ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2019-يىلى 4-، 7- ۋە 10-ئايلاردا ئۈچ قېتىم مەخسۇس 10 ئۇيغۇر ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 58 ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» بويىچە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ئالدىنقى 3 قېتىملىق «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق» كۇرسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلار ئىچىدىن 15 ئوقۇغۇچى تاللىنىدۇ. تاللانغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.

«خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا تاللانغانلارغا 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇرۇن كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ. كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىككى كۈنلۈك چۈشلۈك تاماق ۋە يىغىندا كىرەكلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەيدۇ.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
2019-يىلى 08-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل

ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
كۇرس ئورنى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باغچەلىئەۋلەردىكى ئىشخانىسى
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2019-يىلى 10–ئاينىڭ 20–كۈنىگىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى:
uyghuracademy@gmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
ئالاقە تېلىفۇنى: 05306677851

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش