ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مەپكۇرە

مەپكۇرە

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

بىر ئۇرۇقنىڭ ئەي بولۇشى بىرى دەرھال، ئىككىنچىسى ۋاقىتقا باغلىق بولۇپ ئىككى باسقۇچقا ئايرىلىدۇ، بۇ ئىككىسى چاڭلىشىش باسقۇچى ۋە شەكىللىنىش باسقۇچىدىن ئىبارەت. چاڭلىشىش ھادىسىسى مولېكۇلالارنى پەيدا قىلغۇچى ھادىسىدۇر. بۇ بولمىسا مولېكۇلا شەكىللىنەلمەيدۇ. بىر شائىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە ۋە بىر پەيلاسوپنىڭ پەلسەپىسىدىمۇ ئورگانىك بىر مولېكۇلانىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدىكىگە ئوخشاش باسقۇچلارنى كۆرەلەيمىز. شائىرنىڭ ئىلھامى بىر تەسەۋۋۇرنىڭ چاڭلىشىشى دېمەكتۇر. پەيلاسوپنىڭ بىر «جەۋھەر»نى بايقىشى بىر مەپكۇرەنىڭ تۆرىلىشىدىن ئىبارەتتۇر. مۇشۇ چاڭلىشىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە پەيلاسوپنىڭ مەپكۇرىسى تۆرىلىپ، ھامان بىر كۈنى بەدئىي ياكى پەلسەپىۋى بىر ئورگانىزمنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

مىللىي خاراكتېرگە ئىگە بولمىغان خەلقمۇ ئوخشاشلا بىر ئورگانىزمنىڭ مولېكۇلاسىغا ئوخشايدۇ. بۇنى شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا ياكى پەيلاسوپنىڭ مەپكۇرىسىگە ئوخشاتساقمۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، مىللەتنىڭمۇ چوقۇم چاڭلىشىش ۋە شەكىللىنىش باسقۇچلىرى بولىدۇ.

بىر مىللەت ئېغىر بالايىئاپەتكە ئۇچراپ، ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان ۋاقىتتا پۈتۈن ئەزالارنىڭ شەخسىي ئارزۇلىرى ئاللىقاياقلارغا غايىب بولۇپ، بۇنداق چاغدا كوللېكتىپنىڭ روھىدا پەقەت «مىللىي خاراكتېر»لا قېپقالىدۇ، ھەممەيلەننىڭ كاللىسىدا مۇشۇ «مىللىي خاراكتېر»نى ساقلاپ قېلىش خىيالىدىن باشقا بىر ھېس قالمايدۇ. بۇنداق پەيتتە كىشىلەر شەخسىي ئەركىنلىكىنى ئەمەس، بەلكى مىللىتىنىڭ «مۇستەقىللىقى»نى ئويلايدۇ. دەل مۇشۇ ئىپتىخارلىق تۇيغۇ ئارىلاشقان بۇ مۇقەددەس ئىدىيەنى «مەپكۇرە» دېيىلىدۇ ھەمدە بۇ كىرىزىس دەۋرىنى «چاڭلىشىش دەۋرى» دەپ ئاتاش مۇمكىن.

كىرىزىس دەۋرى مەپكۇرىلەرنىڭ تۆرىلىش مەزگىلىدۇر. مىللەت خاراكتېرلىك پاجىئەلەر قەلبلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەممىنى بىر قەلب ھالىتىگە كەلتۈرگەن پەيتلەردە، مۇشۇ بىرلەشكەن قەلبتىن مەپكۇرىلەر تۇغۇلىدۇ. كېيىنكى شەكىللىنىش باسقۇچىدا تەدرىجىي باراقسانلىشىپ، چېچەكلەيدۇ ۋە يېڭى يىلتىزلارنى تارتىدۇ.

پىرۇسىيە ناپالىيون ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن خانىۋەيران قىلىنغان ئېغىر پاجىئە مەزگىلىدە «گېرمان» مەپكۇرىسى جانلاندى. پەيلاسوپ فىختمۇ تا مۇشۇ چاغقىچىلىك: «پۈتكۈل ئىنسانىيەت مىللىتىمدۇر، بارچە زېمىن ۋەتىنىمدۇر» دەپ كەلگەن بولۇپ، مۇشۇ پاجىئەدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەتتا يىلىكلىرىگە قەدەر گېرمان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ھەم ئاشكارا جاكارلىغان.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ياپونىيەنى ئىككى تەرەپتىن قىستاپ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان پەيتتە «ياپون» مەپكۇرىسى بارلىققا كەلگەن.

فرانسۇز مىللىتى ئېنگلىز ئىستىلاسى تۈپەيلىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بىر پەيتتە، دەلدۈش بىر سەھرالىق قىز ئارقىلىق مىللىي ۋىجدان ئويغىنىپ، ئۇنى نىجاتلىق ئابىدىسى قىلغان. بەنىي ئىسرائىلنىڭ مىسىردا ئېكىسپىلاتاتىسىيە قىلىنىشى يەھۇدىيلىقنى، يەھۇدىيلارنىڭ رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىشى خىرىستىيانلىقنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. سەئۇدىي ئەرەبىستان ئۈچ تەرەپتىن سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىن مۇستەملىكىگە دۇچ كەلگەن خەتەرلىك بىر پەيتتە ئىسلامىيەت مەيدانغا كەلگەن.

بىر مىللەت خەۋپ ئىچىدە قالغاندا ئۇنى شەخسلەر قۇتۇلدۇرالمايدۇ، بەلكى مىللەت ئۆز – ئۆزىنىڭ نىجاتكارى بولىدۇ. بۇنداق پەيتتە كىشىلەرنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بىر روھقا ئىگە بولغانلىقىنى، شەخسىي خاھىشلار جىمىقىپ، كوللېكتىپ خاھىشنىڭ پۈتۈن ۋىجدانلاردىكى «بىردىنبىر ناتىق»قا ئايلانغانلىقىنى كۆرىمىز. مىللەت ئېڭى ئۆز ئەزالىرىغا ساماۋى ياكى ئىجتىمائىي بىر مەپكۇرە شەكلىدە نامايان بولۇپ، ئۇلارنى رېئال غەلىبىگە ۋە ئىدېئال جەننەتكە چاقىرىدۇ. ھودكاملارنىڭ جېنىنى تىككەن مۇجاھىدلىرى قورقۇنچاقلارنى خەتەرلىك قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ، گالۋاڭلارغا ئەقىل، ئاڭقاۋلارغا ئاكتىپلىق، ھاڭۋاقتىلارغا غەيرەت بېرىدۇ.

خەتەر ۋە كىرىزىس مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن روھلاردا پارلىغان بۇ مەپكۇرىنىڭ قۇياشى ئۆچمەيدۇ. ئەكسىچە مىللەتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى تېز ئۇچقان بىر توپ ئوقىنىڭ سۈرئىتىدە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.

تۇخۇم شەكىللىنىشى ئۈچۈن كېتەرلىك ھاياتىي كۈچنى قۇرتسىمان بىر جانلىقنىڭ چاڭلىشىشىدىن ئالغىنىدەك، مىللەتنى تەشكىل قىلغان مۇئەسسەسەلەرمۇ بايقىلىشىغا ياردەم بەرگەن «مۇكەممەللىككە ئىنتىلىش» مەپكۇرىسىدىن ئالىدۇ. بىر مىللەتكە خاس مەرىپەت ۋە مەدەنىيىتى پەقەت مۇشۇ رەۋىشتە شەكىللىنىدۇ.

خەتەرلىك پەيتلەردە ئەزالىرىنى ئۆز روھىغا يۇتالىغان بىر مىللەتنىڭ كىرىزىس ئىچىدىكى نازۇكلۇقىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي مەپكۇرىلەر كەلگۈسىنىڭ ياراتقۇچىلىرىدۇر. كەلگۈسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن قولىمىزدا ماددىي ئۈسكۈنىلەر يوق، لېكىن بۇ مەسىلە ئۈچۈن مەنىۋى تېلېسكوپلىرىمىز باردۇركى، ئۇ بولسا مەپكۇرىلەردۇر.

بىر مىللەت ئاكتىپ بىر مەپكۇرىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ھەرگىزمۇ زۇلمەتلىك نىشانغا قاراپ ماڭمايدۇ. ۋەدە قىلىنغان ۋە بېشارەت بېرىلگەن «ئىرەمباغ» ھەر ۋاقىت روشەن ۋە تېخىمۇ يارقىن بىر شەكىلدە چاقناپ، ئۇنى ئۆزىگە چاقىرىدۇ. مەپكۇرىسىز دۆلەتلەر كۈتۈلمىگەندە يۈز بېرىدىغان خەتەرنى كۈتىدۇ. مەپكۇرىلىك خەلقلەر بولسا سىياسىي جەھەتتە يىمىرىلگەن بولسىمۇ، ھامان بىر كۈنى «قايتا باش كۆتۈرۈش» ئۈمىدىدە ياشايدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، روھلاندۇرغۇچى، ئاكتىپ مەپكۇرىگە ئىگە بولغان دۆلەت ئۆلمەيدۇ.

«كىشىلەر –يۇقىرىدىن تۆۋەنگە كەلگەن بىر تەسىر بىلەن ئۆز ئارزۇلىرىنى قۇربان قىلىدىغان- ئىرادە كۈچىگە ئىگىمۇ – ياقمۇ؟» دەپ ئاۋارە بولۇۋاتقان روھىيەتچىلەر بىھۇدە دەتالاش قىلىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق توغرا تەرىپى بار. مەپكۇرىلىك بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرى ئىرادە ئىگىلىرىدۇر. مەپكۇرىسىز مىللەتلەردە ئىرادىلىك شەخسلەر بولمايدۇ. يۈكسەك ئىرادىنى ئەكىس ئەتتۈرەلەيدىغان بۈيۈك قۇربانلىقلار ۋە پەۋقۇلئاددە پىداكارلىقلار مەپكۇرىنى پەيدا قىلغان كىرىزىسلىق پەيتلەردە نامايان بولىدۇ:

فرانسىيە ئىنقىلابى ھارپىسىدا مىللەت مەجلىسىنىڭ چوڭ بىر يىغىلىشىدا بارلىق ئاقسۆڭەكلەر ئېسىلزادىلىكىدىن ۋاز كەچتى. كىچىك گېرمان دۆلەتلىرى 70 جېڭىدىكى مىللىي ھۇجۇمنىڭ تەسىرىدە ئۆز مۇستەقىللىقلىرىدىن ۋاز كەچتى ھەمدە پىرۇسىيەنىڭ بېقىندىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ياپونىيە «يا شەرەپ بىلەن ياشاش، ياكى غۇرۇرى بىلەن ئۆلۈش»كە مەجبۇر بوپقالغان بىر پەيتتە ئالىي دەرىجىلىك مارىشاللار ھوقۇقلىرىنى، ئاقسۆڭەكلەر سۇيۇرغاللىقلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پىدا قىلدى ھەمدە مىكادومۇ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پادىشاھلىق تۈزۈمىدىن ۋاز كېچىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئىرادىنى ئادەتتىن تاشقىرى شەخسنىڭ كۈچىگە نىسبەت بەرگەن جەبرىيە سۈلۈكىنىڭمۇ توغرا تەرىپى بار. چۈنكى شەخسلەردىكى ئىرادىنى ياراتقان ھەمدە ئۈندەپ، كونترول قىلغان نەرسە مەپكۇرىدۇر. شەخس بۇ مىللىي «مۇۋەپپەقىيەت»نىڭ ئىلھاملىرىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىرادىسى، دەپ ئويلايدۇ. بۇلارنىڭ مىللەتنىڭ روھىدىن ئۇرغۇپ چىققانلىقىنى ئويلاپ بولالمايدۇ.

مەپكۇرە ئىككى شەكىلدە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدۇ:

مۆجىزە ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مەپكۇرىنىڭ روھلاردىكى بىۋاسىتە نامايەندىسىدۇر. شەخسلەر مەپكۇرىگە ئىگە بولغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى كۈچلۈك بىر روھقا تولىدۇ. ناھايىتى ئاكتىپ، جۇشقۇن، كەسكىن ھالەتتە ياشايدۇ، تەلۋىلەرچە ھاياجانغا چۆمىدۇ. شەخسلەر بۇ چاغدا كۆڭۈللىرىدە ھېس قىلغان تۇيغۇ «مۇقەددەسلىك» تۇيغۇسىدۇر. بۇ جۇشقۇن روھلار مەپكۇرىلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغان ئامىللارنى قەدىرلەپ، ئۇنىڭغا قارشى بولغانلىرىغا لەنەت ئوقۇيدۇ. مەپكۇرە ئۈچۈن جانلىرىنى، مەنپەئەتلىرىنى ۋە بەخت – سائادەتلىرىنى پىدا قىلىپلا قالماي، ئۇنى يۈكسەلدۈرگەنلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ كۆتۈرۈشنىڭ، ئۇنىڭغا قارشى كىشىلەرنى ۋە ئامىللارنى يوقىتىش، ۋەيران قىلىش ۋە يىمىرىپ تاشلاشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

مەپكۇرە مۇشۇ مۆجىزانە كۈچى بىلەن شەخسلەرنى باشقا كوللېكتىپ توپلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

مەپكۇرىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش كۈچىگە كەلسەك، بۇ ئۇنىڭ مۆجىزانە كۈچىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەپكۇرىنىڭ نامايەندىسىگە قارشى ئۇلۇغ بىر ئىشققا ئەسىر بولمىغانلار ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ۋاسىتىلىك ھالدا ھېس قىلالايدۇ ھەمدە مەپكۇرىگە مۇناسىپ ياكى قارشى بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىر مەپكۇرىگە باغلانغان كوللېكتىپنىڭ ئەكىس تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.

مەپكۇرىلىك كوللېكتىپنىڭ تەقدىرلىشى ياكى ئەيىبلىشىدە نامايان بولغان بۇ ئەكىس تەسىر مەپكۇرىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش كۈچىدۇركى، دەسلەپتە ئوبيېكتىپلىقتىن مەھرۇم بولغاچقا ئاممىۋىي پىكىر شەكلىدە بولىدۇ. لېكىن ئاستا – ئاستا شەكىللىنىپ «قانۇنىيەت» ھالىتىگە كېلىدۇ. مۆجىزە مەپكۇرىنىڭ گۈزەللىك سۈپىتى بولسا، ئىلھاملاندۇرۇش ئۇلۇغلۇق سۈپىتىدۇر.

مەپكۇرە بۇ ئىككى سۈپىتى ياكى كۈچى بىلەن شەخسلەرنى ئوخشاش مەنىۋىيەتتە بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەممىسىنى ئوخشاش بىر روھقا ئىگە قىلىدۇ. بىر بالا «ئۆزلۈك» تۇيغۇسىدا بولغان چاغقا قەدەر شەخسىيەتسىز ھالەتتە ياشايدۇ. ئەمما «ئۆزلۈك» تۇيغۇسىنى ھېس قىلغىنىدا، شۇ چاغقىچىلىك سۇبيېكتىپ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئىچىدە قالغان خاراكتېرى نايامان بولۇشقا باشلايدۇ. بالىنىڭ «ئۆزلۈك» تۇيغۇسىنى ھېس قىلىشى بىلەن بىر مىللەتنىڭ مەپكۇرىسىنى ھېس قىلىشى بىر – بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن مىللەت ئۆزلۈكىنى پەقەت ئېغىر بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىغاندىلا ھېس قىلالايدۇ. بالايىئاپەت مەزگىلىدىكى مىللىي بوھران كوللېكتىپ بىر جىبرىئىلدۇركى، تارقاق خەلقكە بىر مىللەت روھى ۋە بىر ئائىلە ۋىجدانى ئاتا قىلىدۇ. مىللەتكە بۇ روھ ئاتا قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، نەدىن كەلگەنلىكىنى، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى، قانداق تارىخىي رول ئوينايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقا ۋە چۈشىنىشكە باشلايدۇ.

ئېلاۋە

مەپكۇرىنى «خىيال»، «غايە»، «ھەرىكەت» ۋە «تىلەك» دېگەنلەرمۇ بار. يۇقىرىدىكى ئىزاھاتلاردىن مەلۇمكى، مەپكۇرە دېگەن بىر مىللەت ئۆتمۈشتىكى ئېغىر بىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەندە ھەقىقەتەن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر روھىي ھالەت، زېھنىي بىر مەۋجۇدىيەتتۇر. ئۇ كاللىدىن كەچكەن بىر خىيالمۇ ئەمەس، كۆڭۈلگە پۈككەن بىر غايىمۇ ئەمەس.

مەپكۇرە ھازىرنىڭ پەرۋىشكارى ۋە كەلگۈسىنىڭ ياراتقۇچىسى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆتمۈشنىڭمۇ رېئاللىقىدۇر. مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىدىن كېلىپ، ئۇنى كەلگۈسىگە ئۈندەيدىغان ئىدىيەۋى تۈرتكىسىدۇر. شۇنداق بولغانىكەن، «ئىدىيە»دىن تۈرلىنىپ چىققان «ئىدېئال»غا ئوخشاش، «پىكىر»دىن تۈرلىنىپ چىققان «مەپكۇرە»نىمۇ مۇشۇنداق ئورۇندا قوللىنىش مۇناسىپتۇر.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «ئىسلاملىشىش، تۈركلىشىش ۋە چاغداشلىشىش» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش