ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتە ۋەتەن – مىللەت تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەت، قانۇن، جەمئىيەتشۇناسلىق، تارىخ، تۈركولوگىيە، پىسخولوگىيە، پەلسەپە، سىياسەت بىلىمى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى، ئاخبارات، دىنى تەتقىقات ۋە مائارىپشۇناسلىق ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 35 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، 10 دىن ئارتۇق ياش ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن 15 تىن ئارتۇق ھەر قايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرى بولۇپ 60 تىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ بىرلىكتە ئويۇشتۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى بىلەن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتىنىڭ قوللىشىدا، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 7- ۋە 8-كۈنلىرى ئىستانبۇل سېلىمپاشادا سىرىتقا يېپىق شەكىلدە «ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئۇيغۇر تەتقىقات ئېنىستىتۇتى رەئىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندىلەر ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى.

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا مۇنۇلارنى دېدى: ھازىرقى ۋەزىيەتتە كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ئويلىشىدىغان بولۇپ كەتتى، خىتاي ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا ئىشلىرىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا. خەلقارا ۋەزىيەت داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خىتاي كۆرۈنۈشكە كاپتالىزمدەك كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن سوتسىيالىزىمدىن ۋاز كەچكىنى يوق. خىتاي ئۇيغۇرلارنى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. لاگېرلاردا نۇرغۇنلىغان زىيالىيلىرىمىز، ئاجىز قىز-ئاياللىرىمىز بار. بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىمۇ مۇھىم تېما بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش، داۋانىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئاتا تىل مەكتەپلىرى ئېچىلىۋاتىدۇ، كىتابلار نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەتتە زىيالىيلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپە تولىمۇ ئېغىر، قاتتىق تىرىشىشىمىز كېرەك. يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا مۇنۇلارنى دېدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت ناھايىتى ئۆزگىرىشچان. خىتاي كۈچىيىۋاتىدۇ، مۇسۇلمانلار ئويغىنىۋاتىدۇ. بىز ئىلگىرى دۇنيانىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ئەھۋالنى كۆرمىدۇق. داۋانى ئىلىم يولى بىلەن ئېلىپ بېرىش كېرەك. تارىختا غالبە قىلىش پۇرسىتىنى كۆپ قېتىم قاچۇرۇپ قويدۇق، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن تەجرىبە-ساۋاق يەكۈنلىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى يىغىنىمىزنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقىدا مۇنۇلارنى دېدى: ئالدى بىلەن يىغىننى ئورۇنلاشتۇرغان ھەر قايسى ئورگانلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. تۈنۈگۈن ئالبانىيەلىك تەتقىقاتچى ۋە مۇخبىر دوكتور ئولسى يازىجى بىزگە ۋەتىنىمىزدە بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئۇچۇرلىرىنى بېرىپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىققا شاھىد بولدى. ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان ھايات-ماماتلىق مىللىي كىرىزىسلىق بىر مەزگىلدە ئېچىلىۋاتقان بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە مىللىتىمىزگە پايدىلىق بولۇشىنى تىلەيمەن.


تۆۋەندە سىرىتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ مۇھاكىمە يىغىننىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز.

يىغىننىڭ 1-كۈنى: مەخسۇس تېمىلار ئۈستىدە ئىلمىي دوكلاتلار

يىغىننىڭ 1-بۆلۈمىدە «ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ دوكلاتلار سۇنۇلدى. يىغىننىڭ بۇ بۆلۈمىنى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى باشقۇردى. 

تۇنجى بولۇپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تەھرىرى دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى «يېقىنقى يۈز يىللىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۈچ قېتىملىق زور تۇتقۇن ۋە تەقىب» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى، ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

7 رەقىمى ئەسلىدە خاسىيەتلىك سان ھېسابلىنىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ۋەقەلەرگە قارىساق بىز بۇ خاسىيەتلىك يىللاردا زۇلۇمغا ئۇچرىدۇق.

1937-يىلى: شىڭسىسەي يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرغان. مىللىتارىسىت شىڭسىسەينىڭ ئېلىپ بارغان زور تۇتقۇنچىلىق ۋەقەسى. ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

1957-يىلى: يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەتنىڭ باشلىغۇچىسى ماۋزېدوڭ بولغان. سەيپىدىن ئەزىزى ئەينى چاغدا كۈچىگەن بولسىمۇ، ئاساسىي ھوقۇق باش سېكرىتار ۋاڭنىڭ قولىدا بولغاچقا مەغلۇپ بولغان. بۇ قېتىملىق تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىدە سەيپىدىن ئەزىزى ساقلىنىپ قالغان، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھەرىكەتكە قاتناشقان سەرخىللار ئۆلتۈرۈلگەن.

2017-يىلى: ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچكە قارىشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش باشلانغان. ھەر قېتىم ھەرىكەتلەر باشلىنىشتىن بۇرۇن ئورگان گېزىتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىنغان. تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى نۇر بەكرى، گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ماسلاشقان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا قۇتۇلالمىدى.

ئۇيغۇرلارغا كىيدۈرۈلگەن ۋە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان «ئىككى يۈزلۈك خائىن» قالپىقى يېڭى ئاتالغۇ ئەمەس، خىتاي بۇنى 1937-يىلى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەن.

خىتاينىڭ ھەر قېتىملىق تۇتقۇن قىلىشتا قوللانغان مېتودى: كىشىلەرنى تۇغقانلىرىنى پاش قىلىشقا، ئىككى يۈزلىمىچى خائىن دېيىشكە مەجبۇرلاش بولدى.

ئارقىدىن، ئامېرىكا ماسساچۇستىس تېخنولوگىيە ئىېنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىم «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن DNA ئەۋرىشكىسى يىغىشىنىڭ ئورگان تىجارىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى.

ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەردىن DNA ۋە قان ئەۋرىشكىسى توپلىغانلىقىنى (2016-يىلدىن باشلاپ توپلاشقا باشلىغان) ئاڭلىدىم. مەن ئۇلار نېمىشقا ئەۋرىشكە توپلايدۇ دەپ تەكشۈرۈشكە باشلىدىم. خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئورگان تىجارىتى قىلىش بولۇشى مۇمكىن. ئېلىنغان ئەۋرىشكە ئۇچۇرلىرى ساقلاپ قويۇلسا، ۋاقتى كەلگەندە ئەزا ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان كىشىلەرگە ماس كېلىدىغان كىشىلەرنى ۋە ئەزانى ئاسانلا تاپالايدۇ.

ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئوپتىك فىزىكا ئىنژىنىرى تەتقىقاتچى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى، ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خىتايلار ئۇيغۇرلارنى تۆت ساھەدە يوقىتىۋاتىدۇ: ئاسمىلياتسىيە، روھىي ۋە جىسمانىي مېيىپ قىلىۋىتىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپيىشىنى توختىتىش، تارقاق ۋە چوڭ كۆلەملىك يوقىتىش. ئاسمىلياتسىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاي ھازىر ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنى ئۇيغۇرتىلى ئىشلەتمەي، خىتاي تىلى ئىشلىتىشكە، مۇسۇلمانلار يېمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە، دىنىنى ئۇنۇتۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسىتى كىشىلەرنىڭ ئەسلى كىملىكىنى، دىنىنى ئۇنۇتتۇرۇپ خىتايلاشتۇرۇش. روھىي ۋە جىسمانىي مېيىپ قىلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، گۇناھسىز كىشىلەرنى لاگېرغا ياكى تۈرمىگە سولاپ، قىيىن-قىستاققا ئېلىپ، تەن سالامەتلىكىنى ناچارلاشتۇرۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقىمىزنىڭ روھىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشنى توختىتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ھەتتا لاگېر ياكى تۈرمىدىكىلەرگە مەخپىي ھالدا تۇغماسلىق دورىلىرى يېگۈزۈپ قىسىرلاشتۇرۋاتىدۇ. تارقاق ۋە چوڭ كۆلەملىك يوقىتىشقا كەلسەك، لاگېر، تۈرمىلەردىكى كىشىلەرنى ياكى كىچىك بالىلارنى باشقا جايغا يۆتكەش باھانىسى بىلەن ئۆلتۈرۋاتىدۇ.

ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك پىلان ئوتتۇرىغا قويدى:

1. تۈرمە ۋە لاگېر قۇربانلىرىنىڭ تىزىملىكىنى يىغىش.

2. تۈركىيەدە بالىلىرى كىچىك بولغاچقا ئىشلىيەلمەيۋاتقان ئاتا-ئانىلار بار ئىكەن، شۇڭا ئۇيغۇر يەسلىلىرى قۇرۇپ، بالىلارنى يەسلىگە بېرىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش.

يىغىننىڭ 2-بۆلۈمىدە «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارىشى ھەرىكەتلىرى» دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ دوكلاتلار سۇنۇلدى. يىغىننىڭ بۇ بۆلۈمىنى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى باشقۇردى. 

بۇ بۆلۈمدە تۇنجى بولۇپ، ئىستانبۇل بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم «شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا ياش ۋە بىلىملىك تايانچ كۈنلەرنى يېتىشتۈرۈش» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

داۋايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ياش ئىختىساس ئىگىلىرىگە مۇھتاجمىز. ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان بالىلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى تەربىيلەش كېرەك. ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىرمۇ ياش ئەۋلادىمىزنى زايە قىلىشقا بولمايدۇ.

ھازىر كەسىپ تاللاشتا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ سانى تەڭپۇڭلىقنى يوقاتقان ھالەتتە. بىز بۇنى بىر ئامال قىلىپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان كەسىپلەردە ئوقۇيدىغان ياشلىرىمىزنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك. بۇنى كەسىپ تاللاشتا مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ يېتەكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرساق بولىدۇ.

ئىنچىنجى بولۇپ، ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن كەسپى ماگېستىر ئوقۇغۇچىسى ئىدرىس مىجىت ئەپەندى «مۇستەقىلىق كۈرىشىدە قورقۇش پىسخىكىسى ۋە ئۈمىد» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. ئۇ دوكىلاتىدا مۇنۇلار ھەققىدە توختالدى:

چارىسىزلىككە كۆنۈپ قېلىش، پۇرسەت بولسىمۇ تىرىشىپ سىناپ باقماسلىق. بىز بەك ئاجىز، خىتاي بەك كۈچلۈك، نېمىلا قىلساق بەرىبىر پايدىسى يوق دەپ قاراپ قورقۇش ئىچىدە قېلىش. ئۇيغۇرلار بۇ خىل ئەھۋالنى يېڭىشى كېرەك. قانداق قىلغاندا ھازىرقى قىيىن ۋەزىيەتتە ئۈمىد پەيدا قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئۇسۇل چارەلەرنى تېپىپ چىقىش تولىمۇ زۆرۈر. ئاللاھتىن قورق، خىتايدىن قورقما. ئۈمىدنى ئۆزۈڭدىن كۈت، خىتايدىن كۈتمە.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا، تەشكىلاتلىرىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تونۇپ يېتىش، يىتەكچى ۋە تەشكىلاتلارغا قوشۇلغانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلەر، تەشكىلاتلارنىڭ تەشۋىقات مەسىلىسىنى توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلىش، تەشكىلاتلاردا ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم نوقتىلاردا توختۇلۇپ، مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرىمىزنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالىغاندا ئاندىن داۋايىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ناھايىتى زور ياردىمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

روشەن ئابباس خانىم «چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايغا قارشى مىللىي قارشىلىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئىسلام تەربىيىسىنى جەمئىيەتتىن ئائىلىلەرگىچە باشلاپ كىرىپ، ئۇيغۇرلاردا خىتايلارغا قارىتا قارشىلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تارىخى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن پايدىلىنىپ ياش-ئۆسمۈرلەرنى يېتەكلىشىمىز ۋە ۋەتەن چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز لازىم.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى «چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايغا قارشى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا مۇنۇلار ھەققىدە توختالدى:

داۋايىمىزدا تاشقى ۋە ئىچكى ئامىللارنى ئېنىق بايقاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن ھەر خىل بۆلۈنۈش ئەھۋاللىرىنى تەھلىل قىلىش، تاشقى ئامىللارغىلا ئېسىلىۋېلىپ، ئىچىمىزدىكى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلماي تېخىمۇ پاتقاققا پېتىپ زاۋاللىققا يۈزلىنىشتىن ساقلىنىش، ئەۋلادلىرىمىزنى ياراملىق، ئىقتىدارلىق، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىلەيدىغان كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر، مۇشۇنداق قىلساق ھازىرقىدەك زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ۋاقتىمىزدا، ئۆزىمىزنىڭ داۋا مەسىلىسىنى، دەدىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىشتىشتا، مەسىلىمىزگە دىققەت تارتىشتا، ئىشەندۈرۈشتە باسىدىغان مۇساپىمىزنى قىسقارتىشى مۇمكىن.

يىغىننىڭ 3-بۆلۈمىدە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى» دىگەن تېمىنى چۆرىدەپ دوكلاتلار سۇنۇلدى. يىغىننىڭ بۇ بۆلۈمىنى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى باشقۇردى. 

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. ئۇ دوكىلاتىدا، بىر مىللەتنىڭ كۈچلىنىشى، ئورتاق بىر نىيەت-مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن ئوخشاش مەپكۇرە (ئىدىيە) ئاستىدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا، تەلەپكە ئۇيغۇن بىر مەپكۇرە ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، مىللەتنى بىر ئىدىئولوگىيە ئاستىدا بىرلەشتۈرۈشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدە بىرلىككە كېلىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى باسقۇچتا، مەزكۈر داۋانى تېخىمۇ پۇختا ئىلمىي ۋە نەزىرىيەۋىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ھەقلىق دەۋامىزنى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، بۇ ھەققانىي شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ھاياجان ۋە ھېسياتچانلىق بىلەن يۈزەكى ۋە خاتا مەلۇماتلار ئارقىلىق خۈنۈكلەشتۈرۈش، كىشىلەرنىڭ زېھنىنى قايمۇقتۇرۇش، گۇمان ۋە ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىشنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىزدەنمەسلىك بىلەن شەخسىيەتچىلىكنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «ئۇيغۇر» ئاتالغۇلىرىنىڭ خەلقئارادا ئىنگلىزچە ئۆلچەملىك يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر لاتىن كومپىيوتېر يېزىقىدا ئۆلچەملىك يېزىلىشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر كۆلىمى، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنىڭ ئۆلچەملىك رەڭ كودى ۋە مەنىسى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆلچەملىك دۆلەت گىرىبى ۋە مەنىسى، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نۇپۇسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى قاتارلىق بەزى ئاساسلىق مەسىلىلەردە كۆرۈلىۋاتقان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ ۋە كەمچىللىكلەرنى تولۇقلاپ تىزدىن بىرلىككە كېلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى  «مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كۈرەش يوللىرى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى. ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا مۇستەملىككە قارىشى ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق كۈرەشلەردىن تەجرىبە-ساۋاق چىقىرىپ، غەلبە قىلىش ئۈچۈن سەگەك ۋە ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىننىڭ 2-كۈنى: مەخسۇس تېمىلار ئۈستىدە يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، مۇتەخەسىس، ئالىي مەكتەپ ماگېسىتىر – دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى ۋە تەشكىلات مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 61 ئۇيغۇر تۆۋەندىكى تۆت چوڭ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى ئېلىپ باردى.

1-گۇرۇپ مەسئۇلى: پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

1-گۇرۇپ مۇزاكىرە تېمىسى: ۋەتەن ئىچىدىكى ۋەزىيەت ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

2-گۇرۇپ مەسئۇلى: دوكتور رىشات ئابباس

2-گۇرۇپ مۇزاكىرە تېمىسى: مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايغا قارىشى ھەرىكەتلىرى

3-گۇرۇپ مەسئۇلى: دوكتور مەغپىرەت كامال

3-گۇرۇپ مۇزاكىرە تېمىسى: ياش تايانچ كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەشكىلاتلارنى كۈچلەندۈرۈش

4-گۇرۇپ مەسئۇلى: دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم

4-گۇرۇپ مۇزاكىرە تېمىسى: خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مۇھاجىرەتتىكى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك يۇقارىقى تېمىلار بىرمۇ بىر مۇزاكىرە قىلىندى. تەكلىپ-پىكىرلەر ئەركىن ۋە تەرتىپلىك يۇسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە تەپسىلىي خاتىرىلەندى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئىلمىي خىزمەت قىلىنىشى تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكى يىغىن ئەھلى تەرىپىدىن بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسىگە ئائىت بىر قىسىم رەسىملەر:

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش