ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئىجتىمائىي قاتلاملار

ئىجتىمائىي قاتلاملار

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالىپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

ئالدىنقى بۆلۈمدىكى بايانلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى؛ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرى تۈركلەر پارىسلارنى كاپىر دەپ قارايدىغان بولغاچقا، ئىران مەدەنىيىتىنى ياراتمايىتتى. خىتايلارغا قارشى بىراز ئىھىتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. تۈركلەرنىڭ خىتايلارغا تۇتقان بۇ خىل پوزىتىسيەسى خىتايلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا بەزى ئورتاق كۈلتۈر مۇئەسسەلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىما قىلىدۇ. مىللەتلەر ئارىسىدا ئورتاق مۇئەسسەلەر ياكى تىخىمۇ ئىنىقراق قىلىپ ئىيىتساق ئورتاق مەدەنىيەتلەر مەۋجۇتمىدى؟ ئەگەر مۇشۇنداق بىر مەدەنىيەت مەۋجۇت بولغان دىسەك، باشقا مىللەتلەر بۇ ئورتاقلىققا داخىل بولمىغانمىدى؟

دۇركھېيىم بىلەن مائۇس لېيانېڭ «سوتسولوگىيە» دىگەن كىتابىنىڭ ئالتىنجى جىلتىدا نەشىر قىلىنغان «جەمىئىيەتنىڭ بەزى ئىپتىدائى شەكىللىرى» ناملىق ماقالىدە خىتايلار، موڭغۇللار، تىبەتلەر، كامبۇجيالىقلار، تايلانىتلىقلارغا ئورتاق بولغان بەزى ئىپتىدائىي قاتلاملار بايان قىلىنىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا مىللىي تەتەببۇلار مەجمۇ ئەسىنىڭ 3-سانىدا بىر تەتقىقات ماقالىسى ئىلان قىلغان ئىدىم. ماقالىدە، تۈركلەردىمۇ بۇ خىل ئىجتىمائىي قاتلامنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، ھەتتا سىبىرىيەنىڭ كورياكلار ۋە شۇكشالارغا ئوخشاش ئىپتىدائى قەۋىملىرىدىمۇ بۇ خىل سىنىپلىشىشنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەنىدىم.

بۇ ئىپتىدائى قاتلاملار قارىماققا ئەھمىيەتسىزدەك كۆرىنىدۇ. بىر مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىنى بۇنداق ئەپسانىۋىي قاتلاملار تەشكىل قىلالمايدۇ دەپ قارايدىغانلار مۇ بولۇشى مۇمكىن.

ئەمما، دۇركھېيىم بىلەن مائۇس بۇ قاتلاملارنى مەۋجۇت دەپ قويۇپلا توختاپ قالمىدى، بۇ قاتلاملارنىڭ بىر تەرەپتىن ئەينى دەۋىرنىڭ ئىجتىمائىي مەنتىقىسگە ئاساس بولالايدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەينى دەۋىردىكى ئىجتىمائى قۇرۇلمىنىڭ نامايەن بولۇش شەكلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇنىڭدىن كىيىن دۇركھېيىم «دىنى ھىسىياتنىڭ ئىپتىدائى شەكىللىرى» ناملىق كىتابىدا، مائۇسمۇ ھۇبىرېت بىلەن بىللە نەشىر قىلدۇرغان «دىن تارىخى تەتقىقاتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلى توختالغان. لەۋې بۇرھلمۇ «ئىپتىدائى جەمىئىيەتلەردە روھى ۋەزىپىلەر» ناملىق كىتابىدا بۇ قاتلاملارنىڭ كىشلەرگە كۆرسىتىدىغان دەسلەپكى تەسىرى ۋە بۇ تەسىرلەردىن لوگىكا ئىلمىغا قانداق ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.

بۇ ئىپتىدائى قاتلاملار، خىتايدا خەلىق تاۋىزىمىنىڭ ئاساسىنى ۋە يىكىڭ [1] ناملىق بىر مۇقەددەس كىتاپنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتايلار قەدىمدىن بىرى تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، ئىلمى نۇقتىئەنەزەردىن بۈگۈنمۇ ھەم ئىپتىدائى سەۋىيەدە دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى خىتايلار تىخىچە بۇ ئىجتىمائى قاتلاملاردىن ئۈزۈل-كىسىل قۇتۇلۇپ بولالمىدى. بىر ئىمارەت ئىنشا قىلغاندا، مازار تاللاشتا، سەپەرگە چىققاندا نىمىنى قىلىش، نىمىنى قىلماسلىقنى (پال سىلىش ئارقىلىق) بۇ قاتلاملار بەلگىلەيدۇ. خىتايلار بۇ پالنامىلەرگە مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ ھىچ ئىشقا تەمشەلمەيدۇ.

تۈركلەرنىڭ قەدىمى كىتابلىرى يوقىلىپ كەتكەن بولغاچقا، بۇلاردا بىرەر پالنامەنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما، تۈركلەر ئارىسىدا بارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بۇ قاتلاملارنىڭ تەلەپ-تەقەززالىرىغا ئۇيغۇن ھەركەت قىلىدۇ. شۇنداقلا تۈركلەرنىڭ دىنى، قانۇنى، ئەخلاقى تۆرىلىرىمۇ بۇ قاتلاملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. مەن بۇ كىتاپتا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈركلەرنىڭ: 1- دىنى تۆرىسىنى، 2- قانۇنى تۆرىسىنى تەتقىق قىلىمەن. بۇ تۆرىلەرنى تەتقىق قىلش جەريانىدا، ئۇزاق شەرىققە خاس بولغان بۇ قاتلاملار ھەققىدە ماتىرىيال ئۇچرىتپ قالسام، مەدەنىيەتداش بولغان قەۋىملەرنىڭ قاتلاملىرى بىلەن سىلىشتۇرۇش ئىلىپ بارىمەن. ئەينى چاغدا تۈركلەرمۇ مىنىڭسىگەن بۇ ئورتاق مەدەنىيەتلەرنى «ئۇزاق شەرق مەدەنىيىتى» دىيىشكە بولىدۇ. تۈركلەر ئىسلامىيەتتىن كىيىن بۇ مەدەنىيەتلەرنى تەرك ئىتىپ شەرق مەدەنىيىتىگە قەدەم باستى. تانزىماتتىن [2] بىرى غەرب مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلشىقا تىرىشىۋاتىدۇ. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تارىخىنى يىزىپ چىقىش ئۈچۈن، دەسىلىپىدە ئۇنىڭ بۇ ئۈچ مەدەنىيەت بىلەن ئۆز-ئارا ماسلىشىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش لازىم.

[1] تاۋزىنى ئاساس قىلىدىغان ئىلمىي مەنبەلەر بۇ دىننىڭ ئاساسى كىتابىنى يىكىڭ دەپ ئاتىغان.

[2] تانزىماتنى ئىدارى جەھەتتىكى ئىسلات دىيىشكە بولىدۇ، ئوسمانلى تارىخىدا 1836-يىلى تانزىمات پەرمانى ئىلان قىلىنغان. تانزىماتتىن كىيىن ئوسمانلى تۇپراقلىرىدا ئەدەبىيات-سەنئەت ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلغان.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «تۈرك تۆرەسى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش