ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى» ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى» ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.

2019-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يىغىن زالىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى» مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى زىيالىيلار، دىنى زاتلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 17 كىشى قاتناشتى.

يىغىندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىزدىنىپ تەييارلاپ كەلگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەپكۇرەسى» ھەققىدىكى ماقالىسىنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ يىغىن ئەھلىگە سۇندى. (مىللىي مەپكۇرە ھەققىدە يېزىلغان ماقالىنى تېخى ئوقۇمىغانلار بولسا، «مىللىي مەپكۇرە توغرىسىدا» دېگەن يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.)

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت سۆزىنىڭ كىرىش قىسمىدا، بۈگۈنكى تېمىنى جەمىئىيەتكە سۇنۇشتىن بۇرۇن، ئۆز ئىچىمىزدە ئايرىم مەسلىھەت قىلىۋېلىشىمىز كېرەك دەپ قارايدىغانلىقى، چۈنكى بۇنىڭ سەزگۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكى، مىللىي مەپكۇرە «ئىرقىمىز تۈرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان»  دېگەن مەپكۇرە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ھازىر بىزنىڭ 70-80 يىل بۇرۇنقى مەپكۇرەنى ئۆزىمىزگە تەدبىقلىشىمىزنىڭ سەل تەس بولىدىغانلىقى، يېڭى ئۇيغۇرىزىم، يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى دېگەندەك مەپكۇرە ئىسىملىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، «يېڭى ئىسلام تۈركچىلىكى» دېسەك خاتا چۈشىنىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىنلىكى، ئۆزىنىڭ ماقالىسىدە ئىرقچىلىققا يول قويمىغانلىقى، مەپكۇرەنىڭ بىر تەرەپكە قېيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەپكۇرەنىڭ ئىچىدىكى قىممەت – قاراشلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، مەپكۇرەنىڭ شوئارى «بۈيۈك بىرلىك – بۈيۈك ئۇيغۇر» ئىكەنلىكى، مەپكۇرەمىز بولمىغاچقا يېقىن تارىخىمىزدا خىتاي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى بېرىمىز دېسە قايمۇقۇپ قېلىپ، ئۇلار تەرەپكە قېيىپ كەتكەنلىكى، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەپكۇرەسىنىڭ «مىللەتلەر باراۋەرلىكى» بولغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

ھازىرقى مىللىي مەپكۇرەمىز – يېڭى ئۇيغۇر تۈركچىلىكى، بۇنىڭدىن باشقا ئۇلۇسچىلىق تەبىرىنى قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر بىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان نەرسە دۆلەت، شۇڭا ئالدى بىلەن دۆلىتىمىز بولسۇن، ئاندىن ئۇلۇس يارىتىشقا تىرىشساق بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا ئىككى قېتىم دۆلەت قۇرغان، بۇنداق بىر مىللەتكە «سىلەر بىر مىللەت ئەمەس» دېسە مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىلىشى، بىرلىككە كېلىشى، دۆلەت قۇرۇشى مۇھىم. بۇلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۈركىي مىللەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئويلاشساق بولىدۇ. بىز ئىرقىي مىللەتچىلىكنى ئەمەس، مەدەنىيەت مىللەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىمىز. دۇنيادىكى ئەڭ مىللەتچى خەلقلەرگە قاراپ باقايلى، مەسىلەن ياپونلار، نېمىسلار بۇلارنىڭ مىساللىرى،ئۇلار مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بولغاچقا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقالىغان. مىللەتچىلىك باشقا مىللەتلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان، ئۆزىنى سۆيىدىغان بىر ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

مەپكۇرەنىڭ غايىسى بولسا تۈرك دۇنياسى بىرلىكى ۋە بۈيۈك تۇران. بۇنىڭ پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەسىلە. بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشىمىز كېرەك. ئالدى بىلەن ئۇيغۇر، ئاندىن كېيىن تۈرك، ئەڭ ئاخىرىدا ئىسلام. بۇ ئۇقۇملار بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايدۇ، بىر-بىرىگە زىتمۇ ئەمەس.

ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق – مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى. ھەققانىيەتنىڭ ئاساس قىلغان مەپكۇرەدە زوراۋانلىق قىلىش، ھەققانىيەتسىزلىك قىلىش مۇمكىن ئەمەس. قېرىنداشلىق – فىرانسىيەنىڭ بايرىقىدىمۇ بىر قىزىل بەلگە بار، بۇنىڭ مەنىسى مىللەتلەرنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى. مىللەت قېرىنداشلىقىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇيغۇرلار ،موڭغۇللار بىلەن قېرىنداش دېگەندەك. دۇنيا قېرىنداشلىقى بولسا ھەممىمىز ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋۋا ئانىدىن تۇغۇلغان. مىللىي مەدەنىيەت- دىن، تارىخ، ئەدەبىيات قاتارلىقلار. بىزنىڭ مىللىي مەپكۇرەدە يۇقىرىقىلارنى بىر يەرگە يىغىشىمىز كېرەك. بۇلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ.

مىللىي مەپكۇرەنى مىللەتچىلىك، ئىرقچىلىق دەپ قاراپ، قارشى چىقىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. بىز بۇنى توغرا ئانالىز قىلىشىمىز ۋە ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. بىز شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنى چەتكە قاقىدىغان ئىشنى قىلمىدۇق ھەم قىلمايمىز. سىلەر زىيالىيلاردىن پىكىرلەرنى توپلاپ، مىللىي مەپكۇرەمىزنى تولۇقلىساق بولىدۇ. دىننىي ساھەدىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇنى ئېتىراپ قىلىشى سەل تەس بولۇشى مۇمكىن. مىللىي كۈرەشتە دىنمۇ ناھايىتى مۇھىم قورال دەپ قاراشقا بولىدۇ.

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى كۆپچىلىككە ماقالىسىنى سۈنغاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردىن بىر قىسىم كىشىلەر بەس-بەستە ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سوئال سوراشتى.

سوئال: مەپكۇرە سۆزىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ نېمە دېيىشكە بولىدۇ؟

جاۋاب: مەپكۇرە سۆزىنى مىللىي ئىدىئولوگىيە، يىتەكچى ئىدىيە ياكى مىللىي غايە دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.

ئابدۇراخمان جامال ئەپەندى: بىزدە تاجاۋۇچىلىق قىلىش ئىدىيىسى يوق. شۇڭا سىياسىي ئىدىئولوگىيە ھەر ۋاقىت بىزدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. سىياسەت بىر مەقسەت بولماسلىقى كېرەك، سىياسەت بىر ۋاستە بولىدۇ. غايىۋى نەرسىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ مەپكۇرەسىگە كىرگۈزۋالساق خىيالپەرەسلىك قىلىشقا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، مەپكۇرەنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى سەۋەب بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش، بۇ پەقەت بىر يول ۋە جەريان.

ئۆزگەرمەس پىرىنسىپلاردا تۇرساق بولىدۇ، ئۇلار ئۇيغۇرلۇق ۋە شەرقىي تۈركىستان. بۇنى ھەممىمىز ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كېلىشىمىز كېرەك. قايسىسى ئالدىنقى پىلانغان چىقىشى كېرەك بۇنى ياخشى ئويلىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

ئۆمەرجان ئەمەت ئەپەندى: مىللىي مەپكۇرە سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنيا قوبۇل قىلالايدىغان بىر نەرسە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك. بىز ۋاقتى كەلگەندە دۇنيا قوبۇل قىلالايدىغان قىممەت قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويمىساق، مۇستەقىل بولغان تەقدىردىمۇ دۇنيانىڭ بىزنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن.

تەڭرى، كۆك تەڭرى دېگەن ئاتالغۇلارنى ئاللاھقا ئالماشتۇرساق دەپ قارايمەن. بۇ ئۇيغۇرلارنى ۋە مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدىغان ماقالە بولغاچقا تەڭرى ئاتالغۇلىرى تازا ماس كەلمەيدۇ. ھەممە مىللەت تۈركىستانلىق بولۇشى كېرەك. تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبەك قاتارلىقلارنىمۇ بىر يەرگە توپلاپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك.

دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم: ھازىر دۇنيادا بىزنىڭ بىلەن ئوخشاش شارائىتتا تۇرۇۋاتقان مىللەت يوق، شۇڭا بىز باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىدىيىسى بويىچە مىللىي مەپكۇرە تەييارلىساق تازا ماس كەلمەيدۇ. سۆز ئىبارىلەرنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قوللىنىشىمىز كېرەك، شۇ چاغدىلا بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشىمىز ئەڭ مۇھىم.

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى: بىز دەۋايىمىزنى ئەتراپقا چۈشەندۈرگەندە ياكى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشقاندا «دۇنياغا ئەي ئىنسانلار، ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئەي مۇسۇلمانلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەي تۈركلەر» دەپ خىتاب قىلىشىمىز كېرەك. ھەممە كىشىگە ئىشەنمەسلىكىمىز ۋە شۇنداقلا ھەممە كىشىدىن باتناپ قالماسلىقىمىز، سىياسەت ئۆگىنىشىمىز، قۇۋ – ئەقىللىق – قۇۋ بولۇشىمىز بەكمۇ زۆرۈر. بىز مانا مۇشۇ خىل شارائىتتا دەۋايىمىزنى غەلبىگە ئېرىشتۈرەلەيمىز.

ئاخىرىدا، يىغىن ئەھلى يەنە بىر قانچە ئاي مىللىي مەپكۇرە ھەققىدە ئىزدىنىپ، تەكرار يىغىلىپ قايتىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىدىئولوگىيەسى (مىللىي مەپكۇرەسى) ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى بىردەك قارار قىلدى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش