ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئەجنەبىيلەرنىڭ يەنە بىر لوپنۇرلۇق دوستى-ئابدۇرېھىم

ئەجنەبىيلەرنىڭ يەنە بىر لوپنۇرلۇق دوستى-ئابدۇرېھىم

زۇلھايات ئۆتكۈر

18-ئەسىردىن باشلاپ غەرپلىك “گۆھەر ئىزدىگۈچىلەر” ئىچكى ئاسىياغا جايلاشقان تارىم ئويمانلىقىدىكى سىرلىق زېمىن لوپنۇر ۋە خوتەن رايونلىرىغا قەدەم بېسىپ، ئەسىرلەپ ئۇيقۇدا ياتقان تېنچ بوستانلىقنى ئويغىتىشقا باشلايدۇ. ئۆز تىرىكچىلىكى ۋە ئۆز ھايات چەمبىرىكىدە ياشاپ كەلگەن خەلق، بۇ ئەجنەبىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى يازما يادىكارلىق ۋە ئاسارە–ئەتىقىلەرنى گۆھەر ئورنىدا كۆرۈپ، ئۆز يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېتىشىگە ئىشىكنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بايلىقلارنىڭ غەرپ دۇنياسىدا تەتقىق قىلىنىپ، بىباھا باھالارغا ئېرىشىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. ئۇلار سانسىزلىغان كارۋانلارغا ساھىپخانلىق قىلىپ، ئۆز يۇرتلىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە باشلاپ بارغان، ئۇلارغا ماياك بولغانىدى. بۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىسىز ئەجنەبىلەر نە لوپنۇر كۆلىنى، نە كروراننى، نە نىيە، مىرەنلەرنى بايقىغان بولاتتى.
يەرلىك ئۇيغۇر خەلقى ئەجنەبىي سەيياھلارغا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل، تىرىشچان پەزىلەتلىرىنى ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، ئەجنەبىلەرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى ۋە كىتابلىرىدىن گۈزەل ئەخلاقىي تۈزۈمنىڭ شەجەرىسى سۈپىتىدە ئورۇن ئالغان ھەمدە تارىختا مەدھىيەلەر ۋە رازىمەنلىك تۇيغۇسى بىلەن ياد ئېتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە گەرچە سىتەيىن ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان دۇنيادىكى داڭلىق كىشىلەرنى “يالغان قوليازما” ياساپ تارىختا نامى پۇر كەتكەن ئىسلام بايغا ئوخشاش كىشىلەر؛ گۇننار ياررىڭنى ئالداپ “كىتاب سېتىش” باھانىسى بىلەن پۇل ئۈندۈرىۋالغان روزى ئاخۇنغا ئوخشاش شەخسلەرنىڭ بولمىغۇر ئىپادىلىرى تارىخ بەتلىرىگە يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەجنەبىلەر قەلبىدە مەڭگۈلۈك يۇقىرى ھۈرمەتكە ئېرىشكەن كىشىلىرىمىزمۇ بار ئەلۋەتتە.
كۆپ قىسىم كىشىلەر تارىم ۋادىسىدا سۋېن ھېدىن، پىرژاۋىلىسكى ، كوسلوۋ قاتارلىق ئېكىسپىدېتسىيەچىلەرگە يول باغلىغۇچى بولغان، لوپ ئابدال كەنتىنىڭ ئاخىرقى ئاقساقىلى “كۈنچىققان بەگ” ۋەلوپنۇرلۇق دۇنياغا داڭلىق “5-قەبرە” نى بايقاشتا رول ئوينىغان “ئۆردەك “ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، لوپلۇق يەنە بىر ئۇيغۇر -ئابدۇرېھىم ھەققىدە كۆپ مەلۇماتلارغا ئىگە بولمىسا كېرەك.

لوپنۇر رايونى شەرقىي تۈركىستانلىقلار تەرىپىدىن لوپ، ئاھالىلىرى لوپلىقلار دەپلا ئاتىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى لوپنۇر دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن ۋە دۇرال رايونىنى لوپنۇر ۋە چارقىلىق رايونىنى قاراقوشۇن دەپ ئاتايتتى. لوپنۇر خەلقى تەبىئەت ئېلان قىلغان جەڭلەرگە قارشى ئاخىرقى تىنىقىغىچە كۈرەش قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا رەھىمسىز مۇھىت ئالدىدا ئاخىرقى تامچىلىرىمۇ قۇرۇپ تۈپ تۈز شورتاڭلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. پېرژاۋىلىسكىنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، لوپنۇر رايونىدا 1876-يىللىرى جەمئىي 11 كەنت، 70 ئائىلە قالغان بولۇپ، 300 گە يېقىن كىشى بار ئىكەنتۇق. بۇ كەنتلەرنىڭ ئىچىدە ئابدال كەنتى ئەڭ باي ۋە يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بىر كەنت ئىدى. ئارىدىن 20 يىل ئۆتۈپ مەشھۇر تەۋەككۈلچى شىۋېتسىيەلىك سۋېن ھېدىن بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ. پىرژاۋىلىسكىغا يول باشلىغان ۋە ياردەمدە بولغان لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاقساقىلى، “كروراننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھى” – كۈنچىققانبەگ “ھېدىن تۆرەم” نى كۈتىۋالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېدىن تۆرەمنىڭ لوپنۇرغا رىشتىسى باغلىنىپ، تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 1899-يىلى يەنە بىر قېتىم لوپنۇرغا سەپەر قىلىدۇ. بۇ قېتىم كۈنچىققانبەگ ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئابدال كەنتىدە سۋېن ھېدىن قۇرۇق تاغقا جايلاشقان سىنگىرلىق ئابدۇرېھىم بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە ئۆزىگە بىر سىرداش دوست، ئەقىل پاراسەت ئۆگەنگۈچى تېپىۋالىدۇ.
ئابدۇرېھىم سىنگىر كەنتىدە ياشايدىغان بولۇپ، لوپنۇر رايونىدىكى تاكى ئاتمىش بۇلاققىچە بولغان رايونلاردا ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساناقلىق 2-3 ئوۋچىنىڭ بىرى ئىدى. دادىسى تېگى تۇرپانلىق ۋە سىنگىردە ياشىغىنىغا 40 يىلدىن ئاشقان ئەخمەت پاۋان دېگەن كىشى بولۇپ ، بولۇپ، تۆت پەرزەنتى بارىدى. ئۇنىڭ 200 قويى، 27 تۆگىسى، 2 ئېتى ۋە 10 كالىسى بولۇپ، قوي يۇڭىدا كىگىز ئېتىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى.
ئۇنىڭ سەككىز تۆگىسى بولۇپ، سۋېن ھېدىننىڭ قۇمدەريا ئېقىنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەتقىقاتى جەريانىدا ، بۇرۇن رۇس ئېكىسپىدېتسىيەچىسى كوسلوۋغا ياردەمچى بولغان ئابدۇرېھىمنى يول باشلىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئابدۇرېھىمنى ئۇنىڭ سەككىز دانە تۆگىسىنى قىممەت باھادا سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىگە يول باشلىغۇچى بولۇشقا تەستە قايىل قىلىدۇ. ئابدۇرېھىم ئاتمىش بۇلاققا بارغىچە ھەر بىر تۆگىنى يېرىم سەر پۇلغا ئىجارىگە ئېلىشقا، ئاندىن ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆز يۇرتى سىنگىرغا قايتىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىدۇ. چۈنكى سۋېن ھېدىنمۇ ئابدۇرېھىمدىن باشقا، پەم پاراسەتلىك، ئەخلاقلىق باشقا بىر يول باشلىغۇچىنى ئۇچراتمىغانىدى.
ئابدۇرېھىم ئۆزى ئەدەپلىك، دۇرۇست، چىقىشقاق كىشى بولۇپ، سۋېن ھېدىن ئۇنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ئەدەپلىكلىكىگە ئەڭ قول قوياتتى. ئابدۇرېھىم ئۇستا، كۈچلۈك ئوۋچى بولۇپ، تۆگە ئوۋلاۋاتقىنىغا 6 يىلدىن ئاشقان ئىدى. ئۇ شۇ ۋاقىتلارغىچە 13 تۆگە ئوۋلىغان بولۇپ، خېلى ئاسان توختىغانىدى. ئەمەلىيەتتە تۆگە ۋە ياۋا تۆگە ئوۋلاش ناھايىتى مۇشەققەتلىك بىر ئىش ئىدى. سۋېن ھېدىن باشلىغان كارۋان چۆلدە يېمەكلىك ۋە سۇدىن ئايرىلىپ قالغىنىدا ئابدۇرېھىم قارا بۇغرا (ئەركەك تۆگە) ئوۋلاپ ، ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.ئاخشاملىرى سۋېن ھېدىن ئابدۇرېھىمنى چاقىرتىپ ھەر كۈنى بىرەر سائەت ئەرتراپىدا مۇڭدىشىپ ئۇنىڭ كاللىسىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى سۈمۈرىۋالغىسى كېلىدۇ.
بۇ تۇپراقنىڭ ماگنېتى شۇ قەدەر كۈچلۈككى، ئەجنەبىلەر بۇ زېمىندىن ھېچ مەرىنى ئۈزەلمەيدۇ. 1930-يىلى سۋېن ھېدىن، نىلس ئامبولت، فولكې بېرگمان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە چوڭ ئەترەت بولۇپ، يەنە بۇ جايغا سەپەر قىلىدۇ. سۋېن ھېدىن جىددىي ئىش بىلەن ستوكھولمغا قايتىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نىلس ئامبولت ئابدۇرېھىم بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئابدۇرېھىم قۇرۇق تاغنىڭ ھەر بىر گىياھسىغىچە تونۇش بولۇپ، بۇ چاغدا قۇرۇقتاغنىڭ ئاھالىسى 50 ئەتراپىدىلا كىشىلەر قالغانىدى. ئابدۇرېھىم قەيەردە تاتلىق سۇ بار، قەيەردە قۇدۇق بار، قەيەردە ھايۋانلار ئىچىدىغان سۇ بار دېگەندەك جۇغراپىيەلىك بىلىملەرگە پىششىق بولۇپ، بۇ ئەترەتكە شۇنداقلا 50 يىلدىن بېرى بۇ رايونغا كەلگەن سەيياھلارغا تاغقا چىقىش ۋە قېدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدە مۇھىم ياردەمچىلىك رولىنى ئوينايدۇ. ئەترەتتىكىلەر نىڭ يېمەكلىك مەنبەسى كېسىلىپ قالغاندا، ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ، قوي بوغۇزلىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى يەرلىكلەر ياتلارغا ئاسانلىقچە مال ساتمايتتى، ئابدۇرېھىمنىڭ يۈزى بىلەن يەرلىك خەلقمۇ ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا باشلايدۇ. ھەتتا سورۇن تۈزەپ پات–پات بىرلىكتە قۇيرۇق يېغىدا پولۇ ئېتىپ بەزمە قىلىشىدۇ.
سۋېن ھېدىن ئابدۇرېھىم بىلەن قايتا كۆرۈشكەندە، ئۇ سۋېن ھېدىننىڭ 1901-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى، لوپنۇر كۆلنىڭ ئورنىدا ھەقىقەتەن ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، دەريانىڭ كۈنىگە چۆكىۋاتقانلىقىنى، 13 يىلدىن بېرى دەريانىڭ قۇمدەريا دېلتىسىغا ئېقىنىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇرۇنقى چاققان ئەپچىل ھەرىكەتلىرى بىلەن تۆگىگە مىنىدىغان ئابدۇرېھىم ھازىر ياشىنىپ قالغان بولۇپ، دۇنخۇاڭ سەپىرىدىن يېرىم يولدا بەرداشلىق بېرەلمەي قايتىپ كېتىدۇ.
پايدىلانغان مەنبەلەر:

«ناتونۇش يوللاردىكى مىڭ مىل»-سۋېن ھېدىن، 1905 (شىۋېتچە)
«لوپنۇر رايونىدىكى تەتقىقات»-سۋېن ھېدىن، 1902 (شىۋېتچە)
«كارۋان»-نىلس ئامبولت، 1935 (شىۋېتچە)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش