ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ماھىيىتى تېمىلىق ئاخبارات يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ماھىيىتى تېمىلىق ئاخبارات يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرىنى زىيارەت قىلغان ۋە زۇلۇمنى خەلقئاراغا پاش قىلغان ئالبانىيەلىك مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچى دوكتور ئولسى يازىجى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن ئۇچراشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى جۈمە چۈشتىن كېيىن 16:00 دە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلغان ۋە زۇلۇمنى خەلقئاراغا پاش قىلغان ئالبانىيەلىك مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچى دوكتور ئولسى يازىجىنىڭ شاھىتلىقىدا، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ ماھىيىتى تېمىلىق ئاخبارات يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمى شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشلىرى بىلەن باشلاندى.

فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنۋېرستېتى توپكاپى مەكتەپ رايونى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئاخبارات يىغىنىغا ئۇيغۇر، تۈرك، باشقا چەتئەللىكلەردىن سىرىت، بەزى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ قاتناشتى.

يىغىنغا ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، ت گ ر ت تېلېۋىزىيە قانىلى، قارار گېزىتى، ARD گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى ۋە ئەل جەزىرە تېلېۋىزىيەسى قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى كەلدى ۋە دوكتور ئولىسى يازېجىنى ئايرىم-ئايرىم زىيارەت قىلدى.

ئالدى بىلەن ئاكادېمىيە رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئاتالمىش تەربىيىلەش قالپىقى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى جازا لاگىرلىرىغا سەۋەبسىز يىغىۋالغانلىقى، چەتئەلدىن مۇخبىرلار بارسا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، يالغان كۆرۈنۈش ياساپ ساختىپەزلىك قىلىۋاتقانلىقى، مۇشۇنداق جىددىي ئەھۋالدا ۋىجدانلىق ۋە قەيسەر ئالبانىيەلىك مۇخبىر دوكتور ئولسى يازىجىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھايات-ماماتلىق مىللىي كىرىزىسلىق بىر مەزگىلدە ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى ۋە مۇخبىر دوكتور ئولسى يازىجى بىزگە ۋەتىنىمىزدىكى خىتايلارنىڭ جازا لاگىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەقىقىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلاپ، خىتايلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىققا شاھىد بولىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، دوكتور ئولسى يازىجىنىڭ ھەققانىيەتچى سۆز-ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيىتتى.

يىغىننىڭ ئاخبارات قىسمىدا، ئالبانىيەلىك مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچى دوكتور ئولسى يازىجى، ئۆزىنىڭ ئالبانىيەلىك تارىخىچى ئىكەنلىكىنى، خىتاينى ياكى ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىۋاتقان بىرى ئەمەسلىكىنى، تاساددىپىي ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ قالغانلىقىنى، دەسلەپتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقىۋاتقان لاگېر خەۋەرلىرىنى غەربنىڭ ياكى ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى دەپ ئويلىغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، خىتاينىڭ بۇ ئىشتا خاتالىقى يوقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى چۈشۈندۈرۈپ مۇنۇلارنى سۆزلەپ ئۆتتى: 2019-يىلى 8-ئايدا، ئۈرۈمچىگە باردىم، دەسلەپتە ئەھۋالنىڭ ناھايىتى نورمال، ئىنسانلارنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇيەردە ھەتتا ۋىدىئو تارتتىم، خىتايلار ماڭا ئالدىن بەلگىلەنگەن جايلارنى كۆرسەتتى. كىشىلەرنىڭ (ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئارلاش) ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئىسلام ئىنىستىتۇغا بارغان چېغىمدا، ئۇ يەردىكى مەسئۇل كىشى ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى، لېكىن بەزى تېرورچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى تۇتۇپ تازىلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەن بىر مۇسۇلمان تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گەرچە ئىشلار نورمالدەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، كىشلەرنىڭ بىر خىل قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. كىشىلەردىن قۇرئان ۋە ئەزان ئوقۇپ بېقىشىنى تەلەپ قىلغىنىمدا ئوقۇدى، لېكىن كۆزلىرىدە، ھەرىكەتلىرىدە بىر خىل ئەندىشە ۋە قورقۇنچ ئەكىس ئەتكەنلىكىنى بايقىدىم.

ئۇ يەنە بىر ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى ئېيتتى: خىتايلار بىر قانچە قېتىم لېكسىيە ئورۇنلاشتۇردى، شۇنچە تەلەپ قىلغان بولسىمۇ بىرمۇ ئۇيغۇر قاتناشتۇرۇلمىدى. يەنە خىتاي ماڭا توختىماي «بىر يول بىر بەلباغ» تۈرىنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى، كىشىنى ئىنتايىن غەزەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، خىتاي خىجىل بولماي ئۇيغۇرلارنى بۇ يەرگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، بۇ زېمىن ئەزەلدىنلا بىزگە تەۋە، ئۇيغۇرلار ئەسلىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايتتى، كېيىن ئەرەبلەردىن قوبۇل قىلدى، ئىسلام دىنى بىر تېرورچى دىنى دېدى.

مەن مىللەتچىلىك نەزىرىيىسىنى ۋە ئىسلامنى تەتقىق قىلىدىغان بىر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئىشلارنىڭ ئەينى يىللىرى گېتلىرىنىڭ قىلغانلىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.

ئۇ لاگېرلاردا كۆرگەنلىرىنى ئەسلەپ مۇنۇلارنى دېدى: كېيىن خىتايلار مېنى ئاقسۇغا ئېلىپ باردى، ئايشەم مەخمۇت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئۇنىڭغا سالام بەرسەم «نى خاۋ» دىن باشقا بىر نەرسە دېمەيتتى، «ئۇيغۇرچە بىلمەمسىز، سىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟» دېسەم ئىنكار قىلدى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە دىنىنى ئۇنۇتۇپ خىتايلاشقاندا تېخىمۇ ئاسان كۈن كەچۈرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئونسۇ جازا لاگېرىغا بارغىنىمدا، ئۇ يەردىمۇ خىتايلار مېنى ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تېرورچىلارنى تازىلاۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى، سۈرىيەدە بولۇپ ئۆتكەن بەزى ۋېدىئولارنى كۆرسەتتى. 20 دەك ئۇيغۇر قىز-يىگىتنى چاقىرىپ ناخشا-ئۇسسۇل ئورۇنداتتى، بۇنىڭغا چىدىماي سىرتقا چىقىپ باشقا كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغىنىمدا كەينىمگە كىرىۋالغان ئىككى خىتاي توسقۇنلۇق قىلدى، پاراڭلىشىشىمغا يول قويمىدى. مەن لاگېردا ناھايىتى بىچارە قىز-يىگىتلەرنى كۆردۈم، ئۇلار پەقەت خەنزۇچە سۆزلىشەتتى، ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشى چەكلەنگەنىدى. بىر ئامال قىلىپ بەزىلىرى بىلەن ئوغۇرلۇقچە پاراڭلاشتىم. ئۇلار ناماز ئوقۇغانلىقى، ياغلىق ئارتقانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغانىكەن.

ئۇ بىر ۋېدىئونى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ۋېدىئودىكى كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم. بۇ قىز ياغلىق ئارتقانلىقى ۋە ئاپىسىنى ناماز ئوقۇشقا دەۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا كىرىپ قالغىلى ئىككى يىل بولغانلىقىنى، يېنىدىكى يىگىتنىڭ بولسا ئاشكارا ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئېيتتى. لاگېردىكى ئەھۋاللار مېنىلا ئەمەس، ياپونىيەدىن ۋە ئەرەب ئەللىرىدىن بارغان مۇخبىرلارنىمۇ چۆچۈتتى. بۇ يەر تۈرمىلا بولۇپ قالماي، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى يۇيىدىغان، كىملىكىنى ۋە دىنىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان يەر ئىكەن. ئۆزىنى ئۇنتۇپ (چوشقا گۆشى يەپ، دىنىنى ئىنكار قىلىپ خىتايلاشسا) يالۋۇرغان كىشىلەرنى يېنىكلىتىپ تۈرمىدىن لاگېرغا يۆتكەپ قويىدىكەن.

مەن نەگە بارسام كەينىمدىن ئىككى كىشى ئەگىشىپ ماڭاتتى، داۋاملىق مېنىڭ نېمە مەقسىتىم بارلىقىنى سورايتتى. مەن قەشقەرگە بارغاندا بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇ ئايال ئىككى ياشلىق قىزىدىن ئايرىلىپ لاگېرغا قامالغىلى ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. جىنايىتى پەقەت ھالال يېمەكلىك يېمەكچى بولغانلىقى ئىكەن، پاراڭلىشىۋاتقىنىمىزدا ئايال ناھايىتى قاتتىق يۆتىلىپ كەتتى، نېمە بولغانلىقىنى، كېسىلى بار-يوقلىقىنى سورىغىنىمدا خىتاي ناھايىتى جىددىيلىشىپ: «سەن بۇنى 20 مىڭ دوللار خەجلەپ قۇتقۇزۇۋالامسەن؟» دەپ ۋارقىراپ كەتتى. كېيىن مەن ناھايىتى دىققەت تارتقانلىقىمنى، خەتەر ئىچىدە قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. باشقا يەردىن (ئافغانىستان قاتارلىق) كەلگەن مۇخبىرلارغا: «ئەمدى سىلەر ئوتتۇرىغا چىقىڭلار، مەن بەك دىققەت تارتىپ كەتتىم» دېدىم. خىتاي مېنى ئامېرىكا ئىشپىيونى دەپمۇ ئويلاپتۇ. مەن بىر خىتاي بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا: «لاگېردا بىر مىليون كىشى بار ئىكەن، شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدىم، ئۇ: «ئۇنداقمۇ ئەمەس، 500 مىڭ بارمىكىن» دېدى. مەن ئۈرۈمچىدىكى ئىككى مەسچىتنىڭ تاقالغانلىقى، پەقەت جۈمە كۈنىلا ئېچىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم، جۈمەگىمۇ ياشانغانلاردىن باشقا كىشىلەر كېلەلمەيدىكەن.

مۇخبىر ئولسى يازىجى كۆرگەنلىرىدىن ۋە تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغانلىرىدىن مۇنداق ئىككى خۇلاسە چىقارغان:

1) «بىر يول بىر بەلباغ» تۈرىنى ئۆزلىرىنىڭ سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قوللانماقچى. چۈنكى بۇ تۈر ئۈرۈمچى، ئاقسۇ ۋە قەشقەردىن ئۆتىدىكەن. خىتاينىڭ مەقسىتى كېينكى تىجارىتىنىڭ تىنچ ۋە خاتىرجەم دۋام قىلىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ياكى خىتايلاشتۇرۇش.

2) رادېكاللىق ۋە تېرورنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، دىنىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋېتىپتۇ. خىتاي دوستلىرىمغا دەيدىغان گېپىم: مەن سىلەرگە دۈشمەن ئەمەس، لېكىن سىلەرنىڭ قىلغىنىڭلار ئىنسانىيەتكە قىلغان بۇزغۇنچىلىق، بۇلار سىلەرنىڭ ئىشەنچسىز، ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

مۇخبىر ئولسى يازىجىنىڭ دوكىلاتىدىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار سۆز قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈردى. بىر تۈرك ئوقۇتقۇچى مۇخبىر ئولسى يازىجىغا: «سىز بىز تۈركلەر قىلالمىغان ئىشنى قىلدىڭىز، مەن ئىنسانلىق نۇقتىسىدىن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى.

ئولىسى يازېجى ئەپەندى يىغىندا ئىنگلىزچە سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئىستانبۇلدىكى ساباھاددىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى دوكتور بۇرھان سېتى تەرجىمە قىلىپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىلەر دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندىگە ئاكادېمىيە نامىدىن گۈل-چېچەك تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە، دوپپا ۋە تون كىيدۈردى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى دوتسېنت دوكتور بۇرھان سېتى ئەپەندىمۇ دوكتور ئولىسى يازېجى ئەپەندىنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن تىك تۇرۇپ ئېگىلمىگەنلىكىگە سىمۋۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى نامىدىن لەۋھە تەقدىم قىلدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش