• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » تارىخىي پەيت كەلدى، ئۇمۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتەيلى!

تارىخىي پەيت كەلدى، ئۇمۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتەيلى!

مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا (ئويچان)

خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ 2017- يىلىدا ۋەتىنىمىز مىقياسىدا يېغىۋېلىش لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىمىز تولىمۇ پاسسىپ بولدى. ۋەزىيەتنى ئالدىن كۆرۈپ يىتەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، بۇنى بىر قېتىملىق «شامال، ئاستا-ئاستا پەسىيىپ قالىدۇ» دەپ ئويلاپ قالدۇق. ھالبۇكى، 2018- يىلىنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ۋەتىنىمىز ھەققىدە چىقىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى نىيىتىنىڭ ئاددىغىنا بىر قېتىملىق «شامال چىقىرىش» ئەمەس، بەلكى ئىرقىي يۇقۇتۇش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

شۇنداقتىمۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قانچە كىشىدىن باشقا مۇتلەق كۆپچىلىكمىز تاكى 2018- يىلى يازدا جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىشىلىك ھۇقۇق يېغىنىغا قەدەر سۈكۈت قىلدۇق. خىتاينىڭ ب د ت يېغىنىدا نۇمۇسسىزلىق بىلەن لاگىرلارنى ئىنكار قىلىشى ئىچىمىزدىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىشىگە سەۋەب بولدى. نەتىجىدە، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، گۇۋاھلىق ۋىدېئولىرىنىڭ سانى بەلگىلىك كۆلەم ھاسىل قىلدى. خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغۇچىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى. بولۇپمۇ، ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ «ئۆلۈمىگە» ئائىت خەۋەر خەلقئارادا زىلزىلە قوزغىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكىتىدە بىر قېتىملىق بۆسۈش ھاسىل قىلدى.

نامايىش ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، 2018- يىلى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشىغا قارىماي، يەنىلا مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتكەن بىر يىل بولدى. «5000 كىشىلىك بىريۇسسېل نامايىشى»، «بىر قەدەم، بىر ئاۋاز» ھەرىكىتى مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تارىخىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئىزلارنى قالدۇردى.

2019- يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارا كۈن تەرتىپتىن چۈشمەي كەلدى. بولۇپمۇ، يېقىندا ئاشكارىلانغان لاگىر ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەر خىتاينىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققەت نوقتىسىغا ئايلاندۇردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، خىتايدىن يېغىۋېلىش لاگىرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كۈنسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. دۇنيا مىقياسىدا بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان پىدائىلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا.

ئۆتكەن ئايدا تۈركىيەدىكى داڭلىق يۇتىيۇبېر رۇھى چەنەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېغىۋېلىش لاگىرلىرى ھەققىدە ئىشلىگەن ھۆججەتلىك ۋىدېئوسى قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە مىليونلىغان كىشىلەرگە دەردىمىزنى يەتكۈزدى. يېقىندا ئافغان پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق قىز فىروزە ئەزىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى قىسقا ۋېدىئوسى تىك توك، تېۋىتېر ۋە ئىنستىگرام… قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تەخمىنەن 10 مىليوندىن ئارتۇق كۆرۈلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ياشلار ئارىسىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىي قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش، دۇنيانى بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا ئۈندەش قىزغىنلىقى قوزغىلىۋاتىدۇ.

خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن، ھەر قايسى سىياسىي مەركەزلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىمۇ جىددىيلەشمەكتە. بۇ نوقتىدىن، بۈگۈن ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «2019 ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق سىياسىتى» قانۇن لايىھىسىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللىشى خىتايغا، پۈتۈن دۇنياغا، ئەڭ مۇھىمى ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كۈچلۈك بىر سىگنال بەردى. خىتاينىڭ مەركىزى ۋە رايۇنلۇق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن بۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرغانلىقى بۇ سىگنالنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسىدۇر.

ۋاھالەنكى، خەلقئارا جەمئىيەت مەسىلىمىزنى تۇنۇپ يىتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر تارىخىي پەيتتە بىز بوشاپ قېلىۋاتىمىز. 2019- يىلى كىرگەندىن بۇيانقى ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولساق، نامايىش قىزغىنلىقىمىزنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىدىن تۈۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، داۋا سەپلىرىنىڭ شالاڭشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. 2018- يىلى ئوتتۇرىغا چىققان بىر بۆلۈك گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قايتىدىن جىمىپ قېلىشتى. ئەسلىدىنلا سۈكۈتنى تاللىغان مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر يەنىلا ئۆز ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھال مەيداندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئازغىنا پائالىيەتچىلىرىمىزنىڭ يالغۇز قېلىشىنى ۋە ئۈمىدسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ توختاۋسىز خەۋەر قىلىشىغا قارىماي، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىزنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىلىنىشى يەنىلا يىتەرسىز. بىز توغرولۇق يېزىلغان خەۋەر ۋە ئىشلەنگەن ۋىدېئولارغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن بۇنى ھېس قىلالايمىز. بىر قانچە كۈن بۇرۇن فىروزە ئەزىز بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدىمۇ بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر بىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا ياكى ئۇنىڭ دەرىجىسىگە ئىشەنمەيۋېتىپتۇ. بۇنداقلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ «بەش مولىرى» دېيىشكە ئامالسىزمىز.

خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي نۇپۇزىغا تايىنىپ، تاشقىي دۇنيانى شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشتىن ئۇزاق تۇتۇشقا تېرىشماقتا. مۇتلەق كۆپ سانلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى قوللىشى ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەرسىز نۇرغۇن كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتىدۇ.

مۇشۇنداق بىر تارىخىي پەيتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشماقتا. چۈنكى بىز بۈگۈن ئالدىنقى سەپتە. ئالدىنقى سەپ قولدىن كەتسە قەلئە قولدىن كېتىدۇ. بىزدە «دەۋاگەر سۇس تۇرسا، قازى مۇتتەھەم بولىدۇ» دېگەن گەپ بار. ھازىر بىزنىڭ سۇسلىقىمىزدىن جاۋابكار مۇتتەھەملىك قىلىۋاتىدۇ. قازىلار ئامالسىز قالماقتا. بىز توغرولۇق گەپ قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ خىتاي ۋە ئۇنىڭ چۇماقچىلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك بۆھتانلىرى ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتالىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ دەلىل-پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشىمىز، گۇۋاھلىق بېرىشىمىز شەرت.

داۋا دېگەن ۋاقىتلىق قىلىپ قۇيۇپ، ھەق –ھۇقۇقىنى ئالماي تۇرۇپ ۋاز كېچىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، شىكايەت قىلىش، ئىسپات كۆرسىتىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش تەرتىپلىرى تاكى داۋادا غەلىبە قىلغانغا قەدەر تەكرار-تەكرار ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بۇ جەھەتتە، ھازىر نامايىش قىلىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئالتۇن پەيتى. شۇڭا بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، گۇۋاھلىق بەرمىگەنلەر گۇۋاھلىق بىرىشىمىز، گۇۋاھلىق بېرىپ بولغانلار تەكرار گۇۋاھلىق بېرىشىمىز، تەشكىلاتلىرىمىز سىياسىي لوبىچىلىقنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، چوڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى كۈچەپ تەشكىللىشى كېرەك.

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، دۇنيانىڭ بىز ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا باشلىشى، خىتاينىڭ ساراسىمگە چۈشۈشى ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىشىدىن دېرەك بېرىشى ناتايىن. تارىخقا قارايدىغان بولساق، مۇستەبىت كۈچلەر ئەڭ قانخورلۇقىنى يۇقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغاندا قىلىدۇ. خەلقئارانى ئالداش ئۈچۈن خىتاي دائىرلىرى ئاز ساندىكى كىشىلەرنى لاگىردىن قۇيۇپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ بىزنى بىخۇدلاشتۇرۇپ قويماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۈگۈن ئۇمۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى.

2019- يىلى، 4- دېكابىر، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top