ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ داۋايىمىز

خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە بىزنىڭ داۋايىمىز

دوختور مەمەت ئېمىن

خوڭكوڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىپ قىسقىغىنە 4 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە دۇنيادا ئالاھىدە تەسىر قوزغاپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرىدىن باشقا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەركىنلىككە ئىنتىلىدىغان خەلقنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق يېقىندىن بېرى يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچىلەرنى، بولۇپمۇ خوڭكوڭلۇقلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە نىسبەتەن ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ. ئۇنداقتا خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا بۇنداق تېز دىققەت قوزغىشىنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ بىزنىڭ داۋايىمىزغا نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار؟ بىز خوڭكوڭ مەسىلىسىدىن نېمىلەرنى يەكۈنلىشىمىز كېرەك؟ مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ كۆزىتىشلىرىگە ئاساسەن كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن.

خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، 1997-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، خوڭكوڭنىڭ دېموكراتىك تۈزۈلمىسىنى 50 يىل ئۆزگەرتمەسلىك شەرتى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بولۇپ، كېلىشىم بويىچە خوڭكوڭلۇقلار 50 يىلغىچە ئالاھىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ھەر خىل يوللار ئارقىلىق خوڭكوڭنىڭ ھەر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئىدىئولگىيەسى ۋە قىممەت قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىكە باشلىدى. نەتىجىدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەركىنلىككە كۆنۈپ قالغان خوڭكوڭلۇقلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىنى كونترول قىلماقچى بولغان قارا نىيىتىنى بارا-بارا بايقاپ، بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئۆز نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار 2014-يىلى «كۈنلۈك ئىنقىلابى» نى قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئىنقىلاب ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. بۇ قېتىم خوڭكوڭدا تۈزۈلمەكچى بولغان «خوڭكوڭدىكى جىنايەتچىلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» سەۋەبىدىن خوڭكوڭلۇقلار يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىپ چىققان.

خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا بۇنداق تېز تەسىر قوزغىشى ۋە خەلقئارانىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يەكۈنلەشكە بولىدۇ. ئالدى بىلەن، خەلقئارانىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېڭەيمىچىلىك پىلانىنى ۋە غەربنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىگە بولغان تەھدىتىدىنى تونۇپ يېتىشى. ئىككىنچىدىن، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكلەرنى پەقەت مۇھاجىرەتتىكى خوڭكوڭلۇقلار ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خوڭكوڭ ئىچىدىكى خەلقنىڭ بىۋاستە قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە خوڭكوڭنىڭ ئالاھىدە ئورنى سەۋەبىدىن خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ خەلقئارا ئاخباراتىدا ئۆز ۋاقتىدا ئەينەن خەۋەر قىلىنىپ تۇرۇشى. ئۈچىنچىدىن، غەربنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ 30 يىل ئىلگىرىكى خىتايدا يۈز بەرگەن تىيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ خوڭكوڭدا قايتىلىنىپ قېلىشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈزگۈزۈۋاتقان بىر قىسىم سىياسەتلىرىنىڭ خوڭكوڭدا كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلىشى. تۆتىنچىدىن، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ غەرب بىلەن ئوخشاش قىممەت قاراشتا بولۇشى ۋە غەربنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلمىسىغا تەھدىت بولمايدىغانلىقى. بەشىنچىدىن، خوڭكوڭلۇقلار ئوتتۇرىغا قويغان بەش تەلەپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئەنگىلىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ خوڭكوڭنى قوللىشى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن دېپلوماتىك كېلىشىملىرىگە زىت كەلمەيدىغانلىقى.

خوڭكوڭلۇقلارنىڭ بەش تەلىپى:

1.خوڭكوڭدا ماقۇللىماقچى بولغان «خوڭكوڭدىكى جىنايەتچىلەرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.

1) 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى نامايىشىغا بېرىلگەن «توپىلاڭ» قالپىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش.

2) نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى جىنايەتچى سۈپىتىدە ئەيىبلىمەسلىك.

3) مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش.

5.خوڭكوڭدا ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىل سايلامنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

ھەممىمىز كۆرۈۋاتقاندەك، گەرچە خوڭكوڭلۇقلار ئوتتۇرىغا قويغان بۇ بەش تەلەپ شۇنچە ئاددىي، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئالاھىدە تەھدىت ئېلىپ كەلمىسىمۇ، پۈتۈن دۇنيانىڭ بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئالاھىدە قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ناھايىتى ئەپسۇس، ھازىرغىچە خوڭكوڭ مەسىلىسى ھەل بولمايۋاتىدۇ.

ئەكسىچە نامايىشقا قاتناشقۇچىلار خوڭكوڭدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇۋاتىدۇ. قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان ئوقۇغۇچىلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئەگەر خەلقئارا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خىتايغا ئەمەلىي بىر بېسىم قىلمىسا، ترامپ خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمى ئۈچۈن «خوڭكوڭ مەسىلىسى ئۆزلۈكىدىن ھەل بولىدۇ» دەپ ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاشلاپ بەرسە، شۇنداقلا شى ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىدە «كىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىنىنى پارچىلاشقا ئۇرىنىدىكەن، ھەممىسىنىڭ بەدىنى يانجىلىپ، سۆكەكلىرى پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ» دەپ تەھدىت سالالىسا، خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوڭۇشلۇق ھەل بولۇشى ئۇنچە ئاسان بولمىسا كېرەك.

خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى تېخىمۇ ئاشكارلاپ، بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ ھەقلىق بىر داۋا بولۇپ دۇنياغا تونۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. خوڭكوڭ مەسىلىسى مەيلى قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشسۇن، ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىزنىڭ داۋاغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى بىزگە كۆپلىگەن دەرسلەرنى بەردى. مېنىڭ قارىشىمچە، ئەگەر خوڭكوڭ مەسىلىسى غەلبە بىلەن ئاخىرلاشسا، بىزگە تىنىچلىق بىلەن قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ، خەلقىمىزنىڭ تىنچ يول بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئۈمىد ۋە كۈچ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر خوڭكوڭ مەسىلىسى مەغلۇپ بولسا، بىر تەرەپتىن بىزنىڭ پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن پەرقلىق قاراشتىكى ھەرقانداق خەلقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ باستۇرۇلدىغانلىقىنى خەلقئاراغا نامايەن قىلىپ، خەلقئارانىڭ بىزنى قوللىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، خەلقئارانىڭ بولۇپمۇ غەربنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە يېتەرلىك بېسىم چۈشۈرەلمىگەنلىكىنى ئاشكارلاپ، خەلقئارانىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى ھەل قىلىشتىكى تەسىر كۈچىنىڭ بەك ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، تىنچلىق بىلەن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللىغانلارغا بەلگىلىك ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ۋەتەندە بىزنىڭ خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كەلگىنى پەقەت ياشاش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئۇلار ئۆز ھوقۇقىنى ۋە ئىپتىخارىنى قوغداش ئۈچۈن قارشىلىق بىلدۈردى، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى، مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولدى. ئەمما بىزنىڭ نەچچە مىليون خەلقىمىز تۈرمىلەر ۋە لاگىرلاردا، پۈتۈن مىللىتىمىز يوقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ناھايىتى ئەپسۇس، يېتەرلىك قارشىلىق كۆرسىتىش يوق. پەقەت ۋەتەن ئىچىدىكىلەر ئەمەس، ھەتتا ۋەتەن سىرتىدا ئەركىن ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭمۇ ھەقىقىي ئويغانغىنى ناھايىتى چەكلىك. 7 مىليون خوڭكوڭلۇقنىڭ يېرىمى پەقەت تېخىمۇ ئەركىن ياشاش ئۈچۈن قوزغىلىپ كوچىلارغا چىقتى، بەدەل تۆلىدى ۋە تۆلەۋاتىدۇ. ئەمما ۋەتەندە 15 مىليوندىن 35 مىليونغىچە، مۇھاجىرەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسىمىز بار دېگەن بىزنىڭ 10% تىمىزمۇ تېخى رەسمىي ھەرىكەتكە ئۆتەلمىدۇق، ئورۇنسىز بەدەل تۆلىدۇق، بىراق ئەركىنلىك ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە پېتىنالمىدۇق. مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، خوڭكوڭ مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادا تېز قوللاشقا ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۇلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشتا دادىل بولۇشى، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكنى پەقەت مۇھاجىرەتتىكى خوڭكوڭلۇقلار ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى ئىچكى خەلق ئارقىلىق بىۋاستە ئاڭلىتىشى بولۇپ، ناھايىتى ئەپسۇس بىزنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ بۇنداق بىر پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى، ھەتتا ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشى، ئۆزى خالاپ ياكى خالىمىغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىيىتىنى ماختىشى، ۋەتەن سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ بولسا ئومۇمىيۈزلۈك ئويغانماسلىقى، بىزنىڭ داۋايىمىزنىڭ خەلقئارادا كەڭ تارقىلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.

يېقىندا بىرى تەرجىمە قىلىپ توردا ئېلان قىلغان نامايىشقا قاتناشقان بىر خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچى بالا بىلەن مۇخبىر ئارىسىدىكى دىئالوگ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى.

مۇخبىر: نامايىشقا چىققىنىڭنى ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەمدۇ؟

ئوقۇغۇچى: بىلىدۇ، ئۇلار مېنى قوللايدۇ.

مۇخبىر: نامايىشقا چىققاندا قورقتىڭىزمۇ؟

ئوقۇغۇچى: ياق، قورقمىدىم. نامايىشقا چىقىشتىن بۇرۇنلا ئىدىيۋى تەييارلىق قىلىپ قويغانتىم، بەلكىم تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىم ياكى يوقاپ كېتىشىم مۇمكىن. لېكىن مەن چىقمىسام كېيىنكىلەر قانداق قىلىدۇ؟ شۇڭا مەن ۋەسىيەتنامىنىمۇ يېزىپ تەييارلاپ قويغان.

مۇخبىر: ۋەسىيىتىڭىزدە نېمىلەرنى يازغانتىڭىز؟

ئوقۇغۇچى: ئەگەر مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام ئىچكى ئەزالىرىمنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تەقدىم قىلىڭلار دەپ يازغانىدىم.

مۇخبىر: ئاتا-ئانىڭىز ۋەسىيەت قالدۇرغىنىڭىزنى بىلەمدۇ؟

ئوقۇغۇچى: ياق، ئۇلار بىلمەيدۇ. ئۇلارنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دېدىم. ئەمما ئۇلار نامايىشقا چىقىشىمنى قوللايدۇ. ئاتا-ئانام يىغلاپ تۇرۇپ: «بالام بىزنى كەچۈرگىن، ھەممىنى قىلغان بىز، ئەينى چاغدا بىز سىلەردەك دەس تۇرۇپ، سىلەر ئۈچۈن ئەركىن دۇنيا يارىتىپ بېرەلمىدۇق، بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمىزنىڭ بەدىلىنى سىلەر تۆلەۋاتىسىلەر، بىزنى كەچۈرگىن بالام» دەپ مېنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.

مەن يۇقىرىقى دىئالوگنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، مەن پاراڭلىشىپ باققان ياشلارنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىش ئالدىدا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارغا تاپىلىغان نەسىھەتلىرى ئېسىمگە كەلدى. بالىلىرىنى چەتئەلگە ئوقۇشقا سالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گەرچە ھەر جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بالىلىرىغا: «چەتئەلگە چىقىپ ھەقىقىي بىر ئىنساندەك ئەركىن ياشىغىن» دەپ نەسىھەت قىلىشنىڭ ئورنىغا «سىياسەتكە ئارلاشمىغىن، سىياسەتكە ئارلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ يېنىغا يېقىن كەلمىگىن»دەپ نەسىھەت قىلىپ يولغا سالغان ئىكەن. ھەتتا مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بالىسىنى يوقلاپ كەلگىنىدە، ماڭا «بالامغا قالايمىقان مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى ئەۋەتمىگىن» دەپ ئالاھىدە تاپىلىغان ئىدى. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە خوڭكوڭلۇقلار بىلەن ئۇيغۇرلار گەرچە ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ  مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشىغان مىللەت بولسىمۇ، خوڭكوڭلۇقلار  ئەنگىلىيەنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ئاستىدا گەرچە سايلاش سايلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولغان ۋە ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياشىغان؛ ئەمما بىز ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىكاتورلۇق تۈزۈمى ئاستىدا ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ياشىغان ۋە ئۆزىمىزگە بىلىپ-بىلمەي قۇللۇق روھنى سىڭدۈرۈۋالغان ئىكەنمىز. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ھېچكىمنى ئەيىبلىمەكچى ئەمەسمەن. مەن پەقەتلا خوڭكوڭلۇقلار بىلەن بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئەھۋالدىمۇ ئومۇمى يۈزلۈك ئويغىنالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى.

2019 – يىلى  10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكىراتىيە قانۇن لاھىيەسى» 435 مىللەت ۋەكىلى بار ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى. يېقىن كەلگۈسىدە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتۈپ، پرېزىدېنتنىڭ ئىمزالىشىغا سۇنۇشى مۇمكىن. بىز مىللىيونلارچە خەلقىمىزنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى ۋە نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى» 100 مىللەت ۋەكىلى بولغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى. پات يېقىندا ئاۋام  پالاتاسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇلىدۇ. خوڭكوڭلۇقلار بىزدەك ئۇنداق چوڭ بەدەل تۆلىمەي، قىسقىغىنە 4 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە شۇنداق قوللاشقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ غەرب بىلەن ئوخشاش قىممەت قاراشتا بولۇشى ۋە غەربنىڭ دېموكراتىك قۇرۇلمىسىغا تەھدىت بولمايدىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇدداھ دىنى ۋە داۋ دىنىغا، بىر قىسمى خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلسا، يەنە بىر قىسمى ئېنىق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان دىنسىزلار بولسىمۇ، بىراق ئۇلار مىللەتنىڭ مەنپەئىتىگە كەلگەندە، ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلماقچى بولغان ۋە ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىرقتىن بولغان خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ، يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتى؛ ئورتاق بىر قىممەت قاراش ئەتراپىغا توپلاشتى. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى ھەممىدىن ئەلا  كۆردى. شۇ سەۋەبتىن خوڭكوڭلۇقلار، خەلقئارادىكى ئىرقى ۋە دىنى جەھەتتە ئۇلار بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ھېسىداشلىق قىلىشىغا ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ئەپسۇس، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، خەلقىمىز تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەھدىت ئاستىدا قالغان بولسىمۇ، بىراق بىز يەنىلا بەك كۆپ زېھنىمىزنى زۆرۈر بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بولسۇن ۋە ياكى ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلار بولسۇن، بىز كەڭ كۆلەمدە ئويغىنىپ ۋە مىللەتنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەڭ كۆلەمدە بىرلىشىپ بولالمىدۇق. بېشىمىزغا ئېغىر كۈن كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، بىزنىڭ ئىرقى ۋە دىننى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ھەممەيلەنگە ئايان؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، خېلى كۆپ ساندىكى بىر قىسمىمىز يەنىلا ئۈممەتچىلىكنى مىللەتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، دۇنيانى مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ پەقەت ئىككىگە بۆلۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، دۇنيا نوپۇسىنىڭ 20% ى مۇسۇلمان بولۇپ، بىزنىڭ نوپۇسىمىز پۈتۈن مۇسۇلمان نوپۇسىنىڭ ئاران 1 – 2% ئىگەللەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ يوق بولۇشى بىلەن مۇسۇلمان يوق بولمايدۇ. دىنىي ئىتىقادىمىز چەكلەنسە ياكى ئۇ توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ، بىراق مىللەت يوقالسا، ھەممە نەرسىمىز يوقايدۇ ۋە ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يەر شارى بىزنى مەركەز قىلىپ ئايلانمايدۇ. بىزدە «ئاياقنىڭ قانداقلىقىنى پۇت بىلىدۇ» دەيدىغان سۆز بار. ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار. ئەگەر بىز ئۆزىمىز تولۇق قوزغالمىساق، تولۇق ھەركەتكە كېلىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسەك، دەردىمىزنى باشقىلارغا يېتەرلىك ئاڭلاتمىساق، باشقىلار بىزنىڭ دەردىمىزنى تولۇق ھېس قىلالىشى ۋە بىزنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھېلىمۇ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا پارلامېنتى بىز ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ئەڭ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدا، ياۋروپادا، ئەنگىلىيەدە، كانادادا ۋە ئاۋىستىرالىيەدە بىزنىڭ مەسىلىمىز مۇزاكىرە قىلىندى، بولۇپمۇ ئامېرىكا پارلىمېنتىدا ھازىرغا قەدەر بىز ئۈچۈن كۆپ قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، بىزنىڭ دەردىمىزنى ئامېرىكا خەلقىگە، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدا، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيورۇكتىكى باش شىتابىغا ئېلىپ كىرىلدى. جازا لاگىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى، 28 ئورۇنغا جازا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىشقا ۋە لاگىرنى تاقاشقا تېخى يېتەرلىك ئەمەس، بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداش دۆلەتلىرى بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھازىرقىدەك پوزىتسىيەدە بولمىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە يەنە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش قىيىن. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىشىمىز كىرەككى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگىرلارنى تاقىشى بىلەن بىزنىڭ مەسىلىمىز ھەل بولمايدۇ؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى توختىتىشى بىلەن بىزنىڭ مەسىلىمىز ھەل بولمايدۇ؛ بىراق ئەگەر بىز ھەتتا لاگىرنىمۇ تاقىتالمىساق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەندە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى توختىتىپ، خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالمىساق، ئۇنىڭدىن چوڭ ئىشنى قىلالىشىمىز تېخىمۇ قىيىن. شۇڭا بىز بىر بىرىمىزنى ئەيىبلەشنى توختىتىپ، مىللى مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە بىرلىك سەپ قۇرۇپ چىقىشىمىز ۋە داۋانى ھەر تەرەپتىن جانلاندۇرىشىمىز كېرەك.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش