ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئامېرىكا تارمىقى قۇرۇلۇپ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى ۋە «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» نىڭ 34 يىللىقىغا بېغىشلاندى.

بۈگۈنكى بۇ يىغىندا دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن، دوكتور مەمەت ئىمىن، دوكتورانت مۇستاپا ئاقسۇ قاتارلىق تەتقىقاتچىلار، ھەمدە روشەن ئابباس، نۇرمەمەت مۇساباي، ئەنقەر ئەنۋەر ۋە ئىرادە قەشقەرى قاتارلىق پائالىيەتچىلەر مەخسۇس تېمىلاردا دوكلات بەردى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور پەيزۇللا زەيدۇن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى دوكتور ئەركىن ئابلىز ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلەپ، يىغىنغا تەشرىپ قىلغانلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدىكى دۆلەت باشقۇرۇش پەلسەپىسىنىڭ ئاتىسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. ئارقىدىن ئاكادېمىيە سابىق پەخىرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىقنىڭ تەبرىك ۋىدىئوسى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.

يىغىندا مۇھاكىمىگە قويۇلغان ماقالە ۋە دوكلاتلار تېما جەھەتتىن ئۈچ چوڭ ساھەگە بېغىشلاندى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ۋە مۇستاپا ئاقسۇ قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتى يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ «قۇتاتغۇبىلىگ» ناملىق ئەسىرى بويىچە، دوكتور مەمەت ئىمىن، ئەنقەر ئەنۋەر، ئىرادە قەشقەرى قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقى، ئانا ئوقۇتۇشى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، نۇرمەمەت مۇساباي ۋە روشەن ئابباس قاتارلىقلارنىڭ دوكلاتى 1985-يىلى 12-دېكابىردىكى ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا قارشى زور نامايىشى بويىچە ئوقۇلدى.

ئارقىدىن ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى دوكتور ئابلىز ئابدۇقادىر «ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەققىدە» تونۇشتۇرۇش دوكلاتىنى سۇندى. ئۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە قۇرۇلغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مىللىي ئىدىيىسى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ تارىخىمىزدا تۇتقان ئورنى، ئەسەردىكى مىللىي ئىدىيە، بۇ ئىككى بۈيۈك ئالىمنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار ھەققىدە ئەتراپلىق لېكسىيە بەردى.
دوكتور نەبىجان تۇرسۇن لىكىسيسىدە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى قاراخانىيلار، ئىدىقۇت ۋە گەنسۇ ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت ئوخشاش دەۋردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان خانلىقلار ئارىسىدىكى مىللىي مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈپ، شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئىدىيىسىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋەتلەردىكى، شۇنداقلا ۋە تۈركى تىللار دىۋانىدا تاپقان ئىپادىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

تارىخشۇناس نەبىجان تۇرسۇننىڭ لېكسىيىسىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتورانتى مۇستاپا ئاقسۇ قۇتادغۇبىلىكنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيىدە قۇتادغۇبىلىكتتا ئىشلىتىلگەن تىلنىڭ گرامماتىكىلىق، فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، باشقا تۈركى مىللەتلەردە بولمىغان تىل تاۋۇش ۋە فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىلمى يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت رەھبەرلىرىدىن دوكتور مەمەت ئىمىن يېقىندا ئېلىپ بارغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكىلىق جەھەتتە يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدىكى راي تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۈستىدە ئىلمى دوكلات بەردى. دوكلاتتا دوكتور مەمەت ئىمىن ئالدىنقى يىلى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش بىلەن بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى پسىخىكىلىق چۈشكۈنلۈك، بېسىم قاتارلىق ھەرخىل مەسىلىلەرنى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى دۆلەتلەرگە ئۈمىد باغلاۋاتقانلىقى دېگەندەك مەسىلىلەردە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. دوكتور مەمەت ئىمىن بۇ خىل مەسىلەرنىڭ مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ھالدا بېكىنمىچىلىك ۋە نورمالسىز كەيپىياتلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئامال چارىلەرنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

دوكتور مەمەت ئىمىننىڭ بۈگۈنكى يىغىندا ئوقۇپ ئۆتكەن «خىتاي سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» ناملىق دوكلاتى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئاكتىۋال تېمىغا بېغىشلانغان مەزكۇر دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزىۋاتقان يوقىرى بېسىملىق سىياسىتى، بولۇپمۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىسمانىي ۋە روھىي زۇلۇملارنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى بايان قىلدى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۇزىۋاتقان بۇ زۇلۇملارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدىن سىرت يەنە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئېلىپ كەلگەن مىسلىسىز ئېغىر تەسىرلىرىنى ئىلمىي ھەم پاكىتلىق ھالدا يورۇتۇپ بەردى.

دوكتور مەمەت ئىمىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كېسىپ تاشلىغانلىقىنى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزىز ۋەتىنى، ئانا تۇپرىقى، ئاتا-ئانا، ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە بارلىق يېقىن كىشىلىرى بىلەن بولغان بېغىنىڭ ئۈزۈلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ روھىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى يىتىم، تەنھا ۋە قۇرۇق ھەس قىلىشتەك پىسىخىكىلىق بېسىملار دۇچار بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارقىدىن ئىرادە قەشقەرى ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە لېكسىيە بەردى. لېكسىيىدە ئىرادە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇرغان ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھەل قىلىش قىيىن بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتۈپ، ئانا تىلىمىزنىڭ بۇ يىل ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر تەھدىت ئاستىدا قالغانلىقىنى، بۇنداق شارائىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى تېخىمۇ كۈچەپ قوغداپ قېلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشنىڭ بەزى ئۈنۈملۈك چارىلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئارقىدىن، ۋىرجىنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق، ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەبلىغ ئىلمى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان ئەنقەر ئەنۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي ئۆرۈپ ئادەتلىرى ھەققىدە لىكىسيە سۆزلىرى. لېكسىيىدە ئەنقەر ھاجى ئۇيغۇر مىللىي ئۆرۈپ ئادىتىدىكى دىنى ئامىللارنى چۈشەندۈرۈپ، بەزى ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزدىكى قېلىپلاشقان ئىدىيە ۋە ماقال تەمسىللىرىمىزنىڭ ئىسلامدىكى بەزى ھەدىس ۋە ئايەتلەر بىلەن ئوخشاشلىق بارلىقىنى، بۇ خىل ماقال تەمسىللەر، ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى قوغداشتا ئالاھىدە رولى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىرجىنىيە شتاتىدا تۇرۇشلۇق نۇرمەمەت مۇساباي ئۆز كەچۈرمىشى ئاساسىدا 1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچلار ھەرىكىتىنىڭ جەريانى ۋە تارىخى ئەھمىيىتىنى سۆزلەپ ئۆتتى. نۇرمەمەت مۇسابايوف ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىملىق كومىنىزىمغا قارشى دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە، تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، ئۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ ئەسلى خىتاي ھۆكمىتىنىڭ زېمىنىمىزنى تالان تاراج قىلىش، بايلىقلىرىمىزنى بولاپ كېتىش ۋە ئاتوم سىناقلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزگە يەتكۈزۈۋاتقان زىيانكەشلىكلەرنى توختىتىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى، گەرچە تەجرىبىسىز ياشلارنىڭ پۇختا بولمىغان پىلان بىلەن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتى بولسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچىدىلا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىپ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتكە كەلگەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەر ۋە ناھىيىلەرگىچە، ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كېڭىيىپ بارغانلىقى، گەرچە ئۇ دەۋردە رەسىم، سىنلىق فىلىم ئىشلەش ئىمكانىيىتى بولمىغان، كۆرۈنۈشلۈك بىر پاكىت قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما نەقمەيداندىكى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىڭلىغان بۇ ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئورتاق قاراشتا ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەرىكەتنىڭ مىللىي ئىدېئولوگىيە، ۋە ئەركىنلىك كۈرىشى، شۇنداقلا يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىردا ئۇيغۇر ھەرىكىتى دېرىكتورى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى باش كاتىبى روشەن ئابباس خانىم نۇرمەمەت مۇساباينىڭ لېكسىيىگە تولۇقلىما قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق شۇ ھەرىكەت جەريانىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىدىيە ئېقىمى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى، شۇنداقلار بۇ ھەرىكەتنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان ئەھمىيىتىنى ئوبرازلىق قىلىپ سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر ئامېرىكا ئويۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇمارىس ئالماس خانىم ئويۇشمىغا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا كەلگەن بولۇپ، يىغىننىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى، كەلگۈسىدە ھەمكارلىشىپ ئىشلەش ئارزۇسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئويۇشما نامىدىن ئاكادېمىيەنىڭ تىرىشچانلىقىنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى.

دوكلات سۇنغۇچىلارنىڭ سۆزلىرى تۈگىكەندىن كېيىن، ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى يېپىلىش نوتۇقى سۆزلەپ، دوكلات سۇنغۇچىلارغا ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ئاكادېمىيە نامىدىن رەھمەت ئېيىتتى. ئۇ بۇ يىغىننىڭ غەلبىلىك بولغانلىقىنى، شەرقىي دەۋاسىدا زىيالىيلارنىڭ رولىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى، ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تەتقىقات ۋە خىزمىتىدە ئۇتۇق قازىنىپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدا ئاكتىپ تېرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا ئاكادېمىيە پەخىرى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى دوكلات سۇنغۇچىلارغا تەشەككۈر پىلاكىتى تەقدىم قىلىپ، ئاكادېمىيە نامىدىن دوكلات سۇنغۇچىلارغا رەھمەت ئېيىتتى.

ئاخىرىدا دوكلات سۇنغۇچىلار بىلەن ئاكادېمىيە ھەيئەت ئەزالىرى بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەتەن سىرتىدىكى ئىلمىي پائالىيەتلىرى كۈنسايىن جانلانماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغاندىن بېرى، ھازىرغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ ھەر يىلى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ھەم مەخسۇس تېمىلار بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەرقايسىي دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ قەرەللىك ھالدا ئۇلارغا چەتئەل تىلى، ئۇيغۇر تارىخى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى بويىچە تۈرلۈك كۇرس، لېكسىيە ھەم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يەنە مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ۋە تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا تارماقلىرىنى قۇرغان بولۇپ، بۇ بىر يىل ئىچىدە ئاۋىستىرالىيە، كانادا، ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تارماق ئورگانلىرىنى ئېچىشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكادا ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ سانى كۆپ ھەم سەرخىل بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش