ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10-يىلىدا 3-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى چاقىرىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10-يىلىدا 3-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭىشى چاقىرىلدى

2019-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:00 دا ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئاكادېمىيەنىڭ پىداكار ھەيئەت ئەزالىرى، بىر قىسىم كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئاكادېمىيەگە ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەم قىلىۋاتقان كىشىلەر بولۇپ 31 شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10-يىلىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

ئارقىدىن 3-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، ئاكادېمىيەنىڭ 10 يىللىق ئۆتمۈشى، ھازىرقىي مەۋجۇت ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى خىزمەت پىلانى ھەققىدە قىزغىن مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمى شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئاكادېمىيە رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ئۇ نۇتىقىدا مۇنۇلارنى دەپ ئۆتتى: نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنى جانلاندۇرۇش، ماگىستېر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش، تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتىنى تەسىس قىلىش، ئاكادېمىيە ئەزالارنى 100 دىن ئاشۇرۇش، باشقا دۆلەتلەردە تارماقلىرىنى ئېچىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدى.

ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئاكادېمىيە ئۈچۈن 2010-يىلىدىن باشلاپ قولىدىن كېلىشىچە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ قوللاپ كەلگەنلىكىنى، 2015-يىلىدا 3-نۆۋەتلىك ئاكادېمىيە رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئابدۇلھەمىد قاراخان باشچىلىقىدىكى ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پەخىرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈسىتىگە ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ 2015-يىلىدىن بېرى ئاكادېمىيەنى قانداق قىلىپ خەلقئارالاشتۇرۇش، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئاكادېمىيە قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا ۋە ئاكادېمىيە تارماقلىرىنى ئېچىشقا قارىتا ئەمىلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئاكادېمىيە كەلگۈسىنىڭ ناھايىتى پارلاق بىر ئىلمىي ئورگان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 10 يىللىق كەچمىشكە ئىگە ئەقىل ئامبىرى بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن رولىنىڭ ئالاھىدە چوڭ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاكادېمىيە سابىق پەخىرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلغاندىن تارتىپ قانداق ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، دەسلەپتە ۋەتەندە چىقىش يولى تاپالماي گاڭگىراپ قالغان ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، كېيىن تۈركىيەدە نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، ئاكادېمىيەنىڭ زورۇيۇپ باشقا دۆلەتلەردىمۇ يېڭىدىن تارماقلىرى داۋاملىق قۇرۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇت ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر قانچە قېتىملىق مۇھىم پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى، 2018-يىلى 11-ئايدا ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئويۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا ئىلمىي ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ياۋرۇپادىكى ئۇلىنى مۇستەھكەملەشكە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاكادېمىيە ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئاكادېمىيەنىڭ 10 يىللىق مۇساپىسىنى خۇلاسىلاپ، ئۆتمۈشتە ئىزچىل ئېلىپ بارغان ئىلمىي خىزمەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ھازىر ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە كېڭىيىپ ئەزا سانىنىڭ 100 گە يېقىنلاشقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا تارماقلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەم بۇ يىل ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئاۋىستىرالىيە ۋە كانادادا تارماقلىرىنىڭ قۇرۇلۇپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ يەنە ئاكادېمىيىنىڭ كېيىنكى نىشانى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەتەن دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تەتقىقاتچى زىيالىيلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ياش تايانچ كۈچلەرنى تىز سۈرئەتتە يېتىشتۈرۈش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى مەخسۇس تەربىيەلەيدىغان ئۇنىۋېرستېت قۇرۇپ چىقىشتەك تۆت تۈرلۈك نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كېڭەشتە ئاكادېمىيە ئەزالىرى، پەن-تەتقىقاتچىلار ۋە ئاكادېمىيەنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللىغۇچىلار بىرلىكتە ئاكادېمىيە ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرەلەرنى ئېلىپ باردى.

كۆپچىلىك بىردەك ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتارلىق پىداكار ياشلارنىڭ ئاكادېمىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە بۈگۈنكىدەك تەرەققىي قىلىپ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تەسىرى كۈچلۈك ۋە 10 يىللىق شانلىق كەچمىشكە ئىگە بولغان ئاكادېمىيەنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدا قوشقان تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ۋە بۇندىن كېيىنكى ئاكادېمىيەدىكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەشتى.

كېڭەشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم پىكىر-تەكلىپلەر:


ئاكادېمىيە تەشكىلىي خىزمەتلىرى ھەققىدە: 

ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلماقچى بولغان تارماق ئاكادېمىيەلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خىزمەت تۈرى ۋە قائىدە-تۈزۈملىرى بولۇشى،

ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان ئاكادېمىيەلەر قانۇنىي جەھەتتىن مۇستەقىل، مەنىۋىي جەھەتتىن مەركىزى باشقۇرۇش كومىتېىتىنىڭ قارارلىرىغا بويسۇنۇش، ئومۇمىي نىشان ۋە مەقسەد جەھەتتە مەركەز بىلەن ماس قەدەمدە خىزمەت قىلىش،

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەلىرى ئۈچۈن ئورتاق بىر فوند قۇرۇپ چىقىش،

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا ئەزا بولۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاكادېمىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش،

ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتا ئاكادېمىيەدە ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگىلىزچە كۇرسلارنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش،

تۈركىيەدە ئاكادېمىيە تەرىپىدىن ئېچىلغان تۈركچە كۇرسنى تېخىمۇ سېستىمىلاشتۇرۇش ۋە سەۋىيە دەرىجىسى بويىچە سىنىپلارنى ئېچىش.

ياش-ئۆسمۈرلەرگە يېزىقچىلىق ۋە نوتۇق كۇرسلىرىنى ئېچىش،

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق ساھەلەرنى نىشان قىلىپ تور دەرسخانىلىرىنى تەسىس قىلىش،

تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش،

پەن-مائارىپ ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرى ھەققىدە: 

ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ھەر خىل مەسىلىلەردە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى داۋاملىق ئېچىش،

تولۇق بولغان شەرقىي تۈركىستان تارىخ كىتابىنى تەييارلاشقا يىتەكچىلىق قىلىش،

تۈركىيەدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش،

تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەرنى تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچە تەييارلاپ كىتاب قىلىپ بېسىپ چىقىرىش،

بىر قىسىم نادىر كىتابلارنى ئۇيغۇرچە، تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە تىللىرىغا تەرجىمە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش

بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش،

تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ياپونىيە ۋە كورىيە قاتارلىق تەرەققىي قىلغان ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئوقۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش

ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىشىغا ياردەم قىلىش،

ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش ھەققىدە:

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى زىيالىيلار ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە مەدەنىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى،

ھەر قايسى دۆلەتلەردە مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە دىنىمىزنى ئۆگىتىدىغان مەركەزلەرنى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش،

غەرب دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنى يازلىق تەتىلدە تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىپ ئانا تىل ئوقۇتۇشى مۇھىتىدا تەربىيەلەپ مىللىي روھنى سىڭدۈرۈش،

ئالاھىدە تالانتى بولغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش،

ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيەتلىرىنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ، مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش،

ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ھەققىدە

ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالايدىغان ئەمما ئۆيگە بېكىنىپ ئولتۇرۇۋالغان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرۈش،

يېتىم بالىلار مەسىلىسىنى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ھەل قىلىش ۋە پىسخىكىسىنى تەڭشەش ۋە داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش،

تۇل ئاياللارنىڭ تۈرلۈك مەسىللىرىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئارقىلىق ھەل قىلىش،

كوچا بالىلىرى (ئىچىپ چېكىپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپلا كۈن ئۆتكۈزىدىغان بالىلار) مەسىلىسىنى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە تەشكىلاتلار ئارقىلىق ھەل قىلىش،

سىياسىي خىزمەتلەر ھەققىدە:

ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە تەتقىقات ئورگانلىرى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى توغرا ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئاڭلىتىپ، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش،

غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش پۇرسىتىدىن پايىدىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش،

غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بويىچە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، دەۋادىكى ئاكتىپ ياشلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش،

خوڭكوڭ مەسىلىسىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ خەلقئارادا كەڭ تونۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان تۇپراق ئىكەنلىكىگە خەلقئارانى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش،

تەيۋەن مەسىلىسىنى كۈزىتىپ تۇرۇش، ياپونىيە، كورىيە، مالايسىيا، ھىندىنوزىيە، بىنگال ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش …

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش