ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىر-ئىككى سۆز

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىر-ئىككى سۆز

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

ئەسكەرتمە: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، مەزكۇر يازما 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە چىققان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نەشرىي ئەپكارى بولغان “ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى” نىڭ 1946-يىلى ئىيۇن-ئىيۇل ئايلىرىدىكى مەلۇم سانىغا بېسىلغان شۇ ناملىق ماقالىگە ئاساسەن تەييارلاندى. تىرناق ئىچىدىكى سۆزلەر تەييارلىغۇچىنىڭ ئىزاھاتلىرىدۇر. بۇ گېزىت پارچىسىنىڭ رەسىمى ۋەتەندە گۈزەل سەنئەت فوتو سۈرەت نەشىرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان “شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى” ناملىق كىتابقا بېسىلغان.

 

بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن بولغان كۆرەشلەرنى داۋاملىق يوسۇندا يۈرگۈزۈپ كەلدۇق. شۇ قاتاردا 44-يىل 7-نويابىر كۈنى يەنە مىللىي ئىنقىلابىي كۆرىشىمىزنى باشلىدۇق. ئىلى، ئالتاي، چۆچەك خەلقى خىتاي ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئىنقىلابىي سەپكە مۇستەھكەم ئۇيۇشۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى بەرپا قىلدۇق. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئازاد قىلىش ئۇلىنى قۇرۇپ ئالالىدۇق.
لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە ئومۇمىي ئەھۋالنىڭ تەلىپى ۋە ھازىرقى ئېھتىياجنىڭ ئوچۇق كۆرسەتمىسى بويىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىمىز مەسىلىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل بولىشىغا قايىل بولدى.مەسىلىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە كۆز سالغىنىمىزدا 2 يىللىق كۆرەش نەتىجىسىدە قازانغان ئۇتۇقلىرىمىز ئاز بولمىدى.

 

 

توختام بويىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى، خەلقىمىزنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى قولغا ئالغانلىقىنى مۇئاۋىن رەئىسلەرنىڭ ئورۇن ئىشغال قىلىشىدىن بىلگىلى بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئىلگىرى مائارىپ دائىرىلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلغان ۋە جەمئىيەت، تەشكىلات ئورۇنلىرىدىن مەھرۇم قالغان خەلقىمىز ھەر-بىر ۋىلايەتلەرگە ۋالىي بولۇشى، ناھىيەلەرگە ھاكىم قىلىنىشىمۇ جانلىق ئىسپات بولالايدۇ. شۇنىڭدەك ھەربىي ئىشلار بويىچە ئۆلكىلىك قوماندان مۇئاۋىنلىقىغا گېنىرال لېتىنانت ئىسھاقبېك تەيىن قىلىنىپ، بىر قانچە مىڭلىغان ئەسكىرى قوشۇنلارنىڭ ئىلى، ئالتاي، چۆچەك ۋىلايەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى غايەت زور ئىشەنچ ھاسىل قىلدى. 148-سانلىق گېزىتىمىزنىڭ يۈزىدە كۆرۈلگەن توختام پۈتۈمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مەمۇرىي خادىملارنى سايلاش ھوقۇقلىرىنىڭ بېرىلگەنلىكى، دىنىمىزغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىش ھۆرمەتلىرى قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، شۇنىڭدەك ھەر بىر ئىدارە، ئورگانلاردا ۋە سودا ئىشلىرىدا پۈتۈلگۈسى ھۆججەتلەرنىڭ ئىككى تىلدا يۈرۈتىلىدىغانلىقى ۋە مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي سەنئەت ھۆرلىكىنىڭ تەيىن قىلىنىشى، باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپلەردە ئۆز ئانا تىللىرىمىزدا ئومۇمىي تەلىمنىڭ يۈرگۈزۈلىشى، مەتبۇئات، نۇتۇق سۆزلىرىگە ئەركىنلىك بېرىلىشى قازانغان ئۇتۇق ۋە غەلبىلىرىمىزنىڭ جانلىق دەلىللىرىدۇر.
يالغۇز بىزنىڭ قازانغان ئۇتۇقلىرىمىز ئۇ بولۇپ قالماستىن، بەلكى، ئىشلەپچىقىرىشنى كۆزدە تۇتۇپ خىراج (خىراجەت، خامچوت) بەلگىلەش، سودىگەرلەرگە خارىجى (تاشقى) ۋە داخىلى (ئىچكى) سودا قىلىش ئەركىنلىكى قولغا كەلتۈرۈلدى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇشتا ئەزالار سانى ئاشۇرۇلۇپ، مىللىي ھەربىي قىسىملار تەشكىل قىلىش ھوقۇقى ئېلىندى ۋە نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى زەي زىندانلاردا ئازابلانغان مەھبۇسلار ئازاد قىلىندى. بۇ بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن تۇغۇلغان نەتىجىدۇر.

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىلى، ئالتاي، چۆچەكلەردە ياشىغۇچى خەلقىمىزنىڭ ئۆز دائىرىسى بويىچە ئاجايىپ زور خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى. شۇنىڭدەك، ئىدارە، جەمئىيەت ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، دۆلەت خىزمىتىنى ئورۇنداشتا ئاممىغا توغرا رەھبەرلىك قىلىپ كەلدى. بۇنىڭغا ئۈچ ۋىلايەتدە كۆرۈلگەن مەدىنىي تەرەققىياتلار ئىسپات بولالايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مىللىي ئازاتلىق ئىنقىلابىمىزنىڭ بەرگەن ئۇتۇقلىرى بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ئۇل ئاساس ھازىرلىدى.

 

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىمىز مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىش توختىمىغا قول قويغاندىن كېيىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، تەرتىپ بويىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى تارقىتىشقا توغرا كەلدى. شۇنىڭغا بىنائەن، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 28-ئىيۇن كۈنى ئۆز تەركىبىدىكى ئەزالىرىنى چاقىرىپ مەجلىس ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى 324- سانلىق قارارىنى قۇبۇل قىلىپ، ئىدارە خىزمەتچىلىرىنى قايتىدىن سايلاش ۋە ئورۇن ئالماشتۇرۇش ئىشىغا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىنىڭ ئىسمىنى قارار بويىچە «ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان» نامىغا ئۆزگەرتتى.

 

مەنبە: “ئازاد شەرقىي تۈركىستان گېزىتى”

 

«ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى دە ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بىر-ئىككى سۆز» ناملىق باش ماقالە

«ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش