ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ئىستانبۇلدا قۇرۇلدى

خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ئىستانبۇلدا قۇرۇلدى

10 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ۋە باشقا ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى 2019-يىلى 12-نويابىر ئىستانبۇلدا قۇرۇلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەتلىرى 2019-يىلى 09-نويابىردا ئىستانبۇلدىكى ئاكادېمىيە ئىشخانىسىدا يىغىلىپ، ئاكادېمىيە نىزامنامىسىنىڭ 3.3-ماددىسىغا ئاساسەن خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئاكادېمىيە ھەيئەتلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە ئاكادېمىيە رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەستىقى بىلەن دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىغا مۇدىر بولۇپ تەيىنلەندى ۋە باشقا 6 ئۇيغۇر تەتقىقاتچى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى بىلەن بىرگە ئىشلەشكە بېكىتىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ پات ئارىدا غەلبىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تاجاۋۇزچى دۈشمەن خىتاينى تونۇش ۋە ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە تاقابىل تورۇش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

ئىنىستىتۇتنىڭ تەپسىلاتى پات ئارىدا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

2019-يىلى 12-نويابىر

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش