ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 5 – ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقى نىيۇيورك دەۋر مەيدانىدا خاتىرىلەندى

5 – ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقى نىيۇيورك دەۋر مەيدانىدا خاتىرىلەندى

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە ۋەتەن ئىلىپ بارغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بىرى بولغان 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. 10 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىش قانلىق باستۇرۇلغان ۋە نۇرغۇنلىغان ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. 10 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا  5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى نامايىشلار ۋە ھەر خىل قارشىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ كۈندە ئامېرىكانىڭ نىيويورك شەھىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر دەۋر مەيدانى (Time Square) دا 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى (Champaign for Uyghurs ) بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىدىن باشقا، نىيويورك ۋە پېنسىلۋانىيە شىتاتىدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تۈرك بولۇپ 20 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت چۈشتىن كىيىن سائەت 3:30 بىلەن (يەنى ئەسلى پىلان قىلغان ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن) باشلانغان بولۇپ، كەچ سائەت 6:00 بىلەن ئاخىرلاشتى.

پائالىيەت جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان بىر قىسىم رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىنغاندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نىيويورك شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى ۋە نەچچە يۈز پارچە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەت، ھازىرغا قەدەر نىيويورك شەھىرىدىكى دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىلدىكى پالىيەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ھەر خىللاشتۇرۇشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگىچە بىر پائالىيەت بولدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش