتىش [دېدۇكسىيە ] ۋە مۇقىملىق [يىغىنچاقلاش] نىڭ قوللىغۇچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يەنىلا تالاش – تارتىش ۋە ئىختىلاپلار داۋام قىلىۋاتىدۇ.
«بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر سىياسىي قائىدىلەر پۈتۈنلەي تەسەۋۋۇردۇر (ئىدىئالدۇر)، بۇ قائىدىلەر خۇددى ماتېماتىكىچىلارنىڭ ئاكسىئومىسىغا ئوخشاش ئاۋۋال ئوتتۇرغا قويىلىدۇ. ئاندىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قائىدىلەرنى مىمارلار مىمارچىلىق قائىدىلىرىنى تەتبىقلىغىنىغا ئوخشاش، جەمئىيەتكە تەتبىقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر ، توپلۇملار ئۆزى رىئايە قىلىدىغان قائىدىلەر بىلەن بىللە ياشايدۇ ۋە  ئۇ قائىدىلەرنى كىڭەيتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. بۇ جەھەتتىن، ئۇلار ئامال بار ۋاسىتە ۋە مۇھىتقا سەل قارىماسلىقى ، خام خىيال ۋە قارا نىيەتلەردە بولماسلىقى، ھەقىقىي ۋەقە ۋە ئەمەلىيەتتىن تارىخ ۋە ئىجتىمائىي قانۇنىيەتلەرنى تۈزۈپ چىقىپ ئىلىم – پەن تەسەۋۋۇرىنىڭ مەقسىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك دەپ قارايدۇ.
سىياسىي ئىلىملەرنىڭ تەتبىقلىنىشىدىكى بۇنداق ئىختىلاپلار ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ ساندىكى مەسىلىلەرگە قارىتا ئېنىق ھەل قىلىش لايىھەسى تېپىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
گەرچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى نۇرغۇن تىمىلارنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي مەنپەئەتى يەنىلا تېخى بېكىتىلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. بۇ مۇنازىرىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەر بىر جەمئىيەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تىلغا ئىلىنغان ئىجتىمائى مەسىلە ئەمەلىيەتتە ھەى زامان، ھەممە يەردە تىپىلىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرىدۇر.  بۇ خىل ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش جەريانىدا مەنپەئەت دەپ چاپقان نەرسە دەل ھاياتلىقتۇر. ھاياتلىق ئىزچىل كۈچ- قۇۋۋەت بىلەن داۋاملىشىدىغان بولغاچقا، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى كۈچ-قۇۋۋەتنى شەرىت قىلىدۇ.  بۇ ھەر بىر جەمئىيەت مەنپەئەتكە كۈچلىنىش ئارقىلىق ئىرىشىدۇ دىگەنلىك بولىدۇ.  بۇ جەھەتتىن، جەمئىيەتلەر ئارىسىدا خۇددى كائىناتتىكى بارلىق ئېلېمېنتلار ئارىسىدا بولغانغا ئوخشاش ئۈزلۈكسىز كۈرەش مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىزمۇ بۇ قانۇنىيەتنى قوبۇل قىلىشىمىز كىرەك. ھەربىر جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۇنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار كۈچلۈكتۇر. لىكىن بىز قايسى جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمىز كىرەك؟ بۇ سوئالنىڭ مەنتىقىلىق بىر جاۋاپى بوق. بىز تۈركلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پايدا- مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز يۇ نىمشىقا سېلاۋلار ۋە ئورتودوكۇسلارنىڭ پايدا- مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغۇدەكمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى كۆپىنچە ئەھۋالدا بىرەسىنىڭ زىيان تارتىشى بەدىلىگە قولغا كەلتۈرلىدىغان تۇرسا قايسى بىر مەنتىقىلىق سەۋەپكە تايىنىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىشىنى توغرا دىيەلەيمىز؟
بۇ سوئالغا  پەقەت بىزنىڭ تەبىئىي خاھىشلىرىمىز، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئىدىيىمىز تېخى تەھلىل قىلىپ بولالمىغان ۋە قىممىتىنى ھىس قىلىپ بولالمىغان تۇيغۇلىرىمىز جاۋاپ بىرەلىشى مۇمكىن : مەن بىر ئوسمانلې ۋە بىر تۈرك. شۇڭلاشقا ئوسمانلې دۆلىتى، ئىسلامىيەت ۋە بارلىق تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلسام دەيمەن. لېكىن بۇ ئۈچ جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتى، جۈملىدىن سىياسىي، دىننى ۋە مىللى بولغان بۇ ئۈچ خىل جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ئوخشاش بولىشى مۇمكىنمۇ؟  يەنى  بىر ئادەمنىڭ كۈچىيىشى باشقىلارنىڭمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولالارمۇ؟
ئوسمانلې ئىمپېرىيەسىنىڭ مەنپەئەتى بارلىق مۇسۇلمانلار ۋە تۈركلەرنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىت ئەمەس؛ بەلكى ئوسمانلېدىكى مۇسۇلمانلا ۋە تۈركلەر ئوسمانلېنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن تىخىمۇ كۈچلىنىدۇ ۋە بىر تايانچ كۈچكە ئىرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئىسلامنىڭ مەنپەئەتى ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە تامامەن ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىسلامنىڭ كۈچىيىشى ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوسمانلېدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىتىشىنى، بۇ سەۋەپتىن ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ ھازىرقى كادروسىدىكى بىر بۆلۈك كۈچنىڭ قولدىن كىتىشىنى شەرت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، تۈركلۈكنىڭ مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمان دىگەندەك دىننى ئىختىلاپلار تۈپەيلى بۆلۈنىشىنى ۋە ئاجىزلىشىىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
تۈركلۈكنىڭ مەنپەئەتىگە كەلسەك، بۇمۇ ئوخشاشلا يا ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ ياكى ئىسلامنىڭ مەنپەئەتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. لىكىن، ئىسلام دۇنياسىنى  تۈرك ۋە تۈرك بولمىغانلار دەپ ئىككىگە بۆلۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئوسمانلې پۇقرالىرى ئارىسىغىمۇ نىڧاق سوقۇپ دۆلىتى ئالىييەنىڭ  زەئىپلىشىىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر ئۈچ جەمىئيەتكە تەۋە كىشىلەر ئوسمانلې ئىمپېرىيەسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، ئوسمانلې ئىمپېرىيەسىنىڭ مەنپەئەتى، كۈچلىنىشى ھازىرغا قەدەر بىز مۇنازىرە قىلىۋاتقان ئۈچ خىل سىياسەتنىڭ قايسىسىنى تەتبىقلىغان؟  بۇلارنىڭ قايسىسىنى ئوسمانلې مەملىكەتلىرىدە تەتبىقىلىغىلى بولىدۇ؟

3

ئوسمانلى مىللىتىنىڭ شەكىللىنشى ئوسمانلې مەملىكەتلىرىنى ھازىرقى ھالىتىدە قوغداپ قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. لىكىن، ئوسمانلې دۆلىتى مەۋجۇت كۈچى بىلەن ھازىرقى جۇغراپىيەلىك ئورنىنى  مۇداپئە قىلالىدىمۇ؟
ئوسمانلې مىللىتى يارىتىش پىكرى ئەمەلىيەتكە ئايلانغان تەقدىردە، ھەر خىل دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئوخشىمىغان مىللەتلەردىن ئەركىنلىك ۋە قانۇنى بارەۋەرلىكنى ئاساس قىلغان بىر شالغۇت مىللەت بارلىققا كىلىدۇ ۋە بۇ مىللەت بىر دۆلەت (ئوسمانلې دۆلىتى)، بىر مىللەت (ئوسمانلې مىللىتى) پىكرى بىلەن بىرلىشىپ دىننى ۋە مىللى زىددىيەتلەردىن كىلىپ چىققان توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلارغا خاتىمە بىرىدۇ.
بۇ جەرياندا رۇملار ۋە ئەرمەنيىلەرگە ئوخشاش تۈركلەر ۋە ئەرەپلەرمۇ ئىرىپ كىتىدۇ. ئوسمانلې دۆلتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان ئوسمانلې تۈركلىرى ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ نامىنى بىرىنچى رەھبىرى ئوسمان بەينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتاش ئارقىلىق ئەجداتلىرىنىڭ ھىممىتى بىلەن قۇرۇلغان بۇ ئىمپىرىېيەنىڭ تىخىمۇ بەك بۆلۈنۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالىغانلىقىدىن ئىبارەت مەنىۋى ئىقلىمىدىن خۇرسەن بولۇپ يۈرۈيدۇ. بەلكى ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمانلې دىگەن ناممۇ يوقىتىلىشى، كۆپىنچىسى بۇرۇنقى مەھكۇم مىللەتلەردىن (مۇسۇلمان ۋە غەيرىلىرى) قۇرۇلغان بۇ ئەركىن دۆلەتتە كۆپ سانلىقنىڭ ئارزۇسىغا بىنائەن مەھكۇملۇقنى ئەسلىىتىغان ئوسمانلې دىگەن بۇ ناممۇ ئەمەلدىن قالدۇرلىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، ئوسمانلې تۈركلىرى ئۇزۇندىن بىرى ھاكىمىيەت بىشىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن يىقىن كەلگۈسىدىمۇ دۆلەتتىكى ماددى نوپۇزىنى ساقلاپ قالالىشى مۇمكىن. ھالبۇكى، بۇ خىل ئىنېرتسىيىلىك پىسخىكىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلاردا كۈچىنى كۆرسىتىشى باشقا تەبىئىي شەيئىلەرگە ئوخشاش ناھايىتى قىسقا بولىدۇ.
ئوسمانلې مىللىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولغان مۇسۇلمانلارغا كەلسەك: بۇلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بولغاچقا، دۆلەتنىڭ مەمۇرى ئورگانلىرىدا ئاساسى كۈچ ئۇلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ: شۇڭلاشقا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئىسلامى ئېلمېنېتلارنىڭ بۇ ئارلاش كادرۇدا تەسىرىنى كۈچەيتىشى سەۋەبىدىن دىنى ئىختىلاپلارنىڭ تىخى تۈگىمىگەنلىكى، ھەقىقى باراۋەرلىكنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى، ھەرخىل ئېلمېنىتلارنىڭ تىخى رەسمى ئىرىپ بولالمىغانلىقى پىكرى كاللىمىزغا كىلىدۇ.
ئوسمانلې مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە، تۈرك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئاشماسلىقى ئوسمانلې ئىمپېرىيەسىنىڭ كۈچىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ ئەسلى مەسىلىمىز دۆلەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ كۈچ جەزمەن زورىيىدۇ.
بىرلىككە كەلگەن، مۇنتىزىم، زامانىۋىي بىر تەبىر بىلەن دىگەندە «بىلوك» مۇتەشەككىل قىلغان بىر مىللى دۆلەت، شۈبھىسىزكى توختاۋىسىز تالاش- تارتىش ۋە توقۇنۇش ئىچىدىكى ئانارشسىت (ھۆكۈمەتسىزلىك) ىىر دۆلەتتىن كۈچلۈك بولىدۇ . لىكىن ئەسلى مۇھىم مەسىلە، ھازىرغىچىلىك ئۆز-ئارا تالاش- تارتىش ۋە جەڭگە- جىدەللەر بىلەن ئۆتۈپ كەلگەن ھەرخىل دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەرنىڭ  بۇنىڭدىن كىيىن بىرلىشىپ، قوشۇلۇپ ئۆتەلىشى مۇمكىنمۇ؟
يۇقارقىلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ باپتىكى مۇلاھىزىلىرىمىز نەتىجىسىز تاماملاندى. بۇنىڭدىن كىيىن غەلبىلىك بولۇپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلەرنىڭ مەغلۇبيەتكە ئۇچراش سەۋەپلىرىگە تەپسىلى قاراپ چىقايلى:
1. بۇنداق بىرلىشىش ۋە قوشۇلۇشنى ئەڭ بەك ئوسمانلې تۈركلىرى خالىمايتتى. چۈنكى بۇ بىرلىشىش ئۇلارنىڭ 600 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنى جەھەتتىن ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئادەتلىنىپ كەلگەن نورمال كۈندىلىك ھاياتى باراۋەرلىك پىرىنسىپىلىرى بىلەن كونتىرۇل قىلىناتتى. بۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك نەتجىلىرىدىن بىرى، ھۆكۈمەت بۇ چاغقىچە ئوسمانلې تۈركلىرىدىن قوبۇل قىلىدىغان مەمۇرلۇق ۋە ئەسكەرلىككە ئوخشاش مەۋقىلەرگە باشقا مىللەتلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشى كىرەك ئىدى. يەنى، ئوسمانلې تۈركلىرىنىڭ بىرقىسمى جاپاسى ئاز ۋە ئاقسۆڭەك مىللەتلەرنى ئاساس قىلىدىغان، شەرەپلىك دەپ قارىلىدىغان بۇ خىزمەت ئورۇنلىرىنى بوشىتىپ ئىلگىرى شوغۇللىنىىپ باقمىغان، ھەتتاكى كۆزگە ئىلمايدىغان كارخانىچىلىق ۋە ئىلىم-سىتىم ئىشلىرى دىگەندەك جاھاندارچىلىق يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر بولاتتى.
2. ئىسلامىيەتمۇ بۇنى خالاپ كەتمەيتتى. مۇرتلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ماددى ۋە ئىنسانى نۇقتىئنەزەردىن مۇھىم ئورۇندا قويىدىغان بۇ كۈچلۈك دىن، مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنى جەھەتتىن پۈتۈنلەي بارابەر ئىمتىيازغا ئىرىشىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ، ھەمدە باشتىن – ئاخىر زىممىلەرنى ئىككىنچى قاتلامدا قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئەركىنلىككە كەلسەك، گەرچە ئىسلام دىنى ھەممە جەھەتتە باشقا دىنلارنىڭ ئەڭ ھۆررىيەتپەرۋەرى بولسىمۇ، لېكىن دىن ئۈستۈنلۈك جەھەتتىن ئىنسانلاردىن يۇقرى تۇرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن ئۇ مۇتلەق ھەقىقەتلەردىن باشقا كۆز- قاراشلارنى توغرا يولغا زىت دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقا ئىنسانىيەتنىڭ بەخىت- سائادىتىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىرلەر ۋە ۋىجداننىڭ ئۈزۈل-كىسىل ئەركىن بولۇپ كتىشىنىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ.
3. غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالارمۇ بۇنى خالىمايىتتى. ھەممىسنىڭ يىقىنقى تەرەققىياتلار نەتىجىسدە ئاشكارە بولغان پارلاق كەچمىشى، مۇستەقىل دۆلەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى بار ئىدى. مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ تۈركلەر بۇ مۇستەقىل دۆلەتلەرنى ئىشغال قىلىپ ھۆكۈمەتلەرنى چۆكتۈرۈپ تاشلىغانىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئوسمانلې ھاكىمىيىتى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئادالەت ئەمەس زۇلۇم، باراۋەرلىك ئەمەس ھاقارەت، راھەت ئەمەس ئازاپ ئىلىپ كەلگەنىدى. مال- دۇنياسى، ھەتتا ئىززەت نومۇسى مۇ ئاياغ ئاستى قىلىنغانىدى. 19-ئەسىر بۇلارغا بىرتەرەپتىن بۇلارنىڭ ئۆتمۈشىنى، تارىخىنى، ھەق- ھۇقۇقلىرىنى، مىللىيەتلىرىنى ئۈگەتتى، يەنە بىرتەرەپتىن ھۆكۈمەتنى، ئوسمانلې دۆلىتىنى زەئىپلەشتۈردى. ھەتتا ئوخشاش قىسمەتتىكى بەزى مىىللەتلەر بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ كۈچسىز ھۆكۈمدارلار (ئوسمانلې ھۆكۈمدارلىرى) مەجبۇرى ۋە تەررەددۇت ئىلكىدە باشتىن – ئاخىرى پۇقرالىرىەر (غەيرى مۇسۇلمان) دوستلۇق قولىنى ئۇزاتتى. ھاكىمىيەتنى تەقسىملەش ۋە قانۇنى جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. ئىنسانى تۇيغۇلىرى ھۆكۈمدارلاردىن بەكرەك سەزگۈر ۋە كۈچتۈڭكۈر بۇ مەھكۇملار (ئوسمانلېدىكى غەيرى مۇسۇلمان پۇقرالار ئۆزلىرىنى شۇنداق ئاتاشقان) ئۆزلىرىگە ئۇزىتىلغان قولنىڭ سەمىمى ۋە سادىق ئىكەنلىكىنى سىزىپ تۇرسىمۇ، بۇ يىڭى سىياسەتتە غەرىپنىڭ تەسىرىدە ئوسمانلې دۆلىتىدە ئۆز مەنپەئەتلىرىگە چوغ تاتىدىغان بەزى غەرىپ ئەللىرىنىڭ بىسىملىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. بەلكى بەزىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئوسمانلې مىللىتىنىڭ ۋۇجۇتقا كەلتۈرلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. لىكىن ئۇلارمۇ ئەقىل- ئىدراكىدىن بەكرەك ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىغا جۆر بولۇشاتتى. ھىچقايىسى ئۆتمۈشتىكى ئىستىقلاللىرىنىڭ جاللاتىغا ئوخشايدىغان بىر مىللەت بىلەن بىللە، ئۇلار بىلەن ئارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىرىپ يىڭى بىر مىللىيەت ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە ھەرگىزمۇ رازى ئەمەس ئىدى.
4. ئوسمانلېلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان رۇسىيە بىلەن ئۇنىڭ چاكىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ھىساپلىنىدىغان كىچىك بالقان ھۆكۈمەتلىرى خالىمايىتتى. چۈنكى، رۇسيە بوغوزلارغا، ئانادولۇ ۋە ئېراققا، ئىستانبۇل ۋە بالقانلارغا، بەيتۇلمۇقەددەس تۇپراقلىرىغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق سىياسى، ئىقتىسادى، مىللى ۋە دىننى غەرەزلىرىگە يىتىشنىڭ كويىدا ئىدى.
رۇسىيە دېڭىز بوغۇزىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق دېڭىز ئارمىيەسىنى قارا دىڭىز « Karadeniz » غا ئوخشاش چوڭ بىر پورت بىلەن تەمىن ئىتىدۇ. ھەمدە ئەڭ مۇھىم سودا لىنىيەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئاق دېڭىزدا ئەركىن پائالىيەت ئىلىپ بارالايدۇ، ئاندىن خالىغان چاغدا ئۇ مۇستەھكەم پىستىرمىدىن ھالقىپ دەۋرىمىزنىڭ ھىندى كارۋانلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قوغدىغۇچىلىرى دەپ قارىلىدىغان ئىنگىلېزلارنىڭ سودا ۋە ئۇرۇش پاراخۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ ھوسۇللۇق مۇستەملىكە يولىنى كېسىپ تاشلىيالايدۇ. قىسقىسى ئۇزۇندىن تارتىپ كۆز تىكىپ كىلىۋاتقان ھىندىستاننىڭ غەربى تەرىپىدىكى مۇھاسىرىسىنى كۈچەيتىدۇ. ئانادولۇغا ئىگە بولۇش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە بەرىكەتلىك قىتئەسىنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالىدۇ. ئىراققىچە ئۇزىراپ پۈتۈن غەربى ئاسيانى ئىشغال قىلغاندەك ھىندىستاننىڭ غەربى قوۋۇقلىرىغا قەدەر يىتىپ بارىدۇ. بەلكى، رۇسىيە ۋە ئەنگىلىيەنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ۋە شۇ ۋەجىدىن ئىسلامىيەتنىڭ مۇقەددەس تۇپراقىلىرىغا ئالاقىدار تىركىشىشلىرىمۇ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن مەۋجۇت تەڭپۇڭلىقنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. خۇلاسە كالام بوغۇزلار ۋە ئوسمانلې ئاسياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق رۇسىيە غايەت زور سىياسى ۋە ئىقتىسادى غەلبىلەرگە ئىرىىشدۇ.
بالقانلارنى كەڭ ئىمپىرېيە زىمىنغا قوشۇۋىلىپ شىمالى ۋە جەنۇبى سېلاۋلارنى بىرلەشتۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاياسوڧىياغا كىرسىت بەلگىسى قادايدۇ ۋە بۇيەرنى ئورتادوكۇسلىقنىڭ ئەنئەنىۋى بۆشۈكى، يەنى رۇسلارنىڭ دىننى مەنبەسى قىلىدۇ. كامامە مەسجىتىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈپ، خىرىستىيانلىقنىڭ مەنبەسىنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن باشلاپ ھېسابلايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەددىدىن زىيادە دىندار، تەقۋادار پۇقرالىرىنى ئۇلار ئارزۇ قىلغان ئەمەللەرنى، يەنى دىن ۋە روھىي جەھەتتىكى ئەمەللىرىنى ئەڭ يۇقرى سەۋىيەگە كۆتۈرىدۇ. بۇ مەقسەتلەرنىڭ قولاي ئەمەلگە ئىشىشى، ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئوسمانلې پۇقرالىرىنىڭ دائىم نىڧاق ئىچىدە بولۇشى ۋە جەڭگە- جىدەل قىلىشىغا باغلىق ئىدى. شۇڭلاشقا، رۇسىيە بىر ئوسمانلې مىللىتىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلالمايىتتى. ئەينى چاغدا يىڭىدىن سىياسى مۇستەقىللقكە ئىرىشكەن سىرىپ ۋە يۇنان دۆلەتلىرى تۈركلەرنىڭ بويۇنتۇرقىدا قالغان مىللەتداشلىرىنى كۆپەيتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئوسمانلې پۇقرالىرىنىڭ بۆلۈنىشى، ئىختىلاپلىشىشى كىرەك ئىدى. بۇ دۆلەتلەرمۇ مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ھەركەت قىلاتتى.
5. ياۋرۇپالىقلارنىڭ بىر قىسمى بۇنى خالىمايىتتى. چۈنكى، ياۋرۇپادا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىۋاتقان بەزى كىشلەر تىخىچە ئىسلام ۋە خىرىستىيانلىق زىددىيىتىدىن، كېرىستلىقلارنىڭ ئۇرۇش ئەنئەنىلىرىدىن ئۈزۈل- كىسىل ئايرىلىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ناسارالارنى ئىسلام ھاكىمىيتىدىن قۇتقۇزۇش، كېرىسىتنى، ھەتتاكى كېرىسىتنىڭ كىچىك بىر پارچىسىنىمۇ ھىلال ئاستىدا تەرك ئەتمەسلىك، ناسارالاردىن باشقىلارنى (خىرىسىتىيان بولمىغانلارنى) دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئارزۇسىدا ئىدى. بەزىلىرى ماتېرىيالىستىك نۇقتىئەنەزەردىن مۇھاكىمە قىلىپ، تەرەققىياتپەرۋەر ياۋرۇپا مىللەتلىرىنى، ياۋايى، زالىم، جەڭ ۋە ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا بىرەر ماھارىتى بولمىغان تۇرانلىقلارنىڭ بويۇنتۇرقىدىن قۇتقۇزۇش ۋە بۇ ئاسىيالىقلارنى ئاسىيا سەھرالىرىغا قوغلىۋىتىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەمما، بۇ ئىككى پىكىر دائىم بىر – بىرىگە ئارلىشىپ قالاتتى، قايسىسىنىڭ قايسىسدىن كىلىپ چىققانلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇرەككەپ ئىدى .
دىمەككى، «ئوسمانلې مىللىتى» نى ئوسمانلې مەملىكەتلىرىدىكى بارلىق قەۋىملەرنىڭ ئارزۇسىنىڭ تەتۈرىسىچە، تاشقى توسالغۇلارنى ئويلاشماستىن، ئوسمانلې ھۆكۈمىتىنىڭ بىشىدىكى بىرقانچە كىشى، بەزى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى (بولۇپمۇ ئۈچىنچى ناپالىيۇننىڭ ڧىرانسىيەسنى) ئۈلگە قىلىپ بەرپا قىلاتتى. بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ  ناھايتى مۇشەققەتلىك ئىدى. ئىش بىشىدىكى زاتلار ئاساسەن داھىلار بولغاچقا، بۇ قىيىنچىلىقلارغا كۆكرەك كىرىپ چىقىش ئىھتىمالى يوق دىيەرلىك دىيىشكە بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىش مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. شۇنىڭدىن تارتىپ تىلغا ئىلىنغان توسالغۇلار ھىچ ئازلىمىدى. ئەكسىچە كۆپەيدى. چوڭايدى: ئابدۇلھەمىتنىڭ ئىسلامې سىياسىتى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ئۇلغايتىۋەتتى. مۇسۇلمان بولمىغان پۇقرالارغا قارشى كەمسىتىش تۈسىدىكى سىياسى قائىدىلەر كۈچەيتىلدى. مۇسۇلمان بولمىغان يەنە بىر قىسىم خەلىق مۇستەقىللىقىغا ئىرىشىپ باشقىلارنىڭ جاسارىتىنى ئاشۇردى.  رۇسىيەنىڭ كۈچ- قۇدىرتى ۋە شان- شۆھرىتىنىڭ كۈنسىرى ئىشىشى سەۋەبىدىن ئوسمانلې دۆلىتىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى: سىرىپ، يۇنان، يەھۇدى، كاراداغ، بۇلغارلار ئىسيان كۆتۈردى. ياۋرۇپالىقلار تۈركلەرگە تىخىمۇ بەك سەلبى نەزەر بىلەن قاراشقا باشلىدى.  ئوسمانلې مىللىيەتى سىياسىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوللىغۇچسى بولغان ڧىرانسىيە، پارىس ئەھدىنامىسدىكى ۋەدىسىنى بۇزۇپ رۇسيەنىڭ چاپارمەنلىكىنى قىلدى.  خۇلاسە شۇكى، مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا بۇ سىياسەتكە پۈتۈنلەي قارشى بىر مۇھىت شەكىللىنىپ قالدى. شۇڭلاشقا زاماننىڭ شەرت- شارائىتلىرى تۈپەيلى ئەمدى ئوسمانلې مىللىتى بەرپا قىلىمەن دەپ يۈرۈش بىھۇدە ئۆزىنى ھاردۇرۇشتۇر.
ئەمدى بىز «ئىسلام بىرلىكى» سىياسىتىنىڭ ئوسمانلې دۆلىتى ئۈچۈن پايدىلىق ياكى ئەمەسلىكىنى، تەتبىقلىغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:
يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ سىياسەتنى قوللانغان ئەھۋالدا، ئوسمانلې خەلقى ئوتتۇرىسىدا دىنىي قارشىلىق ۋە دۈشمەنلىك ئۇلغىيىپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غەيرىي مۇسۇلمان پۇقرالار ۋە ئۇلار ئولتۇراقلاشقان زىمىننىڭ بىر قىسمى قولدىن كىتىدۇ، نەتىجىدە ئوسمانلې ئىمپېرىيەسى ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركلەر ئارىسدا مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەر دىگەن پەرىق پەيدا بولىدۇ. مىللىي قېرىنداشلىق دىننى زىددىيەت تۈپەيلى بۇزۇلىدۇ. لېكىن، بۇ كەمچىلىكلەر مەۋجۇت بولسىمۇ ئوسمانلې ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارى قىسمىدا مۇسۇلمانلار ۋە ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان تۈركلەر ناھايىتى كۈچلۈك بىر باغ بىلەن مۇستەھكەم بىرلىك ھاسىل قىلالايدۇ. ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دىنلاردىن بەرپا قىلىنىدىغان «ئوسمانلې مىللىتى» گە سىلىشتۇرغاندا «ئىسلام بىرلىكى» بەكرەك مۇستەھكەم  بولىدۇ. گەرچە بۇ سەۋەپتىن دۆلەت مال- مۈلۈك، ئۆرپ- ئادەت، زىمىن جەھەتتە بىرئاز چىكىنگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما كۈچلۈك بىر كادرۇ يەنى كۈچلۈك بىر ئىسلامى كادرۇ بەرپا قىلاتتى.
تېخىمۇ مۇھىمى، دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۈنسىرى كۈچلىنىپ ئىتتىپاقلىشىشى، ئانگلو-ساكسون، گېرمان، سېلاۋ، لاتېن، بەلكى سىرىق تەنلىكلەرنىڭ  ئىتتىپاق ئورنىتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كىلىدىغان چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسدا مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان، ئىدىيۋى يىتەكچىسى دىن بولغان بىر كۈچنىڭ ھاسىل بولۇشغا ئۇل ھازىرلايىتتى. شۈبىھسىزكى، بۇ «يۈكسەك ئەمەل» گە ئۇلاشقىچىلىك ئۇزۇن بىر ۋاقىت كېتىشى ئېنىق.
دەسلپىدە پەقەت ھازىرقى مەنىۋى مۇناسىۋەتلەر كۈچلەندۈرۈلۈپ، كەلگۈسىدىكى كادروغا ئاساس سېلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئەسلى غايە ئاشكارا بولىدۇ. مەقسەت مۇددىئا جەزىملىشىپ ئايدىڭلىشىدۇ. ئىجابى، روشەن ۋە ئەمدىلا ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇ ئۇلۇغ، سۈرلۈك مەنىۋىي كىملىكلەر بىلەن سالاھىيەتلىنەلەيدىغان، ئاسىيانىڭ چوڭ بىر قىسمى ۋە ئاڧرىقىنىڭ يىرىمدىن كۆپراقىنى تەشكىل قىلىدىغان مەنىۋى بىر كىملىك ۋۇجۇتقا كەلگەن بولىدۇ. لىكىن، بۇ خىل سىياسەتنى ئوسمانلې دۆلىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولارمۇ؟ ئىسلام دىنى سىياسەت ۋە جەمئيەت ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بىرىدىغان دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدىن بىرى «دىن ۋە مىللەت بىردۇر» – دىگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىتى ۋە مىللىيەت تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرىتىدۇ،  تىللىرىنى، كەچمىشىلىرىنى، خاتىرىلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى ئىستەيدۇ.
«ئىسلام كۈچلۈك بىر تۈگمەندۇركى، ھەرخىل مىللەتلەرنى ۋە ئوخشىمىغان دىنلارغا ئىتىقاد قىلدىغانلارنى  دىنى جەھەتتىن بىر، مىللىتى جەھەتتىن بىر، ئوخشاش ئىمتىيازغا ئىگە، بىر- بىرسىدىن پەقەتلا پەرقى بولمىغان مۇسۇلمان قىلىپ تارتىپ چىقىرىدۇ….»
ئىسلام دىننىڭ تەبىئىيىتىدە قۇدرەتلىك ۋە مۇقىم بىر سىياسىي تەشكىلات بار ئىدى: ئاساسى قانۇنى قۇرئان كەرىم، رەسمى تىلى ئەرەبچە ئىدى. سەرخىل بىر يولباشچىسى (مۇھممەد ئەلەيھىسسالام- ت)، مۇقەددەس بىر مەدەنىيەت مەركىزى بار ئىدى . لىكىن باشقا دىن تارىخىدا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر ئىسلام دىنىدىمۇ مەلۇم باسقۇچلارغىچىلىك ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئىرقى مەسىللەر ۋە ھەرخىل ھادىسىلەر تۈپەيلى دىنى بىرلىك مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلدى. ھىجرەتتىن بىر ئەسىر كىيىن بولسا كىرەك، ئەرەپ ۋە ئەجەم مىللىيەتلىرى زىددىيىتى، ئەمەۋىيە ۋە ھاشىمىيە خاندانلىقلىرىنىڭ بىر بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىشى تەرزىدە زاھىر بولدى ۋە ئىسلام بىرلىكىگە ساقايماس يارا ئاچتى. بۇ يارا كەڭ كۆلەملىك سۈننىي ۋە شىئە توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىرمەزگىلدىن كىيىن ئەرەب ۋە ئەجەملەر ئوتتۇرسىدكى توقۇنۇشقا ، تۈرك، بەربەر دىگەندەك باشقا ئېلمېنېتلارمۇ (مىللەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ-ت) قوشۇلۇپ تىخىمۇ  قالايمىغانلىشىپ كەتتى.
بۇلار (ئەجەملەر ۋە ئەرەپلەر) ئىسلام دىنىنىڭ باراۋەرلىك، بىرلىك پىرىنسىپلىرى ۋە ئىجرادىكى قاتتىقلىقىغا قارىماي، مىللى تۇيغۇلىرىنى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى قىسمەن بولسىمۇ ساقلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامى پىكىر ۋە ئىسلامى سىياسەت تىخىمۇ بەك بۇزۇلدى. شەرقتە غەرىپتىكىگە ئوخشاش تەۋاڧى مۈلۈك (بەگلىكلەر ئىدارە قىلىدىغان سىياسى تۈزۈلمە) بارلىققا كەلدى. ئىسلام خەلىپىلىكى مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى مەنىۋى رھبەرلىكىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ساقلاپ قالالىغان بولسىمۇ، ئىسلام دۆلەتلىرى ھەرتەرەپكە تارالغان كىچىك-كىچىك ۋە قسىقا ئۆمۈرلۈك ئەمىرلىكلەر، سەلتەنەتلەر، شاھلىقلار، پادىشاھلىقلارغا بۆلۈنۈپ پارچىلىنىپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئىسلام خەلىپىسى ئئىككى ھەتتا ئۈچكە كۆپەيدى. رەسمى تىل ۋە دىنمۇ بىرلىكىنى يوقاتتى. ئەجەم تىىللىرىمۇ (بىر تىل يەنە بىر يات تىلغا نىسبەتەن ئەجەم ھىساپلىنىدۇ-ت) ئەرەب تىلىغا ئوخشاس ئىتىبارغا ئىرىشىش ئىستىكىدە بولدى. شۇنداق بىر ۋاقىتلار كەلدىكى، ئىسلامى نۇپۇز ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە قاراپ يۈزلىنىشكە باشلىدى.
ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ بىرقىسمى قولدىن كىتە، كىتە چوڭ بىر قىسمى، ئۈچتە بىرىنىڭ كۆپرەكى خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ ئىسلامىيەتنىڭ بىرلىكىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدى. ئىسلامىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە پۈتۈنلەي يوقتىش مەقسەت قىلىنىپ يوقىتىلىپ بولالمىغان قەۋمى، مىللى تەئەسسۇپلۇق يىقىنقى مەزگىللەردە غەرىپ پىكىرلىرىنىڭ تەسىرىدە ناھايتى ئاز بولسىمۇ باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
كۈچ- قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان مۇشۇنچىۋالا ۋەقەلەر يۈز بىرىپ تۇرسىمۇ، ئىسلام دىنى يەنىلا ناھايتى قۇدرەتلىك ئىدى. چۈنكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىگە دىنىغا نىسبەتەن قىلچىلىك شۈبھە ياكى تىخىمۇ يامىنى ئىمانسىزلىق (دىنسىزلىق-ت) كىرمىگەن ئىدى دىيىشكە بولىدۇ. ئاساسەن كۆپىنچە ئىخلاسمەنلەر (تەقۋادار مۇسۇلمانلار) دىن ئۈچۈن ھەرقانداق پىداكارلىقتىن باش تارتمايدىغان، ئىتائەتچان، دىنى ھىس تۇيغۇلىرى كۈچلۈك كىشىلەر ئىدى. بەزى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ يىڭى قانۇنلىرى ئىسلام شەرىئىتىدىن پەرىقلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئاساسىي يەنىلا ئىسلام شەرىئتىدەك كۆرسىتىلىدۇ. ئەرەپ تىلى تىخىچە بىردىنبىر دىنى تىلدۇر، ھەتتاكى نۇرغۇن جايلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ  ئىلمى ۋە ئەدەبى تىلىمۇ ئەرەپچە.  تىخىچە ئىسلامى مەدرىسەلەردە ئاز بىرقىسىم مۇسۇلمانلارنى ھىساپقا قاتمىغاندا، بىرخىل پىروگىرام بىلەن بىرخىل تىلدا (ئەرەپ تىلىدا) ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشتۇرىلىۋاتىدۇ. خۇلاسە كالام، ئىسلام مەدەنىيىتى سەلبى بىرلىككە كىلىش بىلەن (ھەرنەرسىنى ئەرەپچىلەشتۈرۈش-ت) داۋام قىلىۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ.
بۈگۈنمۇ ھەم مۇسۇلمانلار، مەن تۈرك ياكى  مەن ئىرانلىق دىيىشتىن بۇرۇن «ئەلھەمدۇلىللاھ مەن مۇسۇلمان» دەيدۇ. ھىلىھەم ئسىلام دۇنياسىنىڭ چوڭ بىر بۆلىكى  ئوسمانلې تۈركلىرى خاقانىنى ئىسلام خەلىپىسى دەپ ئىتراپ قىلىدۇ. ھازىرمۇ ھەم بارلىق مۇسۇلمانلار كۈندە بەش ۋاقىت قىبلىگە يۈز كەلدۈرىدۇ ۋە كەبەتۇللاھقا يۈزىنى سۈرتۈپ ھاجەرى ئەسۋەدنى سۆيۈس ئۈچۈن تولۇپ تاشقان ھاياجان ۋە تەلپۈنۈش ئىچىدە دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن تۈرلۈك- تۈمەن مۇشەققەتلەرنى يىڭىپ ھەرەمگە قاراپ چاپىدۇ.
ئىككىلەنمەستىن يەنە شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئىسلام يەنىلا ناھايتى كۈچلۈك بىر دىندۇر. شۇڭلاشقا «ئىسلام بىرلىكى» سىياسىتىنى تەتبىقلاشتا دۇچ كىلىدىغان ئىچكى توسالغۇلارنى يىڭىش ئانچە تەسكە توختىمايدۇ. لىكىن، تاشقى توسالغۇلار ناھايتى قاتتىق بولىدۇ. ھەقىقەتەن بىرتەرەپتىن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا. يەنە بىر تەرەپتىن بىر  ئىككىسىدىن باشقا بارلىق خىرىستىيان دۆلەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان پۇقرالىرى بار. ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن بولسىمۇ چىگرالىرى سىرتىدىكى بىر سىياسىي مەركەزگە بويسۇنۇشىنى، كەلگۈسىدە مۇھىم غەلبىلەرگە ئىرىشىش ئىھتىماللىقى بولغان بىر ئومۇمى پىكىرگە خىزمەت قىلىشىنى، مەنپەئەتلىرىگە زىت دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق بىر بىرلىكنىڭ قۇرۇلىشىغا ھەردائىم توسالغۇلۇق قىلىش ئىستىكىدە بولىدۇ. نۇپۇزى ۋە سىياسى كۈچىگە تايىنىپ بۇ ئىستەكلىرىنى ئىجرا قىلالىشىمۇ تەسكە توختىمايدۇ. شۇڭلاشقا، زامانىمىزنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئىسلام دۆلىتى بولغان ئوسمانلې دۆلىتىنىڭمۇ رەسمى بىر شەكىلدە «ئىسلام بىرلىكى» سىياىستىنى تەبىقلىشىغا، بەلكى ناھاييتى ئوڭۇشلۇق ھالدا پۇتلىكاشاڭلارنى پەيدا قىلالايدۇ.
«تۈركلەرنىڭ بىرلىكى» سىياسىتىدە قولغا كىلىدىغان ئۇتۇقلارغا كەلسەك، ئوسمانلې مەملىكەتلىرىدىكى تۈركلەر ھەم دىنى، ھەم ئىرقى مۇناسىۋىتى سەۋەپلىك بىر- بىرىگە بەكلا يىقىن. دىنى جەھەتتىكى ئوخشاشلىقى سەۋەبىدىن تىخىمۇ بەك يىقىنلىشىدۇ ۋە بىرلىشىدۇ. شۇنداقلا، تۈرك بولمىسىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تۈركلەشكەن باشقا مۇسۇلمان خەلىقلەر تۈركلۈكنى مىنىڭسەيدۇ ۋە توپلۇمغا ھىچ سىڭىشمىگەن، مىللى ئىڭى ۋە ۋىجدانى تۇيغۇلىرى ئۆلۈك ئېلمېنېتلار (خەلىقلەر) تۈركلەشتۈرلىدۇ.
لىكىن ئەڭ چوڭ پايدا تىللىرى، ئىرقلىرى، ئۆرپ- ئادەتلىرى، ھەتتا كۆپىنچىسىنىڭ دىنلىرى بىر بولغان، شۇنداقلا ئاسىيا قىتئەسىنىڭ چوڭ بىر قىسمى بىلەن ياۋرۇپا قىتئەسىنىڭ شەرقىگە تارالغان تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشى ئىدى. ئوسمانلې تۈركلىرى باشقا چوڭ مىللىيەتلەر ئارىسدا مەۋجۇدىيىتنى ساقلاپ قالالايدىغان كەڭ كۆلەملىك بىر سىياسى مىللىيەتنىڭ بەرپا قىلىنىشغا خىزمەت قىلالايىتتى ۋە بۇ كەڭ كادرۇدا ئوسمانلې دۆلىتى تۈرك توپلۇلۇقلىرى ئىچىدە (تۈركى خەلىقلەر) ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ تەرققى قىلغان ۋە ئەڭ زامانىۋىلاشقانلىقى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايىتتى.
يىقىن تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر كىشىنى «كەلگۈسىدە مەيدانغا كىلىدىغان ئاق ۋە سرىقلارنىڭ دۇنياسى ئوتتۇرىسىدا بىر تۈركلۈك دۇنياسى ۋۇجۇتقا كىلىپ، ئوتتۇرىدىكى بۇ دۇنيادا ئوسمانلې دۆلىتى ھازىرقى ياپۇنىيەنىڭ سىرىقلار دۇنياسىدا ئۈستىگە ئالىدىغان ۋەزىپسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ»-، دىگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قوياتتى.
بۇ پايدىلارغا ماس ھالدا، ئوسمانلې مەملىكەتلىرىدە ياشايدىغان، غەيرى تۈرك مۇسۇلمانلار (تۈركلەردىن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر) ۋە تۈركلىشىش ئىھتىمالىمۇ بولمىغان قەۋىملەرنىڭ ئوسمانلې دۆلىتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كىتىشى ۋە ئىسلامىيەتنىڭ تۈرك ۋە تۈرك ئەمەس قىسىملىرىغا ئايرىلىپ ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ غەيرى تۈرك مۇسۇلمانلار بىلەن رەسمى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ (سىياسى ئىگىدارچىلىق كۆزدە تۇتىلىدۇ-ت) ئۈزۈلىشىگە سەۋەپ بولىدىغان سەلبى تەرەپلىرىمۇ بار. تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ تەتبىقلىنىش جەريانىدىكى ئىچكى توسالغۇلار ئىسلام سىياسىتىگە قارىغاندا تىخمۇ كۆپ. گەرچە غەرىپنىڭ تەسىرىدىن تۈركلەر ئارىسىغا مىللىيەت پىكىرلىرى ئېقىپ كىرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، يۇقاردا  ئىيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، بۇ ھادىسە تىخى بەكلا يىڭى ھىساپلىنىدۇ. تۈركلۈك پىكرى تۈرك ئەدەبىياتى ۋە تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش تەسەۋۋۇرى تىخى يىڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشايدۇ. ئىسلامىيەتتىكى ئۇ مۇنتېزىم تەشكىلات قۇرۇلمىسدىن، ئۇ پىداكىرانە ھايات ۋە قايناق ھىسياتتىن، قىسقىسى مۇستەھكەم بىر بىرلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ماددىلاردىن ۋە تەييارلىيالايدىغان خام خۇرۇچلاردىن ھىچبىرى تخى تۈركلۈكتە مەۋجۇت ئەمەس.
بۈگۈن تۈركلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆتمۈشىنى، ئەنئەنىلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا ياشاۋاتىدۇ. لىكىن شۇ نۇقتا ئۇنتۇلماسلىقى كىرەككى، نۆۋەتتە بىرلىشىش ئىھتىماللىقى بولغان تۈركلەرنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلماندۇر. بۇ جەھەتتىن ئىسلام دىنى بۈيۈك تۈرك مىللىيەتىنىڭ مۇتەشەككىل قىلىنىشىدا مۇھىم بىر ئېلمېنېت بولالىشى مۇمكىن. مىللىيەتكە ئىنىقلىما بىرىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى ھىلىھەم دىنى بىر ئامىل دەپ قارايدۇ. ئىسلام، تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىدە ئۇشبۇ خىزمەتنى ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن يىقىندا خىرىستىيان دىنىدا قوبۇل قىلىنغىنىغا ئوخشاش، مىللىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى قوبۇل قىلالايدىغان تەرزدە ئۆزگىرىشى كىرەك. بۇنداق بىر ئۆزگىرىش مەجبۇرىيدۇر: تارىختا كۆرۈلگەن ئومۇمى جەريانلار (ئۆزگىرىشلەر) ئومۇمەن ئىرقنى ئاساس قىلغان. دىنلار، دىننى سەزگۈرلۈكلىرى تۈپەيلى بارا- بارا سىياسى ئەھمىيىتىنى، سىياسى كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئىجتىمائىيلىشىشتىن بەكرەك خۇسۇسىيلىشىدۇ. جەمئىيەتتە ۋىجدان ھۆرلىكى دىنى بىرلىكلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەيدۇ. دىنلار جەمىئىيەت تەرتىۋىنى ساقلاش ۋەزىپىسدىن ۋاز كىچىپ مەنىۋى رەھبەرلىك ۋە مۇرشىدلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىسلام دىنى پەقەتلا ياراتقۇچى (ئاللاھ) بىلەن يارىتىلغۇچى (بەندىلەر) ئارىسدىكى كۆۋرۈككە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دىنلار پەقەت ئىرقلار بىلەن بىرلىشىپ ئىرقلارغا ياردەمچى ھەتتا خىزمەتچى بولغاندىلا سىياسى ۋە ئىجتىمائى ئەھمىيىتىنى (ئورنىنى) ساقلاپ قالالايدۇ.
تاشقى توسالغۇلار ئىسلامى سىياسەت دۇچ كىلىدىغان توسالغۇلارغا سىلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى، خىرىستىيان دۆلەتلەر ئىچدىن پەقەت بىرسىنىڭ، يەنى رۇسىيەنىڭلا مۇسۇلمان تۈرك پۇقرالىرى بار. بۇ ۋەجىدىن  مەنپەئەتلىرى سەۋەپلىك تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان كۈچ پەقەتلا  رۇسىيەدۇر. باشقا ناسارا (خىرىستىيان) دۆلەتلىرىگە كەلسە، بۇ سىياسەت رۇسىيەنىڭ زىينىغا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن تۈرك بىرلىكىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلارمۇ چىقىپ قىلىشى مۇمكىن.
بۇ مۇلاھىزىلەردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى:«ئوسمانلې مىللىتى  شەكىللەندۈرۈش ئوسمانلې دۆلىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان تەقدىردىمۇ، تەتبىقلىغىلى بولمايدۇ (ئىجرا قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولمايدۇ)، مۇسۇلمانلارنىڭ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىشىشىگە دائىر سىياسەتلەردىمۇ ئوسمانلې دۆلىتىگە تەڭ دەرىجىدە پايدا ۋە زىيان بار. تەتبىقلىنىشى جەريانىدا كۆرىلدىغان قولايلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنىمۇ ئوخشىشىپ كىتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ.» بۇنداق شارائىتتا قايسى سىياسەتنى يولغا قويۇش كىرەك؟
«تۈرك» گېزىتىنىڭ ئىسىمنى ئىشىتكىنىمدە، نىھايەت مىنى ھەمىشە بىئارام قىلىدىغان شۇ سوئالغا جاۋاپ تاپالايدىغان بولدۇم-، دەپ ئۈمىد ئىلكىدە گېزىتنىڭ ئىسمىگە ئۇزۇن- ئۇزۇن قاراپ سوئالىمنىڭ  جاۋابى «تۈركلۈك سىياسىتى» بولىدىكەن دەپ پەرەز قىلغانىدىم.
لىكىن كۆردۈمكى«ھوقۇقنى ھىمايە قىلىدىغان»، زىھىنلەرنى زىننەتلەيدىغان، پىكىرلەرنى گۈللەندۈرىدىغان«تۈرك» مەن ئويلىغاندەك ھىلىھەم خانبالىقتىن كاراداغقا (قاراتاغقا)، تېمۇر يىرىم ئارىلىدىن قارالار ئېلىگە (نىگىرلار يۇرتىغا) قەدەر ئاسىيا، ياۋرۇپا ۋە ئاڧرىقانىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى قاپلىغان ئۇلۇغ ئىرققا مەنسۇپ بىر «تۈرك» بولماستىن، بەلكى ئوسمانلې دۆلىتى پۇقراسى بىر غەربى تۈركتۇر. «تۈرك» پەقەت ئۇلارنى كۆرىدۇ، ئۇلارنى تونۇيدۇ. ھەمدە مېلادى 4-ئەسىردىن بىرى ۋە ڧىرانسۇز مەنبەلىرىگە  ئاساسەن ئۇلارنى بىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىر دۆلەتتە ياشايدىغان،  ئۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بولغان مۇسۇلمان، غەيرى مۇسۇلمانلارنىلا ئەجنەبى مىللەتلەرگە قارشى (تاشقى كۈچلەرگە قارشى) ئۇلارنىڭلا «ھوقۇقىنى ھىمايە قىلشىنى» خالايدۇ.
«تۈرك» ئۈچۈن تۈركلۈكنىڭ ھەربى، سىياسى ۋە مەدەنى كەچمىشى پەقەتلا خۇداۋەندىگارلاردىن، ڧاتىھلەردىن، سەلىملەردىن، ئىبنى كاماللاردىن، نەفىلەردىن، باكېلەردىن، ئەۋلىيا چەلەبىلەردىن، كاماللاردىن ئىبارەت. «تۈرك» لەرنىڭ كەچمىىشى ئوغۇزلارغا، چىڭگىزلەرگە، ئۇلۇغبەگلەرگە، ڧارابىلەرگە، ئىبنى سىنالارغا، تەفتازانى ۋە نەۋائىيلەرگە قەدەر يىتىپ بارالمايدۇ…. ئاندا-ساندا ئىسلامىيەت، خىلاڧەت سىياسىتىگىمۇ يىقىنلاشقاندەك قىلىدۇ يۇ، بىرلىشىدىغان تۈركلەرنىڭ دىگۈدەك ھەممىسى مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن، مۇھىم جەريانلارغا ئىشتىراك قىلغان ئىسلام ۋە تۈرك سىياسەتلىرىنىڭ ھەرئىككىلىسنى قوللاپ- قۇۋۋەتلىمەكچى بولدۇق دەپ قارايدۇ. لىكىن، بۇ پىكرىمۇ ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. چىڭ تۇرۇپمۇ كەتمەيدۇ. قىسقىسى ئۇزۇندىن بىرى زىھنىمنى قاماللاپ، ئۆز-ئۆزۈمنى قانائەتلەندۈرىدىغان بىر جاۋاپ تاپالمىغان سوئال يەنە ئالدىمدا قادىلىپ جاۋاپ كۈتمەكتە: مۇسۇلمانلىق، تۈركلۈك سىياسەتلىرىدىن قايسىسى ئوسمانلې دۆلىتى ئۈچۈن تىخىمۇ پايدىلىق ۋە تەتبىقلىغىلى بولىدۇ؟

تەھرىر: پەرىزات غەيرەت

مەنبە: يۈسۈپ ئاكچۇرانىڭ «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش