ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » 3-نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

3-نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كەلگۈسى تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2019-يىلى 4- ۋە 7-ئايلاردا ئىككى قېتىم مەخسۇس 9 ئۇيغۇر ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ماگېستىر-دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن جەمىئىي 41 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 17 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.

«3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغانلارغا 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ. كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىككى كۈنلۈك چۈشلۈك تاماق ۋە يىغىندا كىرەكلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەيدۇ.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
2019-يىلى 17–سىنتەبىر، ئىستانبۇل

ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
كۇرس ئورنى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باغچەلىئەۋلەردىكى ئىشخانىسى
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2019-يىلى 9–ئاينىڭ 22–كۈنىگىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى:
uyghuracademy@gmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
ئالاقە تېلىفۇنى: 05306677851

ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار:

بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 17 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.
1) ئۇيغۇرچە ئىسىم–فامىلىسى
2) ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى
3) ئوقۇغان كەسپى
4) ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى ئاكادېمىك ئۇنۋانى
5) تۇرىۋاتقان دۆلىتى ۋە شەھىرى
6) ئالاقە تېلىفۇنى
7) ئالاقە ئېلخېتى

ئەسكەرتىش: بۇ نۆۋەتلىك «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسى جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىككى كۈنلۈك چۈشلۈك تاماق ۋە يىغىندا كىرەكلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەيدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش