ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مىللەتچىلىك ۋە ئىسلامچىلىق

مىللەتچىلىك ۋە ئىسلامچىلىق

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدى بولغان ئوسمانلى دۆلىتىنى بىر ئەسىردىن بۇيان پارچىلاپ كېلىۋاتقان مەنىۋى بىر مىكروب بار. بۇ مىكروب ھازىرغا قەدەر ئوسمانلىلىقنىڭ دۈشمىنى بولۇپ، ئىسلامىيەتكىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيانلارنى سالدى. لېكىن ھازىر ئىسلامنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىپ، سالغان زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ مىكروب مىللەتچىلىك پىكىرىدۇر.

دۇرۇس! رۇمىنىيە، سىربىستان، قاراتاغ، يۇنانىستان، بۇلغارىستان قاتارلىق جايلارنى، سىسام ۋە گىرىت ئاراللىرىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئوسمانلى ئىمپىراتورلۇقىنى ھەر چارەك ئەسىردە بىر قېتىم پارچىلىنىش گىردابىغا ئېلىپ بارغان ھەمدە ئاخىرقى ھېسابتا رۇمئەلىينىڭ قولىمىزدىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغىنى دەل مۇشۇ قورقۇنچلۇق پىكىردۇركى، بۇ پىكىر كېسەللىك مىكروبى ئەمەس، بەلكى بىر ئىجتىمائىي خېمىرتۇرۇچ ئىدى. ئەپسۇسكى، بىز تا ھازىرغىچىلىك ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمىدۇق. بۇ پىكىر تىل، ئەدەبىيات، ئىقتىساد، تەربىيە ۋە سىياسەت جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز بىزگە قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلدى. بىز مۇشۇ ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىش، قۇرۇش ۋە تەشكىللەشلەر بىلەن قۇرۇق ئاۋارە بولدۇق. بۇ دەۋرنىڭ مىللەتچىلەر دەۋرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىدۇق. بۇ ئىجتىمائىي كۈچنى ئاز بولسىمۇ ئىسلامچىلىق ۋە ئوسمانلىلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىدۇق.

قانداقلا بولمىسۇن، بولغۇلۇق بوپبولدى. مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ئىسلامچىلىققا قارشى قولىدىن كەلگەننى قىلدى. ئەمدى بۇ قورالنى ئىشلىتىش نۆۋىتى ئىسلام دۇنياسىغا كەلدى.

ھازىرغا قەدەر پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كاللىسىغا ئورناپ كەتكەن مۇنداق قاراش بار: يەر يۈزىدە پەقەت بىرلا قانۇنلۇق دۆلەت بار بولۇپ، ئۇ بولسا ئىسلام دۆلىتىدۇر. ئەمەلىيەتتە قايسى ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ماھىيەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بويسۇنىدىغىنى پەقەت ئىسلام خەلىپىسىدۇر.

ئەمەلىي رېئاللىقتىكى بويسۇنۇش ئۆتكۈنچى ھەم ۋاقىتلىق ئەھۋالدۇر. ئۇزۇنغا قالماي بىر نىجاتكار مەھدىي ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنى بۇ بۇلغانغان ئاسارەتلەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ. جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىدا خەلىپە نامىدا ئوقۇلغان خۇتبىلەر، ھەج كۈنلىرىدە ئەرافات تېغىدىكى توپلىنىشلار سىياسىي جەھەتتىكى پارلاق كەلگۈسىنىڭ دىنىي بېشارەتلىرىدۇر. بۇ خىل ئىدىيە شەكسىزكى ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇلۇغۋار چوقانلار ھەم يۈكسەك ئارمانلارغا تولدۇرغان روھىي ھالەتتۇر. ناۋادا نەزەرىيەۋى بەخت-سائادەت 400 مىليون ئىنساننىڭ ھاياتىغا مەلھەم بولسا ئىدى، كۆڭۈلدىكى بۇ ئارماننىڭ بىزگە پايدىسى بولاتتى. ئەگەر ئۇنداق بولماي، بۇ ئىش پەقەت نەزەرىيە پېتىلا قالماي، ئەمەلىي رىئاللىققا ئايلىنىشى زۆرۈر بولسا، ئالدى بىلەن مۇشۇ نىشانغا يېتىشتە كېتەرلىك باسقۇچلارنى بىر-بىرلەپ بېسىپ ئۆتۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك.

ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىزكى، مۇسۇلمان خەلقلەر كەلگۈسىدىكى بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، شۇنى كۈتۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتتە تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرۇشقا رازى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرى باشقۇرۇش ئاستىدا ياشاۋاتقان ھاكىمىيەتلەر ۋە مىللەتلەر تەرىپىدىن دەسلىپىدە تىل ھەم ئىقتىساد جەھەتتىن، كېيىن ئىدىيە ھەم ئەخلاق جەھەتتىن شۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. بۈيۈك قۇتۇلۇشنى كۈتۈش ياخشى! لېكىن بىر قاتار كىچىك، ئاسان ھەم تەدرىجىي قۇتۇلۇش يوللىرى بار بولۇپ، مۇشۇلارغا مۇۋەپپەق بولماي تۇرۇپ يەنە بىرىگە ئېرىشىش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپتۇر. ماقۇل، چوڭ بىر مەھدىينى كۈتەيلى! لېكىن نېمە دەپ قۇرئان كەرىمنىڭ «ھەر بىر قەۋمنىڭ يېتەكچىسى بار» دېگەن ئىخچام بايانىنىڭ تەقەززاسى بويىچە يەرلىك ۋە مىللىي يېتەكچىلەرگە، تىل، تەربىيە، ئىقتىساد ۋە ئەخلاقىي جەھەتلەردىن قۇتۇلۇشتىنمۇ ئۈمىدۋار بولمىغۇدەكمىز؟ خىرىستىيانلارنىڭ قانداق قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ۋە مۇستەقىللىققا ئېرىشكەنلىكىنى كۆزلىرىمىز بىلەن كۆردۇق. بۇلار ئىشنى دەسلەپتە تىلىنى مىللىيلاشتۇرۇشتىن باشلىدى. تىل جەھەتتىكى مۇستەقىللىق سىياسىي جەھەتتە مۇستەقىل بولۇشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر. بىر خەلق مىللىي تىلىنى سۆيۈشكە، مىللىي ئەدەبىياتىنى مۇشۇ مىللىي تىل ئۈستىگە بەرپا قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتا قۇتۇلۇشقا قاراپ ماڭغان بولىدۇ.

تىلدىن كېيىن نۆۋەت تارىخقا كېلىدۇ. بىر خەلقنىڭ تارىخىنى دەسلەپكى كېلىپ چىقىشىغا قەدەر ئىچكىرىلەپ چۆكۈپ، ئۇنىڭ مىللىي ھاياتىنىڭ تۇنجى بايقىلىش ھەرىكەتلىرىنى بىلگىلى بولسا، يوقىتىپ قويغان روھقا قايتىدىن ئېرىشكىلى بولىدۇ. تارىختىن ئېرىشكەن مەلۇماتلارغا خەلق قاتلىمىدىن چىققان ئەپسانىلەر، چۆچەكلەر ۋە ھېكايىلەر قوشۇلغاندىن كېيىن مىللىي مەنىۋىيەت تولۇق بارلىققا كېلىدۇ. شۇ چاغدا شېئىر ۋە سەنئەت تېمىلىرىنى، كىنايە ۋە ئوخشىتىش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلىرىنى داۋاملىق مۇشۇ  مىللىي تەپەككۇرلىرىدىن ئېلىپ ئەدەبىيات ۋە بەدىئىي تەسۋىرلىرىنى جانلاندۇرىدۇ.

بۇلاردىن كېيىنكى نۆۋەت دىنىي تەربىيە ۋە ئىقتىسادقا كېلىدۇ. ھۆر بىر مىللىي تەربىيە ئالدى بىلەن مىللىي تىل ھەم تەربىيە، ئاندىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇستەقىللىق ئاساسلىرىغا تايىنىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن مەنىۋى لەززەتنى دىندىن ئالىدۇ. نەقشىبەندىيلەرنىڭ مۇھىم بىر مىزانى بار بولۇپ، بۇ مىزان «نەزەر بەر قەدەم» دېگەن ئىبارىگە مۇجەسسەملەنگەن. بۇنىڭ مەنىسى: بىراۋنىڭ «پۇت»ى جەڭگاھتا بولسا «كۆز»ى مەسلىھەتچىلىكتە بولماسلىقى كېرەك، ئەسكەر ئون بېشى بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. يەنى كۆز پۇتىغا يېقىن تۇرۇشى كېرەك، (يەنى ئەسكەرلىكتە تۇرۇپ، مۇشاۋىرلىققا كۆز تىكمە. بىزدىكى «يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇن» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزگە توغرا كېلىدۇ – ت).

بىز بولساق، ھېلىھەم دۆلىتىمىزدە دىنىمىزغا مەنسۇپ جامائەتلەر ئارىسىدىكى «غازات» لارغا ۋە «غەنىمەت» لەرگە كۆز يۇمماقتىمىز. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ئارزۇ بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ، دەپ قاراش تولىمۇ قىزىقارلىق. ئىسلامىيەت جەمەتبازلىقنى «جاھىلىيەت تەرەپبازلىقى» دەپ تەنقىد قىلغان ھەمدە چەكلىگەن. بۇ جەمەتبازلىقتىن كۆزدە تۇتۇلغىنى ئۆز جەمەتىگە يان بېسىش بولۇپ، بۇ ئىش ھېلىھەم ئىچىمىزدە مەۋجۇت. «قەھتان ئوغۇللىرى» بىلەن «ئەدنان ئوغۇللىرى» دېگەن ئىپادىلەرمۇ بۇ تەنقىد ۋە چەكلىمىنىڭ مۇشۇنداق جەمەتبازلىققا قارىتىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئىسلام دىنى يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان ئايەتتە مىللەتچىلىكنى توغرا دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش، تۆۋەندىكى ئايەتتىمۇ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تونۇشۇش بولۇش شەرتى بىلەن قەبىلە ۋە جەمەتلەرگە، يەنى خەلق ۋە مىللەتلەرگە ئايرىلىشنى توغرا دەپ قارىغان: «ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن جەمەت ۋە قەبىلە قىلدۇق».

پۈتۈن مۇسۇلمانلار يىراق كەلگۈسىدە سىياسىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلەلىشى مۇمكىن. لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇ نىشاننىڭ خېلى ئۇزۇنغىچە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىدىمۇ شەك يوق. ئۇنداقتا، مۇشۇ ئۇزۇن مەزگىل جەريانىدا مۇسۇلمانلار مىللىي سەزگۈرلۈك ۋە مىللىي كۈرەشلەر بىلەن ئۆزلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشتىن، ھېچبولمىسا ئىجتىمائىي مۇستەقىللىقىنى قوغداشتىن مەھرۇم قېلىشى كېرەكمۇ؟

يۇقىرىدا بۇندىن كېيىن مىللەتچىلىك قورالىنى پەقەت ئىسلامچىلىقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتكەن ئىدۇق. چۈنكى مىللەتچىلىك ئىدىيىسى مەھكۇم بىر خەلقنىڭ مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قوللىنىلىپ كەلگەن قورالدۇر. ھازىر مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەرنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر قالمىدى. ھالبۇكى دەۋرىمىزدە مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ كۆپ قىسمى مەھكۇملۇق ۋە ئاسارەتتە. مۇسۇلمان خەلقلەر ئىچىدە ھۆكۈمرانلىق ۋە مەھكۇملۇق دەيدىغان گەپ بولمىغاچقا، مىللەتچىلىك ئىدىيىسى ئىسلامچىلار ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، مىللەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچەيگەنسېرى ئىسلام ئۈممەتچىلىك ئىدىيىسىمۇ كۈچىيىدىغان بولغاچقا، مەۋجۇتلۇق ئېڭى ۋە كۈلتۈرەل ئاڭنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا ياردەمدە بولىدۇ.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «تۈركچىلىشىش، ئىسلاملىشىش ۋە چاغداشلىشىش» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش