ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تېئو-ئىستراتېگىيە ۋە مىسسىيونېرلىق نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان

تېئو-ئىستراتېگىيە ۋە مىسسىيونېرلىق نۇقتىسىدىن شەرقىي تۈركىستان

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

تېئو-ئىستراتېگىيە – پىروفېسسور دوكتور نادىم ماجىت ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى بىر ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنى تار مەنىدە «تەڭرى ئىستراتېگىيەسى» ياكى «تەڭرى پىلانى، ئىلاھىي پىلان» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. كەڭ مەنىدە دىننىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنىسى، قىممىتى، قوللىنىلىشى ۋە كۈچ بەرپا قىلىش شەكلى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نادىم ئەپەندى بۇ ئۇقۇمغا مۇنداق تەبىر بەرگەن: «تېئو-ئىستراتېگىيە ئېتىقاد ۋە كۈلتۈر جۇغراپىيەسىنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، ئېتىقاد ۋە كۈلتۈر قىممەتلىرى ئارقىلىق پەرقلىق دىن ۋە كۈلتۈر ساھەلىرىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشتىن ئىبارەت». ھازىر بۇ ئۇقۇم تۈركىيەدە دىننىڭ دۇنيا سىستېمىلىرى، يەنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت سىستېمىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئانالىز ۋە تەتقىق قىلىشتا كەڭ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
خىرىستىيان دۇنياسىدا «تەڭرىنىڭ پادىشاھلىقى» دېگەن بىر ئۇقۇم بار بولۇپ، ئېتىقاد بويىچە ياخشىلار بىلەن يامانلار ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كېلىدىغان ئارماگەددون (ئاتوم ئۇرۇشى) ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىيسا مەسىھ دۇنياغا ئىككىنچى قېتىم كېلىدۇ ۋە پۈتۈن دۇنيادا تەڭرىنىڭ پادىشاھلىقى قۇرۇلىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەت تەڭرىنىڭ پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مەسىھ دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ئىنجىلنىڭ پۈتۈن مىللەتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك. شۇڭا ئىلاھى ۋەزىپە بولغان مىسسىيونېرلىق مەسىھنىڭ ئىككىنچى قېتىم كېلىشىگە قەدەر داۋاملىشىشى لازىم. مىسسىيونېرلار بۇ ئىلاھىي پىلان بويىچە باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەرنى ئالدى بىلەن ئورتاق بىر ئېتىقاد ئەتراپىدا بىرلەشتۈرۈشكە، ئارقىدىن بۇلارنى خىرىستىيان ھاكىمىيىتىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ يەردىكى خىرىستىيان ھاكىمىيىتى غەرب كاپىتالىست ۋە ئىمپېرىئالىستلىرىنىڭ ھاكىمىيىتى بولۇپ، خىرىستىيانلاشتۇرۇلغان مىللەتلەر ئەينى ۋاقىتتا غەربنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسىغا، بۇ سىستېمىنىڭ قانۇن ۋە قائىدىلىرىگە بويسۇندۇرۇلغان بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مىسسيونېرلىق پائالىيەتلىرى دىنىي، سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك پائالىيەتلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلىم ساھەسىدە «شەرقشۇناسلىق» دەپ ئاتىلىدىغان «ئورىيانتالىزم» غەربلىكلەر شەرق مىللەتلىرىنى خىرىستىيانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن ئەڭ بۇرۇنقى تېئوئىستراتېگىيە ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان بۇ تېئو-ئىستراتېگىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن رايونلارنىڭ بىرى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىستاننىڭ شىمالىدا ئەنگلىيەلىك، جەنۇبىدا شىۋېتسىيەلىك مىسسىيونېرلار ناھايىتى جىددىي مىسسىيونېرلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ مەزگىلدە نەشر قىلىنغان بەزى ماتېرىياللارغا قارايدىغان بولساق، مىسسىيونېرلارنىڭ بۇ پائالىيەت ئۈچۈن قانچىلىك زور مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ ماتېرىياللارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەندىكىچە (بۇ يەردە تېما رەسىم كۆزنىكىدە كۆرۈنگەن كىتابلارنىڭ رەسىمى بار ئىكەن):
بۇ كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى ئىنگلىزچىدىن، ئەرەبچىدىن ۋە باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىلار ئاساسەن چەتئەللىكلەر بولغان، ئۇيغۇرلار بۇ ئىشتا پەقەت ياردەمچى رول ئوينىغان. بۇ چەتئەللىكلەر ئۇيغۇرچىنى قاچان ۋە قانداق ئۆگەنگەن؟ مەنبەلەرگە قارىغاندا، 15-، 16-ئەسىردىن باشلاپ ۋاتىكان ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ پۈتۈن تىللىرىنى بىلىدىغان فىلولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا قەشقەردە ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل بىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ بولۇشى بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس.
يۇقىرىدىكى ئەسەرلەردە «ئىيسا مەسىھنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرمىگەنلەر تەڭرىنىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن ئالالمايدۇ ۋە جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دېگەن ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان. غەرب مىسسىيونېرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىسسىيونېرلىك پائالىيىتىنى كېيىنكى مەزگىللەردىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. كۈنىمىزدە غەرب مىسسىيونېرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ۋە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا پائالىيەت قىلماقتا. 2009-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا «خىرىستىيان دىنى ۋە كاتولىك مەزھىپىنىڭ شىنجاڭدا تارقىلىشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات» (基督教,天主教在新疆的传播及现状调查与研究) ناملىق تەستىق نومۇرى 08027، خۇلاسە دوكلات نومۇرى 2010430 بولغان پىلان يۈرگۈزۈلگەن.

بۇ پىلاننىڭ خۇلاسە دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 1950-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ سانى ئاران 300 كىشى ئىدى. 1980-يىللاردىن، بولۇپمۇ 1990-يىللىرىدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە كاتولىك مەزھىپى تېز كېڭىيىپ، 2009-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ سانى 7000 كىشىگە يەتكەن. خىرىستىيانلار 1960-يىللاردا 1400 كىشى ئىدى. 1985- ۋە 1992-يىللىرى بۇ سان ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. 1998- ۋە 2000-يىللىرىدا خرىستىيان مۇرىتلىرى ئون مىڭ كىشىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن. 2004-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا 326 چېركاۋ بار بولۇپ، بۇلاردىن 123 ى رۇخسەتلىك، 203 ى رۇخسەتسىز ئېچىلغان. خىرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ سانى 43300 بولغان. بۇلاردىن 12505 كىشى بىڭتۈنگە تەۋە كىشىلەردۇر. خىرىستىيان مۇرىتلىرىنىڭ سانى 2007-يىلىدا 80 مىڭ ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنگەن. يەنى ئۈچ يىلدا بىر ھەسسە كۆپەيگەن. بۇ سۈرئەت بىلەن كۆپىيىدىغان بولسا، 2007~2013-يىللىرى ئارىسىدا بۇ سان يۈز مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. شەرقىي تۈركستاندا خىرىستىيانلىق ئاساسەن خىتايلار ئارىسىدا تارقالغان.

ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ خىرىستىيان دىنى تەرغىب قىلىنغان. قەشقەردە خىرىستىيانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئەنگە ئالغان 15 يىغىلىش ئورنى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگە ئېلىنمىغان، رۇخسەتسىز جەمئىيەت ۋە تەشكىلاتلارمۇ يوق ئەمەس. مىسسىيونېرلار بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئوقۇتقۇچى، دوكتور، سودىگەر سالاھىيىتى ئاستىدا ئۆيدە دىنىي مۇراسىم ئورۇنلاشتۇرۇش، تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرى ئېچىش، ئوقۇغۇچىلارغا چەتئەلدە ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش، كەمبەغەللەرگە ماددىي ياردەم بېرىش ئارقىلىق خىرىستىيانلىقنى تەشۋىق قىلماقتا.
بۈگۈنكى كۈندە مىسسىيونېرلار بۇرۇنقى «تەڭرى پادىشاھلىقى» دېگەن دىنىي ئۇقۇمنى «يەر شارىلىشىش»، «دۇنيا دۆلىتى»، «يېڭى دۇنيا تۈزۈمى»، «ئىنسان ھەقلىرى»، «دېموكراتىيە» دېگەن تەلەپپۇزلارغا ئۆزگەرتىپ ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ ئۇقۇم ۋە تەلەپپۇزلارغا خىرىستىيان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېئولوگىيەلىك كۆزقارىشى، ئىرادىسى، نىشان-غايىلىرى سىڭدۈرۈلگەن. سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن دۇنيا بىلەن پۈتۈنلىشىش ياكى بىر گەۋدىگە ئايلىنىش دەپ تەرىپلەشكە بولىدىغان يەر شارىلىشىش ئەسلىدە بىر تېئو-ئىستراتېگىيەلىك مودېلدۇر.

يەر شارىلىشىش دۆلەتلەرنى مىللىي مۇستەقىللىقىدىن، مىللەتلەرنى مىللىي ئەنئەنە ۋە مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، خىرىستىيان ئاساسىدىكى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ نوپۇز ساھەسىگە ئېلىپ كىرمەكتە. شۇڭا بۈگۈن ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن يەر شارىلىشىش تەھتىدىگە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلىرىگە رەھىمسىزلەرچە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىرىستىيان دىنىنىڭ تارقىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ غەربلىكلەر دىن تارقىتىش ئارقىلىق دىنىي نوپۇز ساھەسىنى كېڭەيتىشىنى كۆزلىگەن بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنى ئىسلام ئېتىقادىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى ۋە بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان ۋە تېز ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىشانىغا يېتىشنى كۆزلەۋاتقان بولسا كېرەك.
«ئۇيغۇر بىز» تورىدا 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى نەقىل قىلغان ئەنگلىيەدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتى: «خىتاي مەقسەتلىك ھالدا خىرىستىيان دىنىنىڭ تىبەتتە تارقىلىشىغا سەۋر قىلماقتا» (英国 «卫报»:中国有意容忍基督教在西藏传播) ناملىق خەۋەر خىتاينىڭ بۇ نىيىتىدىن بېشارەت بەرگەن. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى ھەققىدە خىتايغا قاراتقان بېسىمى مەزكۇر خەلقلەردىن كۆپرەك مىسسىيونېرلارغا پايدا ئېلىپ كەلمەكتە.

يەكۈنلەپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەقەلەرنىڭ تېگى-تەكتىدە تېئوئىستراتېگىيە بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى تەھلىل قىلغاندا، مەسىلىنىڭ تېئو-ئىستراتېگىيەلىك تەرىپىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك.

2019-يىلى 18-ئىيۇن، ئىزمىر – تۈركىيە

مۇھەررىر: ئادىل يۈسۈپ

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە 2017-يىلى 11-نويابىر ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئاپتۇر تەرىپىدىن ئوقۇلغان ئىدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش