ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئامېرىكانىڭ خىتاينى قورقۇتقان كىتابى: «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى»

ئامېرىكانىڭ خىتاينى قورقۇتقان كىتابى: «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى»

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

     ۋاشىنگتون

  2019-يىلى، 21-سېنتەبىر

بىر تەتقىقات لايىھىسى ۋە بىر كىتاب بىر دۆلەتنى ئەندىشىگە ۋە قورقۇنچقا سالالايدۇ دېسە  بۇ، بىر گۇرۇپپا ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ 2000-يىلى باشلىغان مەشھۇر «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» تەتقىقات لايىھىسى ۋە شۇ ئاساستا بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى، يەنى 2004-يىلى نەشر قىلىنغان «شىنجاڭ: خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگراسى» ناملىق كوللېكتىپ ئاپتورلار كىتابىدۇر.

 مەن موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 1995-يىلى، مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى بويىچە PhD، يەنى دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن شۇ ئىنستىتۇت تەركىبىدە تەتقىقاتلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1998-يىلى، ئامېرىكىغا كەلدىم ۋە  مەزكۇر تەتقىقات لايىھىسىنى ئورۇنداشنى زىممىسىگە ئالغان جوھن  خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكاز ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى بىلەن مەزكۇر «شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» غا تاللىنىپ قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇنىڭدا مېنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان كەسپىي تەتقىقاتچى بولۇشۇم ۋە 1997-1998-يىللىرى موسكۋادا ، رۇس تىلىدا «خىتاي تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇر ئېتنوگېنېزى مەسىلىسى»، «خىتاي تارىخشۇناسلىقىدا ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق ئىككى ئىلمىي تەتقىقات مونوگرافىيەمنى نەشر قىلىشىم بىلەن مەزكۇر تەتقىقات لايىھىسىگە تاللاندىم دېسەم بولىدۇ.

بۇ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ تارىخى، دىنى، مەدەنىيىتى، جۇغراپىيەۋى-سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي، سىياسىي-ئىجتىمائىي، نوپۇس، ھەربىي، دىنىي، مىللەتپەرۋەرلىك ۋە باشقا تۈرلۈك ئومۇمىي مەسىلىلىرى بويىچە چوڭ ھەجىملىك كوللېكتىپ تەتقىقات قۇرۇلۇشى ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا مۇھىم قوللاشقا ئېرىشىلگەن بۇ لايىھىنى ئورۇنداشقا جوھن خوپىكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكاز ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى ئاتاقلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەشۇناس پروفېسسور فرېد ستار مەسئۇل بولغانىدى. لايىھەنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرىنى بېجىرىشكە يەنە تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس، «يىپەك يولىدىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكى، ئوئازىس كىملىكى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى جۇستىن رۇدېلسون مەسئۇل بولغانىدى.

ئۇلار بۇ تەتقىقاتقا كىمنى تاللاشتا كۆپ ئىزدىنىلگەن ۋە ئاخىرى ئۇنىڭغا ئامېرىكادىكى ئاتاقلىق ياش ۋە پېشقەدەم ئالىملاردىن  جەيمىس مىللۋارد، شون روبېرتس، جۇستىن رۇدېلسون، گراخان فۇللەر، جونىسىن لىپمان، ستەنلي توپىس، درۇ گلادنېي، گاردنېر بوۋىڭدون، جەي داۋچېر، لىندا بېنسون، مەن نەبىجان تۇرسۇن، ئىسرائىلىيەلىك ئىسساك شىخۇر ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئادەم تاللانغان . كېيىن ئىككى ئادەم قىسقىراپ، 16 ئادەم قالدۇق.بىز ھەممىمىز 2000-يىلى كۈزدە  تۇنجى قېتىم بالتىمور شەھىرىگە جەم بولۇپ، كىتابنى يېزىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق ۋە مەن پروفېسسور جەيمىس مىللۋارد بىلەن بىرگە كىتابنىڭ 1884-1978-يىللىرىغىچە بولغان تارىخ قىسمىنى ، پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدون بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخى ئىدېئولوگىيىسى ۋە تارىخىي نۇقتىئىنەزەرلەر توقۇنۇشى بابىنى يېزىشقا مەسئۇل بولدۇم. قىسقىسى، مەن ئىككى بابنى يېزىشنى زىممەمگە ئالدىم. پىلان بويىچە ئاخىرىدا يېزىلغانلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئىككى كىشىنىڭ ئورتاق نامىدا ئېلان قىلىش بېكىتىلدى. مەن  ئۆزۈمگە بۆلۈنگەن بابنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن  مېنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوللىغان دوستلىرىم، دوكتور پەرھات بىلگىن بىلەن ئوبۇلاسىم تۈمەن ئەپەندىلەر كېچە-كۈندۈز ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەكلىرىنى سىڭدۈردى.

داۋامىنى پ د ف نۇسخسىدىن كۆرۈۋېلىڭ:

بۇ يەرنى چېكىىپ  پ د ف نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش