ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىپ ئۇنۋېرستېتى يىغىن زالىدا «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىيەدىن ئىككى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلمىي دوكىلات بەردى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدا، ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇشقا قاتناشقان ۋە ھازىرغىچە ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنىڭ روھى ئۈچۈن «قۇرئان-كەرىم» تىلاۋىتى قىلىندى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئېچىلىش نوتۇقىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئىتتىپاقى جەمىئىيىتى رەئىسى ئەلى ئەكبەر داموللام، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسى ئابدۇلھەمىد پاكيول ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر ئەپەندى سۆزلىدى.

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئېچىلىش نوتىقىدا، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە، جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانىدا شېھىت بولغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ روھىنىڭ شاد بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتىنى ياش نەسىللەرگە چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكى، ئۇلاردىن قالغان مەنىۋى ئوزۇق ئارقىلىق كېينىكى كۈرىشىمىزنى داۋام قىلدۇرۇش كېرەكلىكى، بۈگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بولغانلىقى ھەققىدە توختاتلدى ۋە بۇ يەردىكى بارلىق لېكسىيە بېرىدىغان ۋە ئاڭلىغىلى كەلگەنلەرگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلى ئەكبەر داموللام سۆز قىلىپ، ئىلگىرى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قانداق بەدەللەر ئارقىلىق قۇرۇلغانلىقى، نېمە سەۋەبتىن قولدىن كەتكەنلىكىنى ئويلىنىشمىز، تارىختىن قانداق ساۋاق ئېلىش توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەكلىكى، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەققىدە ئىلگىرى باشلامچى بولۇپ ئالدىغا چىققان كىشىلىرىمىزنىڭ سىرتلارغا چىقىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانداق دۆلەت قۇرغانلىقى ۋە باشقۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تەجرىبە توپلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا تىرىشقانلىقى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىدىن باشلاپ ھەرىكەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقى، ئەينى چاغدا ئۇلارنىڭ مەلۇم جەھەتتە ئۆز ئىچىدە زىددىيەتلىرى بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن ئىتتىپاقلىق بىلەن ئىش قىلغانلىقىنى، نېمە سەۋەبلەردىن مۇشۇنداق پاجىئەلىك ئاقىۋەتكە قالغانلىقىمىز ھەققىدە ئويلىنىشىمىز لازىملىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئابدۇلھەمىد پاكيول ئەپەندى ۋە مۇساجان ئەر ئەپەندى سۆز قىلىپ، دەۋا يولىدا ئۈمىدىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز ۋە ھەر ۋاقىت روھلۇق بولۇشىمىز ھەققىدە توختالدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنىنىڭ دوكلات سۇنۇش قىسمىدا، ئالدى بىلەن ساكارىيا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى دوكتور ئاسپىرانت نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى «1933-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى، يىمىرىلىش سەۋەبلىرى ۋە تارىخىي پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى» تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا، شەرقىي تۈركىستاندا تارىخ بويىچە ھۆكۈم سۈرگەن دۆلەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، ھۇن قاغانلىقى، كۆكتۈرك قاغانلىقى، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى، كەڭسۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى، قوچۇ ئىدىقۇت خانلىقى، قاراخانىلار خانلىقى، چىڭگىزخان ئىمپىرىيىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئۇچۇر بەردى.

بۇلاردىن باشقا يەنە خەلقىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخان بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلغانلىقى، چاغاتاي خانلىقى، ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى، بىرىنچى قېتىملىق مانجۇ ئىستىلاسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى، ئىچكى بۆلۈنۈش بولغاچقا بىزنىڭ كۈرەشلىرىمىزنىڭ تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن مەغلۇب بولغانلىقى، زوزۇڭتاڭنىڭ قوماندانلىقىدا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە ياردىمىدە ئىشغال قىلىشقا كىرىشى، 1-جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشى، كېيىن تۇڭگانلار ئىسلامنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلۇپ كىرىۋالغانلىقى ۋە 1-قېتىملىق جۇمھۇرىيەت تۇڭگانلارنىڭ خائىنلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغانلىقى، 1-جۇمھۇرىيەتتىكى تۆت مۇھىم كىشى، ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلغان كىشىلەر، جۇمھۇرىيەتنىڭ مەغلۇب بولۇش سەۋەبلىرى، 1933-يىلىدىكى جۇمھۇرىيەت مەغلۇب بولغاندىن كېيىن شىڭسسەينىڭ ۋەتىنىمىزدە ۋەھشىيلەرچە قىلغان ئىشلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە مىساللىرى بىلەن چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

ئارقىدىن، 15-نويابىر سىپروس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مۇستەقىللىقنى يوقۇتۇپ قويۇشنىڭ سەۋەبلىرى» تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى ۋەقەلەر، ئۈچ ۋىلايەت ئەسلىدە شىمالدىكى «ئىلى، ئالتاي، چۆچەك» قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى، «ئازادلىق تەشكىلاتى» ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا باشلامچى رول ئوينىغانلىقى، ئىنقىلاب سەۋەبلىرى، جەريانى ۋە نەتىجىسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقى، مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقى، ئەينى چاغدا جۇمھۇرىيىتىمىزدە يەر خېتى ۋە ئۆي خېتى قوللىنىلغانلىقى، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقى، ئەسكەر سانىنىڭ 15-20 مىڭ ئەتراپىدا، 54 دانە ئايروپىلاننى بارلىقى، مۇنتىزىم ھاۋا ئارمىيىسى بولغانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم رەسمىي ھۆججەتلەر بىلەن مىسال بېرىش ئارقىلىق مەسلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

ئۇ يەنە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىزنىڭ كۈرىشىمىزگە بولغان مۇئامىلىسى، كېيىن گومىنداڭ ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئادەم ئەۋەتكەنلىكى، تىنىچلىق ۋە خەلقنى ھىمايە قىلىش تەشكىلاتى، يالتا كونفرانسى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاقىۋىتى، «ئۈچ ۋىلايەت» نى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دەپمۇ ئاتىغانلىقى، بۇنى «مىللىي ئىنقىلاب» دەپ ئېلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، تارىختا قۇرغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، دۆلەت قۇرۇش جەريانىدىكى ئۆتكۈزگەن تارىخىي خاتالىقلارنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە ساۋاقلاردىن دەرس ئېلىپ، يېقىن كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىنى پۇختا سېلىشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش