ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » قۇتادغۇ بىلىكتە تەڭرى تەسەۋۋۇرى*

قۇتادغۇ بىلىكتە تەڭرى تەسەۋۋۇرى*

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

تۈرك-ئىسلام سېنتېزىنى ياراتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت چەمبىرەكىگە مەنسۇپ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق يىرىك ئەسەر بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىب تەرەپىدىن يازىلىپ 1079-يىلى ئۇلۇغ تامغاچ قارا بۇغراخانغا تەغدىم قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە ئەرەپ يازىقى بىلەن نۇرغۇن قېتىم كۆچۈرۈلگەن بولۇپ بۇلاردىن تۆت نۇسخا كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

پەقەت تۈرك-ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈرك-ئۇيغۇر تەپەككۈر ۋە پەلسەپە تارىخى ئۈچۈنمۇ بىباھا مەنبەلەردىن بىرى بولغان بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار 20-ئەسىرنىڭ باشلارىدىن  ئېتىۋارەن بۈگۈنگىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە ھەر خىل مېتوت ۋە نوقتىنەزەرلەر بىلەن تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسەردىكى ئەڭ نېگىزلىك ئۇقۇملاردىن بىرى بولغان تەڭرى تەسەۋۋۇرىنىڭ يىلتىزى ۋە مەنبەلەرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنى يېتەرلىك دېگىلى بولمايدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىب كۆچمەن چارۋۇچى دالا ھەم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەتىگە خاس دۇنيا تەسەۋۋۇرى ۋە قارىشىنىڭ ۋارىسى بولۇش سۈپەتى بىلەن ئەنئەنىۋى تۈرك-ئۇيغۇر ئېتىقاد ۋە قىممەتلەر سېستىمىسىنى ئىسلام ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ يېڭى بىر سېنتېز ھاسىل قىلغان.

قۇتادغۇ بىلىكتە ئىسلام ئېتىقاد سېستىمىسىگە ئائىت يېڭى ئۇقۇملارنىڭ شامانىست/ مانىخېىست/ بۇدىست ئۇيغۇر مەدەنىيەتىدىن قالغان تېرمىنولوگىيە ئارقىلىق ئىپادىلەنگەنلىكى بىر ھەقىقەتتۇر. شۇڭا بۇ ئەسەردىكى دىنىي تېرمىن ۋە ئۇقۇملار ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئېتىقاد سېستىمىلىرىنىڭ ئۇقۇم ۋە مەزمىۇنىنى مەلۇم دەرەجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ دەپ قارايمىز.

قۇتادغۇ بىلىكتە بۇ ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئەڭ تىپىك مىسال تەڭرى تەسەۋۋۇرىدۇر.  قۇتادغۇ بىلىكتە قەدىمكى تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد سېستىمىسىغا ئائىت “تەڭرى”، “بايات”، “ئىدى”، “ئۇغان”، “يالاۋاچ”، “ساۋجى”، “قۇت”، “ئاژۇن”، “تامۇ”، “ئۇچماق”، “يازۇق”،”تۆرۈتكەن”، “يۈكۈنمەك”، “يارلىقاماق” دېگەندەك تېرىم ئۇقۇم، سۈپەت ۋە پېئىللار كۆرىلىدۇ. بۇلار بىر تەرەپتىن يېڭى دىنغا ئائىت ئۇقۇملارنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قەدىمكى تۈرك دىنىي ئېتىقاد سېستىمىسىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

سۆز تېمىسى تېرىملەردىن “بايات”،”تەڭرى”، “ئىدى” ۋە “ئۇغان” قۇتادغۇ بىلىكتە ئىسلام دىنىغا ئائىت “ئاللاھ” ئۇقۇمىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلگەن.

Bayat birdi barça tilemiş tilek

Bayat ok bolu birsü arka yölek / 90

خۇدا بارلىق تىلىگەن تىلىكىڭگە يەتكۈزدى،

خۇدالا (ساڭا) دائىم ئارقا تىرەك بولسۇن.

Bayat atı birle sözüg başladı

Törütgen igidgen keçürgen tidi /3897

خۇدانىڭ نامى بىلەن سۆزىنى باشلاپ،

ئەي ياراتقان، پەرۋىش قىلغان، كەچۈرگەن (ئىگەم) دېدى.

Bolu birdi evren ilig birdi taht

Tuta birsü tengri bu taht birle baht / 92

پەلەك ساڭا باقتى، ئەل ۋە تەخت بەردى،

بۇ تەخت بىلەن بەختىنى تەڭرىم دائىم قىلسۇن.

Közin köke tikti ayur ay idim

Seningde adın men idi bilmedim / 1151

كۆزىنى كۆككە تىكىپ دېدىكى: ئەي ئىگەم،

مەن سەندىن باشقا بىر تەڭرىنى بىلمىدىم.

Ayur ming sena ol ugan tengrike

Ezel hukmi tegrür köni egrike / 3898

ئۇ قادىر تەڭرىگە مىڭ ھەمدۇ سانا ئېيتتى،

ئۇ توغرىغىمۇ، ئەگرەگىمۇ ئۆز ھۆكمى ئەزەلىنى يەتكۈزىدۇ.

بۇ تېرىم ۋە ئۇقۇملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىساللارغا قارىغاندا، تەڭرى، يەنى ئاللاھ : 1) ياراتقۇچىدۇر. 2) پۈتۈن كائىناتنى ئىدارە قىلغۇچىدۇر. 3) ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئىلكىدەدۇر. 4)ئەزەلى ۋە ئەبەدىدۇر. 5)ھەممە نەرسىنى يېتىشتۈرىدۇ، باقىدۇ ۋە يوق قىلىدۇ. 6) ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا مۇھتاجدۇر. 7) تەڭدىشى يوقتۇر. 8)ھەر يەردەدۇر. 9) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. 10) بىر ۋە باردۇر (شېكەر 2016: 138).

تەڭرىنىڭ كىتابىي ئىسلام مەنبەلىك بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مەڭگۈتاشلاردا تەسۋىرلەنگەن تەڭرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پارالېلدۇر. مەڭگۈتاشلارغا قارىغاندا، تەڭرى:

1. تەڭرى باردۇر. كۆكتە ياشايدۇ. سىمىۋوللۇق رەڭگى كۆكتۇر.

t(ä)ŋri t(ä)g : t(ä)ŋridä: bolm(ı)ş : türk : bilgä : k(a)g(a)n (KT G1)

“(مەنكى) تەڭرىدەك (ۋە) تەڭرىدە بولمڭش تۈرك بىلگە قاغان،…. “

2. تەڭرى ياراتقۇچىدۇر. ئاسمان، يەر ۋە ئىنساننى ياراتقان.

üzä kök : t(ä)ŋri : (a)sra : y(a)g(ı)z : y(e)r : kıl(ı)ntukda : (e)kin (a)ra : kişi oglı : kıl(ı)nm(ı)ş (KT D1)

“ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئاستىدا قوڭۇر يەر يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ.”

3. تەڭرى ئەبەدى، ئىنسان بولسا ئۆلۈملۈكتۇر.

öd t(ä)ŋri : (a)ys(a)r : kişi oglı : kop : ölg(ä)li : törüm(i)ş. (KT K 10-11)

” ۋاقىت تەڭرىسى (شۇنداق) بۇيرۇغاندىن كېيىن، ئىنسان بالىسى ئۆلىدىغان قىلىپ يارىتىلىپتۇ.”

4. ئىنساننەڭ تەغدىرىنى تەڭرى بەلگىلىيدۇ. خالىغان كىشىگە قۇت بېرىدۇ، خالىسا قۇتنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ. قاغانلارنى تەيىنلەيدۇ.

t(ä)ŋri : y(a)rl(ı)k(a)dukın : üçün : [ö]z(ü)m : kut(u)m : b(a)r üçün : k(a)g(a)n : ol(u)rt(u)m. (KT G10)

“تەڭرى بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، مېنىڭ (مۇ) تەلىيىم بولغانلىقى ئۈچۈن، خاقان ( بولۇپ تەختتە ) ئولتۇردۇم.”

5. تەڭرى ئۆزى تەيىنلىگەن خاقانلارنىڭ قوۋملىرىنى قوغدايدۇ.

üzä türk : t(ä)ŋrisi, türk iduk yiri subh ança itmiş.  türk : bod(u)n : yok : bolm(a)zun : tiy(i)n : bod(u)n : bolçun tiy(i)n : k(a)ŋ(ı)m ilt(e)r(i)ş k(a)g(a)n(ı)g : ög(ü)m : ilbilgä k(a)tun(u)g : t(ä)ŋri : töp(ü)sintä : tut(u)p : yüg(ä)rü : köt(ü)rm(i)ş (ä)r(i)nç (KT D11) .

“كۆكتە تۈرك تەڭرىسى (ۋە) تۈرك مۇقەددەس يەر سۇ (روھلىرى) شۇنداق قىپتۇ: تۈرك خەلقى يوقالمىسۇن، خەلق بولسۇن دەپ، ئاتام ئىلتەرىش خاقاننى، ئانام ئىبىلگە قاتۇننى كۆكتىدىن ( تېخىمۇ) يۈكسەك كۆتۈرۈپتۇ.”

t(ä)ŋri : küç : birtük üç(ü)n : k(a)ŋ(ı)m k(a)g(a)n : süsi : böri t(ä)g : (ä)rmiş : y(a)gısı : koń t(ä)g (ä)rm(i)ş : (BK D 12)

” تەڭرى كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاتام خاقاننىڭ ئەسكەرلىرى بۆرىدەك ئىمىش، دۈشمەنلىرى قويدەك ئىمىش.”

6. خاقانىغا ئىتائەت قىلمىغان ياكى ئۇنى تەرك قىلغان قوۋمنى ھالاك قىلىدۇ.

Teŋri ança timiş erinç. Kan birtim. Kanuŋın kodup içikdiŋ. İçikdük üçün Teŋri ölütmiş erinç. Türk bodun ölti, alkıntı, yok bolti. (Tonyukuk Batı yüzü: 2-3)

” تەڭرى مۇنداق دەپتۇ: (ساڭا) خان بەردىم. خانىڭنى تاشلاپ بېقىندى بولدۇڭ. بېقىندى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن تەڭرى ئۆلۈم بەرگەن، تۈرك مىللەتى ئۆلدى، تۈگەشتى، يوق بولدى.”

7. دۇنيادىكى ھەممە نەرسە تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بويىچە تۈزۈلگەن.

üzä : türk : t(ä)ŋrisi : türk ıduk yiri : subı : (a)nça (e)tmiş

” يۇقارىداكى تۈرك تەڭرىسى تۈرك  مۇقەددېس يەر سۇ (روھلىرى) شۇنداق تۈزگەن”

8. خاقانلار تەڭرىنىڭ ئىرادىسى، ئىلتىپاتى ۋە ياردىمى بىلەن ئۇرۇشلاردا غەلبە قازىنىدۇ.

t(ä)ŋri : y(a)rl(ı)k(a)duk : üçün : ill(i)g(i)g : (e)ls(i)r(ä)tm(i)ş : k(a)g(a)nl(ı)g(ı)g : k(a)g(a)ns(ı)r(a)tm(ı)ş : y(a)gıg : b(a)z kılm(ı)ş : tizl(i)g(i)g : sökürm(i)ş : b(a)şl(ı)g(ı)g : yük(ü)ntü[rm(i)ş : (BK D14)

“تەڭرى (شۇنداق) بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىپتۇ،خاقانى بارلارنى خاقانلىرىدىن مەھرۇم قىپتۇ، دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرۇپتۇ، تىزلىقلارنى تىز چۆكتۈرۈپتۇ، باشلىقلارنى باش ئەگدۈرۈپتۇ.”

9. تەڭرىنىڭ ئىرادىسى ۋە بۇيرۇەىسىز ئىنسان ھېچقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

üzä t(ä)ŋri : b(a)sm(a)s(a)r : (a)sra yir : t(ä)l(i)nm(ä)s(ä)r : türk : bod(u)n : (e)l(i)ŋ(i)n : törüŋ(i)n : k(i)m (a)rt(a)tı [ud(a)çı (ä)rti.  (BK D19 )

“ئۈستىمىز (دىكى) ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىگۈچە، ئاستىمىزدىكى يەر يېرىلمىغۇچە، (ئەي) تۈرك خەلقى (سېنىڭ) دۆلىتىنىڭنى (ۋە) قانۇن – تۆرىلىرىڭنى كىم ئۆرۈپ بوزالايتتى؟”

10. خاقانلار تەڭرىنىڭ ۋەكىللىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيا ۋە جەمئىيەت تەرتىۋىنى قوغداش، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر يەرگە توپلاش، يوقسۇللارنى باي قىلىش، ئاز خەلقنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەتتۇر.

 k(a)g(a)n : ol(u)r(u)p  yok : çıg(a)ń : bod(u)n(u)g : kop kubr(a)tdım : çıg(a)ń : bod(u)n(u)g : b(a)y kılt(ı)m : (a)z bod(u)n(u)g : öküş : kılt(ı)m : (BK K 8)

“تەختتە ئولتۇرۇپ يوقسۇل (ۋە) كەمبەغەل خەلقنى يىغىپ توپلىدىم. كەمبەغەل خەلقنى باي قىلدىم، ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم.”

11. بۇلار قۇتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن خار ۋە زەبۇن بولىدۇ.

t(a)bg(a)ç : bod(u)nka : b(ä)gl(i)k : urı oglın : kul boltı : (ä)şil(i)k : kız oglın : küŋ boltı : (BK D8.)

“تابغاچ خەلقىغە، بەگ بولۇشقا لايىق ئوغۇللىرى قۇل بولدى، خېنىم بولۇشقا لايىق قىزلىرى دىدەك بولدى.”

ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەڭگۈ تاشلاردا ئەكس ئەتكەن بۇ تەڭرى تەسەۋۋۇرىنى قۇتادغۇ بىلىكتىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن:

1) ھۆكۈمدارغا قۇت بەرگۈچى تەڭرىدۇر.

Bayat birdi devlet ay terken kutı

Anıng şükri kılgu okıp ming atı / 109

ئەي، بەختلىك خان، خۇدا ساڭا دۆلەت بەردى،

مىڭ مەرتەم ئۇنىڭ نامىنى ئاتاپ شۈكۈر قىل.

2) تەڭرى كىمنى خالىسا، شۇنى كۆتۈرىدۇ.

Neteg kim tiledi me boldi kamug

Kimi kim tilese kılur ol ulug / 6

(ئۇ)  قانداق خالىغان بولسا، ھەممە (نەرسە) شۇنداق بولدى،

كىمنى خالىسا، (شۇنى) ئۇلۇغ قىلىدۇ.

3) تەڭرى بىر كىشىنى كۆتۈرمەكچى بولسا، ئۇنىڭغا قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىمۇ بىللە بېرىدۇ.

Bayat kimni erse kötürse kutun

Angar işçi birür yaraglıg bütün / 1761

خۇدا كىمگە بەخت بېرىپ يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسا،

ئۇنىڭغا ياراملىق، ئىشەنچىلىك خىزمەتچى ئاتا قىلىدۇ.

4) تەڭرى ھەممىنى تەرتىپكە سالىدۇ، تۈزىتىدۇ.

İtigli bayatım ite birdi öz

İte birdi tüzdi yaraşturdı tüz / 146

ياراتقۇچى خۇدا (ھەممىنى) ئۆزى ياراتتى،

ياراتتى-دە، تەرتىپكە سالدى، بىر-بىرىسىگە مۇۋاپىقلاشتۇردى.

5) ھۆكۈمدارغا خىزمەت قىلغانلىق تەڭرىگە خىزمەت قىلغانلىق بولىدۇ.

Bayat yarlıgın sen agır tut agır

İligke tapug kıl isingil bagır / 1507

تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىنى بەكمۇ قەدىرلە،

ئەلىگكە خىزمەت قىل، (بۇنىڭ بىلەن) قەلبىڭنى ئىسىت.

مەلۇم بولغاندەك،  ھۆكۈمدار تەڭرىنىڭ يەريۈزىدىكى ۋەكىلىدۇر. شۇڭا تەڭرى بىلەن ھۆكۈمدارنىڭ پەزىلەتلىرى،خۇسۇسىيەتلىرى ۋە سۈپەتلىرى ئوتتۇرىسىدا پارالېللىك ۋە ئوخشاشلىق بولىدۇ. بىر مىسال ئالايلۇق، قەدىمكى تۈرك / ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقادى بويىچە، قۇياش تەڭرىنىڭ سىمىۋولى ۋە سۈپىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. قەدىمكى ئۇيغۇرچە تېكستلەردە “كۈن تەڭرى”، “ئاي تەڭرى” دېگەن ئىپادىلەردىن بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. قۇتادغۇ بىلىكتە ھۆكۈمدارنىڭ ئىسمى كۈن توغدى بولۇپ، مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ:

Bu kün togdi ilig bu kılkı bile

Yarudı ajunka kün ay teg yala / 415

بۇ كۈنتوغدى ئەلىگ ئاشۇ مىجەز- خۇلقى بىلەن،

كۈن ۋە ئايدەك پارلاپ دۇنياغا يورۇدى.

İlin itti tüzdı bayudi bodun

Böri koy bile suvladı ol ödün / 449

ئەلىنى تۈزەپ، ئوڭشىدى، خەلق بېيىدى،

ئۇ زاماندا بۆرە بىلەن قوي بىللە سۇ ئىچتى.

بۇ مىساللاردا ھۆكۈمدار كۈن توغدىنىڭ تەڭرى ۋە كۈن/ قۇياشتەك ئادىل ۋە سېخى ئىكەنلىكى، ئادالىتى سايەسىدە بۆرى بىلەن قوينىڭ بىللە سۇ ئىچىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەڭگۈتاش ۋە قۇتادغۇ بلىكىتە ئەكس ئەتكەن بۇ تەڭرى تەسەۋۋۇرى ۋە چۈشەنچىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەھۋال خىتاي ئېتىقاد سېستىمىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك، خىتايچىدا تەڭرى ئۇقۇمى “تىئەن”، يەنى  “tian” دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ دەسلەپكى مەنىسى “كۆك، ئاسمان”، كېيىمكى مەنىسى “تەڭرى”دۇر. تۈركچە ۋە ئۇيغۇرچىدىمۇ “تەڭرى” سۆزىنىڭ ھەم “كۆك، ئاسمان” ھەم “تەڭرى” مەنىسى بار.

…[yer] teŋri kılındokta Uygur kagan olormış bök ulug kagan [ermiş]. (Aydın 2018: 35).

” …[ يەر] ۋە كۆك ياراتىلغان چاغدا ئۇيغۇر قاغان تەختكە ئولتۇرۇپتۇ.  (ئۇ) ئۇلۇغ (ۋە) بۈيۈك قاغان ئىكەن.”

ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، “تەڭرى” سۆزى جوۇ سۇلالىسى دەۋرىدە خىتايچىغا “تىئەن” شەكلىدە كىرگەن بولۇپ، بۇ سۆز خىتايچىدا بۇرۇنقى “شاڭدى” دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىشكە باشلىغان. شۇڭا تۈرك-ئۇيغۇرچىدىكى “تەڭرى” سۆزىنىڭ مەنىلىرى بىلەن خىتايچىدىكى “تىئەن” سۆزىنىڭ مەنىلىرى ئوتتۇرىسىدا خېلى كۆپ ئوخشاشلىق بار. مەسىلەن خىتاي ئېتىقاد سېستىمىزىدا “تىئەن” سۆزىنىڭ تۈۋەندىكەك مەنىلىرى كۆرۈلىدۇ:

1. كۆك / تەڭرى ئاسرىغۇچى ۋە ئەپۇ قىلغۇچىدۇر.

2. كۆك / تەڭرى ئىنسانلارغا قۇت / بەىت بېغىشلايدۇ.

3. پەقەت ئىلتىپات ۋە ئىھسانلا ئەمەس، بالا ۋە مۇسىبەتمۇ كۆك / تەڭرىدىن كېلىدۇ.

4. كۆك / تەڭرى ئىنسانلار ئۈستىدە مۇتلەق قۇدرەتكە ئىگىدۇر.

5. گۇناكارلار ھەر ۋاقىت كۆك / تەڭرىنىڭ ھۆكمىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يۇقىرىدىكى قۇدرەتكە ھۆرمەت قىلىشى، ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك.

6. كۆك / تەڭرى دانىشمەنلىك، بىلىم ۋە مەرىپەت سىمىۋولىدۇر.

7. كۆك / تەڭرى ىەممىنى كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.

8. كۆك / تەڭرى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەنىۋى مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدۇ.

9. ئەخلاق قانۇنلىرىنى كۆك / تەڭرى بەلگىلىگەن ۋە ئەبەدىي ئۆزگەرمەيدىغان قىلىپ بېكىتكەن.

10. كۆك / تەڭرى ئىلتىپات ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلغاندا ياكى مۇسىبەت ۋە پالاكەت بەرگەندە تەرەپ كۆزلىمەيدۇ.

11. كۆك / تەڭرى يەريۈزىدىكى جانلىقلارغا ئالاھىدە بىر سۆيگۈ ۋە ساداقەت كۆرسەتمەيدۇ. شۇڭا كۆك / تەڭرىنىڭ ئىلتىپات ۋە ئىنايەتىدىن مەھرۇم قالماسلىق ۋە يوقسۇللۇق ۋە پەرىشانلىققا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئاگاھ بولۇش كېرەك. كۆك / تەڭرىگە ھەر ۋاقىت ئىشەنگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىلتىپات ۋە ئىنايەتى دائىمىي ئەمەس (Suzuki 2012 : 34-44).

يۇقىرىقى بايان ۋە مىساللاردىن كۆرگىلى بولىدۇكى، كائىناتنى، دۇنيانى، ئىنساننى، قىسقىسى ھەممىنى ياراتقان تەڭرىدۇر. تەڭرى ھۆكۈمدارنى تاللايدۇ، ئۇنىڭغا قۇت/ دۆلەت/ بەخت بېرىدۇ. ھۆكۈمدار يەريۈزىنى تەڭرىگە ۋاكالىتەن ئىدارە قىلىدۇ. شۇڭا بەگلەر ھۆكۈمدارغا، ھۆكۈمدار تەڭرىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. دۆلەتلەر، مىللەتلەر ۋە جەمئىيەتلەر بۇ ئىدارە سېستىمىسى بويىچە باشقۇرىلىدۇ. كوڭزى تەڭرى ۋە ھۆكۈمدار ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈمدارلىق/ بېقىندىلىق / ئىتائەت مۇناسىۋەتىنى ئائىلە مودېلىغا تەتبىقلىغان ئاساستا ئائىلە / جەمئىيەت ئەخلاق سېستىمىسىنى بەرپا قىلغان بولسا، يۇسۇپ خاس ھاجىپ بۇ مۇناسىۋەتنى دۆلەت مودېلىغا تەتبىقلاپ بىر سىياسەت ئەخلاق سېستىمىسىنى بەرپا قىلغان دەپ ئېيتىش مۇمكىن.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، قۇتادغۇ بىلىكتىكى تەڭرى تەسەۋۋۇرى ۋە چۈشەنچىسىنى پەقەتلا كىتابىي ئىسلام مەنبەلىك بىر تەساۋۋۇر ۋە چۈشەنچە دەپ قاراش توغرا ۋە ئەتراپلىق بولمايدۇ. بۇ تەساۋۋۇر ۋە چۈشەنچىنىڭ يىلتىزىدا قەدىمقى تۈرك-ئۇيغۇر ئېتىقاد سېستمىسىغا ئائىت ئامىللارمۇ بار. قەدىمقى تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تەسەۋۋۇرى ۋە چۈشەنچىسى بىلەن ئىسلامدىكى ئاللاھ ئېتىقادى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئوخشاشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تۈرك-ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرىشى قىيىن بولمىغان. قۇتداغۇ بىلىك، دەدە قورقۇت قاتارلىق ئەسەرلەر بۇ خىل ئۆتكۈنچى دەۋىردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

* بۇ ماقالە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنى 1000-يىللىقى ۋە قۇتادغۇبىلىك يېزىلغانلىقىنىڭ 950-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھەمكارلىشىپ ئىستانبۇلدا چاقىرغان «ئۇيغۇرلاردا دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى مۇھاكىمە يىغىنى» دا دوكلات سۈپىتىدە ئوقۇلغان ئىدى.

مەنبەلەر:

Aydın, Erhan (2018). Uygur Yazıtları. İstanbul: Bilge Kültür-Sanat.

Ercilasun, Ahmet Bican (2016). Türk Kağanlığı ve Türk Bengü Taşları. İstanbul: Dergah Yayınları.

Savran, Hülya (2010). Kutadgu Bilig’de Tanrı ve Özellikleri. Roza Yayınevi.

Suzuki, Daisetz Teitaro (2012). Çin Felsefesi Tarihi. Çeviren: Ahmet Aydoğan. İstanbul: Say Yayınları

Şeker, Fatih M. (2016). Türk Düşünce Tarihi Açısından Kutadgu Bilig. İstanbul: Dergah Yayınları.

Tekin, Talat (2009). Orhon Abdiliri (Kül Tigin, Bilge Hakan, Tunyukuk Abdiliri). Türkçidin terjime kılğuçılar: Erkin Ariz, Absdusebir Şüküri. Beyjing: Milletler Neşriyatı.

Tekin, Talat (2010). Orhon Yazıtları. Ankara: Türk Dil Kurumu Yayınları.

Türk, Vahit (2011). “Orhun Yazıtlarından Kutadgu Bilig’e Din Dili.” Türk Yurdu. 283:77-82.

Yusuf Has Hacib ( 2008). Kutadgu Bilig. Çeviren: Reşid Rahmeti Arat. İkinci basım. İstanbul: Kabalcı Yayınevi.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ (2006). قۇتادغۇ بىلىك. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەسرىي يەشمىسى. نەسرىي يەشمىسىنى ئىشلىگۈچىلەر: ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەر. بېيجىڭ: مىللەتلەر نەشرىياتى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش