ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» 2019 – يىلى 08 – دېكابىر سىدنىدا قۇرۇلىدۇ

«ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» 2019 – يىلى 08 – دېكابىر سىدنىدا قۇرۇلىدۇ

ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارزۇدىن رىئاللىققا ئايلاندى.

2019 – يىلى 08 – دېكابىر يەكشەنبە كۈنى سىدنى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تە، ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى ئابۇرىندىكى گاللىپولى مەسچىتى Gallipoli Mosque نىڭ ئابۇرىن جېيمىز Auburn James يىغىن زالىدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

(Auburn Gallipoli Mosque Address: 15-19 Gelibolu Parade, Auburn NSW 2144, Australia)

ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نىزامنامىسىگە ئاساسەن قۇرغۇچى ھەيئەتلەر ئارسىدا يۇشۇرۇن ئاۋازلىق دېمۇگراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى شەھرىدە قۇرۇلىدىغان «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى»، ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ئەزا توپلاپ، ئۇشبۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئەزالارنى سەرخىللاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىلىم – پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009–يىلى 9-سىنتەبىردە قۇرۇلغان كۈنىدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى ۋە مائارىپى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئۇيغۇر زىيالىيلارنى ئۆز رولىنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدا ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشىغا ئۈندەپ، ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇپ، مىللىي ئاقارتىش ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى قوغداش ئۈچۈن قۇربىنىڭ يېتىشىچە خالىس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2018-يىلى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا تارماقلىرىنى قۇرغان ئىدى. ئاللاھ بۇيرىسا يېقىن كەلگۈسىدە كانادا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا تارماقلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئاۋانگارت زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېغىر مۇسىبەت كۈنلىرىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ۋە ھۆرلۈكىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تېرىشىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ بېرىشىنى ۋە ۋاقتى يار بەرگەن ئاۋىسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامال بار 08-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى سىدنى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تە، ئاۋىسترالىيەنىڭ سىدنى ئابۇرىندىكى گاللىپولى مەسچىتى Gallipoli Mosque نىڭ ئابۇرىن جېيمىز Auburn James يىغىن زالىدا «ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاۋىسترالىيە تارمىقى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا كېلىپ قاتنىشىپ بېرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: – ئاكادېمىيە نامىدىن دوكتور رىشات ئابباس، پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە روشەن ئابباس

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش