• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى قارمىقىدىكى خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى بىلەن ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغىنىڭ ھەمكارلىقىدا، تۈرك دۇنياسى گىئو-سىياسىي نۇقتىسىدىن خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلباغ تۈرى» گە نەزەر مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىقىنى ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغى يىغىن زالىدا 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 14:30 دا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىنغا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تۈركىيەلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر قايسى ساھەدىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك زىيالىيلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركستاندا ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربان بولغان ئەزىز شېھىتلەرنىڭ ھۆرمىتىگە بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇلدى. ئارقىدىن تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارىشى ئوقۇلدى.

ئېچىلىش نوتۇقىدا، ئىستانبۇل تۈرك ئۇچاغى رەئىسى دوكتور جەزمى بايرام ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق بىر دوستىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئاسارىتىدە ياشاۋاتقانلىقى، ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈزگۈرگەن سىياسىتىگە ئاۋاز چىقارمىسا، كېيىن بۇ بەلكىم ئۇيغۇر مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكى، مىللىي كۈرەشنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئۈچۈن، ھەممە كىشىنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىش كېرەكلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بار بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات مەسئۇللىرىنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان يىغىن ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتناشمايۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدىن، بىرلىكىنىڭ ئاجىزلىقى، پۇت تېپىشىدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقى، شۇڭا، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرىنچى مەسىلىسى ئالدى بىلەن بىر-بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكى، بۇ يىغىننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىك بولۇشىغا ۋەسىلە بولۇشى، يىغىننىڭ غەبىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، بۇنداق يىغىنلارنىڭ كېيىنمۇ بولۇپ تۇرىدىغانلىقى، پەقەت دۇئا قىلىشنىڭلا يېتەرلىك ئەمەسلىكى، ئەمەلىىي ھەرىكەت ۋە غەيرەت قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىقلار ئۈستىدە توختالدى.

ئارقىدىن خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىنىڭ پويىزىنىڭ ئەنقەرەگە كىرگەنلىكى، بۇ تۈردىكى جەمئىي يەتتە مىڭ كىلومېتىر لىنىيەنىڭ بەش مىڭ كىلومېتىر قىسمىنىڭ تۈرك تۇپراقلىرىدىن ئۆتىدىغانلىقى، بۇ تۈر قەدىمكى تۈرك تۇپراقلىرىنىڭ يىپەك يولىنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلگەن شەكلى بولۇپ، ھىيلە بىلەن بۇرمىلانغان ۋە ئوغرىلانغان بىر تۈر ئىكەنلىكى، بۇ قىممەتلىك يىپەك يولىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تارتىۋېلىنىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەكلىكى، تۈرك مىللىتى قاراپ تۇرماي، سۆز قىلىش ھەققىنى قولىغا ئېلىشى كېرەكلىكى، بۇ تۈرگە ئىگە بولۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنى توسقىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

دوكلات بېرىش يېغىنىغا يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىستانبۇلدا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دوستى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەلى ئەخمەتبەگئوغلى ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە بىر يول بىر بەلباغ تۈرى ھەققىدە توختىلىپ،  تۈرك تۇپراقلىرىنىڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن ئۆزگەرتىلىپ، بىر يول بىر بەلباغدىن ئىبارەت يېڭى تۈر قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ھىيلىگەرلىكى بىلەن بىر يول بىر بەلباغ تۈرىنى يولغا قويۇشى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ھەر خىل مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى، بۇ تۈر خىتاي تەرىپىدىن خۇددى دۇنيانى قۇتقۇزۇالايدىغان بىر تۈردەك قىلىپ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

يىغىننىڭ دوكلات قىسمىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى “شەرقىي تۈركىستان ئۆرنىكىدىن خىتاينىڭ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىگە نەزەر” تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا، خىتاينىڭ بۇ بىر يول بىر بەلباغ تۈرىنى دۇنياغا بىر ھەمكارلىشىش، دۇنياغا پايدىلىق تۈر قىلىپ كۆرسىتىلىشكە باشلىغانلىقى، خىتاي ئۆزىنىڭ ھىيلىگەرلىكى بىلەن دۇنيانى قولغا ئېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى،  خىتاي مەدەنىيەت، جۇغراپىيە ۋە سىياسىي نۇقتىدىن دۇنيانى قورشاش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقى، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر مۇشۇ تۈرنىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىكەنلىكى، خىتاي پۈتۈن كېلەچىكىنى مۇشۇ تۈرگە ئاتىۋەتكەچكە، يول لىنىيەسىدىكى بارلىق توسالغۇ بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئامىللارنى كۆزدىن يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى،  كونا يىپەك يولى تۈرىدىمۇ دۆلەت ھەممىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، بارلىق يىپەكلەرنى يىغىپ، يول تېپىشقا چىققانلىقى، جاڭچىيەن يولنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، ئىمپىراتۇرغا مەلۇمات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان يولنى سىزىپ چىققانلىقى،  شەرقىي تۈركىستان تارىختا ھەمىشە تۈركلەرنىڭ تۇپراقلىرى بولۇپ كەلگەنلىكى، ھونلار، قاراخانلىلار ۋە ئۇيغۇرلار خاندانلىقلىرى دەۋرلىرىدە دائىم ئۇيغۇرلار ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ھازىرقى پىلانى ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى تامامەن قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈرك دۆلەتلىرىگە قول سېلىش بولۇۋاتقانلىقى، خىتاي بۇ تۈرگە يەتتە تىرىليون دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، كېيىن مەبلەغنى قايتۇرۇپ ئالالمىسا ئۇرۇش باشلايدىغانلىقى، بۇ تۈرنىڭ تۇنجى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار بولۇۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ۋە قىزغىزىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن بۇ تۈرنىڭ تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر خەتەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى باشقا دۆلەتلەرگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، چەتئەللەردە كوڭزى مەكتەپلىرىنى ئېچىپ مائارىپ سېستىمىسىغا سۇقۇنۇپ كىرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى، خىتاي تارىختىن بۇيان بارغانلىكى يەرگە ئۆز نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنى ۋە رايونلارنى قولغا ئۆتكۈزۋاتقانلىقى، شۇڭا 250 مىڭ دوللارغا پۇقرالىق بېرىش خىتايلار نۇقتىسىدىن تۈركىيەنى خەتەرگە ئېلىپ كىرىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى، شۇڭا بۇنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ۋە كىشىلەرگە يەتكۈزۈش كېرەكلىكى، ئىستانبۇلنى خىتاي بېسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئويغىنىش كېرەكلىكى، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بۇ رايونغا، تۈرك تۇپراقلىرىغا بېسىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر تۈرنىڭ پۈتۈن تۈرك تۇپراقلىرىدىكى يول لىنىيىسىدە تۈركلەر ئىشلىتىلىشى كېرەكلىكى، بولمىسا خىتاي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆز خەلقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كېيىن تۈرك تۇپراقلىرى قولدىن كېتىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان بۇنىڭ جانلىق مىسالى ئىكەنلىكى، بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن كۈننىڭ باشقا قېرىنداش تۈركلەرنىڭ بېشىغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سەگەك بولۇشقا چاقىرىدىغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

ئىككىنجى بولۇپ، خىتاي تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى “يىپەك يولى – بىر يول بىر بەلباغ بويىدىكى يەر ئىسىملىرىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇلۇشى” تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكلاتىدا، 2008 – يىلى ئىستانبۇلدا “يىپەك يولى” ھەققىدە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولغانلىقى، بۇ پىروگرامدا چىققان ژورنالنىڭ بىرىنچى بېتىدا يىپەك يولى خەرىتىسى قويۇلغانلىقى ۋە بۇ يەردىكى يەر ناملىرى خىتايچە لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغانلىقى، بۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئىش ئىكەنلىكى، خەرىتىلەردىكى خىتايچىلاشتۇرۇلغان يەر ناملىرىنىڭ تۈزىتىلىشى كېرەكلىكى، خەرىتىلەردىكى يەر ئىسىملىرىنىڭ يېيىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە پىكىر قىلدى.

ئۇ دوكىلاتىدا يەنە، ئۆتكەندە بىر مەزگىل قىزىق نۇقتا بولغان، ئىستانبۇلدىكى ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خىتايچىسىنىڭ يېزىلغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىپ، چەمبەرلىتاشنى “كونستانتىن خاتىرە مۇنارى” دەپ تەرجىمە قىلىشىنىڭ ئۆزىنى خىتاينىڭ تۈركىيەنى ۋە ئىستانبۇلنى ئىنكار قىلغانلىق ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ ھىيلىگەرلەرچە قىلغان تەرجىمىسىگە تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە جايلار مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى، ناھايىتى ئەپسۇس، بۇنداق بولمىغانلىقى، بىر يول بىر بەلباغ لىنىيەسىدىكى نۇرغۇن يەر ئىسىملىرى خىتايچىلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭغا تۈركىيە ئاۋازىنى چىقىرىشى كېرەكلىكى، بولمىسا كېيىن خىتاي نومۇسسىزلارچە  خەرىتىدىكى يەر-جاي ئىسىملىرىنى كۆرسىتىپ، بۇ تۇپراقلار بىزنىڭ دېيىشى ئېنىق ئىكەنلىكى، مەيلى تۈركىيەدىكى لىنىيەسىدە بولسۇن ياكى باشقا تۈرك تۇپراقلىرىدا بولسۇن، خىتاينىڭ بۇنداق ئۆزىچە ئىسىم قويۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەكلىكى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىشلاردا قانچىلىك ھىيلىگەر ۋە نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

ئاخىرىدا تۈركىيەدە تونۇلغان ئىستىراتىگىيە مۇتەخەسىسى ۋە ئىستانبۇل ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تىجارەت بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رامىزان كۇرتئوغلى ئەپەندى “ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كېلەچىكى نۇقتىسىدىن خىتاي، ئىسرائىلىيە ۋە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى” تېمىسىدا دوكىلات بەردى.

ئۇ دوكىلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىسىدە توختىلىپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ھەقىقىي ئىنسادەك ياشاشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى، تارىختا ياۋروپا تەڭپۇڭپۇقنى ساقلاش ئۈچۈن خىتاينى رۇسىيەگە قارىشى قوللانغان بولسا، ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەھۋال بولۇۋاتقانلىقى، يېڭى بىر دۇنيا خەرىتىسى سىزىلىۋاتقانلىقى، خىتاي ناھايىتى ھىيلىگەرلىك بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئىقتىساد ۋە دىن سىياسىتىنى چۈشەنمىسە، ھازىر دۇنيادا نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ماھىيىتىدىن چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقى، بۇرمىلانغان يېڭى پاسون يىپەك يولى (بىر يول بىر بەلباغ) تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ھەم پايدىلىق ھەم زىيانلىق ئىكەنلىكى، بۇ ئىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئاجىز نۇقتىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىكەنلىكى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قالايمىقانلىشىدا ھەر دائىم غەربنىڭ قولى بارلىقى، غەربنىڭ قانداشلىق ياكى دىنداشلىققا قارىتا بىزگە ياردەم قىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىكى، شۇڭا ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدىغانلىقى، بۇنداق دېگەنلىك ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتماسلىق دېگەنلىك ئەمەسلىكى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىنى (ئۇيغۇرلارنى) قوللىنىشىنى خالىمايدىغانلىقى، خەلقئارالىق سىياسەتلەرنى ئۆگەنگەندە، ئوقۇغاندا قىلنى قىرىق يېرىش كېرەكلىكى، ھەممە ئىش يېزىلغىنىدەك بولۇشى ناتايىنلىقى، خىتاي ئۇنداق كۈچلۈكمۇ ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، خىتايغا بۇنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەكلىكى، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خىتاينىڭ بىر مىليارد پۇقراسىنىڭ قارنى توق كىيىمى پۈتۈن بولۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنساندەك ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە ئاخىرىدا خىتايلارغا خىتابەن: “سىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا زۇلۇم قىلىۋاتساڭلار، بىز تۈركىيە دۆلىتى بولۇپ سۈپىتىمىز بىلەن، سىلەرنىڭ پويىزلىرىڭلارنىڭ بىمالال ئۆتۈشىگە يول قويامدۇق؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۇخلىماي چۈش كۆرمەڭلار. نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنيانىڭ بۇ ئىشلىرى تۈركىيەسىز ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. ئاتا تۈرك مۇنداق دېگەن: «تۈركلەرنى ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇش تەس ئىش، ئەڭ تەس بولىدىغىنى دەس تۇرۇپ بولغان تۈركنى توختىتىش» دېدى.

دوكلات بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۈركىيەدە تونۇلغان ئىستىراتىگىيە مۇتەخەسىسى ۋە ئىستانبۇل ئايدىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا تىجارەت بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رامىزان كۇرتئوغلى ئەپەندى بىلەن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىستانبۇلدا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دوستى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەلى ئەخمەتبەگئوغلى ئەپەندىلەرگە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان ئىلمىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بادام دوپپىسى ھەدىيە قىلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top