ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى – 4 (داۋامى)

بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى – 4 (داۋامى)

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سۈبھىنۇر ئۆمەر

قانۇن بىلەن باشقۇرىلىدىغان  مىللەتلەردە ھەم دىنىي ھەم سىياسىي جەھەتتىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولۇش بىلەن بىللە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. ئەخلاق، ئىقتىساد، تىل، ئىلىم-پەن ۋە گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تونۇلغان شەخسلەردە مەدەنىيەت جەھەتتىن باشقۇرۇش ئىقتىدارى بولىدۇ. مەدەنىيەتكە ئالاقىدار بۇ ئىجتىھاتلار ھەممەيلەن تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنغاندا، بۇ شەخسلەرمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇلار كۆزگە كۆرۈلگەن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن توپلۇمنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەن بولىدۇ.

مىللەت، دىن بىلەن باشقۇرىلىدىغان جەمئىيەتلەردە ئۆزىنى ئىمامدا، قانۇن بىلەن باشقۇرىلىدىغان جەمىئىيەتلەردە بولسا ئۆزىنى قانۇن چىقىرىش كۈچىدە كۆرىدۇ. مەدەنىيەتكە تايانغان مىللەتلەردە بولسا مەدەنىيەت ۋەكىللىرىنى ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلغان ھالدا كۆرىدۇ. چۈنكى مەدەنىيەت، مىللى ۋىجداننى تەشكىل قىلغان بەلگىلىك شەكىلدىن ئىبارەت. مەدەنىيەت، ماددى بىر تەشكىلات شەكلىدىمۇ كۆرۈنەلەيدۇ:

ھەر ھەيئەتنىڭ پايتەخىتتە بىر ئىقتىساس مەركىزى بولغىنىدەك، بۇ ئىقتىساس مەركەزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تۈزۈلگەن چوڭ بىر مەدەنىيەت تەشكىلاتىمۇ بولىشى مۇمكىن. بۇ تۈردىكى مىللەتلەرنى ھەيئەتلەرنى ئاساس قىلغان مىللەتلەر دەپمۇ ئاتايمىز.

بىر مىللەت تۆۋەندىكى بىر تۈردىن يۇقىرىدىكى بىر تۈرگە ئۆتكەندە ئۆزىدە بار بولغان مۇئەسسەسەلىرىنى تامامەن يوقاتمايدۇ. ھەر تۈرنىڭ ئاساسىي تەشكىلاتى خۇسۇسىي بىر ۋەزىپە ئۆتەش بىلەن جانلىق ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەدەنىيەتكە تايانغان بىر مىللەت قەۋىمنى شەكىللەندۈرگەن ئائىلە، ئۈممەت ۋە دۆلەت تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش قۇرۇملارنىڭ قەدەممۇ قەدەم قوشۇلۇپ مېڭىشى بىلەن تەشكىللىنىشكە باشلايدۇ.

قانۇن چىقىرىش ھوقوقىنىڭ مەيدانغا كىلىشى ۋە قانۇننى يۈرگۈزۈش ھوقوقىنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى يوقىتىلغىنىدەك، مەدەنىي كۈچنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىمۇ قانۇن چىقىرىش ھوقوقىنى ۋە مەتبۇئاتنىڭ يولسىزلىقلىرىنى ئاخىرىلاشتۇرغان بولىدۇ؛ ۋە پەقەتلا بۇ دەۋىردە قانۇن ۋە دىنى كۈچلەردىن ئۇزاق، مۇستەقىل بىر ئەدىلىيە كۈچى ئوتتۇرىغا چىقالايدۇ. ئەڭ تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر بۇ تۈردىكى مىللەت قاتارىغا كىرىشنى خالىسىمۇ ھازىرغىچە ھېچبىرى بۇ تۈرگە تەۋە بولالىغىنى يوق.

4. مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان مىللەتلەر

مىللەتلەرنىڭ تۆتىنجى خىلى، مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن لەخلىلەرگە ئوخشاش مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ قويغانلاردۇر.

ئىككى بىسلىق تۈرلەر:

مىللەتلەرنىڭ ئىككى بىسلىق تۈرىگە كىرىدىغىنى، بىر تۈردىن يەنە بىر تۈر شەكلىگە كىرىش باسقۇچىدا بولغان قەۋىملەردۇر. بۇلارمۇ تۆت تۈرگە ئايرىلغان.

1. پارسقا ئوخشاش بىر جەمەت كىشىلىرى تەرىپىدىن دىن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلىرى

2. بۈگۈنكى روسىيەدەك دىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىغان دۆلەتلەر

3. نېمىس، ئىنگىلىس ۋە ئامرىكىلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش قانۇن ۋە مەدەنىيەت بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەتلەر

4. فىنلاندىيەدەك يېرىم مۇستەقىل دۆلەتلەر

قەۋىملەرنىڭ تۈرى ۋە ئايرىملىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن، قەۋىملەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ياكى مۇئەسسەسە قۇرۇلىشلىرىنىڭ قايسى بىرىدە مەسىلە بارلىقىغىمۇ دىئاگونوز قويغىلى بولىدۇ.

بىر قەۋىمدە ئۆز تۈرىگە تەۋە بولمىغان ۋە ئۆزىدىن تۆۋەن سەۋىيەدىكى قەۋىملەردىن سىڭىپ قالغان چۆكۈشلەرنىڭمۇ بارلىقى ئېنىق. مەسىلەن مەدەنىي بىر مىللەتتە، ئىپتىدائىي قەۋىملەردىن ياكى دىن بىلەن باشقۇرىلىدىغان مىللەتلەردىن قالغان بىر تۈركۈم قالاقلىقلار بار بولسا بۇلار مىللەتنىڭ ناچار ئادىتى بولۇپ مېڭىۋېرىدۇ. مىللەتلەرنىڭ ناچار ئىللەتلىرىگە دىئاگونۇز قويۇلۇپ تۈزىتىش يوللىرىمۇ يېپىلىپ چىققاندىن كىيىن، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەمەلىي سەنئەتلەردىمۇ پايدىلىق بىر قوللانما ھالىغا كەلگەن بولىدۇ.

ئۇنداقتا بىز تۈركلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردىن ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ چىقىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تۈركلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلەردىكى مەدەنىيەت دائىرىسىنى، ئىككىنجىدىن، تۈرك مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي قەۋىملەر، دىن بىلەن ياكى قانۇن بىلەن باشقۇرىلىدىغان مىللەتلەر تۈرلىرىدىن قايسىسىغا قايسى دەۋەرلەردە، قانداق سەۋىيەدە ئۆتكەنلىكىنى،

ئۈچىنجىدىن، تۈرك مىللىتىنىڭ قايسى ئىجتىمائىي تۈرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭغا ماس كەلمىگەن قايسى غەيرى تەبئىيلىكلەرنىڭ بارلىقىنى،

تۆتىنجىدىن، دۇنياۋى مەدەنىيەتلەرنىڭ قايسىسىنىڭ تۈركلەرنىڭ ھاياتىغا كىرىپ قانداق ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.

بۇ تەتقىقاتلارغا تارىخ، ئېتنولوگىيە، ئىستاستىكا قاتارلىق ھۆججەتلەر ئىسپات بولالايدۇ. بۇ ئىسپاتلارنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە قىممىتى تەكشۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، بۇلارنى تەمىنلىگەن مەنبەنىڭ قايسى توپلۇمغا ياكى قايسى زامان، قايسى ئىجتىمائىي مۇھىتقا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈشمۇ ناھايتى مۇھىم. چۈنكى تۈرك مىللىتى ئوخشىمىغان جەمىئىيەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن ۋە ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە كۆپ خىل مەدەنىيەت دائىرىلىرىگە مەنسۇپ بولغان. لىكىن تۈركلۈكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ھازىرىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئىلمىي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تۈركلۈكنى قانداق ۋاستىلار بىلەن نەگە ئاپىرىشىمىزنى بىلەلەيمىز.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «مىللىي تەتەببۇلار مەجمۇئاسى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش