ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ زىيارەت خاتىرىسى

ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ زىيارەت خاتىرىسى

شىنجاڭ ۋەكىلىنى زىيارەت

«نەنجىڭ شىنمىن گېزىتى» (南京新民报)، جۇڭخۇا مىنگونىڭ 35-يىلى (1946-يىلى) 11-دېكابىر

(سوۋېت تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى؛ كۆپىنچە ئىشلار جەنۇبىي شىنجاڭدىن چىقىدىكەن)

[ئۆز مۇخبىرىمىز زىيارىتى]

ئەخمەتجان شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەر باشلىقى بولۇپ، ئۇ يەنە شىنجاڭنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى، شۇنداقلا ئىلى ئۆزگىرىشى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە گېنىرال جاڭ جىجۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن ئۈچ ۋەكىلدىن بىرىدۇر. بۇ كىشى ھەققىدە شاڭخەيدە چىقىدىغان «كۈزىتىش ھەپتىلىكى» تۆۋەندىكىدەك يازىدۇ:

قىرىق ياش، تارانچى مىللىتىدىن، ئەسلى سودىگەر، ئىدىيىسى «ئىلغار»، مىنگونىڭ 26-يىلى (1937-يىلى) شىڭ شىسەي تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، يەتتە يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقان ۋە قىينالغان. مىنگونىڭ 33-يىلى (1944-يىلى) قويۇۋېتىلگەن. ئۇقۇمۇشلۇق، روسچە بىلىدۇ، سالاپەتلىك.

مۇخبىر تۆنۈگۈن (1946-يىلى 10-دېكابىر) چۈشتە قار ياغقانلىقىغا قارىماي، چېگرا رايوندىن كەلگەن بۇ ئاتاقلىق شەخسنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ كۆرۈنۈشتە ھەقىقەتەنمۇ سالاپەتلىك بولۇپ، باھاردەك ئىللىق بىر ئىشخانىدا خىزمەت قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن سەل ئورۇقراق كەلگەن باش كاتىپ ئۇنىڭغا تەرجىمان بولدى. «بۇ ئىككى كۈن يىغىنغا بارمىدۇق، چۈنكى، يىغىندا بىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولسا ئاندىن قىزىقىدىكەنمىز».

ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆتمۈشتىكى بارلىق ھاكىمىيەتلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىش كېرەش. شىنجاڭ خىتايلارنى ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن مىللىي جۇمھۇرىيەت قۇرۇشنى ناھايىتى خالايدۇ. لېكىن ئىككى يۈز يىلدىن بۇيانقى ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلۇملىرى شىنجاڭنى بەئەينى قاراڭغۇ زىندانغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. گەرچە شىڭ شىسەي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولسىمۇ، ئۇ ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلىدە مىللىي مەدەنىيەتتە ئۆسۈش بولغان ئىدى. ئۇ مەزگىلدە بىر قىسىم ئىلغار شەخسلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن، خەلققە دۇنيادا يەنە باشقا بىر خىل ھاياتنىڭمۇ مەۋجۈت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۇ خۇددى ئوتتۇرا ئەسىردىكى جاھالەتتىن زامانىۋىي جەمىيەتكە ئۆتكەندەك، جىنچىراق دەۋرىدىن ئېلىكتىر لامپا دەۋرىگە قەدەم قويغاندەك بىر ئىش ئىدى. شۇنى ئېيتماي بولمايدۇكى، يۇقىرىدا ئېيتىلغانلار «ئالتە بۈيۈك سىياسەت» نىڭ ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى».

«ئىلى ۋەقەسى بىر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى. ئۇ بۇرۇنقى بارلىق زۇلۇملارنىڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشى بار دەپ قارايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قەستەن ئويدۇرۇلغان ئېغۋا. بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا خېلى تەسىرى بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمىز. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مىللەتلەر ئارا باراۋەرلىك سىياسىتى شىنجاڭ خەلقىگە ناھايىتى زور بىر ئىلھام بولدى. خەلق قوينىڭ قوزىسىدەك ئۆلتۈرۈلۈشكە رازى بولمايدىغان بولدى».

«ئىلى ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ فاشىست تۈزۈمى. شىڭ شىسەينىڭ كېيىنكى بەش يىلى تېخىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئوخشاش تۈزۈم ساقلىنىپ قالدى. بىز شىنجاڭ خەلقى بۇنداق قارىغۇلارچە ئۆلۈپ كەتسەك بولمايدۇ. ئۆلسەكمۇ بىكاردىن بىكارغا ئۆلمەسلىكىمىز كېرەك».

«ھازىرقى رەئىس جاڭ جىجۇڭغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىدى مۇخبىر ھازىرقى ۋەزىيەتنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن. ئۇنىڭ قارىشىچە رەئىس جاڭ جىجۇڭنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەتلىرى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىجرا قىلىش مۇمكىن ئىكەن. شۇنداقلا دۆلەتكە ناھايىتى پايدىلىق ئىكەن. لېكىن ھازىر بۇنىڭغا بەزى كىشىلەر قارشىلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنداق كىشىلەر مەركەز (نەنجىڭ ھۆكۈمىتى) دىمۇ بار ئىكەن. ئۇ يەنە داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى:

 

«(شەرقىي) تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇنقى ۋاقتلىق ھۆكۈمەت ئىدى. تېنچلىق سۆھبىتىدىن كېيىن، ئۇ تارقىتىلىپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە قوشۇۋېتىلدى. لېكىن (شەرقىي) تۈركىستان بىر بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنى ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ».

 

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھازىرقى قىيىنچىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدا بولۇپ، ھەربىيلەردىن ياڭ دېلىياڭ (杨德梁)، جاڭ جۈنجاڭ (张军长) قاتارلىقلار يەرلىك سايلاملارغا پاراكەندىچىلىك سېلىۋېتىپتۇ. ئۇلار يەنە يەرلىكتىكى جاھىل ئۇنسۇرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، جاسۇسلارنى ئىشقا سېلىپ، بىرلىكتە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىۋېتىپتۇ. كىشىلەرنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشى ئادەتتىكى ئىشلاردىن بولۇپ قاپتۇ.

«شىمالىي شىنجاڭ تېنچراق، 12 مىڭ كىشىلىك يەرلىك ئارمىيە بار» ئىكەن. مەركەز (گومىنداڭ) ئارمىيىسىدىن قانچىلىك كىشى بار دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ «بۇنى غەربىي-شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ» دېدى.

ئۇ يېقىندا رەئىس جاڭ (جېشى) بىلەن كۆرۈشۈپ، چېگرا رايون خەلقلىرىنىڭ تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە ھەقىقىي خەلقچىل سىياسەت بولغاندىلا ئاندىن دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. ئەمما ئۇ ئاخىرىدا مۇخبىرغا  تۆۋەندىكى بىر ئېغىز سۆزنى قىلدى:

«باشقىلارنى باشقۇرماقچى بولغان كىشى ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلىشى كېرەك».

 

مەنبە: تەيۋەن دۆلەتلىك سىياسەت ئۇنىۋېرستېتى 台湾国立政治大学 دىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ھۆججەتلەر

نەشىرگە تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى زىيارەت خاتىرىسىنىڭ خىتايچە نۇسخىسى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش