ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » مەنزىلگە يىتەلمىگەن سەپەرلەر

مەنزىلگە يىتەلمىگەن سەپەرلەر

تارىخى ئەسلىمە

كىرىش سۆز ئورنىدا
ئازاد قاسىمى

ياش ئىدۇق ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىپ چىققاندا بىز،
ئەمدى ئاتقا مىنگۈدەك بوپ قالدى ئەنە نەۋرىمىز.
ئاز ئىدۇق مۈشكۈل سەپەرگە ئاتلىنىپ ماڭغاندا بىز،
ئەمدى چوڭ كارۋان ئاتالدۇق قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز.

– ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق شىرىدىن

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىلىپ بارغان مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن ئەسلىمىلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تارىخى ماتېرىياللار بارلىققا كەلدى. شۇ دەۋرلەردىكى تارىخى شەخسىيلەر ھەققىدىمۇ ھەر تۈرلۈك ئوخشىمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەققىدە مەيلى ۋەتەندىكى ياكى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا بولسۇن بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش شەكىللىنىپ بولالمىدى. ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئىنقىلابچى، ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىدا جەنۇبى فرونتىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان مەرھۇم ھۈسەيىن غازى ئەپەندىنىڭ «مەنزىلىگە يېتەلمىگەن سەپەرلەر» ناملىق تارىخى ئەسلىمىسى ئاپتورنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى خۇجىنىياز ھاجى ھەمدە ساۋۇت داموللام رەھبەرلىكىدىكى بىرىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى شۇنداقلا 30-يىللاردىكى ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتنىشىش جەريانىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ئاساسىدا يېزىلغان بۇ كىتابنى تەھرىرلەش جەريانىدا ئاپتورنىڭ ئەينى دەۋردىكى ۋەقەلەر ھەمدە بىر قىسىم تارىخى شەخسلەر ھەققىدىكى كۆز قارىشى، نوقتىنەزەرلىرى ئۆز پېتى بېرىلدى. چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ئوخشاش  بولمىغانلىقتىن مەلۇم تارىخى شەخسلەرنى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن بايان قىلىدۇ. دېمەك، تارىخى ۋەقەلەرنى تەھلىل قىلىشتا مەلۇم تارىخى شەخسىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن بۇ بىر تارىخى ئەسلىمە، ھەرگىز تارىخى يەكۈن ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىلدىكى ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراش ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشى ۋە ئىزدىنىشىگە ياردىمى بولۇشى تەبىئىي. ئاپتور شاھىت بولغان بۇ ئىككى قېتىملىق ئىنقىلاب ھازىرقى زامان تارىخىمىزدا، ئۇيغۇر خەلقى ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن دېموكراتىك ئىدىيەلەر بىلەن قىسمەن ھالدا ئۇچراشقان، يېڭىچە مائارىپ ئەندىزىسى ھەمدە شۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىغا ئومۇميۈزلۈك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان، جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيەسىگە ئىگە بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك زىيالىيلاردا دۆلەتچىلىك ئۇقۇمىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. گەرچە 1680-يىلى يەكەن سەئىدىيە خانلىقى جۇڭغارلار تەرىپىدىن مۇنقەرزى قىلىنغاندىن كېيىنكى 300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋامىدا، خەلقىمىز چەتئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى سانسىزلىغان قانلىق كۈرەشلەرنى ئىلىپ بارغان ھەمدە مەلۇم مەزگىل، مەلۇم دائىرىدە ئۆز ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ، بىراق ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ زىيالىيلار قاتلىمىدا مۇكەممەل بولغان دۆلەتچىلىك نەزەرىيەسىنىڭ شەكىللىنەلمىگەنلىكى، بىزنىڭ نەچچە ئەسىرلەپ كۈرەش قىلىپمۇ ئۆز مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا ئالالماسلىقىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مۇددىئا-مەقسىدى ئېنىق بولمىغان ھەر قانداق ئىنقىلاب مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. پەقەت ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە، چەتئەللەرگە چىقىپ جاھان يېڭىلىقلىرىدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇپ كەلگەن بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىزدا، بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تەڭ تەرەققىي قىلىشى ھەم قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىدا مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ بولۇش-بولماسلىقىنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقۇملىرى شەكىللىنىشكە باشلىدى.

1933- يىلى قۇرۇلغان “شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى” نى ئۇيغۇر خەلقىدە مىللىي دۆلەتچىلىك ئىدىيەسى شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقنىڭ مەھسۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئەپسۇسكى ئىنقىلابنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان خۇجىنىياز ھاجى گەرچە ئېزىلىشكە، زۇلۇمغا قارشى كۈرەشكەن مىللىي قەھرىمان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇشنى يېتەكچى نىشان قىلغان رەھبەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ” شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى” نىڭ رەئىسلىكىدىن ۋاز كېچىپ، شىڭ شىسەي ھاكىمىيىتىدە ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇشنى راۋا كۆردى. ئۇنىڭ ساۋۇت داموللام باشلىق جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىپ شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىگە تاشلاپ بېرىشى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتالمىش « كاپالىتى» گە ئىشەنگەن خۇجىنىياز ھاجى ئۆزىمۇ شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلدى. ساۋۇت داموللام تارىخىمىزدا تۇنجى قېتىم جۇمھۇرىيەت بايرىقىنى تىكلىگەن، مىللىي مۇستەقىللىق شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان، مۇستەقىل دۆلەتنىڭ بىر مىللەت تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ئۇلۇغ مىللىي رەھبىرىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىراق تارىخنى ۋاراقلىغىنىمىزدا ئەينى دەۋردە ساۋۇت داموللامنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ مىللىي دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى قوللايدىغان مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ يادرولۇق سىياسىي گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشالمىغانلىقىنى بايقايمىز. شۇ سەۋەبتىن خۇجىنىياز ھاجى ئىنقىلابىدىن ۋاز كېچىپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىمگە كېلىشى بىلەن تەڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا پارچىلىنىش يۈز بېرىپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى ھەمدە قوراللىق كۈچلەرنى ماجۇڭيىڭ باندىتلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكى ۋە سوۋېت رۇسسىيەسىنىڭ ھەربىي بېسىمىغا دۇچ كېلىپ تۇرغان قەشقەر شەھىرىدىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەپەندى رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابچىلار كونترول قىلىپ تۇرغان خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىگە يۆتكەپ كېتىش ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ھەمدە ئىنقىلابنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى قولدىن بېرىپ قويۇلدى. جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ساۋۇت داموللام خۇجىنىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ شىڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە قەتلە قىلىندى. مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئىنقىلابچىلار ۋە خەلق ئاممىسى ماجۇڭيىڭ باندىتلىرى ھەمدە سوۋېت رۇسسىيەسىنىڭ چېگرادىن بېسىپ كىرگەن ماتورلاشقان قىسىملىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىندى. مانا بۇ قانلىق ساۋاقلار بىزگە مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە توغرا بولغان يېتەكچى ئىدىيەنىڭ ھەمدە بىر مەسلەك، بىر نىشاننى تۇغ تۇتقان، ئىتتىپاقلاشقان رەھبەرلىك يادروسى بولۇشنىڭ قانچىلىك زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ، 1944-يىلى ئىلى ۋىلايىتىنىڭ نىلقا تاغلىرىدا ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى ئوق ئاۋازى ياڭرىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ قېتىملىق ئىنقىلابنىڭ تەييارلىقى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن غۇلجىدا ” ئازادلىق” تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ ئالمۇتا، تاشكەنت شەھەرلىرىدە تەييارلانغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش چاقىرىق قىلىنغان تەشۋىق ماتېرىياللىرى تەشكىلات ئەزالىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىپ، خەلق ئاممىسىنى ئىدىيەۋى جەھەتتىن قوراللىق كۈرەشكە تەييارلاش خىزمەتلىرى ئىشلىنىۋاتاتتى. ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىمكى، بۇ قېتىملىق ئىنقىلابنىڭ سېنارىيەسى موسكۋادا تەييارلىنىپ، شەرقى تۈركىستاندا ئىجرا قىلىندى.

ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، سوۋېت كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى مۇستەقىللىققا تەلپۈنگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىمتىيازلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالغان ھەمدە ئۇيغۇر خەلقىنى كوزىر قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ سۇۋىت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەپ ئالغاندىن كېيىن، خەلقىمىزنى بۇرۇنقىدەكلا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاپىنى ئاستىغا تاشلاپ بەردى. بىرىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىدا سوۋېت كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئىنقىلابنى قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق بۇ زېمىننى جاللات شىڭ شىسەيگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، ئىككىنچى قېتىمدا ئۆز گۇماشتىلىرى ئارقىلىق ئىنقىلابنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ئېزىلىشكە، زۇلۇمغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى، ئۇيغۇرلار خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى خالىمايدۇ، دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتىلەر بىلەن ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرۇپ 1949-يىلغا كەلگەندە بۇ زېمىننى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

تارىختىن شۇ نەرسە ئايانكى، رۇس ئىمپېرىيەسى مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ھېچقاچان راۋا كۆرگەن ئەمەس. چۈنكى شەرقى تۈركىستاندا مۇستەقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئەينى دەۋردە رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىدە تۇرغان غەربى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش بولغان تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا مۇستەقىللىق كۆرۈشىنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ نەتىجىدە، رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيەدىكى مۇستەملىكىلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. مانا بۇ رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىگە ساتقۇنلۇق قىلىپ كېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.
ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابى باشلىنىشى بىلەنلا غۇلجا شەھىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رازۋېدكا خادىملىرى تەرىپىدىن « بىرىنچى دوم »، ئىككىنچى دوم دېگەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى ھەمدە « شەرقى تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ بارلىق سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ ئورگانلار تەرىپىدىن كونتروللۇققا ئېلىنغانلىقى يۇقىرىقى پىكىرىمىزنى تەستىقلايدۇ. مىللىي ئارمىيەنىڭ ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويۇلۇشى، جەنۇبقا يۈرۈش قىلغان قىسىملىرىمىزنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشى، ئەلىخان تۆرە باشلىق مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ ھاكىمىيەتتىن چەتلەشتۈرۈلۈشى، « شەرقى تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە مەجبۇرلىنىشى ھەمدە ئاخىرىدا «11بېتىم» گە قول قويۇلۇپ «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا ئەينى چاغدىكى ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ قولى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەلىخان تۆرە قاتارلىق مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى ياقلىغۇچىلاردىن ئىبارەت ئىككى توپنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ئىنقىلابنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئاقىۋەتتە تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئونمىڭلىغان شېھىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قۇرۇلغان  جۇمھۇرىيىتىمىز يوق قىلىندى.

خىتاي ھاكىمىيىتى جەڭ مەيدانلىرىدىكى مەغلۇبىيىتىنى سۆھبەت ئۈستىلىدىكى ھىيلە-نەيرەڭلىرى بىلەن قەلبىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتىشتى. شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە سۆھبەتكە بارغان رەھبەرلىرىمىز بولسا « ۋەقە يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلق ۋەكىللىرى» دېگەن نام بىلەن 11 بىتىم گە قول قويۇشتى. ئەمەلىيەتتە 11 بىتىم نىڭ ماھىيىتى، خەلقىمىز نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان مىليونلارچە قۇربانلار بېرىپ، كۆز قارىچۇقىدەك ئەزىزلەپ كېلىۋاتقان شەرقى تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس تۇپراقنىڭ خىتاينىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىدا. گەرچە 11بىتىم نىڭ ھېچقانداق يېرىدە « شەرقى تۈركىستان خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەنگە ئوخشاش ئىبارىلەر بولمىسىمۇ، بىراق جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ شۇ قېتىمقى ئىنقىلابنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت خاراكتېرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىۋەتتى ھەمدە مۇكەممەل دۆلەت ئاپپاراتىنى ۋە ئوتتۇزمىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەسىنى قۇرۇشقا يېتىشكەن مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى خەلقنىڭ زۇلۇمغا، ئېزىلىشكە قارشى بىر قېتىملىق قوزغىلىڭىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇ نەرسە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكى، ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بولغان ساۋۇت داموللام، خۇجىنىياز ھاجى، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىمۇ، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىمۇ ئوخشاشلا ئەسلەپ، خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بىرلا رەھبەر بار. ئۇ بولسىمۇ ئەخمەتجان قاسىمى. ئۇيغۇر خەلقى ئىنقىلابنىڭ باشقا رەھبەرلىرى قاتارىدا ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەزىزلەپ، ئەسلەپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتى بولسا شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ باشقا رەھبەرلىرىنى مىللىي بۆلگۈنچى، پانتۈركىست دېگەندەك بەتناملار بىلەن ھاقارەتلەپ كېلىۋاتقان بولسا، ئەخمەتجان قاسىمىنى ھالقىلىق پەيتتە خىتاي مەملىكىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئەلىخان تۆرە باشلىق مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ سۇيىقەستىنى تارمار قىلغان «قەھرىمان» سۈپىتىدە خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ. 2014-يىلى ئاۋغۇستتا خىتاينىڭ مەركىزى بېيجىڭ شەھىرىدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئايالى ماھىنۇر قاسىمىنىڭ « ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن» ناملىق ئىككى توملۇق كىتابى نەشر قىلىندى. ماھىنۇر خانىم كىتابىنىڭ بېشىدىلا « ئەخمەتجان قاسىمى – بىر سىياسىيون ئىدى. ئۇنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، نىشانى ئېنىق بولۇپ، ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇھىتتا تۇرغاندىمۇ ھەممىنى ئېنىق كۆزىتىپ، ھەر جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ماھىرلىق بىلەن كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلدى.» دەپ يازىدۇ. (ماھىنۇر قاسىم «ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن» مىللەتلەر نەشرىياتى 2014-يىل ئاۋغۇست نەشرى 2-بەت)

ئەخمەتجان قاسىمى سىياسىيونمۇ – ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىگە توختىلىشتىن بۇرۇن ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن «سىياسىيون» دېگەن ئۇقۇمغا تەبىر بېرىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. خەلقئارالىق پراكتىكىدا، بىر مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابى جەريانىدا، ئىنقىلابنى قەلبىگە ئېرىشتۈرۈشنىڭ سىتىراتىگىيەسىنى نەزەرىيەۋى جەھەتتىن شەرھلەپ بېرەلىگەن ھەمدە ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيەنىڭ ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كېيىنكى بەش-ئون يىللىق كۈرەش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، مۇستەقىللىق كۆرۈشىنى قەلبىگە يېتەكلىيەلىگەن كىشى سىياسىيون دەپ ئاتىلىدۇ. ئىقتىسادى قۇرۇلۇش دەۋرىدە بولسا، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچار بولۇپ، خەلق ئىگىلىكى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، ۋەزىيەتنى توغرا ئانالىز قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ھەمدە مەملىكەتنى بارلىق ساھەلەر بويىچە گۈللەندۈرۈش سىتىراتىگىيەسىنى دەل ۋاقتىدا تۈزۈپ، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق مەملىكەتنى كرىزىستىن ئېلىپ چىقىپ كېتەلىگەن كىشى سىياسىيون بولۇپ سانىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قارا خانىيلار دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سىياسىيون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىنتايىن يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئۆزى باش بولۇپ ئىمان ئېيتىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە تېزلىك بىلەن پۈتۈن قاراخانىيلار سۇلالىسىنى ئىسلاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، قارا خانىيلار سۇلالىسى مىسلىسىز بىر سەلتەنەتلىك دەۋرگە كىردى. قەبىلە-ئۇرۇقلارغا بۆلۈنۈپ چارۋىچىلىق  ئىگىلىكىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ شەھەرلەشكەن، مەدەنىيەتلىك بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى بولۇپ ئۇيۇشتى. ئارىدىن مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنى مۇستەھكەم دىنى ئېتىقادقا ئىگە قىلغانلىقىنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك توغرا تاللاش بولغانلىقىنى چۇڭقۇر ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. ئەپسۇسكى، يېقىنقى بىر نەچچە يۈز يىللىق تارىخىمىزدا خەلقىمىزدىن ھەقىقىي بىر سىياسىيوننىڭ يېتىشىپ چىقمىغانلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور پاجىئەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا ئەخمەتجان قاسىمىنى سىياسىيون دېگەندىن كۆرە خەلق رەھبىرى دەپ ئاتاش ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىدا ئەخمەتجان قاسىمى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ماھىنۇر خانىم ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن، ناملىق كىتابىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن باشتىن –ئاخىرى كۈرەش قىلغانلىقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ.

1947-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەخمەت ئەپەندىم ئۈرۈمچىدىكى بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىلىشتا، قۇرۇلتايدا قوبۇل قىلىنغان ئاساسى قانۇن ۋە ئۆلكىمىزنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىدىكى ئىچكى ئەھۋالى دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ كەسكىن ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:« شەرقى تۈركىستان بىر جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇدىنلا ئىبارەت بولۇپ، سىياسىي ھەرىكەتنىڭ نەزەرىيەسى بولالمايدۇ. ئەگەر كېمىكى ئۇنى سىياسىي ھەرىكەتنىڭ نەزەرىيەسى قىلىدىكەن، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا پۈتۈن ئۆلكە خەلقىنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ… بۈگۈنكى كۈندە، خەلقىمىز، «مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان» قۇرۇشقا ھەرگىز يول قويمايدۇ، تىنچلىق بىتىمى نى يۈرگۈزمەسلىككىمۇ ھەرگىز يول قويمايدۇ. (ماھىنۇر قاسىم « ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن»  مىللەتلەر نەشرىياتى 2014-يىل نەشرى 695-بەت)

گەرچە بىز ئۆز ھېسسىياتىمىزغا تايىنىپ ئەخمەتجان قاسىمى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدى دېسەكمۇ، بىراق تارىخى پاكىتلار دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىرىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى بولغان خۇجىنىياز ھاجىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىمگە كېلىپ، شىڭشىسەي تەرىپىدىن ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكى ھەمدە ئاخىرىدا تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلەن، ئىككىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى بولغان ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خىتاي مەركىزى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئاخىرىدا ئايروپىلان ۋەقەسى دېگەن باھانە بىلەن يوق قىلىنغانلىقى تارىخنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرغان مەسخىرىلىك ئوخشاشلىقى بولسا كېرەك. نىجاتلىقنى ئۆز خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، كۈچ-قۇدرىتى ھەمدە قوراللىق كۈچلىرىگە تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ياتلارنىڭ ساخاۋىتى بىلەن قولغا كەلتۈرۈشنى كۈتكەن بۇ رەھبەرلىرىمىزنىڭ قانلىق ئاقىۋىتى كېيىنكىلەرگە ساۋاق بولۇپ قالغۇسى. ” شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى” ۋەكىللىرى خىتاي تەرەپ بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان چاغدا شەرقى تۈركىستان تەۋەسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق ئارمىيەسى بار ئىدى. بىراق «11 بىتىم»  تۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاي ئارمىيەسى شۇ پېتى ساقلاپ قېلىنغان بولسا، مىللىي ئارمىيەمىزنىڭ سانى 30 نەچچە مىڭ كىشىدىن 12 مىڭ كىشىگە قىسقارتىلىپ مىللىي ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىۋىتىلدى. شۇ سەۋەبتىن 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ئارمىيەسى بېسىپ كەلگەندە، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا مىللىي ئارمىيەمىزنى 5-كورپۇس نامى بىلەن ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدى.1949-يىلى 1 -ئۆكتەبىرگە كەلگەندە خىتاينىڭ مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلا بۇيرۇق بىلەن 5-كورپۇسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى پاك-پاكىز يوق قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە خەلقىمىز قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئەھۋالدا تۇرماقتا.

شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى بەرپا قىلماي تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. كەلگۈسىدە خىتايدا قانداق دېموكراتىك  ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش-قۇرالماسلىقى ئەڭ زور دەرىجىدە خەلقنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىغا باغلىق بولىدۇ. تارىخىمىزدا نەچچە قېتىملاپ خىتاي دائىرىلىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئېلىپ كەلگىنى نامايىش، شوئار بولماستىن بەلكى قولىمىزدىكى قورال بولغىنىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم. ئەپسۇسكى، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ نېگىزى بولغان بۇ مەسىلە نۆۋەتتە كۈنتەرتىپتىن چىقىرىۋېتىلگەندەك تۇرىدۇ. دېموكراتىك ئەللەردىكى ئاسايىشلىق، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا دەخلى يەتكۈزمىگەن ئاساستا، ۋاقتى –قەرەلى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان نامايىشلاردا مۇشتۇملىرىمىزنى قاتتىق تۈگۈپ شوئار توۋلاش بىلەنلا» قەھرىمان« ھېسابلىنىدىغان غەلىتە بىر دەۋرگە كىرىپ قالغاندەك قىلىمىز. «تېررورىست» دېگەن سۆزدىن شۇنچىلىك ئۈركۈپ كەتتۇقكى، خىتاي باسقۇنچى ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان كۈرەشتە مەسىلىنىڭ قوراللىق كۈرەشسىز ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ھەممىمىز ئۈنىمىزنىڭ يېتىشىچە “تىنچلىق يولى بىلەن كۈرەش قىلىش” غەزىلىنى توۋلاۋاتىمىز. دەل مانا مۇشۇنداق تۈپ نېگىزىدىن خاتا بولغان يېتەكچى ئىدىيەنىڭ تەسىرىدە چەتئەللەردە ياشاۋاتقان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىچىدە ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھەربىي ئاكادېمىيە ياكى ھەربىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ تەربىيەلەشنى نىيەت قىلغان ئاتا-ئانىلار يوقنىڭ ئورنىدا بولۇۋاتىدۇ.

بىز بولساق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى دېگۈدەك ئىشقا سېلىپ، قايسىبىر كونگىرىس ئەزاسىنىڭ ياكى بىرەر داڭلىق ئەربابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ياساپ ئېيتىپ قويغان سۆزلىرى بىلەن ئۆزىمىزگە تەسەللى ئىزدەپ يۈرۈۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ خىلدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچقانداق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغان، ئادەم ئالدايدىغان قۇرۇق ئىمىزگە ئىكەنلىكى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان. خىتاي ھاكىمىيىتى بىزنىڭ بۇ پسىخىكىلىق ئاجىزلىقىمىزدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۆرۈشىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەققانىي مۇستەقىللىق كۆرۈشىنى تېررورىزم ھارۋىسىغا چېتىپ قويۇش ئارقىلىق چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىزنى قوراللىق كۈرەش تېمىسىنى تىلغا ئېلىشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىقى رەزىل ۋاسىتىلەرنىڭ  ھەممىسىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ.

چۈنكى، ئۇيغۇر خەلقى قوراللىق كۈرەشكە ئاتلانغان كۈننىڭ خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل بەربات بولۇشىنىڭ باشلىنىشى بولىدىغانلىقىنى خىتاي ھاكىمىيىتى بىزنىڭ بەزىبىر سىياسەتچىلىرىمىزگە قارىغاندا ئوبدانراق بىلىدۇ.

دېموكراتىيەنىڭ ماكانى بولغان ياۋروپادىكى بوسنىيە ۋە كوسوۋۇ ئەللىرىنىڭ قوراللىق كۈرەش ئارقىلىق مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دىكتاتورىلىق تۈزۈلمىدىكى ھاكىمىيەتكە قارشى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ كوچىلىرىدا نامايىش قىلىش، شوئار توۋلاش بىلەنلا ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرىمەن دېيىش ئۇخلىماي چۈش كۆرگەنلىك. بۇ پائالىيەتلەر پەقەتلا خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە بىلدۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ خالاس.

بىراق مۇستەقىللىق يالۋۇرۇش، تەلمۈرۈشلەر بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا قېنى ۋە جېنىنى بەدەل قىلالىغان خەلقلا مۇستەقىللىقنىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ھوقۇقلۇق. بىزنىڭ خالاش-خالىماسلىقىمىزدىن قەتئىي نەزەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ھامان بىر كۈنى قوراللىق كۈرەشكە مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى، قاريۈزلۈك، يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ كۈچلۈكلەرگە تىزلىنىش، پايدا-مەنپەئەت ئالدىدا ئار-نومۇس بىلەن ھېسابلاشماسلىق قاتارلىق بىر پۈتۈن خىتاي مىللىتىنىڭ بۇ پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىگە تولۇق مۇجەسسەملەشتۈرگەن خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ قوراللىق كۈرەشسىز قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولغان.

ئەگەر بىز بۇ رېئاللىقتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرساق، ئۇ ھالدا ئۆزىمىزنىمۇ، خەلقىمىزنىمۇ ئالدىغان بولىمىز. كىزى كەلگەندە شۇنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈش لازىمكى، چەت ئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى مەلۇم دەرىجىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىگە نائىل بولدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، دىنى ئەركىنلىكىنىڭ تەقىبگە ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» نامى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن سىقىپ چىقىرىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر مەلۇم دەرىجىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى ھېلىھەم بىرەر دۆلەت ياكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىگىنى يوق. بۇنداق ھالەتنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى مىللىي داۋا كۈرىشىمىزدە يەنە كۆپلىگەن پايدىسىز ئامىللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

بۇ نۆۋەتتە ھەر قايسى تەشكىلات رەھبەرلىرىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەسىلە. ئىككى قېتىم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇشقا يېتىشكەن ئىنقىلابلىرىمىزنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى، ھەرگىزمۇ ئۈچىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ مەيدانغا كەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۈچىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ قايسى يېرىدە، قانداق شەكىلدە ۋە قاچان روياپقا چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە بىرەر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويالمىساقمۇ، بىراق، بۇ بىر مۇقەررەرلىك. يېقىن كەلگۈسىدە خەلقىمىز چوقۇم ئۈچىنچى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئاتلىنىدۇ ۋە بۇ ئىنقىلاب ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بارغان ئاداققى ئىنقىلابى بولۇپ، ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تۈگەللىنىدۇ. نەچچە يۈز يىللاپ مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشاپ تۇرۇقلۇقمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي روھىنى يوقىتىپ قويمىغان ئۇيغۇردىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك كارۋاننىڭ مۇستەقىللىق سەپىرى ھامان بىر كۈنى ئۆز مەنزىلىگە يېتىدۇ
2015- يىل دېكابىر،  بىشكەك

ئىلاۋە: بۇ كىرىش سۆز – يازغۇچى نازىم قەمبىرىنىڭ  «مەنزىلگە يىتەلمىگەن سەپەر» ناملىق تارىخى ئەسلىمە كىتابىنىڭ سۆز بېشى بولۇپ، كىتابنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئازاد قاسىمى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان.

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش