ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى

ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى

ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى شەنبە سائەت 4:00 تە ئاكادېمىيە يىغىن زالىدا «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىسىدا ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن 33 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

سۆھبەتكە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆمەر قانات ئەپەندىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى.

ئۆمەر قانات ئەپەندى، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭ يېتىشتۈرگەن ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 17 يېشىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا قەدەم باسقان. 1988- يىلى گىرمانىيەگە بارغان. ئۇ گېرمانىيەدە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىر بولغان ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە رەئىسى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.

سۆھبەت باشتىن ئاخىرى ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك:

سوئال: ئامېرىكا ئۇيغۇرلارغا سەمىيمىي ياردەم قىلامدۇ؟

جاۋاب: سەمىيمىي ۋە مەنپەئەت ئارلاشقان شەكىلدە.

سەمىمىي ياردەم قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئاكادېمىكلار، ئۇلار يىغىۋېلىش لاگىرلىرى سەۋەپلىك، خىتتايغا ھەقىقىي ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ. نۇرغۇن ئاكادېمىكلارنىڭ ئۇيغۇر دوسلىرى بار، بۇلار ئۆزىنىڭ دوسلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەنچە كۈچەۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدا ئامېرىكا گىراژدانى بىر ياشنىڭ ئانىسىنى لاگېرغا ئەكرىپ كەتكەندىن كېيىن، نۇرغۇن گۇۋاھلىق بىرىش پائالىيەتلىرىنى قىلدى. ئانىسىنى قويۇپ بىرىپ ئانىسىغا تېلىڧۇن قىلغۇزۇپ “بالام مىنى قويۇپ بەردى ئىش ھەركەتلىرىڭنى توختات” دىدى. ئەمما ئۇ ياش ئۇنىڭغا جاۋابەن دىدىكى:

«ئانا، خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ سىنى قويۇپ بەرگىنىگە بەك خوش بولدۇم. لىكىن مەن بۇ ئىشلىرىمدىن توختاپ قالمايمەن. چۈنكى ئۇ يەردە ساڭا ئوخشاش يۈز مىڭلىغان ئانىلار بار» دەپ جاۋاپ قايتۇردى، ۋە ئەتىسىلا ئانىسىنى قايتا ئەكىرىپ كەتتى.

* ئامېركا خىتاينىڭ ئىقتىساتتا يۈكسىلىشىنى سىياسى لىبراللىقا ئەپ كىلەلەيدۇ دەپ قارىغان، دەل ئەكىسچە خىتاي بۇ يەرگە كەلمىدى، ۋە ئامېرىكىنى ئالدىدى. دۇنيا تىجارەت مەركىزىگە كىرىشىگە ئامېرىكا سەۋەپچە بولغان، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆزىگە تەھدىد بۇلىدىغانلىقىنى ئىنتايىن كىچىكىپ ھىس قىلغان.

* ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى كىلىنتون ۋاقتىدىكى ئۇنىڭ خىتايغا قىلغان ياردىمى بولدى.

* 2008 دىن كىيىن ئىقتىسادىي كىرزىست يۈزبەرگەندىن كىيىن ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەقىقىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى، نۇرغۇن شىركەتلەر زىيان تارتىشقا باشلىدى.

* گۇۋانتانامۇدىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بىرىش، رابىيە قادىر خانىمنى قويۇپ بىرىش قاتارلىق ئىشلاردىن شۇ ۋاقىتتا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن قورقىدىغانلىقى گېپىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

* 2014-يىلى يەنە بىر قېتىملىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى: ئوباما بىلەن دېيىشكەن سۆزىدە بۇنىڭدىن كىيىن ئىككى دۆلەت ئارسىدىكى مۇناسىۋەت ئىككى چوڭ كۈچ ئارسىدىكى مۇناسىۋەت بولىدۇ دىدى، ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن خىتاي نۇرغۇن ئىشلاردا مۇستەقىل ئىش قىلىشقا باشلىدى. (ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىغا ئوخشاش مۇستەقىل بەزى سىستىملارنى تۈزۈشكە باشلىدى).

* خىتاي نىمىشقا ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ؟

* خىتاي بىلەن ئامرېكا ئارىسىدا ئىقتىسادىي ئىتتىپاق بولمايدۇ (تەھلىلچىلەرنىڭ قارشىچە).

* ئامېرىكىدا ھاكىمىيەت ئالماشسىمۇ ياكى پىرىزدىنت ئالماشسىمۇ خىتتايغا قارشى پوزىتسيەسى ئۆزگەرمەيدۇ، ھەرقايسى تەبىقە بۇنى بىلىپ يەتتى.

NATION BRANDING

What is nation branding?

“Concerned with a country’s whole image on the international stage, covering political, economic and cultural dimensions” (Fan, 2010, p. 98), national branding goes beyond the narrower purpose of country-of-origin or place brands to promote specific economic interests (Fan, 2010).

Fan further notes that, “as an emerging area of interest, nation branding is driven largely by practitioners and there is an urgent need for conceptual and theoretical development of the subject” (2010, p. 98).

Judging from Kaneva’s (2011) extensive review of scholarly work attributed to nation branding, literature on the topic is far from homogenous but varies significantly, not least in the ways in which the very practice of nation branding is discussed.

* ئامېرىكا ئۈچۈن 1-دۈشمەن خىتاي، 2- رۇسىيە.

* لاگېرنى (يىغىۋىلىش لاگىرى) دىگەن ئوتتۇرغا ئېلىپ چىقىش بەك پايدىلىق ئەھۋال بولغان، چۈنكى ئۇلارنىڭ زىھنىدىن گىتلىرنىڭ كامپىلرى كەتمىگەن.

* مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بەزى ھوقۇقلىرى بار بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلارنىڭ تەستىقلىنىشى قاتارلىق ئىشلاردا تۆھپىسى چوڭ بولىدۇ.

سۆھبەت جەريانىدىكى بىر قىسىم سۇئال جاۋابلار :

س: خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى كۆز قارشىڭىز نىمە ؟ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ پۇزىتسىيەسىچۇ؟

ج: مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيەنى ئايرىۋىلىش كېرەك، تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەڭ كۆپ ۋە بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پۇزىسسىيەسى ئەڭ نازۇك مەسىلە، مەسىلەن: ئابدۇقادىر ياپچان مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىدە 15 قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىلگەن، شۇڭلاشقا تۈركىيە مەسلىسىدە بۇ ئەھۋاللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. (تۈركىيە ئۆز پۇقرالىرى ئىچىدىكى سۈرىيە ياكى باشقا يەرلەرگە كىرگەن بەزى يەرلەرگە قاتناشقان كىشلەرنىڭ نوپۇزىنى ئۆچۈرۋېتىپ ئۇلارنى قوبۇل قىلمايدۇ).

* بەزى دۆلەتلەدە قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى تۈركىيەدە قىلغىلى بولىدۇ، ۋە بولىۋاتىدۇ.

* تۈركىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۋاتقان ئەڭ ئاز 30 مىڭ ئادەم بار، بۇلارنى ئامېرىكىغا ياكى ياۋروپادىكى ھىچ قايسى بىر دۆلەتكە ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ، بۈگۈن پۈتۈن ياۋروپادا كۆچمەنلەرگە ئۆچمەنلىك كۆزى بىلەن قاراش ئەۋجىگە چىققان ئەھۋالدا تۈركىيەگە نىسبەتەن ياخشى مۇئامىلە قىلشىمىز كېرەك.

س: ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسىنىڭ تەستىقلىنىش ئەھۋالى قايسى ھالدا ؟

ج: 3 كومىتېتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى كېرەك، ھازىر 104 ئادەم قول قويۇپ بولدى، ئەڭ مۇھىمى كوڭگىرەسنىڭ باشلىقى نەنسى پىلوسى قول قويۇپ بولدى، لىكىن ھازىرقى مەسىلە ئۇ يەرگە يەنە بىر قانۇن سۇنۇلدى ۋە ئىككى قانۇن لايىھەسى بولۇپ قالدى شۇ سەۋەپلىك بەزى قىيىنچىلىقلار يۈز بېرۋاتىدۇ.

* خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ 20 كارخانىسىنى يۆتكىگەن، چۈنكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىش ھەققى قىممەت بىزنىڭ ۋەتەندە بولسا قۇل شەكىلدە ئىشلىتىۋاتقاچقا كۆپ ئەرزان توختايدۇ.

س: ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قالامدۇ؟

ج: ئۇرۇشمايدۇ، لىكىن ئەتراپدىكى دۆلەتلەرنى ئۇرۇشقا سېلىپ ئوينايدۇ.

* بىر خىتاي گىنرالنىڭ يىغىندا دىگەن سۆزى: بىز ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشالمايمىز، ئەگەر بىز ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلساق ئۇلار بىزگە قارشى 300 مىڭ ئۇيغۇر تېرورچىنى ئەكىلىپ قويىدۇ. بۇ خىتاينىڭ بىزنى يوقىتىۋىتىشكە ئۇرۇنىشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى مۇشۇ بىز بولساق خىتاي بىزنى يوقتىىۋەتمەي تۇرۇپ يىپەك يولىنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ.

سۆھبەت ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم، ئاكادېمىيەگە ۋاكالىتەن ئۆمەر قانات ئەپەندىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئەمەلىي خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن خاتىرە رەسىم تەقدىم قىلدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش