ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » تەبرىك

تەبرىك

ياۋرۇپا پارلامېنتى پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى شەخىس ياكى ئورگانلارغا بېرىلىدىغان ساخاروۋ مۇكاپاتىنى بۇ يىل خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىك دوتسېنت ئىلھام توختىغا بەردى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوتسېنت ئىلھام توختىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.

دوتسېنت ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، قەيسەرلىكى ۋە جاسارىتى بىلەن دۇنيا خەلقىنى تاڭ قالدۇرغان بىر قەھرىماندۇر. خىتايدەك دىكتاتور بىر دۆلەتتە، شۇنداقلا كومىنىستلاردەك زوراۋان بىر گۇرۇھنىڭ ھاكىمىيىتىدە، دوتسېنت ئىلھام توختىنىڭ مەسئۇلىيەتچان بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن مىليونلارچە كىشىنىڭ سۆزلەشكە جاسارەت قىلالمىغان ھەقىقەتلەرنى قورقماي ئوتتۇرىغا قويالىشى ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە تېگىشلىك بىر ئىش ئىدى. ياۋرۇپا پارلامېنتى ئۇنىڭ بۇ جاسارىتىنى ۋە ھەقنى ياقىلايدىغان ۋىجدانىنى مۇكاپاتلاپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر ئىش قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، دوتسېنت ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ساخاروۋ مۇكاپاتىنى ئۇنىڭ جاسارىتىگە ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەتنى ياقىلايدىغان ۋىجدانىغا بېرىلگەن بىر مۇكاپات دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق داۋاسىغا ۋە ھەققانىي كۈرىشىگە بېرىلگەن بىر مۇكاپات دەپ بىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، بۇ مۇكاپاتقا لايىق يۈزلەرچە شەرقىي تۈركىستانلىق ئاكادېمىكنىڭ خىتاينىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دە مەجبۇرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئېغىر قېيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمېتىنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنلارغا ئۆزى خىلاپلىق قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خاتىرلىتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنى دوتسېنت ئىلھام توختى، ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن پىروفېسسور تاشپولات تىيىپ ۋە پىروفېسسور خالمۇرات غوپۇرلارنى قويۇپ بېرىشكە، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىنى دەرھال تاقاپ بىگۇناھ نەچچە مىليۇنلىغان شەرقىي تۈركىستانلىقنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

2019-يىلى 24-ئۆكتەبىر پەيشەنبە

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش