ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈرك جەمىئىيىتىنىڭ ئۆتمۈشى

تۈرك جەمىئىيىتىنىڭ ئۆتمۈشى

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

ئەينى ۋاقىتتا ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ مەمۇرلارنىڭ قىبلىگاھى بولغان بىزانستا خىلمۇخىل رايون، مىللەت ۋە ئىرقتىن توپلانغان ئەبجەش بىر تۈركۈم كىشىلەر بارلىققا كەلگەن ئىدى. بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىگە بىر ئاتاق ئىزدەپ، ئاخىرىدا «شەھەرلىك» دېگەن نامنى قوللىنىشنى قارار قىلىشتى. چۈنكى شەھەرلىكنىڭ مىللىتى يوق ئىدى.

سۇرۇرىينىڭ رەفىيئىي ئامىدىيغا خىتابەن:

«سەن ۋە مەن،

ھېچقايسىمىز،

ئەمەس شەھەرلىك،

مەنمۇ تۈرك،

سەنمۇ تۈرك»

دېگەن مىسرالىرىدىنمۇ چۈشىنىلگىنىدەك، «شەھەرلىك» تۈركمۇ ئەمەس، كۈرتمۇ ئەمەس، ئەرەبمۇ ئەمەس، ئارناۋۇتمۇ ئەمەس، پەقەت بارلىق مىللەتلەرگە دۈشمەن بىر گۇرۇھ. بۇ گۇرۇھ ئەرەبنى ياقتۇرمايتتى، كۈرتنى كۆزگە ئىلمايتتى، لازلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ، تۈركلەرنى كەمسىتەتتى.

ئەھمەد ۋەفىق پاشانىڭ «تاللانغان مەسەللەر» ناملىق ئەسىرىگە قارايدىغان بولسىڭىز، بۇ مىللەتچى ئىسىملارنىڭ ئورنىغا بىر مۇنچىلىغان ئورۇنسىز ماختاپ-ئۇچۇرۇشلارنى كۆرىسىز. شەھەرلىكلەردىن پەيدا بولغان بۇ مەسەللەر ئۆز ساھىبلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئىنتايىن ئايدىڭ پاكىتلاردۇر. تۆۋەندە مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت تۈركلەرگە ئائىت قىسمىنىلا نەقىل قىلىمەن:

تۈرك ئاتقا مىنسە ئۆزىنى بەگ چاغلار.

تۈرك بولغانغا شەھەر ئىچى زىندان بولۇر.

تۈرك ماختىنىشنى، ئەجەملەر قەدىرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

تۈرك ئىشى «ئۆتنىگە لاپقۇت» تۇر.

تۈرك ئالىم بولۇر، ئادەم بولماس.

تۈرك بىلمەس بايرامنى، غوت-غوت ئىچەر ئايراننى.

تۈرك بىلەن ياش تۇغۇلۇپلا ئانىدىن، ئۆگۈت ئالدى ئېشەك بىلەن مۇزايدىن.

تۈركنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن.

تۈركنىڭ ئۇيۇشمىسى بولماس.

تۈركنى بەگ قىلسا، تۇنجى بولۇپ دادىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ.

تارىخ كىتابلىرىدا بۇ شەھەرلىكلەرنىڭ مىللىي ناملىرى داۋاملىق «ئىدراكسىز تۈركلەر» ۋە «بەد ئەخلاق كۈرتلەر» دېگەندەك كەمسىتىش سۆزلىرى بىلەن يېزىلاتتى. بۇ ئەھۋال مىللەت ئېڭى ئويغانمىغان ۋاقىتلاردا ئۇنچىۋالا دىققەت تارتمايتتى. لېكىن كېيىنكى دەۋرلەردە مىللەتچىلىك ئېڭى زور دەرىجىدە ئىمتىيازغا ئېرىشكەندىن كېيىن تۈركتىن باشقا مىللەتلەر بۇ ھاقارەتلەرگە چىداپ تۇرالمايدىغان ھالەتكە كەلدى. بىر تەرەپتە خىرىستىيان مىللەتلەر ئاپتونومىيەلىشىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىگەن ۋاقىتتا، يەنە بىر تەرەپتە ئىسلام مىللەتلىرى ئۆز مىللەتچىلىكىدىن پەخىرلىنىشنىڭ ھەمدە باشقىلارنى ئۆز مىللىتىگە قارشى ئېغىز ئاچقۇزماسلىقنىڭ كويىدا ئىدى.

ئىسلام دۇنياسىغا مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى تۇنجى بولۇپ ئېلىپ كىرگىنى ئەرەبلەر بىلەن ئارناۋۇتلاردۇر. مىسىردا ئابدۇللاھ نەدىم ئەرەب مىللەتچىلىكىنى، ئىستانبۇلدا نەئىم بەگ فراشەرى ئارناۋۇت مىللەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلاتتى. بىر مەپكۇرىنىڭ كۈچىيىشى ئىككى تۇيغۇنىڭ ياردىمىگە موھتاج. بۇلاردىن بىرى: «مىللىي سۆيگۈ» دۇركى، مىللىي ئىپتىخارلار بىلەن خەلق ئەنئەنىلىرىدىن تۇغۇلىدۇ. ئىككىنچىسى: «مىللىي ئۆچمەنلىك»تۇركى، ھەر قانداق مۇستەبىتكە قارشى ئۆچ-ئاداۋەت ئويغىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

ئابدۇللاھ نەدىم بىلەن نەئىم بەگنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇشۇ مىللىي ئۆچمەنلىكنى ئويغىتىش ئۈچۈن «تۈرك دۈشمەنلىكى»نى كەڭ قانات يايدۇرۇشنى زۆرۈر دەپ قارىغان. ئەئرابىي پاشانىڭ داھىيسى بولغان ئابدۇللاھ نەدىمنىڭ تايانچلىرىدىن بىرى «تۈركلەرنى چۆرۈۋېتىڭلار» دېگەن خىتابى ئىدى. نەئىم بەگنىڭ كۆز-قاراشلىرى دۆلىتىمىزدە بازار تاپقان بولغاچقا، بۇ قاراشنىڭ قانداقلىقىدىن ھەممىمىزنىڭ ئاز-تولا خەۋرىمىز بار.

بۇنىڭدىن تەخمىنەن ئون يەتتە، ئون سەككىز يىل بۇرۇن مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ ئىستانبۇلغا كەلگىنىمدە، سىياسەت سەھنىسىدىكى مەشھۇر سىمالارنىڭ قاتارىغا ئۆتكەن بىر ئارناۋۇت دوختۇر ماڭا مۇنۇلارنى دېگەن ئىدى:

«بىز ئارناۋۇتلار مۇستەبىتلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن تۈركلەرگە ياردەم بېرىشكە تەييار. لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە پەقەت بىر ئابدۇلھەمىد ئىستىبدادىلا ئەمەس، بەلكى تۈرك ئىستىبدادى بار. بۈگۈنكى كۈندە ھاكىمىيەت تىزگىنىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغانلار دەرۋەقە تۈركلەردۇر. ئەگەر بۇ زالىم ھۆكۈمەتكە خاتىمە بەرمىسىڭىز، بىز قوراللىرىمىزنى سىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەخسكە ئەمەس، بەلكى بىۋاسىتە سىزنىڭ كۆكرىكىڭىزگە توغرىلايمىز».

شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ دىققەت قىلىپ كەلدىم، ئۇ كىشى تۈركلەرنىڭ تەرەققىي قىلغۇدەك سالاھىيەتكە ئىگە ئەمەسلىكى، ئەگەر تۈركلەر بىلەن دوست بولسا ئۆزلىرىنىڭمۇ يوقىلىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ يورغىلىتىپ ئارناۋۇت ياشلارنىڭ مىللەتچىلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتاتتى. ئۇ پەقەت ئارناۋۇت ياشلارغىلا مۇشۇنداق ئۆگۈتلەرنى بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئەرەب ۋە كۈرت ياشلىرىغىمۇ مۇشۇ ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرۈشكە ھەرىكەت قىلاتتى. ھەتتا تۈركلەرنىڭ تەبىئىتى پەس، مەدەنىيەتسىز كىشىلەر ئىكەنلىكىگە تۈركلەرنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ ئىشەندۈرۈشكە تىرىشاتتى. دەرۋەقە ئۇ چاغلاردا تۈرك ئىسمىنى قوبۇل قىلغان بىرەر كىشىمۇ يوقتەك قىلاتتى.

ئىستانبۇللۇقلار ئۆزلىرىگە «شەھەرلىك» دەپ ئاتايتتى، ياقا يۇرتلۇقلارنى بولسا جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن يىراق-يېقىنلىقىغا قاراپ ئارناۋۇت، ئەرەب، كۈرت ۋە لاز دەيتتى. رۇمئەلىي ئاھالىسى ئاساسەن ئارناۋۇت ئىدى، قارا دېڭىز ساھىلىدا پەقەت لازلار، شەرقىي ئانادولۇدا پەقەت كۈرتلەرلا ئولتۇراقلاشقان ئىدى. مۇشۇنداق بىر جۇغراپىيەلىك مىللەت نامى تاپالمىغانلارمۇ ئۆزلىرى خالاپ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق دەپ قارىغان مىللەتلەردىن بىرىگە تىزىملىتاتتى. شۇنداق قىلىپ ئەسلىي تۈرك بولغان كۆپلىگەن ياشلار ئارناۋۇتلۇقلۇقى، ئەرەبلىكى ياكى كۈرتلۈكى بىلەن پەخىرلىنەتتى، ئەمما تۈركلۈك بىلەن پەخىرلىنىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. «تۈرك» سۆزى خۇددى يامان ئاتاقتىكىدەك، ھېچكىم ئۇنى ئېتىراپ قىلمايتتى. «تۈرك» شەرقىي ئانادولۇدا «قىزىل باش»، ئىستانبۇلدا «سەھرالىق تومپاي» مەنىسىدە ئىدى. نەئىم بەگنىڭ ئەڭ روھلۇق دوستلىرىدىن ئىككىسى نەسەب جەھەتتىن تۈرك ئەۋلادى تۈرك ئىدى. مۇشۇلارنىڭ ئۆگۈتلىرى بىلەن تۈرك ئىكەنلىكىدە قىلچە گۇمان بولمىغان بىر قىسىم دىياربەكىرلىك ۋە ھارپۇتلۇق دوختۇرلارمۇ ئۆزلىرىنى كۈرت ھېسابلايتتى.

تارىختا بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋالنىڭ يەنە بىر مىسالى بولمىسا كېرەك. سىرتقى جەھەتتىن ياۋروپالىقلار تۈركىيەدىكى مۇشۇنداق سەتچىلىكىلەر تۈپەيلىدىن پەقەت تۈركلەرنىلا قارىلايتتى، ئىچكىي جەھەتتىن بولسا مۇسۇلمانلارمۇ، مۇسۇلمان بولمىغانلارمۇ، بارلىق مىللەتلەر ئوردىنىڭ مۇستەبىتلىكى، مەمۇرلارنىڭ زۇلۇملىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يولسىزلىقلىرىغا پەقەت تۈرك مىللىتىنىلا جاۋابكار، دەپ قارايتتى. شۇنداقتىمۇ تۈرك مىللىتى «مەن تېخى ھايات» دېمەيتتى. ئوتتۇرىدا ھەممە كۆز تىككەن بىر مەسئۇلىيەت يۈكى بار ئىدىكى، ئۇنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھېچبىر مۈرە يوق ئىدى. تۈركلەر ھېچبىر مىللىي مەجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدىغان، ئۆز بېشىمچى كىشىلەر ئىدى. مىللىي ۋىجدانغا، مىللىي مەپكۇرىگە ئىگە بولمىغان بىر توپتىن ئەخلاق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە پىداكارلىقنى كۈتمەك بىھۇدىدۇر. خاراكتېر جەھەتتىن ئىنتايىن ئېسىل بولغان تۈركلەرنىڭ ئىجتىمائىي جەھەتتىن بۇنچىۋالا چىرىكلىشىپ كېتىشى، پەقەت «ئۆزىنى تونۇماسلىق» ۋە «مىللىي مەسئۇلىيىتىنى بىلمەسلىك» خاتالىقلىرىدىن بولىدۇ.

دۇرۇس، ياۋروپالىقلارنىڭ دېگىنى ھەقىقەت. ئابدۇلھەمىد ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىدىن ھېساب بېرىشكە جاۋابكار بولغىنى تۈركلەر ئىدى. پارلامېنت تەشكىللەنگەندىن كېيىن قانداق بىر گۇرۇھ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسۇن، ئۇلارنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىگە تۈركلەر جاۋابكار ئىدى. چۈنكى بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاشۇلار زىيانغا ئۇچرايتتى. ئارناۋۇتلار ئىسيان كۆتۈرسىلا گۇرۇھ-گۇرۇھ ئايرىماستىن، پۈتۈن تۈرك مەمۇرلارنى ئىشتىن ھەيدەپ، قولغا چۈشۈرگەن تۈرك ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى ئۆلتۈرەتتى.

ئىسلاھاتچىلار تۈرك جەمئىيتىنىڭ يۈزىگە ساختا نىقاپ تاقىماقچى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرەر مىللىي تۈرك تىلى يوق بولۇپ، پەقەت پۇقرالار ئارىسىدا ئورتاق بولغان ئوسمانلىچە بار ئىدى. بارلىق مىللەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتكەن يېڭى بىر مىللىي ئەۋرىشكە، تارىخىي بىر ئىرق بولغان ئوسمانلى مىللىتى مەيدانغا كەلگەن ئىدى. بۇ مىللەتنىڭ خاس بىر تىلى بولغىنىدەك، ئۆزگىچە بىر تارىخىمۇ بار ئىدى.

ئەمما بۇ يالغانغا ھېچبىر پۇقرا ئىشەنمىدى، ھەر مىللەت مەكتەپلىرىدە پەرزەنتلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى ئوقۇتتى، ئۆزىنىڭ تىلىنى ئۆگەتتى.

ئىسلاھاتتىن كېيىن بۇ نىقاپقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەندە ھەر قايسى مىللەتلەر: «بىزنى تۈركلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر» دەپ چوقان سېلىشقا باشلىدى. دەرۋەقە بۇ ئوسمانلىلاشتۇرۇش سىياسىتى تۈركلەشتۈرۈشنىڭ يوشۇرۇن بىر ۋاسىتىسى ئىدى. ئوسمانلىلىقتىن مەقسەت «دۆلەت» بولسا، ھەر بىر ئوسمانلى پۇقراسى مۇشۇ دۆلەتنىڭ بىر گىراژدانى ئىدى. ئەمما بۇنىڭدىن مەقسەت، تىلى «ئوسمانلىچە» بولغان يېڭى بىر «مىللەت» پەيدا قىلىش بولسا، ئوسمانلىچە تۈركچىدىن باشقا بىر نەرسە بولمىغاچقا، بۇ يېڭى مىللەت باشقا نام ئاستىدىكى بىر تۈرك مىللىتى بولاتتى. بۇنى پۇقرالار ئىنتايىن ياخشى چۈشىنىپ يەتكەن بولغاچقا، ئۆز مىللەتچىلىكىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈمىنى بارغانسېرى چىڭىتتى.

بۇ ئىسلاھات تۇزىقىغا چۈشكەنلەر پەقەتلا تۈركلەر بولدى. تۈركلەر تىللىرىنىڭ ھەقىقەتەن «ئۈچ تىلدىن تەركىب تاپقان ئوسمانلىچە» بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، خەلق تىلىدا سۆزلەش ۋە يېزىشنى بىر ئۈمىد، دەپ چۈشەندى. ئىسلاھات روھى پارلامېنت ئارقىلىق خەلقكە يۈرگۈزگىلى بولىدىغان بىر ھاكىمىيەت بەرمىگەن يەردە، ئەلۋەتتە قوللىنىشچان تىلىنى بەرمەيتتى، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىتى ۋە مىللىي تارىخى ھەققىدە توختىلىشىغا قەتئىي قاراپ تۇرالمايتتى.

تۈرك ياشلىرى بىر تەرەپتىن تىل بىلەن ئەدەبىيات ئاددىيلاشمىسا، مىللىي مەپكۇرە روھلاردا بىخ سۈرۈپ، ۋىجدان ۋە پىداكارلىق روھىنى ئويغىتالمىسا، مىللىي ئىقتىساد ھاياتلىق كۈرىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىسا تۈركلۈكنىڭ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوسمانلىلىقنىڭ ۋە ئىسلاملىقنىڭمۇ يوق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ساختا نىقاپنى ئېلىپ تاشلىمىغۇچە ھېچبىر پۇقرانى روھىنىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەندۈرەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە شۇنىڭغا بىنائەن پۇقرالارنىڭ ئۇيۇشۇش غايىسىنىڭ قەتئىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى. بۇلاردىن سىرت، بارلىق مىللەتلەر تەشكىللىنىپ بولغان بولسىمۇ تۈرك ئىپتىخارلىرىدىن سۆز ئېچىلماسلىقى، تۈرك ياشلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ۋەكىل بولۇش نەتىجىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدى. نەتىجىدە بۇ ئۈچ سەۋەبنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركلۈك مەپكۇرىسى ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ يېڭى مىللەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى پۈتۈن خەلقلەرنىڭ مىللەتچىلىرى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. پەقەت «شەھەرلىك» ۋە «ئىسلاھاتچى» تىپىغا مەنسۇپ بولغانلارلا بۇنىڭدىن مەمنۇن بولمىدى.

ئەجەبا، تۈركلەردە مىللەت ئېڭىنىڭ ئويغانغانلىقىنىڭ پايدىسى بولدىمۇ ياكى زىيىنى بولدىمۇ؟

بۇنىڭ ھېچقانداق زىيىنىنى كۆرگەن ياكى كۆرسەتكەن بىرسى بولمىدى، ئەمما پايدىلىرى ساناپ بولغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۆپ ئىدى: تۈركچىنىڭ ئاددىيلىشىشى، مورفولوگىيەمىزنىڭ يات تىلنىڭ قائىدىلىرىدىن قۇتۇلۇشى، شېئىرىمىزنىڭ مىللىي ۋەزىندە يېزىلىشى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۇنان ۋە ئىراننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، مىللىي ھېكايە ۋە ئەپسانىلەر بىلەن بېزىلىشى، مىللىي سەزگۈرلۈك بىلەن بىرگە بىرلىشىپ كەتكەن، قەتئىي ئايرىلمايدىغان دىنىي سەزگۈرلۈكنىڭ باشلىنىشى، ئۆزىمىز مەنسۇپ بولغان ئۈممەت بىلەن خەلقئارالىشىشنىڭ مۇئەييەنلىشىشى، مىللىي ئىقتىساد، مىللىي تەنھەرىكەت ۋە مىللىي ئەخلاقنىڭ بايقىلىشى، ياشلاردا بىر مەپكۇرە ئۈچۈن جان پىدا قىلىش روھىنىڭ تۇغۇلۇشى، جەمئىيەت ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر ئاڭ مەۋجۇت بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزئارا چۈشىنىشنىڭ قولايلىشىشى، ھەر بىر شەخس تەرىپىدىن مىللىي مەسئۇلىيەتنىڭ ھېس قىلىنىشى ۋە ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى قاتارلىقلار.

بۈگۈنكى كۈندە مىللەتپەرۋەر بىر تۈركنىڭ ھەر بىر يۈرۈش-تۇرۇشى بىلەن خەلقىنى مۇداپىئە قىلىشقا ۋە ئۇنى يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىش مەجبۇرىيىتى بار. ئۇنداق بولغان ئىكەن، بۇلار ئامال بار خۇسۇسىي قىزىقىشلاردىن ۋە شەخسىي غەرەزلەردىن ساقلىنىپ، ئولتۇرسا-قوپسا پەقەت مۇقەددەس ۋەزىپىلىرىنىلا ئويلايدۇ. تۈرك ياشلىرى بۈگۈنكى مۇقەددەس ۋەزىپىنىڭ تۈركلەرنىڭ پۈتۈن سىياسىي گۇرۇھلار ۋە بارلىق ئىجتىمائىي ئېقىملارنىڭ ئۈستۈن بىر شەكىلدە بىرلىشىشى ئىكەنلىكىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشەنگەن. بۇ بىرلىك ئىشقا ئاشقاندا ئىسلاملىقنىڭ بىرلىكى ۋە ئوسمانلىلىقنىڭ تاماملىنىشى تېخىمۇ ئىشەنچلىك بىر ۋەزىيەتكە ئۆتىدۇ.

تۈرك خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى چۈشىنىپ يېتىپلا ئەرەبلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن نېمىگە ھەقىقىي موھتاجلىقىنىمۇ پەملىدى، شۇنداقلا باشقا پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجلىرىنىمۇ پەقەت مۇشۇ يېڭى ئاڭنىڭ نۇرى ئارقىلىق كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.

يۇقىرىدا ھۆكۈمەتنىڭ ۋە سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن تۈرك جەمئىيىتىنىڭ ھالسىراپ كەتكەنلىكىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ كۈچلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرمۇ يەنە تۈركلەر بولماقتا.

مەسىلەن، ھۆكۈمەت ئەرەبلەرگە بىر قىسىم ياردەملەرنى بەرگىنىدە بۇ يېقىنلىققا «تۈرك-ئەرەب دوستلۇقى» دېگەن نام بېرىلدى. «ھۆكۈمەت» بىلەن «ئەرەبلەر»نىڭ ياكى «ئىتتىپاقلىشىش ۋە تەرەققىيات» ئارقىلىق «ئەرەبلەر»نىڭ ئۆزئارا يېقىنلىشىشى دېيىلمىدى.

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈرك خەلقى «مەن تېخى ھايات» دېگەندىن كېيىن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇيدۇ ھەمدە بۈگۈن مىللەت ئېڭىدىن ۋاز كېچەلمەيدىغان دىنداش ھەم ۋەتەنداشلىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلىشىش يولىنى تاپالايدۇ.

ئۆتمۈشتە ئۇزۇن مەزگىل دەۋران سۈرۈشىگە ئىشەنچ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچبىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋەدىلىرىگە ئىشىنەلمىگەن پۇقرالار كەلگۈسىدە مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيىتىنى تونۇيدىغان، ئۆلمەس تۈرك خەلقىنى كۆرگىنىدە بۇ تەمكىن مەۋجۇدىيەت بىلەن چىقىشىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرۈپ يېتىدۇ ۋە بۇنداق بولغاندا ھازىر قىلغانلىرىغا ئوخشاش، چەتئەللىك كۈشەندىلىرىنى خالاش تەرەپدارى بولمايدۇ. تۈركلەر ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەشكە باشلىغاندىن كېيىن باشقا خەلقلەرنىڭ مىللەت ئېڭىغىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى تونۇغاندىن كېيىن باشقا پۈتۈن خەلقلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيەت ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدۇ. دېمەك، «ئۆزىنى تونۇغان باشقىلارنىمۇ تونۇيدۇ».

بىر قىسىم كىشىلەر پۈتۈن ئوسمانلى خەلقىدىكى مىللەت ئېڭىنى نورمال ھەم توغرا دەپ قارىغىنىدا، بۇنىڭدىن پەقەت تۈركلەرنىلا مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار: «تۈركلەر ھۆكۈمران مەرتىۋىسىدە بولغاچقا بارلىق مىللىي ھەق-ھوقۇقلارغا ئاللىقاچان ساھىبتۇر، مىللەت ئېڭى ئارقىلىق يېڭىدىن قولغا كەلتۈرۈشى زۆرۈر بولغان، تارتىۋېلىنغان مەنپەئەتلىرى يوق» دېيىشىدۇ. بۇ زاتلار: «ئوسمانلى دۆلىتى بىر تۈرك دۆلىتىدۇر» دېگەن بولسا ئىدى، بەلكىم بۇ ئېتىرازلىرى توغرا بولاتتى. ھالبۇكى بۇ دۆلەتنىڭ «ئوسمانلى» نامى ئاستىدىكى پۈتۈن پۇقرالار بىر ھاكىمىيەت ئارقىلىق ئىدارە قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇ دۆلەت بىر تۈرك ئاساسىي قانۇنى ئارقىلىق ئىدارە قىلىنمىغان بولغاچقا، سىياسىي جەھەتتىن تۈركلەرنىڭمۇ باشقا خەلقلەردىن ھېچقانداق پەرقى يوق. ئۇنداق بولغان ئىكەن، تۈركلەرنىڭمۇ باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش مىللىي ۋىجدانغا ھەم مىللىي تەشكىلاتقا موھتاجلىقىنى ئىنكار قىلماسلىق كېرەك.

تۈركلەردە مىللەت ئېڭى ئويغىنىشقا باشلىغاندا تۈرك سۆزى باشقا خىلدىكى ھۇجۇملارغا ئۇچرىدى. خۇددى ھۇلاگونىڭ ۋەھشىيانە زۇلۇملىرى بىلەن تۈركچىلىك ئارىسىدا بىرەر مۇناسىۋەت باردىكىدەك، ھۇجۇم سۇيىقەستلىرى پىلانلاندى، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركچىلىك ئىسلامچىلىققا قارشى، دېگەن بوھتان بىلەن قارىلاندى.

ئەمەلىيەتتە تۈركچىلىك ئېقىمىدىكىلەرنىڭ نىشانى زامانىۋى بىر ئىسلام تۈرك جەمئىيىتى بەرپا قىلىشتۇر.

تۈركچىلىك ئېقىمىدىكىلەرنىڭ مىللەت مەپكۇرىسى تۈركلۈك بولسا، ئۈممەت مەپكۇرىسىمۇ ئىسلاملىقتۇر. مېنىڭچە تۈركچىلىك ئېقىمىدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە بىر ئۈممەت پروگراممىسىمۇ بولۇشى ھەمدە ئاساسلىق نىشانلىرى مۇنۇلار بولۇشى كېرەك:

1) پۈتۈن مۇسۇلمان خەلقلەرگە ئورتاق بولغان ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئۆزگەرتمەستىن قوغداپ قېلىش.

2) پۈتۈن مۇسۇلمان خەلقلەر ئىچىدىكى ئىلمىي ئاتالغۇلارنىڭ ئورتاق ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتى ئارىسىدا ئاتالغۇچىلىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىش ھەمدە ئاتالغۇلارنى تۈركچىدىن، ئەرەبچىدىن ۋە قىسمەن پارسچىدىن ياساپ چىقىش، (بۇ نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن پارستا تۈرك، مىسىرلىق، ھىندىستانلىق ۋە ئىرانلىق ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر ئۇيۇشما قۇرۇلغان).

3) پۈتۈن مۇسۇلمان قەۋملەرگە ئورتاق بولغان تەلىم-تەربىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن تەلىم-تەربىيە قۇرۇلتايلىرىنى ئېچىش.

4) پۈتۈن مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئىزچىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

5) ئىسلام ئۈممىتىنىڭ سىمۋولى بولغان «ھىلال»نىڭ مۇقەددەسلىكىنى قوغداش.

مۇشۇ ئاساسلاردىن شۇنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، تۈركچىلىك بىرلا ۋاقىتتا ئىسلامچىلىقتۇر. پەقەت تۈركچىلىك ئېقىمىدىكىلەرلا «ئىسلام ئۈممەتچىسى» دېگەن نام بىلەن ئۆزلىرىنى «ئىسلام مىللەتچىلىرى»دىن ئايرىيدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مىللەت ئېڭىنى چەكلىگەن بۇنداق بىنورمال بىرلىكنى تۈركلەرمۇ، ئەرەبلەرمۇ، ھىندلارمۇ، ئافغانلارمۇ، بەربەرلەرمۇ ۋە پارسلارمۇ قوبۇل قىلمايدۇ. تۈركلەر مىللىي مەپكۇرىلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن دىنداش ھەم ۋەتەنداشلىرى بولغان ھېچقانداق خەلقكە قارشى «مىللىي ئۆچمەنلىك»نى تەشۋىق قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققىنى يوق، شۇنداقلا ئىسلام ئۈممەتچىلىكىنى چۈشىنەلمىگەن ئابدۇللاھ نەدىملەرنىڭ ۋە فراشەرلى نەئىملەرنىڭ خاتا يولىغا كىرىپمۇ قالمىدى.

مىسىردا ۋە ئارناۋۇتتا خىرىستىيان مىسىرلىق ۋە ئارناۋۇتلۇقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەم ھەسسە قوشۇشى مۇشۇنداق خاتا ھەرىكەتكە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. تۈركلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولغاچقا، تۈركچىلىك ئېقىمىدىكىلەر ھېچقاچان ئىسلام ئۈممەتچىلىكىگە قارشى ئىدىيەدە بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركچىلىك ئېقىمىدىكىلەر چاغداشلىشىش ئۈچۈن مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەرگە قارىتا بۇ مەدەنىيەت دەۋرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «ئىسلاملىشىش، تۈركلىشىش ۋە چاغداشلىشىش» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش