ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » بورانگۈل چۈشى

بورانگۈل چۈشى

مەرھۇم كۈرەش كۈسەن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق خاتىرىسىدە سۆزلەنگەن سۆز

دوكتور ئەسەت سۇلايمان

تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن بولغان مۇستافا چوقاي ئوغلى 1941-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇيۇقسىز تەگكەن تىفۈس كېسەللىكى بىلەن بېرلىندىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ سوغۇق ھوجرىسىدا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقىنىدا ئۇنىڭ قەلبىدىكى تۈركىستان چۈشى تېخى ئاخىرلاشمىغان ئىدى. مەرھۇم مۇستافا چوقاينىڭ مۇزلىغان ۋۇجۇدى ئىككى كۈندىن كېيىن بېرلىن ئەتراپىدىكى نەم تۇپراققا كۆمۈلگىنىدە، ئۇنىڭ قەلبىگە يىراقتىكى ۋەتىنى كۆمۈلگەن ئىدى.

İlgili resimمۇھىتىلار ئائىلىسىنىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىدىن موسۇل مۇھىتى 1940-يىلى بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ، ياپونىيە پايتەختى توكيودا يات تۇپراققا كۆمۈلگىنىدە، گېنېرال مەھمۇد مۇھىتى 1944-يىلى بېيجىڭدىكى قومۇل ۋاڭىنىڭ سارىيىدا ۋەتەن ئارمىنى بىلەن ئاخىرىقى تىنىقىدىن كەتكىنىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى يېتەكچىسى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا 1965-يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئەنقەرەدە ھاياتىنى غايىپ ئەتكەندە ئۇلارنىڭ ۋەتەن چۈشلىرى ئاخىرلاشمىغان، ئەسلا ئاخىرلاشمىغان ئىدى. شۇنداق، ئۇلار ۋەتىنىدىن يىراق تۇپراقلاردا ئالەمدىن كەتتى، ئۇلارنىڭ جىسمى يات تۇپراقلارغا كۆمۈلدى، ئەمما ئۇلار قەلبىگە ۋەتىنىنى تۈگۈپ كەتتى.

مەرھۇم كۈرەش كۈسەن بىز بىلەن بىر زاماندا ھەم بىر ماكاندا ياشىدى. ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى شۇنچە قىسقا، ئەمما كۈرەش يولىدىن ئەسلا قايتمىغان ھاياتىغا سىز ھەم بىز شاھىت بولدۇق. مەرھۇم 2006-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى 47 يېشىدا بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ئۇنىڭ ۋەتەن ھەققىدىكى ئوتلۇق چۈشلىرى كۆۋەجەپ كۆيۈۋاتتاتتى. ئۇنىڭ ئالەمچە ھېس-تۇيغۇلىرى ۋۇجۇدىدىكى ئالمىدەك يۈرىكىگە سىغمىغان ئىدى. كۈرەش كۈسەننىڭ كۆز ئالدىدا يىللارچە داۋاملاشقان ئاچچىق رېياللىق – مۇنقەرز ۋەتىنىنىڭ سۇلغۇن مەنزىرىسى ئۇنىڭ قەلب تارلىرىنى كۆيدۈرۈپ، يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلغان ئىدى. ئاخىرى بۇ ئوتلۇق يۈرەك ۋەتەننىڭ ئوتىغا چىدىمىدى، قىنىدىن چىقتى ۋە سوقۇشتىن توختىدى. كۈرەش كۈسەن 2006-يىلى نويابىرنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىنىڭ سوغۇق توپىسىغا كۆمۈلدى. خۇددىي شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» ناملىق داستانىدىكى «يات تۇپراققا كۆمۈلگەندە سەن، كۆمۈلىدۇ قەلبىڭگە ۋەتەن» دېگەن مىسرالاردا ئېيتىلغىنىدەك، كۈرەش كۈسەننىڭ جىسمى يات تۇپراققا كۆمۈلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئوتلۇق قەلبىگە يىراقتىكى ۋەتىنى كۆمۈلدى.

كۈرەش كۈسەن يارىلىشىدىنلا ھۈجەيرىلىرىدە سەنئەت خۇرۇچى بار بولغان بىر ئوت يۈرەك سەنئەتكار ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنى ۋەتەننى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئاشۇ كۈندىن ئېتىبارەن چېگرا ھالقىتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئوتلۇق ناخشىلىرى بىلەن جۇشقۇن مۇزكىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن تۈركىيەگىچە، تارىم بويلىرىدىن شىمالىي ياۋروپا ساھىللىرىغىچە بولغان بىيپايان تېرىتورىيەدە ياڭرىغان ئىدى. ئۇنىڭ سەنئەت لوگىكىسى «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» ئەمەس، بەلكى «ۋەتەن ئۈچۈن سەنئەت» ئىدى. ئۇ ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن سەنئەتنى ئەڭ كۈچلۈك قۇرالغا ئايلاندۇرالىغان سەنئەتكار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، كۈرەش كۈسەن ۋاپات بولۇپ بىر يىل ئۆتكەندە، يەنى 2007-يىلىنىڭ ياز پەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى» نى شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىگە ئەۋەتىپ «بەختلىك شىنجاڭ» تېمىسىدىكى سەنئەتلىك تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئۆمەك شىۋېتسىيەگە كەلگەندە تۇنجى مەيدان ئويۇنىنى نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان پايتەخت شەھەر ستوكھولمدا ئەمەس، بەلكى مەرھۇم كۈرەش كۈسەن «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى» نى قۇرۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان، نوپۇسى 200 يۈز مىڭغا يەتمەيدىغان ئېسكىلىستۇنا شەھىرىدە، دەل كۈرەش كۈسەن خىزمەت قىلغان «ئېسكىلىستۇنا مەدەنىيەت سارىيى» دا قويغان ئىدى. بۇ كىچىككىنە بىر مىسال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ شىۋېتسىيەدىكى تەسىرىگە ئەسلا سەل قارىمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ مۇزىكا مىراسلىرى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شىۋېتسىيە دۆلەتلىك مۇزىكا ئارخىپخانىسىدىن يەر ئالدى. بۇ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئىجادىيەت مىراسلىرىنىڭ شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئارخىپ ۋە مۇزېيلاردا تۇنجى قېتىم ئورۇن ئېلىشى ئىدى.

شۇنداق، مەرھۇمنىڭ جىسمى بۇ دۇنيادىن كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن قويۇلغان كۈرەش ئىرادىسى ھېلىھەم ئۇنىڭ يالقۇنلۇق مىسرالىرىدا، ۋەتەن ئىشقىدا ئۇرۇلغان دۇتارلىرىنىڭ تارلىرىدا، ھۆرلۈك ۋە ئازادلىقنى كۈيلىگەن ناخشىلىرىنىڭ ئەۋجىدە ياڭرىماقتا…

كۈرەش كۈسەن زامانىمىزدىكى ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كۆپ قىرلىق بىر كۈرەشچى، تىنىمسىز پائالىيەتچى ۋە سكاندىناۋىيە ئەللىرىدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان شەخسلەرنىڭ بىرى ئىدى.

كۈرەش كۈسەن دۇتارىنى قولتۇقلاپ شىمالىي ياۋروپادىكى گۈزەل ۋە تىنچ مەملىكەت شىۋېتسىيەگە كەلگىنىدە بۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىنتايىن كىچىك بىر توپلۇق ھالىتىدە ياشىماقتا ئىدى. تارىختا ئۇيغۇرلار ۋەتىنى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋەتلەردە بولغان، ئەمما ھازىرغا زامانغا كەلگەندە ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى تونۇشى سۇسلىشىپ كەتكەن بۇ مەملىكەتتە نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا تايىنىپ، بىر كۈچلۈك تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىش شۇنداقلا يىراقتىكى ۋەتىنى ئۈچۈن دەۋا پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۇنچىلىك ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى مانا مۇشۇ كىچىك جامائەت بىلەن باشلىدى. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالدىغا قاراپ ماڭدى. سىياسىي دەۋا بىلەن ناخشا-مۇزىكىنى بىرلەشتۈردى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىشىكىنى چېكىش بىلەن ئاۋامنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشنى ئورگانىك باغلىدى. ئىقتىسادىي ئاساسىي ۋە رېيال ئىمكانىيەتلىرى ئىنتايىن چەكلىك بولۇۋاتقان ئاشۇ يىللاردا ئۇ شىمالىي ياۋروپادا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا «غەرب شامىلى» ناملىق ژۇرنال نەشىر قىلىپ، ۋەتەنداشلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى. مەزكۇر ژۇرنالنىڭ سەھىپىلىرىگە بېسىلغان تۈرلۈك ماقالە ۋە ئەسەرلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېرۋىسىنى يىللارچە ئارامىغا قويمىدى.

كۈرەش كۈسەن مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى، بىلىم ئادەملىرى ۋە زىيالىيلىرىغا كەسپتىنمۇ، نام-ئاتاقتىنمۇ، نەتىجە-شەرەپلەردىنمۇ مۇھىم بىر غايىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تونۇتقان بىر كىشى ئىدى. ئۇ ۋەتەندىلا نامى چىققان بىر سەنئەتكار ئىدى، ئۇ ئاشۇ دەسمايىسىنى سەرمايە قىلىپ ئۆز كەسپىدە چېگرا ھالقىغان بىر سەنئەتكارغا ئايلىنالايتتى. ھېچ بولمىسا ئوتتۇرا ئاسىيادىن تۈركىيەگىچە بولغان تېرىتورىيەدە نام قازىنالايتتى. ئەمما ئۇ نام-ئاتاقنى، كەسپىي جەھەتتىكى شان-شەرەپنى ۋە ئىمتىيازلارنى قوغلاشمىدى. ئۇنىڭ قەلبىنى تاتىلىغان يارا دەل ۋەتىنىنىڭ مۇنقەرزلىكى، خەلقىنىڭ ئەركسىزلىكى، تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ ياتلارنىڭ تاپىنىدا قېلىشى ئىدى. ئۇ بۇ نۇقتىدا بىزگە ھۇنگارىيە شائىرى پېتوفىنى، تۈرك مىللىي شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينى ئەسلىتەتتى. كۈرەش كۈسەننىڭ «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» يولىنى ئەمەس، بەلكى «ۋەتەن ئۇچۈن كۈرەش» غايىسىنى تاللىۋېلىشى ۋەتەن ۋە مىللەت مۇنقەرزلىكتە تېپچەكلەۋاتقان بۇ كۈنلەردە بىر مىللەت ئۈچۈن ھۆرلۈكتىنمۇ قىممەتلىك نەرسىنىڭ يوقلىقىنى ۋەتەنداشلىرىغا جاكارلىغان ئىدى.

بۈگۈن بىز مەرھۇم كۈرەش كۈسەن ئۆز ھاياتى ئارقىلىق تىكلەپ بەرگەن پەۋقۇلئاددە دەۋردىكى پەۋقۇلئاددە بىر غايىنى، بىر ئۇلۇغۋار قىممەتنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلماقتىمىز: ۋەتەنسىز مىللەتنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدۇ، ھوقۇقسىز مىللەتنىڭ شان-شەرىپى بولمايدۇ!… بۈگۈن بىز ئۈچۈن شۆھرەت مۇتەللىپوفنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا نەتىجە قازىنىپ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەس، ئەمما سىڭلىسى مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ داڭلىق ئالىمەلىك سالاھىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەيدانلىرىدا خىتايغا قارشى ئايلارچە يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشىدەك روھى ھەممىدىن مۇھىم!

كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ۋەتەنسىزلىكنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرىگە ئورتاقلاشقان، بېسىم، سىقىلىش، قارشىلىق، ۋەتەننى تەرك ئېتىش، سەرسان بولۇش، ئەسلىگە قايتىش ۋە ۋەتەن سېغىنچىدا تېپچەكلەپ ئۆتكەن ھاياتتۇر. ئۇنىڭ ھاياتى چەتئەللەردىكى باشقا ھەرقانداق بىر مۇساپىر ئۇيغۇرغا ئوخشاشلا ئەگرى-توقايلىقلارغا، تەۋەككۈلچىلىككە ۋە تاسادىپىيلىقلارغا تولغان ھايات ئىدى. راستنى ئېيتقاندا، كۈرەش كۈسەننىڭ ھاياتى رومان يازسا ئەڭ تەسىرلىك رومان پۈتىدىغان، مۇزىكا ئىشلىسە گۈزەل سىمفونىيەگە ئايلىنىدىغان، ھېكايە قىلىپ سۆزلىسە مىڭلىغان كىشىلەرنى يىغلىتىدىغان بىر ھاياتتۇر.

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى شۇنچە ئۇزۇن يىللاردا ئۇنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرى، ئېيتقان ناخشىلىرى ۋە ئوتلۇق نىدالىرى تارىم ئويمانلىقىدىن ياۋروپا قىرغاقلىرىغىچە بولغان ئۇزاق يەرلەردە ياڭراپ تۇردى. خۇددى ئۇ ئۆزىنىڭ «كۈرەش ئۆلمەيدۇ» دېگەن ناخشىسىدا ئېيتقىنىدەك، «كۈرەش ئۆلمىدى ھەم ئۆلمەيدۇ!…»

كۈرەش كۈسەن 47 ياش ئۆمۈر كۆردى، ئەمما ئۇ بۇ قىسقىغىنە ئۆمرىدە ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنىڭ تەمىنى يەتكۈچە تېتىدى. ئۇيغۇرلۇق پىغانىنىڭ ئوتلىرىدا كۆيۈپ، دەريالىرىدا ئاقتى، ئۇيغۇرلۇق مۇساپىسىنىڭ ھەممە كېچىكلىرىدە كەچتى. ئۇ ۋەتىنىدە تۇغۇلدى، ۋەتىنىدە ئۆز تىلى بىلەن ئۆزىنى تاپتى. گەرچە قىسمەتلەر ئۇنى ۋەتىنىدىن يىراق تۇپراقلارغا ئېلىپ كەتكەن ۋە يات ئەللەردە كۆز يۇمدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ روھى ۋەتىنىگە قايتتى. ئۇ يات تۇپراققا كۆمۈلگىنى بىلەن ۋەتەندىكى خىياللار بىلەن ئۆز كېپىنىنى توقۇدى.

مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۇنىڭ يوقلىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا، بولۇپمۇ شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تولىمۇ بىلىندى. ئۇيغۇر خەلقى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن شەكىللەنگەن بىر بوشلۇقنى چوڭقۇر ۋە دەرىجىدە ھېس قىلدى.

بورانگۈل گۈل-چېچەكلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئاددىي گۈللەرنىڭ بىرى. ئۇ ئەتىيازدا ئەڭ ئاۋۋال ئېچىلىپ ئاندىن توزغاق چىقىرىدۇ. ئارقىدىنلا باھار شاماللىرىغا ئەگىشىپ تەرەپ-تەرەپكە ئۇچىدۇ. ئۇنىڭ كەزمەيدىغان تاغلىرى، ئۇچمايدىغان ئېقىنلىرى يوق. ئەمما ئۇ ئۇچا-ئۇچا ئەڭ ئاخىرى ئۆزى ئۈنگەن ئانا تۇپراقنى تېپىپ، بۇ يەرگە ئۇرۇقىنى تاشلارمىش. ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا يەنە ئۆز جايىدىن ئۈنۈپ چىقارمىش. كۈرەش كۈسەن كۇچادىكى قىزىل «مىڭ ئۆي» لىرىنىڭ بويىدا، تارىم دەرياسىنىڭ تىنىقى ئاڭلىنىدىغان بىر ئەزىم تۇپراقتا بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولدى. ئۇ ئەركىنلىك ئىزدەپ دۇنيانى كەزدى ۋە بۇ سەپەردە ھاياتىنى غايىپ ئەتتى. ئەمما ئۇنىڭ روھى بورانگۈلىنىڭ توزغاقلىرىغا مىنىپ ۋەتىنىگە قايتتى.

2019-يىل 3-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش