ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » دەرتمەندىن دەردىڭگە دەرمان ئىزدىمە، تىلەمچىدىن سەدىقە (تىلىمە)

دەرتمەندىن دەردىڭگە دەرمان ئىزدىمە، تىلەمچىدىن سەدىقە (تىلىمە)

نۇرمەمەت مۇساباي

2019-يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيويوركتىكى بىناسى قىزىپ كەتتى. 23-سېنتەبىر 74-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنى باشلاندى. يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنىنى تارتىدىغان، بىز ئۇيغۇرلارنى خۇش قىلىدىغان، چىرايىمىزدا بىر ئاز بولسىمۇ ئۈمىد پەيدا قىلىدىغان كۆرۈنۈش بولسا قىزىمىز جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئامېرىكا پرىزىدېنتى، مۇئاۋىن پرىزىدېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى ئۈچ رەھبىرى بىلەن ئولتۇرغانلىقىدۇر.

ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى ئەڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ ئىشتىراكى ۋە رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا جەۋھەر ئىلھام سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇيغۇرنىڭ دەردى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ قازىسى بولغان ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىدا، دۇنيانىڭ قازىخانىسى بولغان بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سارىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دېمەك دەردىمىز قازىغا ۋە قازىخانىغا يەتتى. ئەمدىكى ئىش قازىنىڭ چىقىرىدىغان ھۆكۈمى ۋە ھەرىكىتىدە قالدى. دەردىمىزنىڭ بۇ يەرگىچە يېتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ھەرىكەت قىلغان بارلىق پائالىيەتچىلەرگە رەھمەت. ئاۋازىمىز بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا يەتتى، بۇ ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئېرىشكەن ئەڭ چوڭ نەتىجە. ئەپسۇس، بۇ يەرگە كەلگۈچە ئۇيغۇر خەلقى ئىنتايىن كۆپ قۇربان بەردى، ھەم بېرىۋاتىدۇ.

5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر لاگېر ۋە تۈرمىلەردە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتتى. ئېرىشكەن نەتىجىمىز تۆلىگەن بەدەلگە نىسبەتەن ھېچنىمە ئەمەس. بىراق، يوقتىن ياخشى . بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ غەم- قايغۇسىدا، ئۆز مەنپەئەتلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. 21-ئەسىردە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشىي مىللىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر خەلقى ھەققىدە گەپ بولۇنمىدى. پەقەت ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك مۇزاكىرە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جەۋھەر قىزىمىزغا سۆز قىلىش پۇرسىتى بەردى. بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەركىتىدىن خۇش بولغان بولساق، باشقىلار قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە گەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ئەپسۇسلاندۇق.

بولۇپمۇ «پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار قېرىنداشتۇر» دەيدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ 20 مىليون ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا قارىتا بىرەر جۈملە سۆزمۇ قىلىپ قويمىغانلىقىدىن بەك ئېچىندۇق. بىز «بارلىق مەزلۇملارنىڭ يېنىدا» دەيدىغان، بىز قېرىنداش مىللەت دەپ چوڭ بىلىدىغان، ھۆرمەت قىلىدىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلەرىگە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ۋە جۇمھۇر رەئىسىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى، تەنقىدلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇرلار مىللىي ئېتىقادى كۈچلۈك بىر مىللەت، باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش ئېتىقادى كۈچلىك، ھەقىقى مۇسۇلمان بىر خەلق دەپ بىلەتتى، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىدى. ئۇيغۇرلار ۋاپادار بىر مىللەت، ئۇيغۇرلار تارىختا بۇ ۋاپادارلىقىنى قېرىنداشلىرىغا نەچچە قېتىم كۆرسەتكەن. شۇڭا بۈگۈن ئۇيغۇرلار بېشىغا كۈن چۈشكەندە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ياردەم قىلىدۇ، قىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. قان- قېرىنداشلىرىنىمۇ قېرىنداشلىققا ۋاپا قىلسا دەيدۇ، بولۇپمۇ تۈركىيەدىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەسكەن، ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ.

دۇنيادا ساپ، ھەقىقىي مۇسۇلمان خەلق بارمۇ دىيىلسە، ئۇلار پەقەت ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تولۇق 100% ئىسلامنىڭ بىرلا مەزھىپىگە مەنسۇپ بولغان مۇسۇلمان خەلق. بەلكىم باشقا دىندا، باشقا مەزھەپتىكىلەرمۇ بار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما پىرسەنتكە توشمايدۇ. دۇنيادا پەقەت ئۇيغۇرلارلا بارلىق خەلقى بويىچە مۇسۇلمان بولغان. دۇنيادا ئۇيغۇردىن باشقا بۇنداق ساپ، ھەقىقى مۇسۇلمان بىر مىللەت يوق.

بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىز ھەقىقىي مۇسۇلمانلىق، شۇڭا بىز سىياسەت-يالغانچىلىق، ھىلە -نەيرەڭ ئوينىيالماي، ۋەتەنسىز قالدۇق. سىياسەت ساپ ئېتىقاد بىلەن بىرگە تۇرالمايدىكەن، دۆلەتمۇ ساپ ئېتىقاد بىلەن باشقۇرۇلمايدىكەن. دۆلەت مىللىي مەنپەئەت، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغان سىياسەت بىلەن باشقۇرۇلىدىكەن. قېرىنداشلىق، دىنداشلىق، ئوغۇلبالچىلىق دېگەنلەر بۇ يەردە ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەن. بىز ئۇيغۇرلاردا بۇ سىياسىي تۈزۈلمە تېخى ھاسىل بولماپتۇ، ياكى يوق ئىكەن.

1-ئۆكتەبىر كۈنى مۇنداق ئىككى خىل خەۋەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى:

1- ئۆكتەبىر كۈنى خىتايلار دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىشتى، لېكىن بۇ كۈن بىزنىڭ ھالاكەتكە يولۇققان كۈنىمىز ئىدى. بۇ كۈنى خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقىتتا، بىز ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىزنى تارتقۇزۇپ قويغانلىقنىڭ قاتتىق ئازابىنى تارتىش بىلەن بىرگە، يەنە مىليونلارچە خەلقىمىزنىڭ لاگېر، تۈرمىلەردە ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق تراگىدىيەلىك كۈننى بېشىمىزدىن كەچۈرۋاتقان بىر كۈن ئىدى، بىز چارىسىزلىكتىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتقان كىشىلىرىمىزنىڭ سۈرىشتىسىنىمۇ قىلالماي ئولتۇرغان بىر كۈن ئىدى.

يەنە بىر خەۋەر:

1-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتو ئىككى يېرىم ئايلىق ئارام ئېلىشتىن كېيىن يىللىق ئېچىلىشىنى قىلدى. ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىگەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈرك خەلقى، تۈركىيە جۇمھۇريىتى مەنپەئەتى ھەققىدە نۇرغۇن ھاياجانلىق، مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى. دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان مەزلۇم خەلقلەر ۋە دۇنيادىكى قېرىنداش تۈركىي خەلىقلەر ھەققىدە ۋە ئۇلارنىڭ ياشىغان ئورۇنلىرى ھەققىدە سۆز قىلىپ، پۈتۈن خەلىقلەرنى، ئۇلار ياشىغان يەرلەرنى بىرمۇ-بىر ساناپ كېلىپ، يەنە ئۇيغۇرنى، شەرقىي تۈركىستاننى ئۇنتۇپ قالدى ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئەردوغاننىڭ نۇتىقىنى ئاڭلاۋېتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولۇپ، خەۋەرنى ئۆچۈرۋەتتىم ۋە شۇنداق ئويلىدىم: دەرتمەنلەردىن دەردىڭگە شىپا ئىزدىمە، گىرۋەكتىكىدىن ياردەم كۈتۈپ قول ئۇزاتما.

تۈركىيە ئۆز رايونىغا نىسبەتەن كۈچلۈك بىر دۆلەت، ئەمما دۇنياۋى دۆلەت ئەمەس. شۇڭا دۇنيادىكى خەلقئارالىق مەسىلىلەردە تەسىر قىلىش كۈچى يوق دېيەرلىك. ئەمما تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيلىك جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇشى، ئۇيغۇرلار بىلەن قانداشلىق، مەدەنىيەت، تارىخىي ئورتاقلىقى تۈپەيلىدىن، بىز ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىمەن دېسە، بىزنى مۇستەقىل قىلىش ئۈچۈن كۈچى يەتمىسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى مىللىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۇنى توختىتالىشى ياكى يېنىكلىتەشى مۇمكىن ئىدى. ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ شۇنداق قىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ، لېكىن رېئاللىق، رەھىمسىز سىياسەت، دۆلەت، مىللىي مەنپەئەت تۈركىيەنى بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇرلاپ قويۇۋاتىدۇ.

تۈركىيە 100 يىلىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يىللىرىنى ئۆتكۈزۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرى ئوسمان ئىمپىرىيىسى پارچىلىپ، تۈرك خەلقى ۋەتەنسىز قالغان، ۋەتىنىم دىگەن تۇپراقلىرىدىن ئايرىلىپ تېرە-پىرەڭ بولۇپ كېتىشتەك بىر خەۋىپنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۈگۈن تۈركىيەنىڭ قوشنىلىرى ئىراق، سۈرىيەدە بولۇۋاتقان ئىچكى قالايمىقانچىلىق، پارچىلىنىشلار، تۈركىيەنى ئەندىشىگە سالدى. 100 يىل بۇرۇنقى خەۋپ يەنە كەلگەندەك بىر ۋەزىيەت پەيدا بولدى. تۈركىيە ھەر خىل مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مۇرەككەپ بىر دۆلەت ئىكەن. تۈركىيەدە نۇرغۇن دىن، دىنىي مەزھەپلەر، نۇرغۇن پەرقلىق گۇررۇپلار، نۇرغۇن ئىدولوگىيەدىكى سىياسىي گۇرۇھلار بار. 40 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن كۇردلارنىڭ قارشىلىق ھەركەتلىرى، پەرقلىق دىن ۋە دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئۆز مەزھەپلىرى ئۈچۈن ئۆز دائىرىلىرىدە ھەركەت قىلىشلىرى؛ ئوخشىمىغان ئىدىيەگە ئىگە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ تۈركىيە دۆلىتىنى ھەر تەرەپكە تارتىشى بىلەن تۈركىيە ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن، ھەم سىياسىي جەھەتتىن ھىچ بىر تەرەققى قىلالمىغان ئىكەن.

يېقىنقى 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، تۈركىيەنىڭ سىياسىتى بىر ئاز مۇقىملىشىپ، ئىقتىسادىي بىر قەدەر ياخشىلىنىپ، گ20 گە ئەزا بولدى.   لېكىن، 2011-يىلىدا باشلانغان سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش تۈركىيەنى ھەم سىياسىي، ھەم ئىقتىسادىي، ھەم ئىچكى-تاشقى مۇقىملىق جەھەتتىن بىر ئاز بىئارام قىلىپ قويدى.
تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتى تۈركىيە تارىخىدىكى ئاتاتۈركتىن كېيىنكى ئەڭ كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەت.

بۇندىن 100 يىل ئىلگىرى سۇلتان ئابدۇلھامىد 2 ئۈچ بۇرجەكلىك بىر سىياسەتنى ئوينىغان ئىكەن. بۈگۈن تۈركىيە/ئەردوغان سۈرىيە مەسىلىسىدە شۇ ئۈچ بۇرجەكلىك سىياسەتنى قايتا ئويناۋاتىدۇ.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئۇزاق مۇددەتلىك ناتو دىكى بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىدى. سۈرىيە ئۇرۇشى باشلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە بىر سەپتە ئىدى. لېكىن يېقىنقى 4-5 يىلدا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ نىشانى، مەنپەئەتلىرى، غايىلىرى بىر-بىرىگە زىت چىقىپ قالدى. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىتتىپاقلىقى بۇزۇلۇپ، تۈركىيە ئامېرىكىغا ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالدى. رۇسىيە تۈركىيەنىڭ تارىختىن بۇيانقى رەقىبى ئىدى. تۈركلەر بىلەن رۇسلار تارىختىن بۇيان كەم دېگەندىمۇ 20 يىلدا بىر ئۇرۇش قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، تۈركىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر ئاز غەيرىلىككە يۈزلەنگەندە، تۈركىيە بىلەن رۇسيە سۈرىيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىشقا باشلىدى. تۈركىيە ئۆزىنىڭ دېپلوماتىك ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلاپ ماڭدى.

تۈركىيە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىز، يەر بايلىقلىرى يوق بىر دۆلەت. ئامېرىكىغا، رۇسىيەگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئىرانغىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر يۆتىلىپ قويسا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى تۈگىشىدۇ، خۇددى 2018-يىلى يازدا بولغاندەك. ئەمما تۈركىيە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىش ئارقىلىق، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىستراتىگىيلىك ھەمكارلىقىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. ھەم رۇسىيە بىلەن تىجارىي ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق، سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا سىياسونلىرىنىڭ ئانالىزلىرىغا قارىغاندا: ئەگەر ئامېرىكا تۈركىيەنى جازالاپ، تۈركىيە ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلسا، تۈركىيەنىڭ پۈتۈنلەي رۇسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى، ھەتتا شاڭخەي ھەمكارلىقىغا قېتىلىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن ناتو مۇھىم ئىستراتىگىيلىك دۆلەت تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، دەپ قارايدىكەن. تۈركىيەدە بولىدىغان ئىقتىسادىي كىرزىس ئەڭ كۆپ ياۋروپاغا تەسىر قىلىدۇ دەيدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھەم ياۋروپا ھەم ئامېرىكا تۈركىيەنى جازالاشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بىر سىياسەتتە كېتىپ بارىدۇ.

سىياسەت مەنپەئەتكە قاراپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى دوستلار/ ئىتتىپاقداشلار ئەتە دۈشمەن، تۆنۈگۈنكى دۈشمەنلەر بۈگۈن دوست/ئىتتىپاقداش بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئانچە ياخشى كېتىپ بارمايۋاتىدۇ. تۈركىيە بىر قولىدا ئامېرىكىنى، بىر قولىدا رۇسىيەنى تۇتۇپ، خەتەرلىك بىر سىياسەت ئويناۋاتقان بىر ۋاقىتتا ھەر ئىككىلىسىدىن بىراقلا دەككە يەپ قالماسلىق ئۈچۈن، بىرلەشكەن مىللەتلەردىكى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان بەش دۆلەتنىڭ بىر بولغان خىتاي بىلەن ھەم بىخەتەرلىك، ھەم ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى ياۋروپا ۋە ئامېرىكا تۈركىيەنى ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە تەنقىدلەپ كېلىۋاتىدۇ. سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ مۇناسىۋەتى بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتىدۇ. بۇ يىراقلىشىش تۈركىيەنى مەجبۇرىي ھالدا خىتاي ۋە رۇسىيەگە يېقىنلاشتۇرىۋاتىدۇ، دۆلەت مەنپەئىتى، مىللىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن بۈگۈن تۈركىيە ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشتا دۇنيادىكى ئىككى چوڭ كۈچ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. تۈركىيە بۇ ئىككى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە ئۆز دەردى بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ. ئاڭلىمىغان، كۆرمىگەن سىياسەت يۈرگۈزۋاتىدۇ.

ئەگەر تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تۈركىيەمۇ، ئامېرىكىمۇ مەمنۇن بولغۇدەك بىر بىخەتەرلىك كارىدورى قۇرۇشقا كېلىشەلىسە، تۈركىيە سۈرىيە كىرزىسى تۈپەيلىدىن دۆلىتىنىڭ جەنۇبىدىن كېلىدىغان تەھدىتتىن قۇتۇلغان بولىدۇ. بۇ ھالدا تۈركىيە قايتا ئامېرىكا بىلەن ئىستراتىگىيىلىك ئورتاق بىر ئىتتىپاقداش ھالغا كېلىدۇ. تۈركىيەمۇ ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋازىنى چىقىرىدۇ، قىسقا ۋاقىتتا شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىرلەشكەن مىللەتلەر يىغىنىدىكى سۆزىدە ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن كېلىشەلمىسەك، ئوز ئالدىمىزغا ئىش قىلىمىز دېگەنىدى. مانا بۈگۈن ئۆكتەبىرنىڭ 9-كۈنى تۈركىيە سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى. ئىش مۇرەككەپ، قانلىق بىر تەرەپكە كېتىپ قالدى. ھەرىكەت باشلا-باشلىماي قارشىلىقلار كۆپەيدى. بۈگۈن 10-ئۆكتەبىر بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا/ ئۇن غا ئەزا 15 دۆلەتنىڭ ياۋروپادىكى 5 دۆلەتنىڭ تەكلىپى بىلەن بىرلەشكەن مىللەتلەر بىخەتەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنى دەرھال توختىتىش ھەققىدە بەش ياۋروپا دۆلىتى سۇنغان تەكلىپنى ئامېرىكا ۋە رۇسىيە رەت قىلدى.  تەكلىپتە ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە سۈرىيەدە مەۋجۇتلىقى ئىنكار قىلىنغاندەك قىلىدۇ. يەنى بارلىق چەتئەل قوشۇنلىرى سۈرىيەدىن چىقىپ كەتسۇن دېگەندەك ماددىلار باردەك قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئىككىلا دۆلەت رەت قىلىپتۇ. بۇ شەكىلدىكى يىغىن كەلگۈسىدە يەنە بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. تۈركىيە بۇ ھەرىكىتىنى تاماملىغىچە يەنە نېمە ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، ئامېرىكا، رۇسىيەنىڭ پوزىتسىيىسىدە يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بۇلار ئېنىق ئەمەس.

سىياسەت مەنپەئەتكە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا تۈركىيە بۇ ھەربىي ھەركىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇرغۇچە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدىن ئۆزىگە قارشى بىرەر قارارنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىن دېپلوماتىك ھەرىكەتلەرنى قىلغان بولۇشى ۋە قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دائىمىي 5 ئەزانىڭ بىرى بولغان خىتاينى خاپا قىلغۇسى يوق. تۈركىيە ئۈچۈن رەت قىلىدىغان دۆلەت رۇسىيە ۋە خىتايدىن بىرسى بولۇشى مۇمكىن. تۈركىيە خەتەرلىك بىر سىياسەت ئىچىدە، شۇ ۋەجىدىن تۈركىيە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان بولۇشلىرىغا ئاۋازىنى چىقىرالمايۋاتىدۇ، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا سۈكۈتتە تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر ئامېرىكا تۈركىيەنى بۇ ئۇرۇش بىلەن سۈرىيەگە پاتۇرۇپ قويىمەن دېسە، سۈرىيە كۇردلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرسا، بۇ ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ. شۇڭا ھازىرچە دەرتمەنلەردىن دەردىڭگە شىپا ئىزدىمە، گىرۋەكتىكىدىن ياردەم كۈتۈپ قول ئۇزاتما دېگەن بويىچە تۇرۇپ تۇرغىنىمىز ياخشى.

74- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن مىللەتلەر يىغىنىدىن يەنە بىر كۆرۈنۈش

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخاندىن «سىلەر نېمىشقا كەشمىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭلا گېپىنى قىلىسىلەر، قوشناڭلار بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بىرنېمە دېمەيسىلەر» دەپ سورىدى. بۈگۈنكى مۇسۇلمانلاردا ۋە رەھبەرلەردە مۇسۇلمانلىق روھى، ئۇقۇم يوق ئىكەن. بۈگۈنكى بۇ دەۋر بۇنداق روھلار، ئۇقۇملار، ھەقىقى ئېتىقادلار يوقالغان بىر دەۋر ئىكەن.  ئىسلام خەلىپىلىكى بار ۋاقىتتا دۇنيانىڭ نەرىدە مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم كەلسە، خەلىپىلىك ياردەم قىلغان ئىكەن. خەلىپىلىك يوقىلىپ، نەچچىلىگەن پارىخور، قورچاق پادىشاھلىقلار، شەيىخلەر، پرەسىدەنتلار بەرپا بولدى. ئېتىقاد، مۇسۇلمانلىق روھ يوقالدى. شۇڭا بۈگۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەم دىنىي ئېتىقادى جەھەتتىن، ھەم مىللىي كىملىكى جەھەتتىن يوقىلىش ئالدىدا تۇرسا، ئىسلام دىنىغا ھاقارەتلەر بولۇۋاتسا، بۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن سادا يوق. ئەكسىچە خىتاينىڭ قىلغانلىرىنى توغرا دەۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ قورچاق، پارىخور پادىشاھ، شەيىخلار ئۆزلىرىنىڭ ھاكىميىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ قوللىشى، ئىقتىسادىي ياردىمىگە موھتاج.  پاكىستاندەك كەمبەغەل دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇلى. پۇل ئۈچۈن مۇسۇلمانلىق، ئىنسانلىق، ۋىجدان يوقالغان. بۇنداق مۇسۇلمانلاردىن ياردەم كۈتۈش شەيتاندىن ئىمان كۈتكەندەك ئىشتۇر، شۇڭا تىلەمچىدىن سەدىقە كۈتمە.

بۈگۈنكى كۈندە دىنىي قېرىنداشلىق، قان قېرىنداشلىق، ئىرىقداشلىق دېگەنلەردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. دۆلەت مەنپەئىتى، مىللىي مەنپەئەت دېگەنلەر مۇسۇلمانلىق، قېرىنداشلىقلاردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىۋاتىدۇ. بۇنى چۈشەنگەن خەلقلەر، دۆلىتىنى ساقلاپ قېلىۋاتىدۇ، تەرەققى قىلدۇرۋاتىدۇ، چۈشەنمىگەنلىرى ئىچكى ئۇرۇشقا كىرىشىپ ۋەيران بولۇۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىتىدە مەنپەئەت، رىقابەت، تەھدىت ئاساسلىق پرىنسىپ قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارغا ياردەم قېرىنداشلىق، دىنداشلىق سەۋەبىدىن كەلمەيدۇ. بەلكىم دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىستىگىيىلىك ئۆزگۈرۈشلەر تۈپەيلىدىن، مەنپەئەت توقۇنۇشلار، رىقابەتلەر، ئۆز-ئارا تەھدىتلەر ھاسىل بولغاندا ياردەم قىلىدىغانلار چىقىدۇ. بۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپىدە بىزنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىمىز كىمنىڭ ئىشىغا يارىسا، شۇلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش يۈزىسىدىن ياردەم قىلىدۇ. ترامپ ھۆكۈمىتى باشلىغان خىتاي -ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى دەل بۇ سىياسەتنىڭ ئەمىلىيلىشىش جەريانىدىكى بىر مىسال.

خىتاينىڭ كۈچلىنىپ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ بولۇشى، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك خوجايىنلىق، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلىكىگە كۆلەڭگە چۈشۈرگەنىدى، مانا ئەمدى تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن رايون خارەكتېرلىك ئورۇنلاردا، خەلقارا ئىشلاردا خىتاي ئامېرىكىغا رىقابەتچى بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى، بۇرۇنقى دۇنيادىكى ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلىك ئورنىنى رىقابەتچىسىز، تەھدىتسىز ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم خىتاينى ئاجىزلىتىشى كېرەك.

ئامېرىكا خىتاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن خوڭكوڭ، تەيۋەنلەرنى كوزۇر قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بۇلار بەرىبىر بىر خىتايلار، ئاخىرىدا يەنە بىرلىشىپ كېتىدۇ. خىتاينى ئاجىزلىتىشتا ئامېرىكا بىلەن ئەڭ ياخشى ئىتتىپاقداش بولالايدىغان خەلق بىز ئۇيغۇرلاردۇر. ئامېرىكا بۇ نۇقتىدىن بىزگە ياردەم بېرىدۇ، ھەم ياردەم بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرلار ھەر ساھەدە تەشكىللىنىپ، بىرلىك، كۈچلىك بىر ھالەتتە بولۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ كۈچلىنىشىمىز، بىرلىشىشىمىز قانچە تېز بولسا، ئامېرىكىنىڭ بىزگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. ياردەمنى ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلاردىن، ياردەم قىلىشنى ئىزدەپ يۈرگەنلەردىن، ياردەم قىلىش ئىمكانىيىتى بارلاردىن كۈتۈشىمىز كېرەك، بۇنى ئامېرىكا قىلالايدۇ. بىز ياردەمنى ھەرگىز دەرتمەنلەردىن، تىلەمچىلەردىن كۈتمەسلىكىمىز كېرەك. بۈگۈن كۇردلار ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان بولسا، بىز ئۇيغۇرلار ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولالايمىز.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش