ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئىنگلىزچە كۇرس ئۇقتۇرۇشى

ئىنگلىزچە كۇرس ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئامېرىكا، ياۋرۇپا ياكى تۈركىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇشتىكى ئىنگلىزچە ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنگلىزچە باشلانغۇچ A2، A1 ۋە ئوتتۇرا B2، B1 سەۋىيەلەردە ھەم شۇنداقلا IELTS  ۋە TOEFL تەييارلىق كۇرسلىرىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

بۇ كۇرستا، ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئىنگلىزچە ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرى نىشان قىلغان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى ئوقۇش پۇرسەتلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئالالايدۇ.

تىل ئۆگىنىش قېيىن ئىشلاردىن بىرى. ئاكادېمىيە بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگىلىزچە دەرس بېرىدىغان تەجىرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى دەرسكە تەكلىپ قىلىپ، ئىنگلىزچە كۇرسنىڭ سۈپەتلىك ۋە غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان ئىنگلىزچە تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 9-قارارلىق كۇرسى بولۇپ، تەجرىبىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ.

ئىنگلىزچە كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن ئىنگلىزچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت ئىنگلىزچە تىل كېنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىزچە ئېھتىياجى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە كۇرسلار ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە داۋاملىق ئېچىلىدۇ.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكادېمىيەدە ئۆگەنگەن ئىنگلىزچىسى بىلەن ئامېرىكا، ياۋرۇپا ياكى تۈركىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇش ھاياتىنى تېخىمۇ غەلبىلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمىز.

– ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئىنگلىزچە كۇرس تەپسىلاتى

ھەپتىلىك ۋە ئايلىق دەرس سائىتى: ھەپتدە 9 سائەت، ئايدا جەمئي 36 سائەت (ئىنگلىزچە كۇرسلىرىنىڭ دەرس كۈنلىرى ۋە سائەتلىرى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن ئايرىم بېكىتىلىدۇ.)

سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سان چەكلىمىسى: 12 ئوقۇغۇچى

دەرس باشلاش ۋاقتى: 2019-يىل 10-ئاينىڭ 14-كۈنى دۈشەنبە

ئايلىق ئوقۇش پۇلى: 150 تۈرك لىراسى

كىتاب پۇلى: 50 تۈرك لىراسى (ئايلىق)

تىزىملىتىش ۋاقتى: 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى جۈمە چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە

تىزىملىغۇچى: ئابىدە ئەكبەر ۋە رەھىمە مۇھەممەت (تېلفۇن: 02125897667، ئەسكەرتىش: ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئىش ۋاقتى ھەپتە ئىچى چۈشتىن بورۇن سائەت 9:30 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە)

دەرس ئۆتىلىدىغان ئورۇن: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىشخانىسى

ئىشخانا ئادرىسى: ئىستانبۇل باغچىلىئەۋلەر ئىززەتتىن چالىشلار كوچىسى 55-نومۇر 2-قەۋەت 5-نومۇرلۇق ئىشخانا

Adres: İzzettin Çalışlar Caddesi. No: 55, Kat: 2, Ofis No: 5, Posta Kodu: 34180, Bahçelievler, İstanbul

.ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئىنجىرلى مەتروبۇس بىكىتى بىلەن باكىركۆي مەترو بېكىتىگە يېقىندۇر

ئىنگلىزچە كۇرسىدا ئوقۇشنى خالىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرەلىشى ئۈچۈن 10-ئاينىڭ 11-كۈنى جۈمە چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە ئاكادېمىيەنىڭ باغچىلىئەۋلەردىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، ئايلىق 150 لىرا ئوقۇش پۇلى ۋە 50 لىرا كىتاب پۇلى بولۇپ، جەمىئىي 3 ئايلىق 500 لىرا تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار ئاكادېمىيە ئىشخانىسىغا بېرىپ، كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ كىرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنى بىرەر ياردەم سۆيەر ئۇيغۇرلىرىمىز تۆلەپ بەرگەن ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى كۇرس ئاخرىدا قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

ئىلاۋە: ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان ھەر بىر ئىنگلىزچە سىنىپى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىغا ئايلىق تەخمىنەن 900 لىرا مائاش بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۈچ ئايلىق بىر سىنىپ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى مائاشىغا 2700 لىرا ۋە باشقا ئۇششاق چىقىملار بولۇپ جەمىئىي 3000 لىرا ئەتراپىدا سەرىپ قىلىنىدۇ. ياردەم سۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنگلىزچە كۇرسى ئوقۇتقۇچى مائاشىنى تۆلەشتە ياكى ئوقۇغۇچىلارغا ئىنگلىزچە كىتاب ئېلىپ بېرىشتە ئاكادېمىيەگە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىي ئۆتۈنىمىز. ياردەم بەرگۈچىنىڭ تەلىپى سىرتىدا، ئۇنىڭ كىملىكى ۋە ياردىمى قەتئىي مەخپى تۇتىلىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ياردەملىرىنى ئايىمىغاي.

ئوقۇتقۇچى مائاشىغا ياردەم ئۈچۈن ئاكادېمىيە بانكا ھېسابى:
تۈركىيە ئىش بانكىسى
ئىبان نومۇرى: TR 6100 0640 0000 1106 8093 1248
ھېساب نومۇرى: 1068-931248
ھېساب ئىگىسى: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
مۇشتەرى نومۇرى: 223926880
فېندىكزادە شۆبە كودى: 1068

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش