ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » جاۋابىمىز

جاۋابىمىز

تۈرك گېزىتى مۇخبىرى كامال بەينىڭ «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىگە يازغان جاۋابى.

1904-يىلى 26-ماي

ئاپتۇرى: كامال بەي

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

تۇنجى سانىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدە ناھايتى تەپسىلى مەلۇمات بىرىپ ئۆتكەن بولساقمۇ گېزىتىمىزنىڭ ئاساسې نشىانى ھەققىدە بىزدىن يەنە ئىزاھات بىرىش تەلەپ قىلىنىۋاتىدۇ: «ئۈچ خىل سىياسەت» ماۋزۇسى بىلەن ئالدىنقى سانلىرىمىزدا ئىلان قىلىنغان ئۇزۇن بىر ماقالىدىكى تۈرك بىرلىكى، ئىسلام بىرلىكى ۋە ئوسمانلې مىللىيەتى دەپ نام بىرىلگەن ئوخشىمىغان ئۈچ خىل سىياسى پوزىتىسىيە ئىچدىن قايسىسىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى چۈشىنەلمىدۇق دىيىشىۋاتىدۇ.

باشقا تىمىغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى بۇ سوئالغا جاۋابەن شۇنداق دەيمىزكى:« بىزگە نىسبەتەن تۈركنى ئىسلامدىن، ئىسلامنى تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلېلېىقتىن، ئوسمانلېلېقنى تۈركتىن، ئىسلامدىن ئايرىمەن دىيىش بىرنى ئۈچ قىلىمەن دىگەنلىكتۇر. بۇلارنى تەسەۋۋۇر قىپ باقساقمۇ، پىكىر سۈپىتىدە ئەقلىمىز قوبۇل قىلمايدۇ».

بۇلارنى پەقەت قەغەز يۈزىدە ئايرىش، ئاندىن چارىسىز تارىخىنى، ئىشنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىچارىلەرنىڭ ئىغىزى، تىلى  ياكى بۇ يۈزەكى كۆز قاراشلارغا ئاساسەن دەۋىرمۇ- دەۋىر، سىنىپمۇ-سىنىپ خالىغانچە بۆلۈپ بىر دەۋرىرنى ئىسلام بىرلىكىگە، يەنى بىر دەۋىرنى ئوسمانلې مىللىيەتىگە، ئەڭ ئاخىرقى قىسىىنى تۈركلەرنىڭ بىرلىكىگە ئايرىماق ناھايتى ئاسان. چۈنكى بۇلار بىرقاتار ئىلمى مۇنازىرە ۋە ئەدەبى ماھارەتلەردۇر. ئەمما «تۈرك» گېزىتى دۇرۇس ئەمەللىرىنى بۇ يولغا پىدا قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ھەقىقەتچىل، ئەمەلىيەتچىل يول تۇتىدۇ. شۇ ھەقىقەتكە ھەممىمىز ئىشىنىشىمىز كىرەككى، پادىشاھلىرىمىزدىن، ھۆكۈمەت ئەرباپلىرىمىزدىن، ھەتتا ئۆلىمالىرىمىزدىن، شەيىخلىرىمىزدىن بەلكى تۈركنى ئىسلامدىن، بولۇپمۇ ئىسلامنى تۈرۈكتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلېلېىقتىن بەكرەك سۆيىدىغانلار، ئۈستۈن كۆرىدىغانلار بولدى! ئەلۋەتتە بولدى…

چۈنكى، ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەزىلىرىمىز دىندار، بەزىلىرىمىز ئەركىن پىكىرلىك بولىمىز. بۇ گەپ-سۆز، ئىش- ھەركەتلىرىمىزدىمۇ نامايەن بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھىچبىر پادىشاھىمىز، ھىچبىر ۋەزىرىمىز ۋە ھچىبىر مۇتەپەككۇرىمىز ئۆتمۈشتە ياكى يىقىن تارىخىمزدا ئىسلام بىرلىكى، ئوسمانلې مىللىيەتى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى قۇرىمىز دەپ ئۆزىنى ئۇپراتمىدى. سۇلتان مەھمۇت ۋە رەشىد پاشادىن تاكى ئەلى، فۇئات ۋە مىتھات (ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ ۋەزىرلىرى پاشا ئۇنۋانى بىلەن ئاتىلىدۇ-ت) پاشالارغىچە چوڭلىرىمىزنىڭ ھىبچبىرى بۇلغارلارنى [1]، سېبىرلارنى [2]، ئەرمەنىيلەرنى [3]، ئۇلاھېلارنى [4]، مارۈنېلارنى [5]، كەلدانىيلارنى ئوسمانلې مىللىتى ئىچىدە ئىرىتىۋتىمىز دەپ خام خيال سۈرمىدى. چۈنكى ھەممىسى شۇنى ئىنىق بىلەتتى: فىرانسىيە ئىنقىلابىدا ناپالىيۇننىڭ ئۇ رەڭگارەڭ داستانى، زەپىرى ۋە ئەسىرىنى كۆرگەندىن كىيىن، ياۋرۇپادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىدە ئويغىنىشقا، ئۆتمۈشىدىن كەلگۈسىگە قاراپ يۈزلىنىشكە، مەۋجۇتلۇقىنى ھەقىقى چۈشىنىپ يىتىشكە، ئارزۇلاشقا باشلىغان بۇ مىللەتلەرنى ئۇنداق ئوسمانلې مىللى بىرلىكى شەكىللەندۈرىمز دەپ ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئوچۇق قىلىپ ئىيىتقاندا، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق بولاتتى. كىشىنىڭ ئەقلىگىمۇ سىغمايىتتى. ئوسمانلېنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇش ئۇسلۇبىنى ياۋرۇپانىڭ يىڭى پىكىرلىرىگە ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، دەۋىر سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پايدىلىنىپ بۇ قەۋىملەرنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمرانلىقىمىز ئاستىدا تۇتۇشقا تىرىشىش نورمال ۋە مۇۋاپىق ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. تىخىمۇ توغرىسى، شۇنداق بولىشى ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەر سەرىپ قىلىندى.

مەسىلىنىڭ ماھىيىتى مۇشۇنداق ئاددى، ئوچوق تۇرسا: «خەلق ئارىسىدىكى دىن ۋە مىللەت زىددىيەتلىرىنى ئويلاشماستىن يالغۇز بىر مىللەتنى ئاساس قىلىپ، باشقا مىللەتلەرنى قوشۇۋىلىش ۋە ئوخشىتىۋىلىش ئارقىلىق ئامرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئامرىكا مىللىتىگە ئوخشاش ئورتاق بىر ۋەتەن ئىڭى بىلەن بىرلىككە كەلگەن يىڭى بىر مىللىيەت، ئوسمانلې مىللىيەتى يارىتىش خىيالىغا غەرىق بولۇش ئوچۇقىنى دىگەندە بىزگە غەلىتىراق تۇيۇلىدۇ!  بۇ پىكىرنى بىرەر پادىشاھ ياكى بىرەر ۋەزىرنىڭ پىكرى دىيىش ئاسان. ئەمما بۇنى تارىخى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ. بىر تىل، بىر غايە، بىر مەقسەت بىلەن قۇرۇلۇپ بارلىققا كەلگەن ئامرىكا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ئوسمانلې خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئارىسدا قايسى دەۋىردە، قايسى جەھەتتىن بولسۇن ئوخشاشلىق بار دەپ پەرەز قىلىش تارىخى پاكىتلارنى ۋە رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمەيدىغان تەسەۋۋۇرلاردۇر.

تارىخنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، مۇرەككەپلەشتۈرۈپ مەجبۇرى دەلىل كۆرسىتىمەن دىيىش ئىلمىيلىككە زىت كىلىدۇ. مەسىلەن، پەرەز قىلىپ باقايلى فىرانسيەدە 3-ناپالىيۇن ھەقىقەتەن بىر مىللىيەت تەرەپتارى ئىدى. ئىتالىيان، نىمىس مىللىيەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھەتتاكى، فىرانسىيەنىڭ مەنپەئىتىگە زىت ۋاستىلەرنىمۇ قوللاندى. نىمىس ۋە ئىتالىيان مىللىيەتلىرى شەكىللىنىپلا تۇنجى ھۇجۇمدا فىرانسۇزلارغا قارشى سەپتە تۇردى. نىمە بولۇشىدىن قەتئينەزەر، ئۇ ھۆكۈمدارنىڭ ئىنقىلاپنىڭ پەلسەپىسىدىن كىلىپ چىققان بۇ مىللىيەت پىكرى، ھەم باشلنىش ھەمدە ئاخىرلىشىش بولۇپ قالدى. ناۋادا 3-ناپالىئۇن ئوسمانلې سىياسىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ پەرەز قىلىنسا، ئۇمۇ دۆلىتىمىزنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كىتىشى بىلەن ۋە ئازدۇر-كۆپتۇر ھۆكۈمرانلىقىمىز ئاستىدا ياشايدىغان ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ، ئەڭ بىشىدا بۇلغارلارنىڭ، مۇئەييەن دەرىجىدە  سېرىپلارنىڭ، رۇملارنىڭ  ئۈزۈل-كىسىل مۇستەقىل بولۇشى بىلەن مۇمكىن بولاتتى. ھەتتا، مەلۇم دەرىجىدە شۇنداقمۇ بولدى. 1858-يىلىدىكى بىر مەجلىستە فىرانسىيە بەزى مەملىكەتلەرنىڭ ئوسمانلې ئىگىدارچىلىقىدىن چىقىپ كىتىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. سېبرىستان ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇ ۋاقىتتا ڧىرانسىزلارغا قالغان بولسا تاكى سۈرىيەنىڭ مارۇنىلىرىدىن بۇلغارلار ۋە ئەرمەنىيلەرگىچە تەبىئى بىر مىللىيەت قالدرۇمايىتتى. مۇستەقىللىقنى كۆپۈككە ئايلاندۇراتتى. بۇ رىئاللىقلارنى نەزەرگە ئالماستىن:” ئوسمانلې مىللىيەتى پىكرى ئەلى [6] ۋە فۇئات پاشالار [7] دەۋرىدە بەكرەك كۈنتەرتىپتە بولدى. فىرانسۇز قائىدىسىكى، ئۈممەتنىڭ رايلىرى بىلەن مىللەت تەشكىل قىلىشىنىڭ تىپىك ۋەكىلى 3-ناپالىيۇنمۇ بۇ غەرىپپەرەس پاشالارغا يانتاياق بولۇپ بىرەتتى” دىمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش بىلەن روياپقا چىقاتتى. تارىخ تارىختۇر. لىكىن بىز تارىخقا ئەقلىمىز بىلەن، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمزكىرەك. ئاڭلىماققا يىقىملىق تۇيۇلىدىغان تارىخى ۋەقەلەرگە دەلىل كەلتۈرۈشتە، تارىخى ئەرباپلارنى ۋە ۋەقەلەرنى شاھىت قىلىش ئۇ شاھانە ئىلىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.

ئوسمانلې مىللىيەتى تىمىسى بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئىسلام بىرلىكىگە كەلسەك: بۇمۇ ئەمەليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر تەسەۋۋۇر بولۇپ ھىچقاچان ئەمەلگە ئىشىپ باقمىدى. ھەتتا تەشەببۇس  قىلىشقىمۇ لايىق كۆرۈلمىدى. شۇڭلاشقا بۇ پىكىرمۇ رىئاللىقا ماس كەلمەيدىغان، ئەقىلگە سىغمايدىغان  قۇرۇق خىيالدىن ئىبارەت دەپ قارايمەن. ئىسلامى بىرلىك قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن، ڧىرانسىيە، ئەنگىلىيە، رۇسىيەگە ئوخشاش تەۋەلىكىدە مۇسۇلمان پۇقرالىرى بولغان دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرالىغۇدەك كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىشىمىز كىرەك. ھەتتاكى، ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئىلگىركىگە ئوخشاش خىرىستىيانلارغا قارشى غەلبە قىلالىشىمىز لازىم. ھالبۇكى، بىز غەلبە قازىنىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلىش بىرياقتا تۇرسۇن، مۇداپىئە قىلىش، قوغدىنىش ئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتىمىز، ئىزدەپمۇ تاپالمايۋاتىمىز…  رۇمەلىدىكى [8] مۇسۇلمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا كۈچىمىز يەتمەيۋاتسا، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرىمىز دىسەك ئۇخلىماي چۈش كۆرىمەن دىگەنلىك بولىدۇ. سۇلتانلىرىمىزدىن، ۋەزىرلىرىمىزدىن، ئەدىپلىرىمىزدىن بۇ خام خىيالنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بىرەسى بولغانمۇ؟… ئۇچرىمايدۇ،  ھەقىقەتەن ماقالىنىڭ ئاپتۇرىنىڭ قارىشىچە، بۇ شەخىسلەرنىڭ ئىچىدە رۇسسۇ [Rousseau) [9) نىڭ تەرجىمانىمۇ بارمىش. بۇ شەخىس بەلكى بىچارە سەيىد بەي (Saîd Bey) بولسا كىرەك! لىكىن ئەمىلەنى [10] تەرجىمە قىلغان زىيا پاشا چىقىپ قالمىغاي ئىلاھىم!…

سەيىد بەي رۇسسۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدى. باشقا ئاندا-ساندا ماقالىلەرنى يازدى. لىكىن قايسى پىكىر، قايسى ھەركەت بىلەن ئىسلام بىرلىكى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى، بۇنى چۈشىنەلمىدۇق. زىيا پاشانىڭمۇ ھۆررىيەتتىن-خاراپچىلىققا قەدەر بۇنداق بىرپىكىرنى مىنىڭسىگەنلىكىنى ئۇچراتمىدۇق. بىر بۇلغار بىلەن، بىر رۇم بىلەن بىر تۈركنى شالغۇتلاشتۇرۇپ فىرانسۇز، گىرمان، ئىتالىيان مىللىيەتىگە ئوخشاش بىر مىللىيەت مۇتەشەككىل قىلىش پىكرى ئويلىشىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ. بۇنداق قىلىش رىئاللىقا زىت بىر ئىش بولغىنىدەك، زامانىمىزدا ئاسىيا، ئاڧرىقا، ياۋرۇپانىڭ مۇسۇلمانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر ئىسلام  دۆلىتى قۇرۇش شىرىن، لىكىن قۇرۇق بىر خىيالدۇر.

بىر خىيالنى باشقا ئۇنۋانلارنىڭ ئورنىغا خەلىپە ئۇنۋانىنى ئالماشتۇرۇش بىلەن، دىنغا ھەددىدىن زىيادە ھۆرمەت قىلىش، ئەھمىيەت بىرىشكە ئوخشاش تەبىئى ئەھۋاللارنى تۇتقا قىلىپ ئۇ پادىشاھقا، بۇ ۋەزىرگە، نىھايەت شۇ پىرقىغا ئىسناد قىلىش توغرىمىدۇ؟ بۇ ئەرباپلارغا  قىلىدىغان ئىش چىقمىغاندەك مۇشۇنداق قۇرۇق خىياللارغا بىھۇدە ۋاقىت زايە قىلىپ يۈرگەنمىدۇ؟… بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ھەقىقى دەلىل قىنى؟… بۇ يولدا بىر كۆرەش باشلاندىمۇ؟…بۇنىڭغا دائىر بىر كۆرەش ۋىسىقسى نەشىر قىلىنپتىمۇ؟… بىرەر تەشەببۇس كۆرۈلۈپتىمۇ؟ مەكتەپلەردە دىننى دەرىسلىكلەرنى كۆپەيتىش، شامدىن- مەككىگە بىر تۆمۈر يولى ياساشنى پىلان قىلىش بىلەن ئۇنداق چوڭ بىر تەسەۋۋۇرنىڭ ئارىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىن؟…

رۇسيە دۆلىتى پۈتۈن سېلاۋلارنى، گېرمانىيە دۆلىتىى پۈتۈن گېرمانلارنى تىزىملىكىگە ئىلىپ گېرمان، سىلاۋلارنى ئاساس قىلغان ئومۇمي بىرلىك قۇرۇپ چىقىشقا ھەركەت قىلسا بولىدۇ. بۇ مەقبۇل بىر ئىشتۇر. چۈنكى، ئىجرا قىلىنىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كىلىدۇ. پۈتۈن سېلاۋلارنىڭ، گېرمانلارنىڭ ئوتتۇرسىدا مەزھەبى يىقىنلىقتىن باشقا ئىرقى، پىكىرى يىقىنلىق، ۋەتەن، ئىقلىم يىقىنلىقى، ئەڭ مۇھىمى تىل بىرلىكىگە ئوخشاش ھەرتۈرلۈك مۇناسىۋەتلەر بار. ھالبۇكى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى دىندىن باشقا بىر بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان بىر ئامىل بارمۇ؟ گېرمانلار ئومۇميۈزلۈك ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرىسىدا، سېلاۋلارمۇ ئاساسەن ياۋرۇپانىڭ شەرقى قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان. شۇڭلاشقا ئۇلار بىر ھاكىمىيەت، بىر ئىدارە، بىر ئىتىھات (بىرلىك)ئاستىدا بىرلىشەلەيدۇ. لىكىن، ئىسلامنىڭ باشقا تەرەپلىرىنى قويۇپ تۇرايلى، مۇسۇلمانلارنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشىدىكى چىچىلاڭغۇلۇقلىقى، ھەرتەرەپكە يىيىلىشى بۇنداق بىر ئۈمىدكە ئوچۇق بىر توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئىسلام بىرلىكى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشمايدۇ دەپ قارىغىنىمىزدەك تۈرك بىرلىكى قۇرۇش پىكرىدىنمۇ بىرە ئەمەلىيەتچانلىق كۆرمىدۇق. نىمىنى، كىمنى بىرلەشتۈرىمىز؟ تارىخ بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن… جۇغراپىيەلىك تارقىلىشىمىزغا ئىبرەت بىلەن بىر نەزەر سىلىپ بىقىلسۇن… مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۈرك بىرلىكى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش، ھىچ بولمىغاندا كۈچتۈڭكۈر رۇسىيەنىڭ گەۋدىسىدىن قانچىلىك يوناش كىرەك….ئويلاپ بىقىلسۇن…

تاتارلار ۋە  باشقا نۇرغۇنلىغان تۈركلەر ياشايدىغان قىرىمنى قوغداپ قالالمىدۇق. مۇشۇنداق تۇرۇغلۇق ئەمدى پۈتۈن ئاسيا تۈركلىرىنى بىرلەشتۈرىمىز دەپ يۈرەمدۇق؟ بۇ خىيالنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەپ تۈرك بولمىغان ۋەتەنداشلىرىمىزنى پىدا قىلىۋىتەمدۇق؟ بۇ ئاجايىپ پىكىرنى ئوتتۇرغا چىقارغانلار كىملەر؟  ش. سامى بەي Ş. Sâmî Bey نىڭ تىگى ئارناۋۇت بولغانلىقى ئۈچۈن تىل، پىكىر، ئەمەل قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسدە پەقەت ئوسمانلېلېىق كىملىكى بىلەن تۈركلۈكنى ئىدراك ئىتەلەيدۇ. ئۇنداق تۈركلەرنىڭ بىرلىكى دىگەندەك غەلىتە پىكىرلەرنى  ئويلاپ يۈرمەيدۇ، ئويلىيالمايدۇ. خۇلاسە شۇكى، مەيلى قانچىلىك كاتتا بولسا بولسۇن بىز ئۇنداق ئوسمانلې مىللىيەتى، ئىسلام بىرلىكى، تۈرك بىرلىكى دىگەنگە ئوخشاش پىكىرلەرنى خىزمىتىمىزنىڭ نىشانى دەپ بەلگىلىيەلمەيمىز. بۇ يوللارغا كۆپلەپ كۈچ سەرىپ قىلالمايمىز. چۈنكى قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ مەملىكىتىمىز ئۈچۈن، ۋەتەنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، شۇنداقلا قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ مىۋىسىنى كۆرۈشنى ۋە كۆرسىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز. يۇقارقى تەپسىلاتلاردىن كىيىن، ئەمدى مەسلىكىمىز، پىكرىمىز، مەقسىتىمىز نىمە؟ دىگەن سوئاللارغا يەنە بىر قىتىم قىسقىچە ۋە ئوچۇق بىر شەكىلدە ئىزاھات بىرىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتۇق.

بۈگۈنگىچىلىك دىدۇق، دەۋەتىمىز، يەنە دىمەكچىمىزكى «تۈرك»  پارلاق كەچمىشى ۋە گۈزەل ئەخلاق- پەزىلىتى بار بىر قەۋىمدۇر. 605 يىللىق بىر دۆلەتنىڭ، بىر سەلتەنەتنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىگىسىدۇر. بۈگۈنمۇ بەزى ۋەزىيەتلەر تۈپەيلى زاۋالىققا يۈزلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دىشۋارچىلىق ئىچىدە دەمبەسقەدەم تۇرۇپ ماددى ۋە مەنىۋى كۈچىنى نامايەن قىلىشتىن ۋە ئىسپاتلاشتىن يالتىيىپ قالغىنى يوق. ھەرقانداق بىر جەڭ مەيدانىدا پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، زۆرۈر تىپىلسا، پۇرسىتى كەلگەندە ياۋرۇپانىڭ ڧاكۇلتېتلىرىدا دۇنياۋى بىلىملەردىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرالايدۇ.

ھەقىقەتەن ھۆكۈمەت، جەمىئىيەت ئىتىبارى بىلەن زاۋاللىققا قاراپ كىتىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ ناچار ۋەزىيەتنىڭ سەۋەپچىسى قەۋىم ئەمەس ئىقلىم، تەبىئەت ئەمەس زىمىن ۋە زاماندۇر. بۇ توسالغۇلار بۇ بالايى-ئاپەتلەر بولمىغان بولسا تۈركلەر بۇ ئىجتىمائى خاراپلققا دۇچار بولمىغان بولاتتى. بۇلار بىلەن زەئىپلىشىۋاتقان ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، بولغىنى بولدى. ئەمدى ئۇ پارلاق كىلەچەك ئۈچۈن بۇ نۇقسانلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كىرەك. مۇشۇنداق بىر يۈكسىلىش ئىچىدە كېىرىستلىق ئەسەبىيەتنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىمىزنى دۇنياغا كۆرسىتىپ قويۇشىمىز كىرەك. ئۆتمۈشىمىزگە، تەبىئى ئەخلاقى-پەزىلەتلىرىمىزگە، كۈچىمىزگە تايىنىپ مەۋجۇتلىقىمىزنى، ئىستىقلالىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىشنى، بۇ پارلاق قۇياشنىڭ نىمەتلىرى ئاستىدا باشقا قەۋىملەرگە ئوخشاش كۈچلىنىپ، تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىزكى، يۈزەكى بىر ئادالەتكە ئىشىنىمىز. ئىش مۇنداقكەن، چوڭ بىر قەۋىمنىڭ يوق بولۇپ كتىشگە قايسى بىر ئادالەت قايىل بولىسۇن؟… ئاپتۇر پەقەت كىچىك نۇقسانلىرىمىزغا ئىسىلىۋالماسلىقى، ئازراق ئىنساپلىق بولۇپ مۇكەممەل تەرەپلرىمىزگىمۇ نەزەر سىلىشى، تەتقىق قىلىشى كىرەك. شەرىقتە 50-60 يىل ئىچىدە تىلدا، ئەدەبىياتتا ھەتتا ئومۇميۈزلۈك ئىلىم-مەرىپەتتە  تۈركلەرگە ئوخشاش كامالەت تاپقان يەنە بىر قەۋىم بارمۇ؟ 2-مەھمۇت دەۋرىدە  تۈركچە نىمە ئىدى؟ 2-ئابدۇلھەمىت دەۋرىدە تۈركچە نىمە بولدى؟ ئۇ چاغدا تۈركلەر نىمىنى بىلەتتى. بۈگۈن تۈركلەر باشقا شەرىق مىللەتلىرىگە سىلىشتۇرغاندا نىمىلەرنى بىلىدۇ؟ بولۇپمۇ، پۈتۈن بۇ نەتىجىلەر قانچىلىك توسالغۇلارنى ئاتلاپ بارلىققا كەلدى! ئۇ قەدەر ئۇزاقلارنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. قانداق ئۇسلۇپلار بىلەن بولغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەلۋەتتە….

قانۇن ۋەكىلى، مۇھەررىر قاتارلىق بىر گۇرۇپ ياش ياۋرۇپادا تەربىيلىنىپ كىلىپ بىرقانچە يىلدىن كىيىن ،بىر قانچە يىل ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلدۇق. بىر مەزگىل ھەر بىرىمىز بىر مەسلەكتە ئۆزىمىزنى پىشۇردۈق. پىكرىمىزنى، پوزىتسىيمىزنى، ئەھۋالىمىزنى تەتقىق قىلىپ كىلىۋاتقان بەزى ئىنساپلىق ياۋرۇپالىقلار چىغىدا «تۈرك قەۋمى ھەقىقەتەن باشقا شەرق قەۋىملىرىگە قارىغاندا ئىلغار ۋە يۇقرى سەۋىيەلىك، بىر ياۋرۇپالىقتىن ھىچ قىىلىشمايدۇ. بۇ جەھەتتىن شەرقتە  تۇغۇلغان ياۋرۇپالىقلار دەپ قىياس قىلىشقا بولىدۇ» دەيدۇ. مەقسىتىمىزنى، قەدىر-قىممىتىمىزنى بىلمەيدىغانلار يەنىلا ئۆز ئىچىمىزدە. چۈنكى شەخىس ئىتىبارى بىلەن  يىتىلگەن بولساقمۇ، ئومۇمى جەھەتتىن، ئومۇمى ساپا نۇقتىئنەزىرىدىن تىخىچە ئىلىمسىز ھىساپلىنىمىز. ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئارىمىزدىن ھەمىشە يىرگىنىشلىك نىفاق يوقىمىدى. پەرەز قىلىپ باقايلى: شۇنچە ساپ نىيەت ىىلەن، شۇنچە سەمىمىيەت بىلەن نەشىر قىلىنغان «تۈرك» گېزىتىگە دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قۇسۇر ئىزدەپ يۈرۈيمىز. شۇنداق مۇناپىق بولۇپ كەتتۇقكى، ئۇ قەدەر تەپرىقچىلىققا  تەشنامىزكى…

پەقەت بىز غەيرەت ۋە شىجائەت بىلەن تىك تۇرساق، بولۇپمۇ ھەربىرىمىز ئۆز مەسلىكىمىزدە كەسپى ئەخلاقىمىزنى كۆرسىتىشكە تىرىشساق، ھىچقاچان ئۇ يامان نىيەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەيمىز. ئاخىرىدا غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. غايىمىز نىمە؟ دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولساق بولايلى بىر يا خىشى مەۋقىگە ئىرىشىشتۇر. مىسردا ياخشى بىر مەۋقىگە ئىرىشىش، رۇملار، ئىتالىيانلار، ھەتتا ئىنگىلىزلەر، فىرانسۇزلارغا ئوخشاش ياخىشى بىر مەۋقىنى ساقلاپ قىلىشتۇر. نىمىشقا بۇنداق بولمىغۇدەك؟  يارىتلىشمىزدا بار بولغان ۋە كىين يىتىلدۈرگەن ئەخلاقى- پەزىلەتلىرىمىز تۇرۇغلۇق بىز ئۇلاردىن تۆۋەن تۇرامدىكەنمىز؟ ياخشى بىر تەھسىل كۆرگەندىن كىيىن ھەرقانداق بىر ئىشنى ھىچ بولمىغاندا ئۇلارچىلىك قىلالمامدۇق؟  كۆز ئالدىمىزدا شۇنداق ئىشلار باركى، ئوخشاش سەۋىيەدىكى بىر تۈرك باشقا قەۋىملەردىن بەكرەك بۇ ئىشلاردا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ.

بىر ئىجتىمائى كادرۇنىڭ ئومۇمى ئىسلاھاتى ئۇ جەمىئيەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ شەخىس سۈپىتىدە تەرەققى قىلىشىغا، پىشىپ يىتىلىشىگە باغلىق. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تۈركلەر قاچانىكى شەخىس سۈپىتىدە يىتىلىپ، كۈچلەنسە، ماددى-مەنىۋى، پىكرى، ئىلمى جەھەتلەردە تەرەققى قىلسا ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن كۈچلۈك بولسا، بۇ يىگانە تۈرك دۆلىتىمۇ كۈندىن–كۈنگە بۇ تەرەققىياتلارنىڭ مىۋىسنى كۆرۈشكە، ھوسۇلىنى يىغىشقا باشلايدۇ. ئەكسىنچە، بىزئەمگىكىمىزنى، ئىستىداتىمىزنى بۇ ئۇلۇغۋار غايىلەرگە سەرىپ قىلىشنىڭ ئورنىغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىمىزدىن، ھۆكۈمىىتمىزدىن، ئاغرىنىپ، شىكايەت قىلىپ يۈرسەك، بىكاردىن بىكارغا بىلگەننى بىلدۈرۈش كىرەك دەپ كەينىدىن گەپ قىلىشتىن باشقا بىر يول تۇتمىساق، يەنى  يارا ئۈستىگە يارا ئاچقىلى ھەرىكەت قىلساق نەتىجە بۇ چاغقىچە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ. يەنى، نەتىجە نۇر ئەمەس زۇلمەت بولۇپ چىقىدۇ.

ئەي ئۇلۇغ تۈرك!…ۋەزىيەتتىن زىرىكتىڭ، مەملىكىتىڭ كۆزۈڭگە سىغمىدى، مەملىكىتىڭنى تەرك ئەتتىڭ، شۇنداق ئەمەسۇ؟!  نىيىتىڭ توغرا بولسا ماڭ، كەت. مىسىرغا، ئامرىكاغا، ئەنگىلىيەگە، فىرانسىيەگە، نەگە كەتسەڭ كەت. ئەمما بارغان ھەريىرىڭدە بىر مەسلەك، بىر پەزىلەت، بىر ئىلىم ئىگىسى بولۇشقا تىرىشقىن. ماددى ۋە مەنىۋى كۈچ- قۇۋۋەتكە ئىگە بولغىن. پىكرى جەھەتتىن، جىمسانى جەھەتتىن تەرەققى قىلغىن. بىركۈنلەر كىلىپ مەملىكىتىڭ سەندىن پايدىلىنالىسۇن. ھەممىمىز مۇشۇنداق قىلالىساق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوسمانلې خەلىقلىرى كادرۇسىنىڭ پەيدىنپەي قانچىلىك پارلاق بىر نىزام ۋە ئىنتىزام ئىچىدە نامايەن بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.  مانا بۇ گېزىتىمىزنىڭ غايىسى. تۈركلەرگە بەخىت ۋە ئاسايىشلىق يولىنى كۆرسىتىش، مەدەنىيەتلەر توقۇنىشىدا پاكىز ھايات مۇجادىلىسىگە باشلامچىلىق قىلىش، ھاياتلىقنىڭ قەدىر- قىممىتىنى، يارىتىلىشىمزدىكى ئىلغارلىقلىرىمزنى چۈشەندۈرۈش، بۈگۈنگىچىكىلىك دۇچار بولغان يوقسۇللۇق ۋە ئىشسىزلىقتىن، پاسىقلىق ۋە نىڧاقتىن ھالىمىزنى، كىلەچىكىمىزنى ساقلاپ قىلىشتۇر. بۇنداق قىلىشىمىز ئىچىمىزدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ، شەخىسلەرنىڭ ئارقىسدىن گەپ تىپىش زىللىتىدىن، ئۇ پايدىسىز، ھەتتاكى زىيانلىق ئىشلاردىن پەرىقلىق بىر پوزىتسىيەدۇر. ئەگەر ئىشلار ئويلىغىنىمىزدەك بولسا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركلەر ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك تەرەققى قىلسا خەلىقمۇ، ھۆكۈمەتمۇ تەبىئىيلا تەرەققى قىلىدۇ. بىرسى بولماي تۇرۇپ يەنە بىرسى ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ. بىر خەلىقنىڭ ناچارلىقى شەخىسلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسكىلىكىدىندۇر.

يۇقارقى ئىزاھاتلاردىن كىيىن، ئوسمانلې مىللىيەتى، ئىسلام بىرلىكى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى دىگەندەك ئۇنداق نامەلۇم ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىشنىڭ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشقاندۇ؟ بىز تۈركلەرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۆزىنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغانلار قاتارىدىن ھىساپلىنىمىز. بۇ نىمەتكە ئومۇمى خەلىق بىر ئىرىشسۇن، تۈركلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالايدىغان بولسۇن، مىللەت خاراكتىرلىك يوقىلىپ كىتىش تەھدىدىن بىر قۇتۇلسۇن، ئىقبالغا قاراپ يۈزلەنسۇن، ئاندىن ئوسمانلې مىللىيەتى بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ قايسىسى پايدىلىق بولسا شۇنى ئويلاشسۇن. پۈتۈن بۇ پىكىرلەرنىڭ مەنبەسى، باشلىنىش نۇقتىسى دۇرۇس، ئوچۇق، ئاددى نىيەتلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلې مىللىيەتنىڭ بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ، قايسىسىسنى خالىساڭ شۇنى تاللا. ئەمما بۇ ئۇلۇغۋار پىكىرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دەسلىپىدە كەل، بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىل.

تۈركلەر مەيلى دۆلەت ئىچىدە، مەيلى دۆلەت سىرتىدا بولسۇن ھەرقانداق شارائىتتا ئىلغار سەۋىيەدە نامايەن بولسۇن. مۇشۇنداق قىلالايدىغانلىقىنى دوسىت ۋە دۈشمەنلەرگە كۆرسىتىپ قويسۇن. ئىلىمنىڭ ئانا كوچىسىدا، ھەتتا مىللى ئىلىملەردە تەرەققى قىلسۇن. ئەللىك-ئاتىمىش يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقرى مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرگەن مىللى تىللىرىنى تىخىمۇ بەك ئىسلاھ قىلسۇن، تىخمۇ بەك گۈللەندۇرسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى تىخمۇ بەك جۇلالاندۇرسۇن. ھىكايىلىرىمىزنى، تارىخلىرىمىزنى، ئەسەرلىرىمزنى تەرجىمە قىلىپ غەرىپلىكلەرنىڭ ئوقۇشىغا سۇنسۇن.  مەدەنى دۇنيا قاتاردىن بىزنى ياۋرۇپا قەۋمىگە ئوخشاش ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدا قوبۇل قىلسۇن. مۇشۇنداق قىلالىساق كەلگۈسىنىڭ پارلاق يولىنى تاپقان بولىمىز. بىز پۈتۈن بۇ تەرەققىياتلارنى، يىڭىلىقلارنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز. بۇ ئۇلۇغ غايە-نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، ئەڭ توغرا ھالەتتە ئىلگىرلەيمىز. بۇ ئۇلۇغ يولنى پۈتۈنلەي زىھىنمىزگە قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ھەربىرىمىز ئۆز كەسپىمىزدە، تىبابەتتە، قانۇندا، تىجارەتتە، دىھقانچىلىقتا، سودا- سىتىقتا ياشىغان مەملىكەتلىرىمىزدە تەڭتۇشلىىرىمىزدىن ئۈستۈن تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتمىز. مۇشۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئارزۇ قىلغىنىمىزدەك دادىل ۋە قانۇنى بىر شەكىلدە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە، مىللى ئىستىقبالنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز، داۋاملىق تىرىشىشىمىز كىرەك. بۇ قىتىم بۇ مۇپەسسەل بايانلارغا لاتىن شائېرلىرىدىن بىرىنىڭ مۇنۇ ئاددى ئەمما ھىكمەتلىك سۆزى بىلەن چىكىت قويىمىز: «تىرىشايلى…»

مەنبە: يۈسۈپ ئاكچۇرانىڭ «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى

[1] بۈگۈنكى بۇلغارىستانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ

[2] سىبىرىيەدىكى بىر يەرنىڭ ئىسىمى شۇنداقلا ئۇيەردىكى ياشايدىغان تۈركى مىللەنلەرنى نامى

[3] ئەرمەنىىستان ۋە باشقا جايلاردا ياشايدىغان ئەرمەنلەر

[4] بالقان يىرىم ئارىلىدا ياشايدىغان ئاز سانلىق  مىللەت https://www.abttf.org/html/index.php?link=detay&id=25&arsiv=1&typ=1

[5] مارۇنىلا: مارۇنى ئەسلىدە بىر زاھىت خرىستىيان پوپىنىڭ ئىسىمى بولۇپ تارىخى مىلادى 5-ئەسىردىن باشلىنىدۇ. مارۇنىنىڭ يولىنى تۇتقان مارۇنىلار ئورتادوكۇس مەزھىپىگە تەۋە خىرىستىينلار بولۇپ ھەزرىتى ئىيسانى پەرۋەردىگار بىلەن ئوخشاش دەپ ئىتىقات قىلىدۇ. نۆۋەتتە مارۇنىلارنىڭ سانى بىر يىرىم مىليۇن ئەتراپىدا بولۇپ لىۋىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرىدە ياشايدۇ. مارۇنىلانىڭ تەسىرى ھازىرمۇ ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ 1985-يىلى مارۇنى چىركاۋى پۈتۈن شەرىقنىڭ پاترىكى-پوپى دىگەن ئۇنۋانغا ئىرىشكەن.  تەپسىلاتىنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ. https://islamansiklopedisi.org.tr/maruniler

[6] ئەلى پاشانىڭ ئەسلى ئىسىمى مەھمەت ئەمىن ئەلى پاشا بولۇپ 1815-يىلى ئىستانبۇلدا تۇغۇلۇپ 1871-يىلى ۋاپات بولغان. ئوسمانلېنىڭ سۇلتانلىرىدىن ئابدۇلمەجىد ۋە ئابدۇلئەزىزنىڭ پادىشاھلىق مەزگىللىىردە 5 قىتىم باش ۋەزىلىك 7 قىتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. تانزىمات يەنى ئىسلاھات دەۋرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر شەخىسلىرىدن بىر دەپ قارىلىدۇ.

[7] فۇئات پاشا 1835-يىلى تۇغۇلۇپ1931- يىلى ۋاپات بولغان. سىياسىيۇن . ئوسمالې دۆلتىنىڭ كىيىنكى دەۋىرلىرىدە 1900- يىللاردا ئوسمانلې  پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى مۇخالىپ كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان.

[8] 1-ئوسمانلې ئىمپىرېيەسىنىڭ جەنۇبى شەرقى ياۋرۇپادىكى تۇپراقلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2- ئوسمانلېنىڭ بالقانلاردا قۇرغان ۋىلايىتىنىڭ ئىسمى. 3- رۇمەلى ۋىلايىتى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تۇپراقلار بۈگۈنكى بۇلغارىستان، جەنۇبى سېربىستان، ماكېدونىيا، بوسنا-ھەركەس، كاراداغ، ئارناۋۇتلۇك ۋە مەركىزى گېرىتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.1864- يىلىدىن تارتىپ بۇ تۇپراقلار ئوسمانلېنىڭ قولىدىن كىتىشكە باشلىغان.

[9] شىۋىتسارىيەلىك پەيلاسۇپ ۋە مۇتەپپەكۇر بولۇپ 18-ئەسىر ئويغىنىش چىغىنىڭ مۇھىم ئىسىملىرىدىن بىرى

[10] Jean-Jacques Rousseau كىشلىك تەرەققىيات ھەققدىكى بىر كىتاپنىڭ ئىسىمى. ئاپتۇرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش