ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » مېدىيا ۋە جامائەت پىكىرى

مېدىيا ۋە جامائەت پىكىرى

مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

مېدىيا

مېدىيا ئۇقۇمى ئوتتۇرغا چىققاندىن بۇيان ئۇقۇمغا نىسبەتەن  بىكىتىلگەن بىر تەبىر بولۇپ باقمىدى. كۈنسىرى تەرەققى قىلىۋاتقان خەۋەرلىشىش تىخنىكىلىرى مېدىيانىڭ تەبىرىنىمۇ، خاراكتىرىنىمۇ ئۆزگەرتىۋىتىپ بارىدۇ. شۇنداقتىمۇ تىمىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ئومۇمەن بىر تەبىر بىرىشنى توغرا كۆردۈم. مېدىيا چوڭ جەھەتتىن ئەنئەنىۋى مېدىيا ۋە يىڭى مېدىيا دەپ ئىككى ئايرىلىدۇ. ئەنئەنىۋى مېدىيا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردا كىلاسسىك مېدىيا ياكى كىلاسىك تاراتقۇ، ئاممىۋى تاراتقۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلار ئاساسلىقى ئىنتېرنىت بارلىققا كىلىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار ئۇچۇر- ئالاقىدە قوللانغان كىتاپ، گېزىت، ژۇرنال، رادىئۇ، تىلۋۇزۇر، تىلگېراڧ، كىنۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  يىڭى مېدىيا  بولسا ئېنتىېرنىت ئۇللۇق تاراتقۇ ۋاستىلىرىغا بىرىلگەن ئومۇمى نام دىيىشكە بولىدۇ.

جامائەت پىكىرى

جامائەت پىكرى ئۇيغۇرتىلىدا بەك نادىر ئۇچرايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردا ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ۋە خاراكتىرى ھەققىدە ئوخشىمىغان تەبىرلەر ئۇچرايدۇ.  بۇ تەبىرلەر ئاساسەن ئىككى ساھەدە مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ بىرىنجىسى، سىياسەت (سىياسىيۇنلارنىڭ جامائەت پىكرى ئۇقۇمىغا بولغان قارىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى) ؛ئىككىنچىسى باشقا ئىجتىمائى پەن مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ، بولۇپمۇ جەمئىيەتشۇناسلىق ، پىسخولوگىيە ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆز قارىشىدۇر.

سىياسەت تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن جامائەت پىكرى دۆلەتنىڭ ئۈچ ئاپپاراتى (قانۇن چىقىرىش، مەمۇرىيەت، قانۇن يۈرگۈزۈش) نىڭ ھەركەت  ئۆلچىمىنى بەلگىلەيدىغان ياكى جامائەت ئەرباپلىرى تەرىپىدىن بىكىتىلگەن ۋە شەكىللەندۈرۈلگەن ئۆلچەم دەپ چۈشەندۈرلىدۇ. بۇنىڭ ئەكىسچە ئىجتىمائى پەنلەردىكى جامائەت پىكرى چۈشەنچىسى، كىشىنىڭ ئۆزى ئۆز مەۋقەسىنى ئاساس قىپ تۇرۇپ كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى مەلۇم ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرىدۇ. بۇلار ئائىلىسى، خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان توپ ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ پىكىر ۋە   ئىش-ھەرىكىتىنى   ئۆز   ئىچىگە   ئالىدۇ (گۆكچە، 1996،211) دەپ قارايدۇ.

گەرچە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ھەققىدە كۆپ خىل تەبىرلەرنىڭ بارلىقى، ئورتاق بىر تەبىرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىنىق بولسىمۇ، لىكىن بىز ئۇمۇمى قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر تىما ھەققىدىكى ئومۇمى قانائىتى (رازىلىقى، مايىللىقى)، كۆز قارشى، تۇتۇم ۋە ھەرىكەتلىرى دەپ بايان قىلساق بولىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئىيىتقاندا، ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە مەسىللىرىگە نىسبەتەن مۇئەييەن بىر ۋاقىتتا مەلۇم بىر ماكاندا، مەلۇم بىر كشىلەر توپى ئارىسىدا  بارلىققا كەلگەن ھەممىباپ چۈشەنچە ۋە كۆز قاراشلارنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇقۇم دەپ قارىساق بولىدۇ (ئەرەن ۋە ئايدىڭ، 2014، 198).

جامائەت پىكرى ئۇقۇمىنى چۈشىنىشتە جامائەت ۋە پىكىر سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋلىش ئىنتايىىم مۇھىم. جامائەتنى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر كوللىكتىپ، توپ ياكى گۇرۇپ دىسەك، پىكىرنى بۇ بۇ جامائەت ئارىسىدا كەڭ يىيىلغان ۋە مىنىڭسەلگەن ئۇمۇمى  قىممەت قاراش ۋە رازىلىقنىڭ نامايەندىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئەلبەتتە، نۆۋەتتىكى ئۇچۇر- ئالاقە ۋاستىلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىكانىيەتلەر جامائەتنى زامان ۋە ماكانغا باغلاپ قويمايدۇ. شۇنىڭدەك پىكىرمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىشلەپ چىقرىلىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ ۋە تارقىلىدۇ. جامائەت پىكرىنىڭ خاراكتىرى ۋە خۇسۇسىيتمۇ پارالىل ئىلگىرلەيدۇ. بىر جەمىئيەتتە، بۇ جەمىئيەتتە ياشاۋاتقان جامائەت ئارىسسىدا بىرلا خىل پىكىر نىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. جامائەت پىكرى بۇ جەمىئيەتنى مۇتەشەككىل قىلىدىغان خەلىقنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئاڭ سەۋىيەسى، ئىقتىسادى ئەھۋالى  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي بۇ جەمىيەتنى باشقۇرۇشتا قوللىنلىۋاتقان سىياسى ۋە ئىجتىمائى تاكتىكىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

سىياسىي تۈزۈم سىياسىي مۇھىت ۋە جەمىئيەت قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا جامائەت پىكرىنىڭ ئاساسىنى ھازىرلايدۇ. سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئوخشىماسلىقى جامائەت پىكرى ۋە تەسىر كۆرسىتىش ساھەسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىياسىي تۈزۈم باشقۇرغۇچى- باشقۇرۇلغۇچى مۇناسىۋىتىنى، ئۆز- ئارا ئالاقە قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىنى، قۇرۇلمىسى ۋە خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ (دىنچكول 2006:57).

نۆۋەتتە يەرشارىلىشىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن باشقۇرۇشۇش ئۇقۇمىنىڭ ئىجرا بولۇش جەريانىمۇ جامائەت پىكرىگە مۇناسىۋەتلىك ئامىللار قاتارىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. باشقۇرۇشۇش ئۇقۇمى ئىلگىركى باشقۇرۇش ۋە باشقۇرلۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىۋىتىپ بارىدۇ. سىياسى ئاكتىيۇرلار پەقەتلا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەنلار چەكلىنىپ قالماستىن دۆلەتنىڭ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسى مەنپەتىگە پايدىلىق دەپ قارالغان ئىجتىمائى ئورگانلار ۋە مەشھۇر شەخىسلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەت سىياسى كۈچى بولمىسىمۇ جامائەت ئارىسىدا ئەگەشتۈرۈش كۈچى ۋە كونتىرۇل قىلىش كۈچى بولغان ئورگان، تەشكىلات (ۋەقىپ، جەمىئىيەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى، ياشلار ئىتتىپاقى….)، دىننى جامائەت قاتارلىقلار ئارقىلىق جامائەت پىكرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشغا ئاستىرىتتىن ئىشتىراك قىلىدۇ.

جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈش ئۇقۇمى 

جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرۈش ئۇقۇمىنى خەلىقنىڭ رايىنى، رازىلىقىنى ۋە مايىللىقىنى قولغا كەلتۈ رۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان ۋاستە ۋە جەرياننىڭ يىغىندىسى دىيشىكە بولىدۇ.  جامائەت پىكرى ھەردائىم باشقۇرۇش ۋە باشقۇرلۇش ، يىتەكلەش ۋە يىتەكلىنىش، يۈزلەندۈرۈش ۋە يۈزلەندۈرۈلۈش ھادىسىسى ۋە جەريانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. جەمىئىيەتنى كونتىرۇل قىلىۋاتقان سىياسى كۈچلەر، جامائەتكە باشلامچىلىق قىلىۋاتقان سەرخىللار، مەشھۇرلار، سىياسى، دىننى، ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ئۇنداق ياكى بۇنداق، شەخسى ياكى ئومۇمى مەنپەئەتلەر ئۈچۈن خەلىقنىڭ قوللىشىغا ئىھتىياجلىق بولغاندا خەلىقنى مۇئەييەن بىر رازىلىق ۋە مايىللىق(پىكىر) چەمبىرىكىدە تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا خەلىق يەنى جامائەتنڭ كۆپ سانلىقى يۇقارقى كۈچلەر ئوتتۇرغا قويغان پىكىرنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشسا جامائەت پىكرى شەكىللەنگەن بولىدۇ.

جامائەت پىكىرى شەكىللەندۈرىدىغان كۈچلەر 

جامائەت پىكىرى سىياسى تۈزۈلمە ۋە جەمىئيەت قۇرۇلمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك ئۇنى شەكىللەندۈرۈش ۋاستىلىرى ۋە ئۇسۇلىمۇ شۇنىڭغا قارىتا بولىدۇ. بۇ يەردە بىز تەھلىلنى دىمۇكراتك تۈزۈم ۋە ئۇ جەمىئيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە قىلىمىز.

1- سىياسى كۈچلەر

سىياسى كۈچلەر جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ ھىساپلنىدۇ. سىياسى قارارلار، سىياسى بەلگىلىمىلەر، سىياسى چەكلىمىلەر، سىياسى ئەۋزەللىكلەر، سىياسى يىڭىلىقلار كىشلەرنىڭ پىكرى ۋە پوزىتىسيەسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

1. ھاكىمىيەت

دىمۇكراتىك دۆلەتلەردە بولۇپمۇ ، دىمۇكراتك ئاساسى كۈچلۈك كۆپ پارتىيەلىك دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت بىشىدىكى پارتىيە ھاكىمىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خەلىقنىڭ داۋاملىق ئۆزلىرىگە بىلەت تاشلىشىغا مۇھتاج. خەلىقنىڭ مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە بولغان رازىلىقى، مايىللىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە ئىجتىمائى پاراۋانلىق، مائارىپ، قاتناش- تىرانسپورت، سەھىيە قاتارلىق ئەلچىل خزمەتلىرىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق كىيىنكى قىتىمقى سايلامدا بۇ ھۆكۈمە ياخشى دىگەن ئاتمۇسڧىرانى ياراتماقچى بولىدۇ.

2. مۇخالىپ پارتىيەلەر

مۇخالىپ پارتىيەلەر ياكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر دىمۇكراتك دۆلەتلەردىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەتكە قارشى پارتىيەلەر بولۇپ  بىر دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سىياسى كۈچلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھاكىمىيەت بىشىغا چىقىش ۋە خەلىقكە تىخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش ئۈچۈن (نەزەرىيە شۇنداق) مەۋجۇت ھاكىمىيەتنىڭ قىلالمىغان، خاتا قىلغان ئىشلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق قوللىغۇچى توپلايدۇ.

3. ئاممىۋى تەشكىلاتلار

ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىنگىلىزچىدە ھۆكۈمەتسز تەشكىلاتلار، پۇل مەقسەت قىلىمغان قۇرۇلۇشلار دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. تۈركچىدە ( sivil toplum kuruluşları) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرچىدا تىخى نۇقۇل بىكىتىلگەن ئاتالغۇسى بولمىغاچقا  سىياسى تەشكىلاتلار، ئىجتىمائى تەشكىلاتلار ۋە ئىلمى تەشكىلاتلار دەپ ھەرخىل ئاتالماقتا . ئەمەلىيەتتە بۇ تەشكىلاتلار ئاساسلىقى سىياسى، كۈلتۈرەل، ئىقتىسادى ۋە دىننى ساھەلەردە خىزمەت قىىلىدىغان بولۇپ  دەرنەك(جەمىئىيەت)، ۋەقىڧ، ئاكادىمىيە، ئۇيۇشما دىگەندەك ناملاردا ئۇچرىتىمىز. ئاممىۋى تەشكىلاتلار قايسى ساھەدە خىزمەت قىلىدىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جەمىئىيەتتە بەلگىلىك تەسىرى ۋە كۈچى بولغاچقا بىرتۈركۈم كىشلەرنى ئەگەشتۈرىدۇ. كىشلەرمۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئىھتىياج دىگەندەك ئامىللار تۈپەيلى بۇ ئورگانلارغا مايىل ياكى مۇھتاچ بولىدۇ. بۇ تەشكىلاتلار ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا پەيدا بولغان پىكىرلەر ئەگەشكۈچى ئەزا ۋە تەسىرىگە ئاساسەن كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى مىليۇندىن ئارتۇق ئەزاسى بار تەشكىلات بىلەن بىرقانچە ئەزاسى بار تەشكىلاتنىڭ جامائەت پىكرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئوخشىمايدۇ. چوڭ تەشكىلاتلار جامائەت پىكرى ئارقىلىق ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.كىچىك تەشكىلاتلار بىۋاستە ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ جامائەت پىكرىنىڭ بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ ۋە جامائەت پىكرىدە ئارىسالدىلىق پەيدا قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ھاكىمىيەت ۋە مۇخالىپ پارتىيەلەر ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا ئالاھىدە ئەھمنيەت بىرىدۇ.

4. مەشھۇر شەخىسلەر

مەشھۇر شەخىسلەر ئۆز ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، جەمىئيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان خەلىق تەرىپىدىن سۆيۈلگەن ۋە ئەگىشىلگەن كىشلەرنى كۆرسىتىدۇ. داڭلىق ناخشىچى، تەنھەركەتچى، ئارتىس، باي…. بۇلارنىڭ مىسالى بولالايدۇ. مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان مەشھۇرلارنىڭ تاللىشى، ياخشى كۆرىشىگە قارىتا سىياسى ۋە ئىجتىمائى پوزىتىسيە تۇتىدۇ. شۇڭا بۇلارمۇ جامائەت پىكرى شەكىللەندۈردىغان ۋە جامائەت پىكرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كۈچلەر قاتارىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

2- يۇمشاق كۈچلەر

1. لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى

ئۇيغۇرتىلى ئىستىمالىغا بىراز يات بولغان لوبىچىلىقنى قىسقا  بىر جۈملە بىلەن ئىزاھلاشقا توغرا كەلسە مۇناسىۋەت دائىرىسىنى كىڭەيتىش ۋە كۈچەيتىش  ئۈچۈن ئىلىپ بىرلىدىغان سىياسى، ئىجتىمائى ئۇچرىشىشلار دەپ چۈشەنسەك خاتالاشقان بولمايمىز. لوبىچلىق پائالىيەتلىرى جامائەت پىكرى شەكىللەندۈردىغان ئۇسۇللاردىن بىرى بولۇپ مەلۇم دۆلەت ۋە جەمىئىيەتتىكى سىياسى ئىمتيازى، ئىجتىمائى تەسىرى، ئاممىۋى ئوبرازى  يۇقرى ئورۇن ۋە شەخىسلەر(مەشھۇرلار، سەرخىللار، بايلار) شەخس ۋە جەمىئىيەت سۈپىتىدە زىيارەت قىلىنىپ كۆزلەنگەن مۇددىئا ئۈچۈن مايىلللىقى قولغا كەلتۈرلىدۇ. بۇ ھساپتا ۋاستىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق جامائەت پىكرى ياراتقانلىق بولىدۇ. يۇقارقىغا ئوخشاش خۇسۇسىيىتى بولغان ئورۇن ۋە شەخىسلەر ئارقىلىق ئۇلار ۋەكىللىك قىلىدىغان ئامما ياكى ئۇلارغا ئەگىشىدىغان، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغان خەلىق كۆزلەنگەن مۇددىئاغا يەنى جامائەت پىكرىگە يىتەكلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا مەقسەت-مۇددىئا ئىنىق ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ ۋە جەريان ھەممىگە ئوچۇق بولىدۇ.

2.  نامايەن قىلىش پائالىيەتلىرى

نامايەن قىلىش پائالىيەتلىرىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا جامائەت پىكرى يارىتىش جەريانى بىۋاستە بولىدۇ. ئەمما مەقسىەت- مۇددىئا ئوچۇق-ئاشكارە  بولمايدۇ. جامائەت پىكرى يارىتىشقا ، باشقىلارنىڭ قوللىشىغان، مايىللىقىغا ئىھتىياجلىق كىشى ياكى گۇرۇپلار ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشلەردىن تالانىتلىق، ئىقتىدارلىق كىشلەرنى ھەرخىل سەھنىلەرگە چىقرىدۇ.بۇلار ناخشىچى بولۇشى مۇمكىن، ئارتىس بولۇشى مۇمكىن، كەشپىياتچى بولۇشى مۇمكىن، رەسسام  بولۇشى مۇمكىن، شائىر بولۇشى مۇمكىن، قارى- قۇرئان بولۇشى، تەنھەركەتچى بولۇشى، مودىل بولۇشى…. مۇمكىن. بۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ياكى رايۇندا ئۆتكۈزلىدىغان يۇقارقى ئاممىباپ پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىىشىدۇ. ئورۇندىغان نۇمۇرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مايىللىقىنى، ياخشى كۆرۈشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.  ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە تەسىرى ئارقىلىق جامائەت پىكرى قوزغاشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ. بەزى دۆلەت ۋە گۇرۇھلار مەقسەتلىك ھالدا  ئۆزىگە تەۋە كىشىلەردىن مۇشۇنداق  مەشھۇر كىشىلەرنى مەخسۇس  يىتشتۈرۈپ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ.

3. ئەلچىل خىزمەتلەر ئارقىلىق جامائەت پىكرى يارىتىش

بۇ خىل ئۇسۇل بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزدا بەك ياقتۇرلۇپ كەتمىسىمۇ، سىياسەتچىلەر ئەڭ كۆپ مۇراجىئەت قىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، كۆز- قارشى ۋە قىممەت قارشىنى   خەلق تەرىپىدىن قوبۇل  قىلدۇرۇش مەقسىتىدە قىلىنغان ياخشلىق، خەيىر- ئىھسان خىزمەتلىرى بۇ خىل ئۇسۇللار قاتارىدىن بولۇپ  ھىساپلىنىدۇ.

بۇ خىل ئۇسۇلدا ھاكىم پىكىرى كۈچ  بىلەن ئامما ئارىسىدا ئىھتىياج ۋە ئىھتىيات مۇناسىۋتى مەۋجۇت بولىدۇ. ھاكىم پىكرى كۈچ ئىگىلىرى ئاممىنىڭ ئۆزىگە ئىھتىياجلىق بولۇشىنى، ئۆزىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئامممىنى ئۆزىگە نىسبەتەن  ۋاپادارلىق تۇيغۇسىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدۇ. بىزنىڭ تەبىرىمىزچە= يىگەننىڭ يۈزى قورۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. نەتىجىدە ھاكىم پىكىر ناھايتى تىزلا ئاممىۋىلىشىدۇ ياكى ئاممىۋىلىشىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللار جىمىقتۇرلىدۇ.

ئىھتىيات بولسا ھاكىم پىكىر ئىگلىرى يالغۇز باسىدىغان جەريان بولۇپ ھاكىم جامائەت پىكرىگە مۇخالىپ پىكىرلەر، سۇنىڭ قارشىسىغا ئاقىدىغانلارغا نىسبەتەن كۆرلىدىغان تەدبىر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا  جامائەت ئىچىدىكى مۇخالىپ پىكرلىك سەرخىللارغا  خىزمەت ئىشلەش، نەسھەت قىلىش، ئۆتۈنۈش قاتارلىق ئۇسۇللارئارقىلىق بۇ كۈچلەرنى جىمىقتۇرۇش نىشان قىلىنىدۇ. ئەگەربۇ ئۇسۇللار ئاقمىسا ئەڭ كۆپ قوللىنىلدىغان ئۇسۇللار يىتىم قالدۇرۇش، چەتكە قىقىش، ئوبرازسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق سەلبى قىلمىشلاردۇر.

4.  جەلىپ قىلىش ئارقىلىق جامائەت پىكرى يارىتىش

بۇ ئۇسۇل تۈركىيەدە سايلام مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ كۆرلىدۇ. ئەگەر مەن سايلامدا غەلبە قازانسام ئۇنى قىلىمەن، بۇنى قىلىمەن دىيىش ئارقىلىق خەلىقنىڭ مايىللىقى مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ سايلام مەزگىللىرىگىلا خاس بولۇپ قالماستىن ھاكىم پىكرى كۈچ كەڭ ئاممىنى مەلۇم بىر خىل كۆزقاراش ئەتراپىغا توپلىماقچى بولسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ نازۇك يەرلىرىنى تۇتقا قىلىدۇ. ئامما ئەڭ ئەھمىيەت بىرىدىغان، ئەڭ ئىھتىياچلىق ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بىرىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرلىدۇ.  تاغار- تاغار ۋەدىلەرنى بىرىش ئارقىلىق ئاممىنى ئۆزىگە يۈزلەندۈرىدۇ. مەسىلەن، سايلامدىن ئىلگىرى ئاق پارتىيە ياشلارغا ھەرئايدا 10 جى ھەقسىز تور بىرىدىغانلىقى ئىيىتتى، ج ھ پ ئوقۇغۇچىلار كارتىسىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىمىز دىدى. بۇ ئەمەلىيەتتە جەلىپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئامما ئارسىدا ھاكىم پىكىرگە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت. ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئىھتىياجلىق كۈندىلىك ھاجەتلىرىدىن بولۇو ھىساپلىنىدغان تور ۋە ئەرزان ئاپتۇبۇس كارتىسى ھازىر ياشلار  ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تالاش- تارتىش قىلىنىۋاتىدۇ.ياشلار بىر بىرنى ئۆزلىرى ياخىشى دەپ قارىغان ھاكىم پىكرى كۈچكە قىزىقتۇرىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇنداق ئىشلار بولدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتيى 10 مىڭ كىشىنى كاناداغا  كۆچمەنلىككە ئالدۇرۇىمزى دەپ ئوبرازىنى بىربالداق يۇقرى كۆتۈردى. تۈركىيەدىكى سىياسىي تەشكىلاتلارمۇ ھىلى ئىقامەت، ھىلى نۇپۇس ۋەدىلىرى بىلەن كىشلەرنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيدۇ.

يۇقارقى بارلىق ۋاستە ۋە ئۇسۇللارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مېدىياغا مۇراجىئەت قىلىشتىن باشقا چارىلەرنىڭ ئۈنۈمى بەك تۆۋەن ياكى پايدىسىز بولۇپ، مېدىيا يۇقارقى جەريانلاردا كاتالىزاتۇرلۇق رولىنى ئوينايدۇ.

مېدىيا ۋە جامائەت پىكرى

 يۇقاردا ئۆزۈم ھىس قىلغان ۋە ئوقۇغان جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىللار ۋە ئۇسۇللارنى خۇلاسە شەكلىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلاشتىم. ئەمدى مېدىيا بىلەن جامائەت پىكرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قىسقىچە مۇلاھىزە  قىلىش بىلەن يازمىغان چىكىت قويىمەن.

مېدىيا تەبىئىيىتىدە  بىر پىكىر، بىر مەدەنىيەت، ، بىر كۈلتۈر، بىر ئىدىيە ئىلىپ يۈرۈيدۇ. مەيلى ئەنئەنىۋى مېدىيالار بولسۇن ، مەيلى زامانىۋى ئېىنتېرنىت ئۇللۇق تارقىتىش ۋاستىلىرى بولسۇن تەبىئىيتىدە مۇئەييەن بىر مۇددىئاغا خىزمەت قىلىشنىڭ سىمالىرى ئەكىس ئىتىپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن مېدىيا تۇنجى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە سىياىسى كۈچلەرنىڭ ئوڭ قولى بولۇپ كەلدى. تۇنجى قىتىم بارلىققا كەلگەن گېزىتمۇ سىياسى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىنى مەقسەت قىلىپ تارقىتىلغان. تۇنجى رادىئۇمۇ تەشۋىقات قۇرالى سۈپىتىد قوللىنىلغان. گەپنىڭ قىسقىسى مېدىيا ۋاستىلىرى  سىياسى كۈچلەرنىڭ مەقسەت رامكىسىدا خەلىقنى يىڭىلىقلاردىن ۋاقىپلاندۇردىغان، تەربىيلەيدىغان، يۈزلەندۈردىغان، قوبۇل قىلدرۇدىغان تۇيدۇرماس ھاۋا بولۇپ ھىساپىلىنىدۇ.

ئەنئەنىۋى مېدىيالارغا تەۋە بولغان گېزىت، ژۇرنال، رادىئۇ، تىلىۋۇزۇر قاتارلىقلاردىكى تارقىتىش خىزمەتلىرى مەلۇم بىر ئىدىيۋى كۈچنىڭ نازارىتى، مەلۇم بىر نازارەت كادرۇسىنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىشى، مەلۇم بىر تەھرىرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەھقىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئاممىغان سۇنۇلىدۇ. تارقىتىلىدىغان مەزمۇنلار ھاكىم سىياسى(ئىدىيۋى) كۈچكە قارشى كەلمەسلىكى تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى ھاكىم كۈچ جامائەت پىكرىنىڭ بۆلۈنۈپ كىتىشنى خالىمايدۇ. 1980- يىللاردىن كىيىن دىمۇكراتىك دۆلەتلەردە مېدىيا ساھەسى دۆلەت ئىگىلىكىدىن خۇسۇسى ئىگىلىككە ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن شەخسى مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەت ھاكىم كۈچنىڭ جامائەت پىكرىنى كونتىرۇل قىلىش مىخانىزمىسى رىلىستىن چىقىپ كەتتى. خەلىق بۇرۇنقىدەك ھاكىم كۈچلەرنىڭ قاناللىرى نىمىنى  تارقاتسا شۇنى راس دەپ ئۆتىدىغان دەۋىرنى ئۇزىتىپ قويدى.

1990- يىلى ئامىرىكىنىڭ ئېنتىرنىتنى دۇنياغا ئىچىۋىتىشى نەتىجىسىدە  دۇنيادا خىلمۇخىل خەۋەرلىششش ئۈسكۈنلىرى، مېدىيا ئەسلىھەلىرى بارلىققا كەلدى. يىڭى مېدىيا  دەپ ئاتىلىپ كىينچىرەك ئىجتىمائى تاراتقۇ دەپ  قوللىنىلىشقا باشلىغان ئېتىرنىت ئۇللۇق تارقىتىش ئەپلىرى جامائەت پىكرى ۋە مېدىيا ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلىدى.

ئىلگىرى خەۋەر مەنبەسى بىرلا ئىدى، ھازىر بىر خەۋەرنى بىرقانچە مەنبەدىن ئوقۇش، ئاڭلاش ئىمكانى تۇغۇلدى. ئىلگىرى خەۋەرلەر يالغۇز ھاكىم پىكرى كۈچ تەرىپىدىن تارقىتىلاتتى، ھازىر خەۋەرلەر ھەرخىل ئىدىيۋى كۈچلەر تەرپىدىن تارقىلىدۇ. بۇرۇن  خەۋەر يازغۇچىلار كەسپى كىشلەر ئىدى. ھازىر ھەممە كىشى مۇخب ىر، ھەممە كىشى ڧوتۇگراڧچى بولۇپ كەتتى. بۇرۇن نازارەت كۈچلۈك، خەۋەر ئەركىن ئەمەس ئىدى، ھازىر كونتىرۇل مىخنانىزمىسى ناھايتى چەكلىك ھەتتا يوق دىيەرلىك بولۇپ قالدى.

پۈتۈن بۇلارنىڭ نەتىجىسدە جامائەت پىكرى ئۇقۇمى ۋە شەكىللەندۈرۈش جەريانى قايىتىدىن شەكىللەندى. بىر سىياسى كۈچنىڭ پۈتۈن ئاممىغان ھاكىم بولۇش ئەنئەنىسى يىمىرىلىپ تاشلاندى. تەرەققى قىلغان مېدىيا ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى  سايىسدە ھەرخىل جامائەتلەر، پارتىيلەر، تەشكىلاتلار ھەتتا كىچىك گۇرۇپلار ئۈچۈن بىر سىتۈديۇ قۇرۇش بىر تىلىپۇن سىتىۋىلىشقا ئوخشاشلا ئاددى بىر ئىشقا ئايلاندى. نۆۋەتتە ھەربىر ئىدىيۋى ئىقىمنىڭ ئۆزىنىڭ مېدىيا مۇھىتى بار بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىديىۋى ئىقىملار ئاممىنى ئۆز پىكرى ئەتراپىدا توپلاش ئۈچۈن ئۆزى مىنىڭسىگەن پىكىر ۋە كۆز قاراشلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. نەتىجىدە جامائەت پىكرىمۇ مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا شەكىللىنشكە ۋە  تەرەققى قىلىشقا باشلىدى.

مەندىن كۆپ سورىلىدىغان سوئاللاردىن بىرسى قانداق قىلغاندا خەلىقنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا خەلىقنى بىريەگە ئەكەلگىلى بولىدۇ؟ دىگەن سوئال. يۇقاردا يازغانلىرىمدىىنمۇ ئۆزۈمنىڭ شەخسى پىكرى ماراپ ياتىدۇ. خەلىقنى بىرلەشتۈرمەك، بىريەرگە ئەكەلمەك تەس ئەمەس. بىريەرگە كىلىپ بىرە پارچە رەسىمگە چۈشۈش، بىرە ۋاخ تاماق يىيىش تىخىمۇ ئاسان ئىش، ئەمما پىكىر ۋە كۆز قاراشلار بىرلىككە كەلمەي، كەلتۈرۈلمەي تۇرۇپ مىڭ بىريەگە كىپ كەتسۇن، مىڭ بىللە تاماق يەپ كەتسۇن بۇ كۆرۈنۈشلەر ھاياجان تۈگىگەندە ئاخىرلىشىدۇ.  ئىچكى مايىللىق، ئىچكى رازىلىق، ئومۇمى قانائەت جامائەت پىكرىنى شەكىللەندۈرىدغان ئامىللار بولۇپ ، بۇلار ئىشقا ئاشقاندا جامائەت پىكرىنى ھەركەتكە ئايلاندۇرغىلى، ھەتتا سىياسى ئاكتىيۇرلارنى مەجبۇرى ھەركەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. مېدىيا جامائەت پىكرى يارىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قۇرال بولۇپ تەشۋىقات ئۇنىڭ كۆزگە كۆرنىدىغان ئەڭ چىركىن ئۇسۇلى. مېدىيانىڭ خەۋەرلەندۈرۈش، مەنىۋى زوق بىرىش، تەربىيلەش، مۇكاپاتلاش، شەرەپ تۇيغۇسى ئاتا قىلىش، كۈلتۈر يارىتىش، ئەئەنىگە قايتۇرۇش قاتارلىق روللىرى ئارقىلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك لاھىيەلەر بىلەن ئىچكى نىرىپلارنى غىدىقلاپ، مىللى ئاڭلارنى ئويغۇتۇپ تەبىئى ۋە ئۆچمەس جامائەت پىكرلىرىگە ئوت ياققىلى بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر: 

1. Gökçe, Orhan (1996) Kamuoyu Kavramının Anlam ve Kapsamı. Kurgu Anadolu Üniversitesi İletişim Bilimleri Fakültesi Uluslararası Hakemli İletişim Dergisi, 14(14): 211-227.

2. Eren, Veysel; Aydın, Abdullah (2014) Sosyal Medyanın Kamuoyu Oluşturmadaki Rolü ve Muhtemel Riskler. KMÜ Sosyal ve Ekonomik Araştırmalar Dergisi, 16(1): 197-205.

Sosyal Bilimler Dergisi, 5(10): 49-66.

3. Dinçkol, Bihterin (2006) Yönetilenlerin “Öz” Yönetimi-Kamuoyu. İstanbul Ticaret Üniversitesi Sosyal Bilimler Dergisi, 5(10): 49-66.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش