ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى بىلەن «خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش» ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى بىلەن «خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش» ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى

ئاكادېمىيە سۆھبەتلىرىنىڭ بۇ قېتىمقىسى ئاكادېمىيە باش كاتىبى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى جۈمە سائەت چۈشتىن كېيىن 5:15 تە ئاكادېمىيە يىغىن زالىدا «خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش» تېمىسىدا ئىستانبۇلدىكى ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن 22 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.
سۆھبەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرىشى ۋە بەس-مۇنازىرىلەر بىلەن ئىنتايىن قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلدى.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئىستىراتىگىيە ۋە ھىيلە-نەيرەڭ ھەققىدە مەخسۇس ئەسەرلىرى بارلىقى، بۇلاردىن «سۈنزىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» ناملىق كىتابىنىڭ دۇنيادا كۆپىنچە مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ماتېرىيالى سۈپىتىدە قوللىنىلىشقا باشلىغانلىقى ۋە بۇ كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىلىرىنىڭ بارلىقى، بۇنىڭدىن باشقا  «36 مەخپىي ئىستىراتىگىيە» ناملىق كىتابنىڭ بارلىقى، بۇ كىتابنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنىڭ ئانالىز قىلىش شەكلىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە «ئۇنداقتا خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرى بىلەن بىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتىمىز بار؟ ئىلگىرى بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى خىتاي نوپۇسى ئاز ئىدى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار بىزنى نېمە ئارقىلىق باشقۇردى؟ ئۇلار بىزنى دەل مۇشۇ ھىيلە -نەيرەڭلىرى ئارقىلىق باشقۇرۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى تەھلىل قىلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟» قاتارلىق سوئاللارنى قويۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى سۆھبەتكە تېخىمۇ قىزىقتۇردى.

ئۇ يۇقىرى سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆزىمىزنى مۇستەقىل قىلىشتا ئەقىل-پاراسەت ۋە پەن-تېخنىكىغىلا تايىنالايدىغانلىقىمىز، تارىختىن  بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى تونۇپ يەتمەسلىكى، بەك ساددىلىقى، سەمىمىيلىكى سەۋەبىدىن مەغلۇب بولۇپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ ئەڭ ئاجىز ۋاقتىدىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ «يولۋاسنى تاغدىن چۈشۈرۈش ھىيلىسى» گە ئالدىنىپ كېتىپ مەغلۇب بولغانلىقى، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىنى ياخشى ئىگەللىگەن خىتاينىڭ «ئوتتۇرىغا زىددىيەت سېلىش ھىيلىسى» نى قوللىنىش ئارقىلىق نۇرغۇن مەقسەتلىرىگە يەتكەنلىكى، بۇلاردىن باشقا يەنە «يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىش ھىيلىسى» نى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رەزىل پىلانلىرىنى ئەمەل ئاشۇرۇپ كەلگەنلىكى، «مېھمان بولۇپ بېرىپ، خوجايىن بولۇپ قال ھىيلىسى» نى ئىشلىتىپ، بىزنىڭ ئاتا يۇرتۇمىزنى ئىگىلىۋالغانلىقى، ھازىر بولسا «يىراقتىكى بىلەن دوست بول، يېقىندىكى بىلەن دۈشمەن بول ھىيلىسى» ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش تۈرك پۇشتىدىن تەركىب تاپقان دۆلەت تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ دوستى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەنلىكى، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەننىڭ قولىدىكى ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە تېگىگە يېتىشىمىز كېرەكلىكى، ئۇلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.

سۆھبەتنىڭ كېيىنكى قىسمى سوئال-جاۋاب شەكلىدە بەس-مۇنازىرە بىلەن داۋاملاشتى.

سوئال: تۈركىيەدە دۇچ كەلگەن «خىتاي سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارنى بېسىۋالغاندا سىلەر نېمە ئىش قىلىۋاتقان؟» دېگەندەك سوئاللارغا قانداق جاۋاب قىلىشىمىز كېرەك؟

ئالدىن بىلەن يۇرتىمىزنى ئەينى چاغدا خىتايغا تارتقۇزۇپ قويغانلىقىمىزدىن گەپ باشلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئەمەلىيەت. تۈركىيەدىكى تۈركلەرگە خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرسىنى ئېچىپ بېرىشكە تىرىشىشىمىز، خىتاينىڭ ھېچكىم بىلەن سەمىمىي دوست بولمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە مەلۇم رەزىل مەقسەتلەر بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى قايىل قىلارلىق، چىرايلىق تىل بىلەن بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

سوئال: نېمىشقا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرىشى ئاجىزلىشىپ قالىدۇ؟

مېنىڭچە ئاجىزلىشىپ كەتمىدى، ئۇيغۇر مەسىلىسى تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ئىككى قۇتۇبقا ئايرىۋېتەلىدى، بۇ بىر چوڭ بۆسۈش. خىتايدىن ئۈمىد كۈتۈش خام خىيال، مۇھىمى بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزدا. خىتاينىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ۋە ئۆزىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن مەسىلىلەرنى باشقا كىشىلەرگە، دۆلەتلەرگە ئىلمىي ئۇسۇلدا، ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بىلەن چۈشەندۈرۈش، تونۇتۇش ئۈچۈن كۆپ كىتاب ئوقۇشىمىز كېرەك.

ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ دائىرىسىدىكى ئىشنى قىلغان بولساق ياخشى بولاتتى، ھازىرقى مەسىلىمىز بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئىشىنى قىلىۋېلىشى، شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنى خاپا قىلىپ قويۇش بولۇۋاتىدۇ. «قۇچقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن »دەيدىغان گەپ بار.  مىللىي كۈرەش بىلەن شەخسىي ئاداۋەتنى ئارلاشتۇرۇپ قويىدىغان ئىشلار چىقىپ، كىشىلەر كۈرەشتىن، بىر-بىرىدىن سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنى تىرىشىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

سوئال: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئادالەت سارىيىغا ئىلتىماس قىلالامدۇ؟

ئىلتىماس سۇنۇشقا بولىدۇ. ھەرقانداق ئىشتا ئىزچىللىق ناھايىتى مۇھىم، تەپتىشكە ناھايىتى ئېنىق ۋە قىسقا قىلىپ ئىلتىماس سۇنۇش، بىر قېتىمدا نەتىجىسى بولمىسا، ئىككى، ئۈچ قېتىم سىناش كېرەك. ئۇيغۇر ئامېرىكا پۇقرالىرىغا دۆلەت ئىگە بولۇۋاتىدۇ، بۇنى تۈركىيەدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تۈركىيە پۇقرالىرى مۇشۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچىشى، باش بولۇشى كېرەك. بىر قىسىم مەسىلىلەردە، تەشكىلات باشلىقلىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلىيالمايۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خەلق خىتايدىن ئۈمىد كۈتۈپ قېلىۋاتىدۇ.

تەدبىر ئېلىشتا ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز، تەنقىد قىلىدىغان چاغدا ئايرىم سۆزلىشىشىمىز، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئوسال ئەھۋالدا قويماسلىقىمىز كېرەك.

سوئال: خىتاينىڭ ئاجىز نۇقتىسى نېمە؟

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى سەمىمىيەتسىزلىك، ئۇلار ھېچقانداق دۆلەتكە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولمايدۇ. بىز خىتايدىكى مۇھىم ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان مانجۇلارنى بىرلىكتە ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلالىساق بەك ياخشى بولاتتى، چۈنكى مانجۇلار خىتايدا ناھايىتى ھالقىلىق جايلاردا، مۇھىم ئىشلاردا ۋەزىپە ئېلىۋاتىدۇ.

سوئال: خىتاي نېمىشقا بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى، سەنئىتىمىزنى ئۆگىنىدۇ؟ مەقسىتى نېمە؟ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كېتىشىدىن قورقمامدۇ؟

بىر مىللەتنى يوق قىلىشتا، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچىكى بىلەن يېمەكلىكىنى ئۆزگەرتىش كېرەك دەيدىغان گەپ بار. خىتاينىڭ بىزگە قوللىنىۋاتقىنى قاتتىق سىياسەت. خىتاي تىل، پىسخولوگىيە، پەلسەپە نۇقتىسىدىن دۇنيادا باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ، شۇڭا باشقا دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغان تاكتىكىلار بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ. ھازىر بىر قىسىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەنئىتىنى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىنىشىدىكى مەقسىتى، كېيىن چەتئەلگە چىقىپ ئۇيغۇر سىياقىدا بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى قالايمىقان قىلىش. ئۇلار بۇ يەردە «يۈزۈڭدە تەبەسسۇم، قوينۇڭدا خەنجەر ھىيلىسى» نى قوللانماقتا.

سوئال: ئامېرىكىدا ئەردوغاندىن سورالغان سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

بەك ياخشى جاۋاب بەردى دەپ قارايمەن. تۈركىيە ئەزەلدىن بىزنىڭ ئېغىر كۈندىكى دوستىمىز، شۇڭا نېمىلا بولمىسۇن، ھازىر تۈركىيەنىڭمۇ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك.  تۈركىيە ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارغا ئىشىكىنى ئوچۇق تۇتتى، كېتەر يېرى يوق ئوتتۇرىدا قالغان ئۇيغۇرنى ھەر ۋاقىت قوينىغا ئالدى. تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان ئىشنى قىلمايلى.

سوئال: يەھۇدىيلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟

يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلىشىمىز، پۇلنىڭ ئەقىل ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.

بىز باشقا دىندىكى كىشىلەر بىلەن بىللە ئىش قىلغانغا ئۇلارغا ئوخشاپ قالمايمىز، قەلبىمىزدىكى ئىمانىمىزغا ئىشىنىشىمىز كېرەك. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى شۇنىڭغا قارىتا ھەل قىلىش، دىنسىز ياكى باشقا دىندىكى خەلقلەر بىلەنمۇ بېرىش-كېلىش قىلىشنى، ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. يەھۇدىيلار ئۆم خەلق، ئۇلاردىن ياخشى تەرەپلىرىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

سوئال: تۈركىيەدىكى سىياسەتچىلەر تارىختىكى خىتاينىڭ ئويۇنىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ھازىر بىزنىڭ مەسىلىمىزگە توغرا مۇئامىلە تۇتمايدۇ؟

تۈركىيەدىكى سىياسىي ئىشلارنىڭ بېشىدىكىلەر كۆپىنچىسى بەك ئوقۇپ كەتمىگەن كىشىلەر، شۇڭا ئۇلارنىڭ يىراقنى كۆرەلىشى تەس. بەزىلىرى بۇرنىنىڭ ئۇچىنى ئويلاپ ئىش قىلىدۇ. ۋاقىتلىق مەنپەئەتنى كۆزلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردا، خىتايدا تەربىيلەنگەن تۈركىيەلىكلەر كۆپىيىپ، ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى، شۇنداقتا خىتاينىڭ تەرىپىنى تۇتىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش