ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى

ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 14- ۋە 15- كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىستانبۇل باغچەلىئەۋلەردىكى ئىشخانىسىدا 1-نۆۋەتلىك «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە ئىككى كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى كۇرسقا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 14 نەپەر ئۇيغۇر ياش قاتناشتى.

كۇرسقا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىك قىلدى. ئېچىلىش مۇراسىمى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ئېچىلىش نوتۇقى سۆزلىدى.

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى سۆزلىدى، كۇرسنىڭ مەقسەت – نىشانى، ئالدىنقى قېتىملىق كۇرۇسلارنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىكى ۋە جەمىئىيەتتىكى تەسىرى ۋە بۇ كۇرسنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇندىن كېيىن بۇ تۈر كۇرسلارنىڭ تېخىمۇ مول بىر شەكىلدە داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى: «ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر دەۋاسى يېڭى بىر سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى، ئامېرىكىدا قانۇن لاھىيەسى ئىمزالىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ قانۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇندىن كېيىن بىزنى ھېچكىم تېرورچى دەپ ئەيىبلىيەلمەيدۇ. بۇرۇن تېرورچى بولغان بولساق، ھازىر ئىشغال قىلىنغان بىر تۇپراقنى ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈچىلەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىمىز. ياشلار بىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز ۋە قۇرۇلغۇسى دۆلىتىمىزنىڭ تايانچ كۈچلىرىدۇر. بىز ئۇلارنى تەربىيەلەپ تەييارلىقنى پۇختا قىلىشىمىز كېرەك!» دىدى.

بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ 1-كۈنىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت قىسمىدا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول باشچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ياۋرۇپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى» تىمىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپۇنىيەدىكى ۋەكىلى ۋە ياپۇنىيە ئۇيغۇر جەمىئىيىتى رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى «ياپۇنىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىسىدا ۋە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت ئەزاسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دىگەن تېمىدا دەرس سۆزلىدى. بۇ دەرسلەر تور ئالاقە قۇرالى بولغان سىكايپى ئارقىلىق نەخمەيداندىن سۆزلەندى.

كۇرسنىڭ 2-كۈنىدىكى مىللىي كۆرەش يوللىرى قىسمىدا، ئىزمېر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىرۇفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھىندىلارنىڭ مىللىي كۆرەش يولى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى، تۈركىيە تاشقى تۈركلەر ۋە قىرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى «يەھۇدىلارنىڭ مىللىي كۆرەش يولى» ھەققىدە، بەيكەنىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم بوسنىيەلىكلەرنىڭ مىللىي كۈرەش يولى ھەققىدە، ئاخىرىدا 15-نويابىر سېپرۇس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ئەپەندى «كوسوۋالىقلارنىڭ مىللىي كۆرەش يولى» ھەققىدە دەرسلەر بەردى.

بۇ ئىككى كۈنلۈك كۇرستا 14 نەپەر ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياش خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە دەرس ئاڭلىدى ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ھەم شۇنداقلا ھىندى، يەھۇدى، بوشناق ۋە كوسوۋالىق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە كۆرەش يوللىرىنى ئۆگەندى. بۇ خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرى يەنە داۋاملىق ئېچىلىدىغان بولۇپ، كونكېرىت ۋاقتى پات ئارىدا ئىلان قىلىنىدۇ.


كۇرسنىڭ تەپسىلىي قىسمىنى تۆۋەندىكى تولۇق نۇسخىسىدىن كۆرگەيسىز.

كۇرسنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە 1-دەرس «ياۋرۇپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى» تىمىسىدا سۆزلەندى. دەرسىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول باشچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولغان سېكايپى ئارقىلىق توردىن نەخمەيداندىن دەرس سۈپىتىدە سۆزلىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۆۋەتتە كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتقان شەرقىې تۈركىستان دەۋاسى ھەققىدە توختىلىپ ياۋرۇپانىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنى ئاڭلاتتى.

ئۇ مۇنداق دىدى: «گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئاساسلىق رول ئوينايدىغان ئىككى چوڭ گەۋدە بولۇپ، بىزنىڭ دەۋايىمىزغا نىسبەتەن ناھايتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ئاساسەن گېرمانىيە بىلەن بولۇۋاتىدۇ. گىرمانىيە قاتارلىق ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاي بىلەن سودا قىلسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئاساسى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. سۈزۈكلۈك، ھوقۇقنى خەلققە بېرىش، دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدار قىلىش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار ياۋرۇپا گەۋدىسىكى دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قارشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھىچبىرى خىتايدا يوق. پەقەت سودىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ قىممەت قاراشلىرىدا چىڭ تۇرالمىسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆرە تۇرالىشى ناتايىن. شۇڭا ياۋرۇپا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن ئىلىپ بىرىۋاتقان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە قىممەت قاراشلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايەن قىلىشقا مەجبۇر.

ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى تەبىئي ھالدا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە دىمۇكراتىيە مەسىللىرىگە سەل قارىماسلىققا تۈرتكە بولىدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىې تۈركىستان دەۋاسىدىكى رولىمۇ ناھايىتى زور بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياۋرۇپادا بۇ خىل قۇرلۇشلارنىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇمۇ بىزگە پايدىلىق. گېرمانىيەدە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ بىزگە بولغان ياردىمى چوڭ، ئۆزلىكىدىن بىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرىمىز دەپ سورايدىغانلار، بىزنىڭ مەسىلىمىزنى كۈنتەرتىپكە ئىلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن نامايىش، كونفېرانىس ۋە يىغىن ئورۇنلاشتەك ئىجابىي يۈزلىنىشلەر كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. »

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قارشى ۋە پىرىنسىپلىىرىدىن سىرت دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزلەشتەك سىياسىې مەقسىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا مۇنداق دىدى: «نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۆز مەنپەئىتىگە توقۇنۇشقاندا ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىدىكەن. ھازىر باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا. بىزنىڭ مەسىلىمىز پەقەت بىز ئۈچۈنلا بىرىنچى دەرىجىلىك مەسىلە، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۆزىگە مۇھىم بولغان مەسىللىرى بار. ئۇلارنىڭ مەسىلىسى بىلەن بىزنىڭ مەسىللىرىمىز بىر ئورتاق نۇقتىدا ئۇچراشقاندا ئاندىن تېخىمۇ دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە دۇنيادا بىزدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا دۇچار بولغان مىللەتلەر بار. مىيانمار مەسىلىسىنى مىسال قىلساق، كىشىلەرنى تىرىك كۆيدۈرۈۋاتقان ۋىدېئولۇق ئىسپاتلىرى بار، شۇنداق تۇرۇقلۇق دۇنيا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكىنى يوق. شۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بىر پاجىئە بولسىلا دۇنيا ھەرىكەتكە كېلىشى مۇمكىن ئەمەسكەن، شۇڭا بىز تىرىشىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەزىيىتىمىزنى ئەتراپىمىزغا مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.»

دولقۇن ئەسيا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا جازا لاگېرى مەسىلىنى تىلغا ئىلىپ، ئۇنىڭ دۇنيا كۈنتەرتىپىگە كىلىش جەريانى ھەققىدە توختالدى: «2018-يىلى 10-ئايغىچە خىتاي لاگېرلارنى رەت قىلىپ كەلگەن. كىيىن ئارقىمۇ-ئارقا چىقىۋاتقان دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدا ئۆزىنى پەردازلاشقا مەجبۇر قالدى. ھازىر خىتاي دائىرلىرى كىشىلەرنى قويۇپ بەردۇق، دەپ بىلجىرلاپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. دەسلەپتە لاگېرغا كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ تۇغقانلىرى گۇۋاھلىق بېرىشكە ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىسپاتلاشقا ئامالسىز قالدۇق. ھازىر ئۇ مەسىلىلەرمۇ بارا-بارا ھەل قىلىنىشقا باشلىدى.»

دەرسىنىڭ ئاخىرىدا كۇرسانېتلار دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن بەزى سوئاللارنى سورىدى. مەلۇم بىر كۇرسانت ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدىكى رولى ھەققىدە سوئال سورىدى، يەنە بىر كۇرسانت غەرپ مېدىيالىرى نىمە سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستان دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ؟ بۇ غەرپنىڭ ئاخبارات ئۆلچىمىمۇ ياكى سىياسىې ۋەزىيەتتىنىڭ تەلىپىمۇ دەپ سورىدى. بىرىنچى سوئالغا نىسبەتەن دولقۇن ئەپسا ئەپەندى قىسقىغىنە قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ خىتايدا تۇرۇپ خىتاينىڭ ئاساسىې قانۇنى ۋە پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش تەرەپتارى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ پوزىتىسىيەسىنىڭ خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن مۇۋاپىق تاللاش بولسىمۇ ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ياكى چەتئەلگە چىققاندىن كىيىن مەزكۇر پوزىتسىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومىي ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، گەرچە سىياىسي جەرياندا بەزى باسقۇچلار ۋە شارائىتلار ئىنىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا يار بەرمىسىمۇ، چەتئەلدىكى ھەربىر ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىكەنلىكىنى قەيىت قىلدى. شۇنداق ئىلھام توختى مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى ئۈچۈن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، خىتايدىن مۇستەقىللىق ياكى ئالىي ئاپتۇنۇمىيە ئەمەس ئۆزىنىڭ قانۇنىغا زىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇددەتسىز قامىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەقسىتىدە تۇتۇشقا تىگىشلىك پوزىتىسەگە سىگىنال بولدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلدى. ئىككىنچى سوئالغا نىسبەتەن، بەزىلىرىنڭ مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى، بەزى مېدىيا قۇرۇلۇشلىرى تەرەپسىزلىك پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىش شۇئارى ئاستىدا ب د ت دا ئەنگە ئىلىنغان دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ نامىنى ئىشلىتىشنى تاللايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.

كۇرسنىڭ 2-دەرسىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپۇنىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى «ياپۇنىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» تېمىسىدا لىكسىيە بەردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىمۇ دەرسىنى ئوخشاشلا سېكايپىدىن تور دەرسى سۈپىتىدە ئۆتتى. ئۇ ناھايىتى يغىنچاق قىلىپ ياپۇنىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر مەسلىسى ھەققىدە مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «تۆت يىل خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى يىرىك ھالەتكە كەلگەنىدى. بۇ خىتاي بىلەن ياپۇنىيە ئارىسدىكى ئارال كىرىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يېقىندا ياپونىيە خىتاي بىلەن سودا ھەمكارلىقى قىلىۋاتىدۇ. ياپۇنىيە، خىتاي بىيىسا ئۆزلىكىدىنلا ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دەپ قارىغاچقا، يىللاردىن بۇيان خىتاينى سەمىرىتىپ قويدى. ياپونىيە ھازىرمۇ خىتاي بىلەن سودادا يىراقلىشىپ كېتىشنى خالىمايدۇ. شۇڭلاشقا بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئامال قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمىز. نۆۋەتتە ھاكىمىيەت تۇرۇۋاتقان ئابى شىنزۇ ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت بىشىغا كىلىشتىن بۇرۇن ياپونىيە ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. لېكىن ئۇلار ۋەزىپىگە چىققاندىن كېيىن ھەر خىل باھانىلەرنى دەپ دەۋايىمىزغا ياردەم قىلىشتىن قاچتى. ھازىر ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىزگە قۇلاقنى يوپۇرۋېلىش، كۆزنى يۇمۇۋېلىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى تېلىۋۇزۇر قاناللىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دەۋايىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا تىرىشۋاتىمىز. بۇنىڭ بىر قاتار ئۈنۈمىمۇ كۆرۈلگەن بولدى. ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ نامايىش قىلىدىغان ۋە داۋايىمىزغا ھىسداشلىق قىلىدىغان ياپۇنلار كۆپىيىۋاتىدۇ.

كۇرسنىڭ 3-دەرسى «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» دىگەن تېمىدا بولۇپ، مەزكۇر تېمىنى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ھەيئەت ئەزاسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندى تور ئارقىلىق سىكايپىدا سۆزلەپ بەردى. ئۇ خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ تارىختىن بۇيانقى مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ، پات – پات ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋالغۇشلارغا ئۇچراپ تۇرغانلىقى، 89-يىلىدىكى تىيەنئەنمىن ۋەقەسى سەۋەبىدىن يىرىكلەشكەنلىكى، 2000-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا خىتاي ئىقتىسادى ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلغان بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى زايۇم سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنى قەرزگە بوغۇپ قويغانلىقى،  ترامپ يېڭىدىن ۋەزىپىگە چىققاندا مۇناسىۋەتنى ياخشى ساقلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن  تامۇژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ۋە بىر قىسىم خىتاي ماللىرىنى چەكلەش قاتارلىق قارالارنى ماقۇللىشى سەۋەپلىك سۈركىلىش كىلىپ چىققانلىقىنى قەيىت قىلدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا، ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدە، ئامېرىكا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى خىتايغا سېتىشقا تىرىشدۇ.

ئامېرىكىدا سايلامغا بېلەت تاشلايدىغانلار ئاساسلىق ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە چەت جايلاردا ياشايدىغانلار بولۇپ، بۇ مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتقاندا ئامېرىكا خىتاينى قىسقا ۋاقىتتا ۋەيران قىلىۋېتىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئامېرىكا خىتايغا يەنىلا چوڭ مەبلەغ سالماقتا. خىتاينىڭ ئىشىپ بىرىۋاتقان تەھدىتى، خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىشى ئامېرىكانىڭ بەزى قىممەت قاراشلىرىغا زىت. شۇڭا ئۇيغۇر، خوڭكوڭ ۋە تىبەت مەسىلىسىمۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن چىقارغان قارارلىرى بار، لېكىن ئىجرا قىلىنغانلىرى ناھايىتى ئاز.

ھۆكۈمەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئوباما ۋە ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك كۆپ ھەرىكەت قىلىپ كەتمىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دەۋاسى ئامېرىكادا خەلق دەۋاسىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. 4-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارغا دائىر مەسىلىلەر قىزغىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ. قانۇن لاھىيەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇلۇشى ئازىيىدۇ دەپ قارايمەن. يەنە ئۇيغۇرلارغا مۇناسۋەتلىك بىر قىسىم ئىقتىسادىي ياردەملەر كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭدىن سېرىت ئامېرىكا خىتايغا بەزى تېخىنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىىسى، «د ن ئا» سىنى يىغىشقا ئىشىلىتىدىغان ئەسۋاپلارنى سېتىشنى توختىتىشى مۇمكىن، دىگەنلەرنى ئىلاۋە قىلدى.

دەرس ئاخىرىدا مەلۇم كۇرسانىتنىڭ يىقىندا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن قانۇن لاھىيەسىنىڭ تىرامىپ تەرىپىدىن ماقۇللانماي قېلىش ئىھتىمالىققىغا نىسبەتەن دوكتۇر مەمەت ئىمىن مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: «ئۆتىدۇ دەپ قارايمەن. ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا كۆپ قىسىم سەناتورلار بۇ قانۇن لاھىيەسىگە ناھايىتى ئىجابىي پوزىتىسىيەدە بولۇۋاتىدۇ. سەناتورلار ئۈچتە ئىككى قىسمى بۇ قانۇن لاھىيەسىگە قوشۇلسا تىرامىپنىڭ ئىمزاسىغا كېرەك قالمايلا قارار ماقۇللىنىدۇ، لېكىن سايلام يىقىنلىشىپ قالغاچقا يىل بېشىدا ترامپنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش پىلانلىنىۋېتىپتۇ. شۇڭلاشقا ئامال بار تىز بولسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى دىگەن ئۈمىدتىمەن.»

قانۇن لايىھەسى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى كېرەك؟ دىگەن سوئالغان دوكتۇر مەمەت ئىمىن مۇنداق جاۋاپ بەردى: «بەلكىم قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئىز دىرىكىنى قىلالمايۋاتقان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىسا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۈچۈن دۆلەت مەنپەئىتى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ياخشى يىرى يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئامېرىكىدا بىزنىڭ مەسىلىمىز ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇۋاتقاچقا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىدەك بولۇپ قالدى.»

كۇرس ئارلىقىدا كۇرسانېتلار سۆزلەنگەن لىكسىيەلەر ھەققىدە بەس-بەستە قىزغىن مۇنازىرە قىلىپ ئۆز كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. كۇرسنىڭ كەيپىياتى باشتىن ئاخىرى ناھايىتى يۇقىرى كەيپىياتتا داۋاملاشتى ۋە 1-كۈنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

مەزكۇر كۇرسنىڭ ئىككىنچى كۈنى 15-دېكابىر داۋام قىلغان بولۇپ، كۇرسنىڭ مەزمۇنى مەخسۇس تارىختا مۇستەملىكىگە ئۇچرىغان ئەمما ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ چىققان ھىندى، يەھۇدى، بوشناق ۋە كوسوۋالىقلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يوللىرى ھەققىدە بولدى.

كۇرۇسنىڭ 4-دەرسىدە ئىزمېر ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پىرۇفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ھىندىلارنىڭ مىللىي كۆرەش يولى ھەققىدە لىكىسيە سۆزلىدى.

ئاكادېمىك ئۇسلۇپتا تەييارلانغان بۇ لىكسىيەدە ھىندىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئىنگىلىزلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ھىندىلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە مۇستەملىكە كۈچ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ھىندىلارنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش قەدەم باسقۇچلىرى، تايانغان پىكىر ۋە قىممەت قاراشلىرى، ھىندىلارنىڭ رەھبىرى گەندىنىڭ لىدىرلىق ئوبرازى ۋە ئۇنىڭ شەخسى ھاياتى ھەققىدە تەپىسلى مەلۇمات بىرىلدى. ھىندىلارنىڭ مۇستەملىكىچى ئىنگىلىزلارنىڭ ماللىرىنى بايقۇت قىلىشى، كۈلتۈر ۋە ئادەتلىرىنى رەت قىلىشى، بىر پىكىرنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشىشى ۋە بىر رەھبەرنىڭ يول-يورۇقىغا ئاۋاز قوشۇشى قاتارلىقلارنىڭ مىللىي كۆرىشىمىزدىكى كەمچىللىكلەر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

كۇرسنىڭ 5-دەرسنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى، تاشقى تۈركلەر ۋە قىرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇتەخەسسىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان بەردى. ئابدۇلھەمىد قاراخان «يەھۇدىلارنىڭ مىللىي كۆرەش يولى» دىگەن تېمىدا توختالغان بولۇپ، تېمىنىڭ مەزمۇنى يەھۇدىلار تارىخى، يەھۇدىلارنىڭ دىنى ئىتىقادى، يەھۇدىلارنىڭ 1800 يىللىق سۈرگۈن ھاياتى ۋ دۆلەت قۇرۇش جەريانى ھەققىدە بولدى. 1800 يىلغا يىقىن سەرگەردانلىقتا يۈرگەن يەھۇدىلاردا 1862-يىللىرىدىن باشلاپ دۆلەت قۇرۇش پىكرى ئوتتۇرغا چىققانلىقى، دۆلەت قۇرۇش پىكرىنى خېسىس، پىنىسكىر ۋە خېرزىل قاتارلىق ئۈچ يەھۇدى تەتقىقاتچى پەرىقلىق ۋاقىتلاردا ئوتتۇرغا قويغانلىقى، بۇ پىكىرلەرنى ئاساسلىق ئىككى ئىقىمغا ئايرىشقا بولىدىغانلىقى يەنى، بىرىنچىسى يەھۇدىلارنىڭ قەدىمى دۆلىتى ئىرۇسالىمغا قايتىپ دۆلەت قۇرۇش پىكىرى، ئىكىنچىسى، ئارگېنتىنا ياكى فىرانسۇزلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى ئاڧرىقىدىن زىمىن سىتىۋىلىش پىكرى ئىكەنلىكى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلدى. يەھۇدىلارنىڭ 1800 يىلغا سوزۇلغا سەرگەردانلىق تارىخىدا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغان ئەڭ مۇھىم ئامىلنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىشى بىلەن دىنىي ئىتقادىدا مۇستەھكەم تۇرىشى ۋە ئىلىم-پەنگە قاتتىق ئەھمىيەت بىرىشى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئالاھىدە مۇنازىرە بولدى.

كۇرۇسنىڭ 6-دەرسى بوسنىيەلىكلەرنىڭ مىللىي كۈرەش يولى ھەققىدە بولدى. بۇ تېمىنى بەيكەنىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم سۆزلىدى. مەغپىرەت خانىم بوسنىيەنى ئۆزى بىۋاستە زىيارەت قىلغان بولۇپ، لىكىسيە جەريانىدا  بوسنىيەدىكى ئۇرۇش خارابىلىرى، ئۇرۇش مۇزىخانلىرى ۋە بوسنىيە خەلقىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئالغان تەسىراتلىرىنى كۇرسانىتلار بىلەن ئورتاقلىشىپ تېمىنى تېخىمۇ جانلىق ئېچىپ بەردى. ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاش كومىنىست ئاسارىتىدە ۋە زۇلمىدا قالغان بوشناق خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا تۆلىگەن قانلىق بەدىلى، ياۋرۇپا ۋە دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ بوسنىيە تىراگېدىيەسىگە سۈكۈت قىلىش ۋە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئاخىردا بوسنىيەنىڭ مىللىي داھىيىسى ۋە مەشھۇر سىياسىيۇن، مۇتەپەككۇر ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنىڭ ھاياتى ۋە لىدىرلىقى ھەققىدە توختالدى. كۇرسانىتلارنىڭ تىمىغا بولغان قىزىقىشى ۋە سۆز قاتناشتۇرىشىمۇ ناھايىتى ئاكتىپ بولدى.

دوكتور مەغپىرەت خانىم لىكسىيەسىدە قىسقىچە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «سارايبوسنا 15- ئەسىردىن باشلاپ ئاۋات بىر شەھەرگە ئايلانغان. ئوسمانلىنىڭ تەسىرى بىلەن كېيىنچە مۇسۇلمانلىقنى قونۇل قىلىپ ناھايىتى ئاۋات بىر خەلق بولۇپ ياشايدۇ. ئوسمانلىنىڭ ۋەيران بولىشىدىن كېيىن يۇگۇسلاۋىيەگە تەۋە بولۇپ ياشايدۇ. 1990- يىلى بۇلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەققىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1992- يىلى دۆلىتىنى قۇرغان. ئەمما خىرۋاتلار بوشناقلارنى بۇ جۇغراپىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن سىرپلارنى ۋە بوشنالىقلارنى ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كىتىشكە زورلايدۇ، چىقمىغانلارنى قىرغىن قىلىدۇ. بۇ يەردە بولىنىۋاتقان قەتلىئاملار باشتا مەخپىي بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، كېيىن خەلقئاراغا ئاستا – ئاستا ئاشكارلىنىشقا باشلىغان.

كۈنىمىزدە شۇ ۋاقىتتا ئۆلتۈرۈلگەن 350 مۇسۇلماننى قانداق قىيىن قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن بىر مۇزىي بار. بۇ قىيىن قىستاقلاردىن كېيىن، بوشناقلار بىلەن سىرپلار نامايىش قىلىشقا باشلايدۇ. كوچىلاردا مۇسۇلمان بوشناق ئەسكەرلىرى بىلەن خىرۋاتلار ئارىسىدا كوچا ئۇرىشى باشلىنىدۇ. خىرۋاتلار لاگېر قۇرۇپ شەھەردىكى بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلارنى ۋە سىرپلارنى لاگېرغا سولاشقا باشلايدۇ. سىرپ ۋە بوسنىيەلىك ئەسكەرلەر شەھەردە ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆز – ئارا ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئىنژېنىرلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مېتىر كەڭلىكتە ۋە 80 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا تونېل قېزىشقا باشلىغان. 4 ئايلىق قېزىش نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ بىر – بىرى بىلەن ئۇچراشقان. 1992-1995 كىچە ئۈچ يىل داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە بوسنادا تۇرۇشلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىر لاگېر قۇرۇپ ئاياللار ۋە بالىلارنى مۇشۇ لاگىردا پاناھلىققا ئالغان. ئەمما خىرۋاتلار بۇ لاگېردىكى بالىلارنى نىشانچىلار ۋاستىسى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە تىرىشقان. 1995-يىلى دانىتون توختامنامىسى بىلەن ئۇرۇش توختىتىلغان. بۇنىڭدىن كېيىن بوشنالىقلار مۇستەقىل بوسنىيە قۇرىمىز دىگەن، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوشۇلمىغان. شۇنىڭ بىلەن سىرپلار، خىرتلار ۋە بوسنالىقلاردىن تەركىپ تاپقان فېدىرال بىر دۆلەت قۇرۇلغان.»

مەغپىرەت كامال خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى :«ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىككى خىل بولۇپ، بىرىنجىسى بىئولوگىيەلىك قىرغىنچىلىق، ئىككىنجىسى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر. بۇلاردىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ يوقۇلۇپ كىتىشىگە يول ئاچىدىغان خەتەرلىك پاجىئەدۇر.»

كۇرسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 7-دەرسى «كوسوۋالىقلارنىڭ مىللىي كۆرەش يولى» ھەققىدە بولۇپ، بۇ تېمنى 15-نويابىر سېپرۇس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ئەپەندى سۆزلىدى.

دوكتۇر شەۋكەت ناسىر لىكسىيەسىدە كوسوۋانىڭ تارىخى، يەر كۆلىمى، نۇپۇسى، ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئەڭ ئاخىرىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. لىكسىيەدە ئەڭ دىققەت تارتىدىغان نۇقتا بۈگۈن كوسوۋا جۇمھۇرىيەتىنى دۇنيادا 115 دۆلەتلا ئىتراپ قىلىدۇ. سىرپلارنىڭ تەسىرىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ش ئا ئە ت، ھەتتا ياۋروپا بىرلىكىگىمۇ ئەزا بولالمايۋاتىدۇ-دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ شەخسىى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ئۇ خىتاي ۋە روسىيەنىڭ كوسوۋانى ئىتراپ قىلماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەگەر ئۇلار كوسوۋانى ئىتراپ قىلسا ئۆز دۆلەتلىرى ئىچىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۆرەشكە ئاتلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. يەنى رۇس ئىشغالىيتىدىكى قىرىم ۋە چىچەنىستان، خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقى تۈركىستان، تىبەت… قاتارلىقلار.

دوكتۇر شەۋكەت ناسىر ئەپەندى شەرقىې تۈركىستان ۋە كوسوۋانىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقى ھەقىقىدە توختۇلۇپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

«كوسوۋا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشاشلىقى، ئىككىلىسى تارىخىي ۋە ئسىتراتېگىيەلىك رايون، ئوخشىمىغان پەرقلىق مىللەتلەر ياشاۋاتىدۇ، ھەر ئىككىسى ئاپتونۇم رايۇن ئەمما مۇستەقىللىكە رۇخسەت يوق، ئىككىلىسى كومۇنىزىم بىلەن ئىدارە قىلىنغان، ئىككىلى مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى نۆۋەتتە تۇرۇۋاتقان ۋەتىنى شۇ، دىنى ئوخشاش ئىسلام.

كوسوۋا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەرقلىرى بولسا، كوسوۋانىڭ قوشنىلىرى زامانىۋى جەھەتتىن مەدەنىيەتلىك، ئىقتىسادى جەھەتتىن قۇدرەتلىك دۆلەتلەر، بولۇپ، خۇغراپىيەلىك ئورنى جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئىگە. ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەر ئىقتىسادى ئىنتايىن بەربات ۋە مۇستەبىت دۆلەتلەردۇر. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيىتى ۋە كىملىكى تېخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، كوسوۋا ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىرى ئاسىيادا بىرى ياۋروپا قىتئەسىدە.»

شۇنداق قىلىپ، كۇرسنىڭ ئىككىنچى كۈنىمۇ باشتىن ئاياغ ناھايىتى تەرتىپلىك ۋە جانلىق ئىلىپ بېرىلدى. كۇرس ئاخىرىدا ئاكادىمييە رەئىسى پرۇفېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت كۇرسانىتلارغا شاھادەتنامە تارقىتىپ بەردى ۋە كۇرسانىتلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. كۇرسنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يېپىلىش نوتۇقى سۆزلەپ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن 14 نەپەر پىداكار ئۇيغۇر ياشنىڭ پىداكارلىقىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى دەپ ئۇلارغا رەھمەت ئېيىتتى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، ئىككى كۈنلۈك «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ھەر بىر دەرسىدە ۋاقىتقا رىئايە قىلىغان ئاساستا ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا غەلبىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى، بۇ خىل تەربىيەلەس كۇرسلىرىنىڭ يەنە داۋاملىق ئېچىلىدىغانلىقىنى، كونكېرىت ۋاقتىنىڭ پات ئارىدا ئىلان قىلنىدىغانلىقىن بايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى كۇرستا 14 نەپەر ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياش خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزدى. ھەم شۇنداقلا ھىندى، يەھۇدى، بوشناق ۋە كوسوۋالىق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە كۆرەش يوللىرىنى ئۆگەندى. بۇ پىداكار ياشلار كەلگۈسى مۇستەقىل ۋەتىنىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىدا مەزمۇت ئۇل تاشلاردىن بولۇپ قالغۇسى.

2019-يىلى 17-دېكابىر، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش