• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نوقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى-1

تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نوقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنى-1

ھەممىمىزگە مەلۇم، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» نىڭ بېيجىڭدىن يولغا چىققان پويىزى تۈركىيەگە كىردى ۋە مارمارايدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا ئۇزىتىپ قويۇلدى. خەلق رايىدا بۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي ۋە سەلبىي ھەر خىل كۆز قاراشلار بار.

ئەسلىدە خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» تارىخىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن، شۇنداقلا يىپەك يولىدىن ئۆتىدىغان تۈرك تۇپراقلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىغا ۋە تۈركىيەگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولماقتا. لېكىن، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى دۆلەت مىقياسىدا ياكى ئادەتتىكى پۇقرا ئارىسىدا بولسۇن، مەزكۇر تۈر ھەققىدە ساغلام، ئىشەنچىلىك ۋە يېتەرلىك ئۇچۇر يوق. بۇ تۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئېنىق بولمىغان ھالدا داۋام قىلماقتا. مۇشۇ سەۋەبلەردىن، خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» نى ھەر قايسى نۇقتىلاردىن تەھلىل ۋە ئانالىز قىلىپ، تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى نۇقتىسىدىن قاراپ چىقىدىغان بىر قاتار مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

مۇشۇ سەۋەبتىن، 2019-يىلى 13-دېكابىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل تۈرك ئوچاغى يىغىن زالىدا «تۈرك دۇنياسى گىئو – سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىگە نەزەر» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىقى ئېلىپ بېرىلماقچى. ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىق ۋە تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشىلىرىنى ۋە يىغىندا سۇنۇلىدىغان دوكىلاتلاردىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

– خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى، ئىستانبۇل تۈرك ئوچاغى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top