ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلاردا دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇرلاردا دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى مۇھاكىمە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنى 1000-يىللىقى ۋە قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقىپ ئۇنۋېرستېتى يىغىن زالىدا «ئۇيغۇرلاردا دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا تۈركىيەدىن ئىككى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلمىي دوكىلات بەردى. يىغىنغا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىندا تۇنجى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ۋە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى «قۇتادغۇبىلىكتىكى تەڭرى تەسەۋۋۇرى» تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا قۇتادغۇبىلىك ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بىز باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا بۇ ئەسەرنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز ۋە قىممىتىنى بىلىشىمىز كېرەكلىكى، قولىمىزدىن كېلىشىچە تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۆگىنىشكە تىرىشىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە ئەسەردە تەڭرىنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەنلىكى، ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتكە كىرىپ يۈز يىلدىن كېيىن يېزىلغانلىقى، شۇڭا بۇ ئەسەردە بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارمۇ ۋە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئامىللارنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئەسەردىكى بىر قىسىم دىننىي سۆزلەرنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ بارلىقى، ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان تەڭرى تەسەۋۋۇرىغا قارىغاندا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشاشلىقى بارلىقى، ئەسەردە دۆلەتنى ئىدارە قىلشتىكى سىمۋوللۇق قەھرىمان پېرسوناژلارنىڭ نېمىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

ئىككىنجى بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور راھىلە قەشقىرى خانىم «يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم ھەققىدىكى نەسىھەتلىرى ۋە كۈنىمىزدىكى ئەھمىيىتى» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى، قانداق قىلغاندا غايىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى  بولىدىغانلىقى، بىلىمنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىزگە مىڭ يىل بۇرۇن ئېيتىپ بەرگەنلىكى، بىلىمنىڭ ۋە تېخنىكىنىڭ قىممىتىنى بىلىش كېرەكلىكى، بىلىمنىڭ ئىنسان تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆگىنىش ئارقىلىق جۇغلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ بىلىم ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىدىن ئايرىم-ئايرىم نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق چۈشەنچە بەردى.

يۇقىرقىلاردىن باشقا يەنە تۈركلەر بىلەن دوست بولۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكى، كېيىن دۆلەت قۇرۇلسا بىزگە دۆلەت باشقۇرىدىغان بىلىملىك كىشىلىرىمىزنىڭ لازىملىقى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى، كېيىنكى ئەۋلادلارنى دۆلەت باشقۇرالايدىغان كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى ۋە بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇ ياشىغان دەۋر» تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى.

ئۇ ئىلمىي دوكىلاتىدا، قۇتادغۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ يېزىلغان شارائىتى، يۈسۈپ ھاجىپنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ قانچىلىك تىرىشچان ۋە بىلىمخۇمار ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ شۇ دەۋردە ئاللاھقا شەك شۈبھىسىز ئىشەنگەن بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكى، پەقەت يېزىقچىلىقتىلا قابىلىيەتلىك بولۇپ قالماي، بەلكى تىل ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق باشقا ساھەلەردىمۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى، ئەسەرنىڭ ئىسمى ۋە ئالاھىدىلىكى، قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا پۈتۈن دۇنيادا كىتابلار يېزىلغانلىقى ۋە ماقالىلەر چىققانلىقى، ئەسەردىكى قەھرىمان پېرسوناژلار، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىسى قاتارلىق ھەققىدە توختالدى.

ئەسەردە خائىن كىشىلەر چىقماسلىقى كېرەكلىكى، دىن بىلەن دۆلەتنى ئايرىم باشقۇرۇش كېرەكلىكى سۆزلەنگەنلىكى، شۇ چاغدىلا ئىشلار تەرتىپلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەنلىكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياشىغان دەۋرى (قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى) يۈسۈپ خاس ھاجىپنى يېتىشتۈرگەن مەنبەلەر قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەزمۇنلار ئۈستىدە توختالدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ياش شائىرىمىز ئىمران ئابدۇغېنى سادائى ئۆز قەلىمى بىلەن تەييارلىغان نەسىرىنى ئوقۇپ بەردى. بۇ نەسىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ شاھ ئەسىرى قۇتادغۇبىلىك توغرىسىدا يېزىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا شائىرىمىزنىڭ ياڭراق ئاۋازى قوشۇلۇپ نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش