ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈرك ئۆزىنى باشقىلاردىن قانداق پەرىقلەندۈرىدۇ؟

تۈرك ئۆزىنى باشقىلاردىن قانداق پەرىقلەندۈرىدۇ؟

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالىپ

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈرك ئۆزىنى ئىككى جەھەتتە باشقىلاردىن پەرىقلەندۈرەتتى: 1-تىل جەھەتتىن، 2-دىن جەھەتتىن

تۈرك تىل جەھەتتىن ئۆزىنىڭ تىلىغا ئوخشىمايدىغانلارنى، يەنى تۈركچىگە ئوخشىمايدىغان باشقا تىللاردا پاراڭلىشىدىغانلارنى «سۇملېم» دەپ ئاتايىتتى. تۈركى تىللار دىۋانىدا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى مۇنداق ئىزاھلىنىدۇ: «سۇملېم تات: پەقەتلا تۈركچە بىلمەيدىغان ئىرانلىقتۇر. بۇنىڭدىن سىرىت تۈركچە بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ سۇملېم دەپ ئاتىلىدۇ.» ئۇنداقتا، ئەرەپنىڭ نەزىرىدە ئەجەم قانداق  بولسا، تۈركنىڭ نەزىرىدە سۇملېېم شۇنداق بولىدۇ: تۈركچە بىلمەيدىغان بارلىق قوۋملار «سۇملېم» دىيلىدۇ.

تۈرك دىننى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلارنىمۇ «تات» دەپ ئاتايىتتى. تۈركى تىللار دىۋانىدا بۇ سۆز مۇنداق شەرىھلىنىدۇ:

تات: بارلىق تۈركلەرگە نىسبەتەن پارىستۇر، يەنى ئىرانلىقتۇر. مۇنداق بىر ئاتا سۆزى بار: «تاتنىڭ كۆزىگە ئۇر، تىكەننى يىلتىزىدىن قومۇر.» بۇ ھىكمەتلىك سۆز تاتلارنىڭ ۋاپاسىزلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.  تىكەننى يىلتىزىدىن قومۇرۇش زۆرۈر بولغاندەك، تاتنىڭمۇ كۆزىگە ئۇرۇش كىرەك. باشقا بىر ھىكمەتلىك سۆزدە مۇنداق دىيىلىدۇ: تاتسىز  تۈرك بولمايدۇ، باشسىز بۆك (بولمايدۇ)، يەنى پارىس تۈركسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

تات: ياغما ۋە توخسى [1] قەبىلىلىرىگە نىسبەتەن ئىيىتقاندا ئۇيغۇر كاپىرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇرتىدا مۇشۇلارنى ئاڭلىدىم. بۇ ھەقتە نۇرغۇن گەپ- سۆزلەر بار. تات تاۋغاچلارنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر ۋە خىتاي دىگەنلىك بولىدۇ.

يۇقارقىلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى پارىسلار تات دەپ ئاتالغاندەك، بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ تات دەپ ئاتىلاتتى. بۇنىڭغا ئاساسەن تۈرك بولسىمۇ باشقا بىر دىنغا ئىتقاد قىلسا تات دەپ ئاتاشقا بولىۋىرەتتى. بۇنداق بولغاندا تۈركلەر تىل جەھەتتىن باشقىلاردىن پەرىقلىق بولغانلار ئەمەس دىن ۋە تۆرە جەھەتتىن پەرىقلىق بولغانلار ئىدى. ئەرەپلەرنىڭ نەزىرىدە كاپىر قانداق مەنىنى بىلدۈرىسە، تۈركنىڭ نەزىرىدە تات شۇنداق مەنىگە ئىگە ئىدى.

تات ۋە تاۋغاچلارنىڭمۇ خىتايلارغا تات نەزىرىدە مۇئامىلە قىلمغانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. دىمەككى، قەدىمى تۈركلەر بىلەن خىتايلار ئارىسىدا دىنى ۋە مەدەنى جەھەتتىن  ئوخشاشلىق (ئورتاقلىق) مەۋجۇت ئىدى. خىتايلار كۈلتۈر جەھەتتىن تۈركلەردىن پەرىقلىنىدىغان بولغاچقا ئۇلارنى تۈرك دىيشكە بولمايىتتى. مەدەنى جەھەتتىن تۈركلەر بىلەن ئوخشاشلىقى (ئورتاقلىق) بولغاچقا ئۇلارنى پارىسلارنى ئاتىغاندەك ئاتىغىلى بولمايىتتى. شۇڭلاشقا خىتايلار، تاۋغاچ دىگەن ئىسىم بىلەن ھەر ئىككىلىسدىن پەرىقلەندۈرلەتتى. تاۋغاچ دىگەن سۆز تۈركى تىللار دىۋانىدا خىتاي دىگەن مەنىدە كىلىدۇ، شۇنداقلا قەدىمي بۈيۈك سەنئەت مىراسى (ئەسىرى) دىگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرىت  بۈىۈك ۋە شانلىق دۆلەتلەرگە ئىگە بولغان ھۆكۈمدارلارنىڭمۇ «تاۋغاچ خان» دەپ ئاتالغانلىقى تىلغا ئىلىنىدۇ. تۈركىستاندىكى كۆز-قاراشلار مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت. پەقەت ئىسلام دىيارىدا تات ۋە تاۋغاچ تەبىرى پارىس ۋە تۈرك دەپ چۈشىنىلىدۇ. تۈركى تىللار دىۋانى بىرىنجى خىل كۆز- قاراشنىڭ توغرىلىقىنى، ئىككىنچى خىل كۆز- قاراشنىڭ ئەۋزەللىكىنى قەيىت قىلىدۇ.

تاۋغاچ سۆزى «تاۋ tew» دىگەن سۆز يىلتىزى ۋە «غاچ gaç» دىگەن سۈپەتتىن تەركىپ تاپقان. «تاۋ Tew» سۆزى تۈركى تىللار دىۋانىدا «ھىيلە-مىكىر» دىگەن مەنىدە كىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن «تاۋغاچ» كەلىمىسى «ھىيلىگەر» دىگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئورخۇن كىتابەلىرىدە [2] خىتايلارنىڭ ھىيلە- مىكرى سەۋەپلىك تۈركلەرنىڭ بىر- بىرى بىلەن دۈشمەنلەشكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەندە« ھىيلە» ئورنىغا «تەب Teb» سۆزى ئىشلىتىلگەن. سومسېن thomsen بۇ سۆزنى «سىھىر» دەپ تەرجىمە قىلغان.

ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈركلەر خىتايلارنى بىردىنبىر «ئايېك ayık – ئۇقۇمۇشلۇق» ۋە «بىلگىلىك-بىلىملىك» كىشلەر دەپ تونۇيىتتى. ئورخۇن كىتابەلىرىدە خىتايلارنىڭ تۈركلەرگە «ئىلىم- مەرىپەت» ئۈگەتكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار بار. سومسېن «ئايېك» سۆزىنى «مەدەنىيەت»، «بىلگى» سۆزىنى «ئىلىم- مەرىپەت»-دەپ تەرجىمە قىلغان.

ئورخۇن كىتابىلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، كۆكتۈركلەرنىڭ خىتايلار بىلەن سىياسى مۇناسىۋەتتىن باشقا مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. خىتاي ئىمپىراتۇرىنىڭ كىتابەلەرنىڭ يىزىلىشى ۋە «بارك [3]» لارنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن سەنئەتكارلارنى ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە «يۇغ [4]» لارغا ۋەكىل ئەۋەتىشىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار، خىتاي مەدەنيتىگە تىخىمۇ بەك ئىجابى قارايىتتى. « كىتابۇلئىلمۇننافى» بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىمىزنى روشەنلەشتۈرىدۇ:

«ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەدەبىياتىغا دائىر  ناھايتى ئاز ئەسەر  قىلىپ قالغان. ياۋرۇپالىق ئالىملار نىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر شىۋىسىدە يىزىلغان بۇ ئاز مىقداردىكى قول يازمىلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامىيەتتىن كىيىن يىزىلغان. بىز ئىرىشكەن ئەڭ قەدىمى قوليازمالار مىلادى بىرىنچى ئەسىرلەرگىچە چىتىشلىق چىقىدۇ. ماتۈەن ئىسىملىك بىر خىتاي يازغۇچى تەرىپىدىن مىلادى 1200-يىللاردا تەييارلانغان بىر دوكلاتنى كۆرگەنىدۇق. دوكلاتتا دىيلىشچە، ئۇيغۇرلار ئارسىدا خىتايلارنىڭ «شى كىڭلەر، لوكايلىدلەر، ھىياۋكىڭلەر» ناملىق كىتاپلىرى بىلەن ئۇ سۇلالىلەرنىڭ شائىرلىرى ۋە تارخىچىلىرى مەۋجۇت ئىدى. ئۇيغۇر ياشلىرى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئوغۇللىرى مەكتەپلەردە تەربىيلىنەتتى. بۇلار مەكتەپلەردە پەقەت ئوقۇش بىلەنلا قالمايىتتى. بىيىت توقۇش ۋە شىئىر يىزىشنىمۇ ئۈگىنەتتى.

 تۈركلەرنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مىلاتتىن 200 يىل ئىلگىرى ھۆكۈم سۈرگەن «ھۇن» نامىدىكى تۈرك دۆلىتى دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت ئىدى.  مىلاتتىن 174 يىل ئىلگىرى چۇڭ خۇاڭ يۇە دىگەن بىر خىتاي ئەلچىسى  بىر خىتاي مەلىكىسىنى ئىلىپ تۈرك ھۆكۈمدارىغا سوۋغا قىلىش مەقسىتىدە تۈرك سارىيىغا كەلدى. ئەلچى تۈركلەرنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى تەقلىد قىلىش قىزغىنىقىنى كۆرۈپ، بۇ دورىمىچىلىق تۈركلەرنىڭ ھاياتىنى بۇزىدۇ دەپ قارىدى. بۇ ئەلچى تۈركلەرنى ناھايتى ياخشى كۆرۈپ قالدى. شۇڭلاشقا خىتايغا قايتىپ كەتمىدى. بۇ دەۋىرلەردە تۈركلەر قازانغان زەپەرلىرى ۋە قۇرغان بىرلىكلىرى سەۋەپلىك ناھايتى كۈچەيگەنىدى (بىيىغانىدى). ئالدىدا خىتاي كۈلتۈرىگە ئوخشاش ۋاللا-ۋۇللۇڭ، دەبدەبىلىك كۆرىنىدىغان يىڭى بىر دۇنيا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. بۇ كۈلتۈرنىڭ يىمەك-ئىچمەكلىرى، كىيىم-كىچەكلىرى، مودىلىرى ئاستا-ئاستا تۈركلەرنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. خىتاي ئەلچى بۇ ئەھۋالنىڭ خەتىرىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. ئۇلارنى ئويغىنىشقا دەۋەت قىلاتتى. ئەمما، تۈركلەرنىڭ قىلدىغان ئىشى يا قويۇق ئورمانلارغا شىكارغا چىقماق ياكى يايلاقلاردا سان- ساناقسىز پادىلىرىنى ئوتلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇنداق ياشايدىغانلارغا خىتايدا توقۇلغان يىپەك رەخىتلەر ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ تىرە ۋە مامۇقلاردىن تىكىلگەن كىيىم- كىچەكلىرى بەكرەك ماس كىلەتتى. قىتىق، قىمىز، سۈزمە،سىرىقماي، قايماققا ئوخشاش سۈتتىن ياسالغان يىمەكلىكلەر، لەززەتلىك ئوۋ گۆشلىرى بىلەن سىمىز بىقىلغان پادىلار خىتايلارنىڭ يىمەكلىكلىرىدىن بەكرەك يىيىشلىك ۋە پايدىلىق ئىدى. ئەگەر تۈركلەر خىتايلارنىڭ ئادەتلىرىگە رىئايە قىلىسا، ئۇلارنىڭ بۇغداي ۋە قوناقلىرىغا، يىپەك كىيىملىرىگە كۆنەلەيدىغان بولغاچقا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قىلىشىنى ئۇنداق بەك يامان كۆرۈپ كەتمەيىتتى.

خىتاي ئەلچى ھەردائىم ھۆكۈمدارغا، تۈرك ئېلىنىڭ ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان تۆرەلەردىن ئايرىلماسلىقى كىرەكلكىنى تەكىتلەيىتتى (ئۈگۈت بىرەتتى). چۈنكى بۇ تۆرەلەر شانلىق تارىخ ياراتقان ئۇ ئەجداتلارنى يىڭىلمەس قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرغانىدى. بۇ ئۈگۈتلەرگە باشقا پەندى- نەسىھەتلەرمۇ قوشۇلاتتى. ھۆكۈمدار خەلقىنىڭ نوپۇسىنى، ئوخشىمىغان قەبىلە ۋە چىدىرلارنىڭ سانىنى ۋە مۇددىتىنى (كۆچمەن تۈركلەرنىڭ چىدىر قۇرۇپ ئولتۇراقلاشقان يىرىدە قانچىلىق تۇرىدىغانلىقىنى دىمەكچى-ت) ئىنىق بىلىشى كىرەك ئىدى. چۈنكى نوپۇس ۋە مال-چارۋىلارنىڭ سانى ئىنىق بولسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىتايغا قارشى ئۇرۇش ئىچىلىپ قالسا، كۈچلۈك ۋە جابدۇقلۇق قوشۇنلارنى تەشكىللەپ چىققىلى بولاتتى.

خىتاي ئەلچى خىتايلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىن كەلگەن ئەلچىلەرگە مەغرۇر مۇئامىلە قىلىش كىرەكلىكنى تانجۇغا [5] (تۈرك ھۆكۈمدارغا) تەۋسىيە قىپ تۇراتتى. خىتاي ئىمپىراتۇرى تانجۇغا مەكتۇپ يازغاندا مۇنداق دەپ باشلايىتتى: «ئىمپىراتۇر، ھۇنلارنىڭ تانجۇسىدىن (ھۆكۈمدارىدىن) تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى ئۆتۈنىدۇكى…»  ۋاراقنىڭ چوڭ-كىچىلىكى مۇئەييەن بىر چوڭلۇقتا بولاتتى. خىتاي ئەلچى  تانجۇغا، مەكتۇپ يازغان چاغدا خىتاي ئىمپىراتۇرى ئىشلەتكەن ۋاراقتىن چوڭراق ۋاراق ئىشلىتىشىنى ۋە مەكتۇپنىڭ بىشىغا: «ئاسمان بىلەن يەر تۇغقان، قۇياش بىلەن ئاي تەخىتكە چىقارغان ھۇنلارنىڭ بۈيۈك ھۆكۈمدارى خىتاي ئىمپىراتۇرىدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى…» دەپ يىزىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. چۇڭ خۇاڭ يۈە ھەردائىم ھۆكۈمدارنىڭ سارىيىغا كەلگەن خىتايلارغا بولۇپمۇ خىتاي ئىمپىراتۇرى تەرىپىدىن ۋەزىپە بىلەن كەلگەن خىتايلارغا تۈركلەرنىڭ ئىسىل پەزىلىتىنى ماختاپ بىرەتتى.  تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر جەھەتتىن خىتايلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالاتتى. خىتايلار ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ «تۈركلەر ياشانغانلارنى ھېقىر [6] كۆرىدۇ.»-، دىيىشەتتى. ئەلچى بۇنىڭغا جاۋابەن «خىتايدا نۇرغۇن خىزمەتلەرگە سىلىنغاندىن كىيىن، ماغدۇردىن قالغاندا يۆلەنچۈكسىز، قارانچۇقسىز تەرك ئىتىلگەن بىرمۇنچە خىتاي قىرىلارنىڭ بارلىقىنى» ئەسلىتەتتى. «ئەگەر تۈركلەرنىڭ كۈنى پەقەت ئۇرۇش بىلەنلا ئۆتىدۇ دىيىلسە، بۇ ئۇرۇشلار مىللەتنىڭ بەختى ۋە تەختى ئۈچۈندۇر. ياشانغانلار ۋە كۈچسىز بولغانلىقتىن ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا قادىر بولالمايدىغانلار كىرەكلىك ئۇزۇق-تۈلۈككە ئىگە بولۇپ، دۈشمەنگە قارشى خاتىرجەم بىر ۋەزىيەتتە ياشايدۇ. دادا بىلەن بالا ئۆز-ئارا بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. شۇڭلاشقا تۈركلەرنى قىرىلارغا ھاقارەت قىلىدۇ دەپ ئەيىپلەش تۆھمەت قىلغانلىق بولىدۇ.»

خىتايلار، تۈركلەردە  دادا- بالىنىڭ بىر ھۇجرىدا يىتىشىنى، دادىسى ئۆلۈپ كەتسە ئوغۇلنىڭ ئۈگەي ئانىسنى نىكاھىغا ئىلىشىنى، بىر قىرىندىشى تۈگەپ كەتسە يەنە بەنە بىر قىرىندىشىنىڭ (ئاكىسى ياكى ئىنىسىنىڭ) يەڭگىسىنى ئىلىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۈركلەرنى تەنقىت قىلاتتى. چۇڭ خۇاڭ يۈە ھەمىشە تۈركلەرنىڭ خىتايلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشاتتى. ئۇ مۇنداق دەيىتتى: «تۈركلەر ھايۋان گۆشىدىن باشقا گۆشنى يىمەيدۇ، سۈتتىن باشقا بىرنەسە ئىچمەيدۇ، تىرىدىن باشقا بىرنەرسىدە تىكىلگەن كىيىم-كىچەكنى كىيمەيدۇ، ھەددى-ھىساپسىز مال-چارۋىلىرىنى يايلاقلاردا، ئىرىق- بويلىرىدا كەزدۈرىدۇ، پەسلگە قاراپ ئۇلارمۇ ئورنىنى ئالماشتۇرىدۇ. ئۇزۇق- تۈلۈكى قالمىغاندا دەرھال ئاتقا مىنىدۇ-دە شىكارغا ئاتلىنىدۇ. باي- باياشاتلىق ئىلكىدە ياشايدۇ، ئارتۇق نادامەت چىكىپ يۈرمەيدۇ.  قائىدە- نىزاملىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ياقتۇرمايدۇ. بىر ئوغۇلنىڭ ئۆگەي ئانىسى بىلەن، بىر ئەرنىڭ يەڭگىسى بىلەن ئۆيلىنىشى ئۆينىڭ بۇزۇلماسلىقى، بالا- چاقىنىڭ جەبىر- جاپاغا قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. بۈگۈنگىچىلىك ھۇنلار ئارىسىدا مۇشۇنچىۋالا قالايمىقانچىلىقلار تۇرسىمۇ ھىچقاچان، كونا ھۆكۈمدارنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئائىلىدىن بىر ەر بەگنىڭ تەخىتكە چىقرىلغانلىقى كۆرۈلۈپ باقمىدى. خىتايدا دەل ئەكىسچە، ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى تەخىت ۋارىسلىرى (ۋەلى ئەھدى) بىر بىرىنى بوغۇزلاپ كەلدى. دائىم دىگۈدەك يىڭى بىر مۇشتۇمزور ئوتتۇرغا چىقىپ كونىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ يىڭىدىن ئىمپىراتۇرلۇق قۇرۇپ چىقتى.

شۇڭلاشقا، خىتايدا ھەردائىم كونا قائىدە- يۇسۇنلارنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. خىتايلار خەلقىنى دۈشمەنلەرنىڭ تەھلىكىسدىن خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن تام بىلەن ئورالغان شەھەرلارنى بىنا قىلىدۇ. ئەمما، خەلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، قوپارغا تاملىرى بىلەن خەلقىنى مۇداپىئە قىماي ئاق بايراق چىقىرىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

بۇ رىئاللىقلار بىزگە تۈركلەرنىڭ خىتايلاردىن مەدەنىيەت ئۈگىنىشكە ھىرىسمەن ئىكەنلىكىنى، ئەمما تۈرك كۈلتۈرىنىڭ ئورنىغا خىتاي كۈلتۈرىنى دەسسىتىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئورخۇن پۈتۈكلىرىدە بىلگە قاغان بۇ غايىنى مىللىتىگە نىمىدىگەن مۇكەممەل چۈشەندۈرگەن ھە!:

«ئەي تۈرك مىللىتى، ئەگەر ئۇ دۆلەتكە بارساڭ ئۆلۈپ كىتىسەن. ئەمما، ئىچىدە قىسمەتمۇ، بايلىقمۇ بولمىغان ئۆتۈكەن ۋادىلىرىدا قىلىپ؛ كارۋان ۋە توپلارنى ئەۋەتسەڭ مەڭگۈلۈك بىر سەلتەنەتنى مۇداپىئە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىسەن!»

شەك- شۈبىھسىزكى، تۈركلەرنىڭ ختايغا بىرىشى خىتاي كۈلتۈرى ئچىدە يوق بولۇپ كىتىشى دىگەنلىك ئىدى. ھالبۇكى، ئۆتۈكەندە قىلىپ كارۋان ۋە توپلارنى ئەۋەتىشى، تۈرك مىللى كۈلتۈرىنى يوقاتماستىن خىتاي مەدەنىيتىدىن پايدىلىنىشىغا شارائىت تۇغدۇراتتى. تۈركلەرنىڭ مىللى كۈلتۈر ھەققىدىكى بۇ ئەندىشەلىرى، مەنقىبىلەردە [7]، ھەتتا ئەپسانىلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. بوگۇخان [8] مەنقىبىسىنىڭ ئاخىرىدا يالۇن تەگىن ئىسىملىك بىر تۈرك خاقانىنىڭ ئوغلىغا بىرىلگەن بىر خىتاي مەلىكىسى ئۈچۈن قۇت تىغىنى خىتاي ئىمپىراتۇرىغا سوۋغا قىلغانلىقىنى ۋە مۇشۇ سەۋەپلىك خىتاي ئىمپراتۇرىنىڭ ئۇ تۇپراقنىڭ ھۆكۈمدارىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ كۆچكە مەجبۇرلىغانلىقى ھىكايە قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا تۈرك دۆلىتىنىڭ زەپەر تىلسىمى دەپ تونۇلغان بۇ قۇت تىغىنى، مىللى كۈلتۈرنىڭ بىر سىمىۋۇلى دەپ ھىساپلىساق خاتا قىلغان بولارمىزمۇ؟

ئىلاۋە: تاتار دىگەن سۆز «تات ئەرى» دىگەن سۆزدىن قىسقارتىلغان بولسا كىرەك. «دەدە قورقۇت» دىگەن كىتاپتا «تات ئەرى» تەبىرى بار. تۈركلەر تاتار دىگەن سۈپەتنى جاھىل يەنى تۆرەسىز موڭغۇللار بىلەن توڭگۇزلارغا ئىشلىتەتتى. تات بىلەن تاتار ئارىسىدىكى پەرىق، ئەرەپ تىلىدىكى كاپىر بىلەن جاھىل ئارىسىدىكى پەرىقكە ئوخشايدۇ. تاتارلاردا قان داۋاسى، غەزۋە دىگەندەك قەبىلە ئادەتلىرى تىخىچە مەۋجۇت ئىدى. تۈركنىڭ جاھىللىرىغا تاتار دىيىلەمدۇ ياقمۇ بۇنى بىلمەيمەن.

ئىزاھاتلار:

[1] ياغما ۋە توخسى، ئۇيغۇر. پەچەنەك. چىلگى دىگەندەك تۈرك قەبىلىلىرىنى كۆرسىتىدۇ

[2]  مازار تىشى، تاغ باغرى، تاختالارغا ئويما، قاپارتىلما شەكلىدە يىزىلغان خەت ياكى نەقىشلەر

[3] 1. تاشتىن ياسالغان ئۆيلەر

2. تۈربىلەرنىڭ ئۈستىدىكى تاش ياكى شۇنىڭغا ئوخشايدىغان قۇرۇلمىلار

3. ئائىلە https://www.seslisozluk.net/BARK-nedir-ne-demek/

[4] بۇرۇنقى زامانلاردىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ جىنازە مۇراسىمى ياكى دەپنە مۇراسىمى يۇغ دەپ ئاتىلاتتى-ت

[5] ئەينى دەۋىردە تۈرك ھۆكۈمدارلىرى تانجۇ دەپ ئاتالغان-ت

[6] كىچىك كۆرۈش، مەنسىتمەسلىك، كۆزگە ئىلماسلىق، بىھۆرمەتلىك قىلىش

[7]  تارىخى شەخىسلەرگە دائىر ھىكايە ۋە رىۋايەتلەر. ئالاھىدە، مۆجىزە خاراكتىرلىك ھادىسە ياكى يىڭىلىقلارغا دائىر چۆچەكلەر

[8] بوگۇخان ياكى بۈگۈخان 759-779 ئۇيغۇر دۆلىتى ھۆكۈمدارى. مانى دىنىنى دۆلەتنىڭ رەسمى دىنى قىلىپ بىكىتكەن ھۆكۈمدار

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش