ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2-قېتىملىق «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2020-يىلى 18- ۋە 19- يانىۋار شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » سىياسىي ئاكىتىپلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان تەنقىت ۋە ھۇجۇملار توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

سىياسىي ئاكىتىپلىرىمىز دۇچ كېلىۋاتقان تەنقىت ۋە ھۇجۇملار توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

دوختور مەمەت ئىمىن (كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى)

مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي داۋايىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ۋەزىيەتكە بولغان دىققىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ كۈچۈيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ قوللۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. ئەگەر دىققەت قىلساق، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزىۋاتقان رەزىل  سىياسەتلىرىنى ئاقلايدىغان تەشۋىقات ماتىرياللىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بىرگە، ھەر خىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داۋاغا، بولۇپمۇ داۋانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان سىياسىي ئاكىتىپلىرىمىزغا قارىتا ھەر خىل سەلبى ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملارنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. گەرچە سىياسىي ئاكىتىپلىرىمىزغا قارشى سەلبىي ئۇچۇرلار تارقىتىۋاتقان ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئۇ ئىنسانلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلار تارقاتقان سەلبى ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملار، بىر تەرەپتىن بىر قىسىم سىياسىي ئاكىتىپلىرىمىزنىڭ روھىي كەيپىياتىغا، نورمال ھاياتىغا، خىزمەت ۋە ئۈگۈنۈش ئۈنىمىگە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ داۋادىكى ئاكتىپچانلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ جامائەت ئىچىدە ھەر خىل سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

سىياسىي ئاكتىپلىرىمىزغا قارشى ئوتۇرغا چىققان سەلبىي ئۇچۇرلار ۋە ھۇجۇملارنىڭ بەزىلىرى ئىسمى-جىسمى ئېنىق بولغان بەزى شەخىسلەردىن كەلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىسمى-جىسمى ئېنىق بولمىغان، ئۆزلىرىگە ھەر خىل چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇۋالغان ئاتالمىش “ئۆكتىچىلەر” لەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بەزىلىرى ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ پايدىسىغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى پەرىق ئىتەلمەيدىغان نادان، جاھىل، رادىكال، پىسخىكىسى بۇزۇلغان ۋە ياكى ھەسسەتخور، كۆرەلمەس ئىنسانلار بولسا كىرەك. بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىياسىي ئاكتىپلىرىمىزغا قارشى ئوتۇرغا قويۇلغان سەلبىي ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملارنى كۆرگىنىمىزدە، بەزىلىرىمىز ئالدىراپلا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خائىنلارنىڭ قىلمىشى دەپ يەكۈن چىقارساق، يەنە بەزىلىرىمىز ئۇ سەلبىي ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملارغا ئەگىشىپ چوقان كۆتۈرۈشتۇق؛ بەزىلىرىمىز نېمە قىلىشنى ۋە كىمنىڭ گېپىگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي بىر-بىرىمىزدىن گۇمان قىلىشقا باشلىساق، كۆپىنچىمىز ئۇ ئۇچۇر ۋە ھۇجۇملارغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلىشنى تاللىدۇق.

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىشىشى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققان، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئۈزىلىشى، ۋەتەندىن كېلىۋاتقان قاباھەتلىك خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەممىمىزنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە پىسخىكىسى ئازدۇر كۆپتۇر بۇزۇلماقتا؛ كۆپۈنچىمىزدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە غەم-ئەندىشە، قايغۇ-ھەسىرەت، نالە-شىكايەت، غەزەپ-نەپىرەت، چۈشكۈنلۈك ۋە ئۈمۈتسىزلىكلەر مەۋجۇت. شۇ سەۋەپتىن بەزىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتۇرغا قويغىنىمىزدا ۋە ياكى تەنقىدىي پىكىرلىرىمىزنى بەرگىنىمىزدە گەپ-سۆزلەرگە بەك دىققەت قىلماي، قارشى تەرەپتى رەنجىتىپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭا ئوتۇرغا چۈشكەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئالدى بىلەن چوقۇم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى پىتنە-پاسات ۋە ياكى ئۆزىمىزگە قىلىنغان  ھۇجۇم دەپ قارىماي، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ياخشى نىيەت بىلەن بىرىلگەن تەكلىپ ۋە تەنقىدىي پىكىرلەرنى پەرىقلەندۈرىشىمىز كېرەك. چۈنكى ھەممىمىزنىڭ ياشىغان مۇھىتىمىز، كۆرگەن تەربىيەرىمىز ۋە بىلىم سەۋىيەرىمىز پەرىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىگە قارىغان يۆلۈنىشىمىز، تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىمىز ئوخشىماسلىقى مۈمكىن؛ شۇ سەۋەپتىن تەنقىد بىرىش ئۇسۇلىمىز، ھەممىمىزگە يېقىپ كىتىشى ناتايىن، ھەتتا بەزىلىرىمىزدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا داۋا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ داۋاسى بولغاچقا، ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ داۋانىڭ توغرا يولدا ساغلام يۈرىشىنى كۈزۈتۈش ۋە ئۇنىڭغا تەكلىپ-پىكىر بىرىش ھەققى بار. سىياسىي ئاكتىپلىرىمىزمۇ ئىنسانغا قاراپ مۇئامىلە قىلماي، باشقىلار ئوتۇرغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ سەمىمىيىتىگە قاراش كېرەك. چۈنكى داۋا شەخسىي داۋا ئەمەس. ئۇ خاتا يولغا كىرىپ قالسا، زىيىنىنى ھەر بىر ئۇيغۇر تەڭ تارتىدۇ.

مېنىڭ قارىشىمچە سىياسىي ئاكتىپلىرىمىزغا قارشى ھەر خىل سەلبىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقان ۋە ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىنسانلارنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تۈرگە ئايرىش ۋە ياكى ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتىن ئانالىز قىلغىلى بولىشى مۈمكىن.

1. كۆز قاراش ۋە ئىدىئولوگىيەدىكى پەرىق تۈپەيلىدىن. بەزى ئىنسانلار كۆز قاراش ۋە ئىدىيە جەھەتتە ئۆزىدىن پەرىقلىق بولغانلارغا ۋە ياكى پىكىر-كۆز قاراشلىرى ئۆزىگە ياقمىغانلارغا ھەر خىل بوھتانلارنى چاپلاپ، ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. يەنە بەزى ئىنسانلارنىڭ سىياسىي ئاكتىپلىرىمىزنى ۋە ياكى داۋانىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقانلارنى مەخسەتلىك ياكى مەخسەتسىز ھالدا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدىغان ۋە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدىغان دەپ ئىككىگە ئايرىپ، ئۆز-ئارا ھۇجۇم قىلىشقا سەۋەپ بولاۋاتقانلىقىمۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت. ئۇندىن باشقا ئەگەر دىققەت قىلساق بەزى ئىنسانلىرىمىز، مەدەنىيەت سەۋىيە ۋە دىنىي جەھەتتىكى پەرىقلىق كۆز قاراشلار تۈپەيلىدىن، ئىنسانلارنى پەقەت مۇسۇلمان ۋە كاپىر دەپ ئىككىگىلا ئايرىپ، مۇسۇلمان بولمىغانلار بىلەن ئىش بىرلىكى تۈزگەنلەرگە ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇپ، ئۇلارنى بىراقلا ئىنكار قىلىدىغان ۋە ياكى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.

2. شۆھرەتپەرەسلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە قىزغانچۇقلۇق تۈپەيلىدىن. داۋا ئىچىدىكى بەزى ئىنسانلىرىمىز ئارىسىدا ئۆزىنىڭ داۋادىكى ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، مەخسەتلىك ۋە مەخسەتسىز ھالدا ئۆزىدىن باشقا سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلار بولۇشى مۈمكىن.

3. چۈشكىنلىشىش ۋە ئۈمۈتسىزلىك تۈپەيلىدىن. ۋەتەندىكى ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ ئۇزۇنغا سوزىلىشى سەۋەبىدىن، ئېغىر دەرىجىدە چۈشكىنلىشىش ۋە ئۈمۈتسىزلىككە گىرىپتار بولغان بەزى ئىنسانلار، مىللەتنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى داۋا قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى ۋە ياكى تەشكىلات باشلىقلىرىنىڭ خەلقنى خاتا يولغا باشلىغانلىقىدىن دەپ بىلىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى راھەت قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

4. خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەيدىغانلار ۋە ياكى ئۇيغۇرچە ئۈگەنگەن خىتتايلار، قەستەن ئارىمىزدا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. ۋەتەندىكى خىتتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋەتەندىكى تۇققانلارغا بېسىم

ئىشلىتىپ، ھەر خىل يۇمشاق ياكى قاتتىق تاكتىكىلارنى قوللۇنۇپ، ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان ئەھۋاللار ئوتۇرغا چىققان ئىدى. بىز پەقەتلا ئوتۇرغا چىققانلىرىنى بىلىمىز، بىراق ئوتۇرغا چىقمىغانلىرى قانچىلىك، ئۇلار قايسى دۆلەتلەردە ۋە نېمە ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ؟ بىز ئۇلارنى بەك بىلىپ كەتمەيمىز. ئۇندىن باشقا پۇل ئۈچۈن سېتىلغانلار ۋە ياكى ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن خىتتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىمۇ ھەر خىل ئىسىملارنى قوللۇنۇپ، سىياسىي ئاكتىپلارغا ۋە داۋانىڭ بېشىدىكىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

يۇقارقى ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى بەلكىم كىمگە ئىشىنىشىپ، كىمگە ئەگىشىشنى بىلمەسلىكتىن ياكى باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرىشىدىن، بىلىپ-بىلمەي شۇ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن؛ بەزىلىرى ھەتتا ئۆزلىرىنى مىللەت ئۈچۈن ھەققىي خىزمەت قىلۋاتقانلار دەپ ھېسابلىشى مۇمكىن. بىز ئۆز پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىمىزنى بايان قىلىش، جامائەت پىكىرى توپلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىشىمىز ۋە ئۇلارنى قىلىۋاتقان خاتا ھەركەتلىرىدىن ياندۇرالىشىمىز مۇمكىن؛ لېكىن كۆپۈنچىسى ئىسمى-جىسمى يوق كۆلەڭگە بولغاچقا، ئۇلار ئۆز نىيىتىدىن يانمىغىچە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە ياكى ئۇلارنى خاتا يولدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس؛ بولۇپمۇ بىزگە دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان كۈچلەرنىڭ مەقسىتى بىزنىڭ ئىتىپاقلىقىمىزنى بۇزۇپ، بىزنى روھىي جەھەتتە ۋەيران قىلىش بولغاچقا، ئۇلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچۇرمىغىچە، بىز ئۇلارنى قىلىۋاتقان ئىشىدىن توسۇپ قالالماسلىقىمىز مۈمكىن. شۇڭا مەن كۆپچىلىكنىڭ، بولۇپمۇ ھەر خىل ھۇجۇم ۋە روھىي زەربىگە ئۇچۇرغان سىياسىي ئاكتىپلارنىڭ، ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە روھىي جەھەتتىن قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچى.

ئىنسانلار ھاياتىدا ھەر خىل ماددىي ۋە مەنىۋىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدىغان بولۇپ، دۇچ كەلگەن مەنىۋىي قىيىنچىلىقلار ئىچىدە يەڭمەك ئەڭ قىيىن بولغىنى ئۆز-ئۆزىمىزنى يىڭىش ھېسابلىنىدۇ. يەنى باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق باھا بېرىشى ۋە قانداق قارىشىدىن بەكرەك، ئۆزىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە قانداق قارىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان سەلبىي باھاسىغا بولغان ھىس تۇيغۇمىز ئۈستىدىن غالىپ كىلىشىمىزدۇر. نۇرغۇن ئىنسانلار روھىي جەھەتتە باشقىلارنى ئەمەس ئۆز-ئۆزىنى يىڭەلمىگىنى ۋە ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئۆزىگە بولغان تونۇشىدىن بەكرەك باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىغا ئېتىبار بىرىدۇ؛ باشقىلار سەلبىي باھا بەرگەندە ئاسانلا رەنجىپ قالىدۇ، كۆڭلى يېرىم بولىدۇ ۋە چۈشكۈنلىشىدۇ؛ باشقىلار ئىجابىي باھا بەرگەندە ۋە ياكى ماختىغاندا ئاسانلا خوش بولۇپ لەيلەپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەر ئىنسانلارغا باھا بەرگەندە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان نەتىجىسىگە قاراپ ئەمەس، بەلكى ھازىر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىگە قاراپ باھا بىرىدۇ. شۇڭا ئەگەر يەتمەكچى بولغان نىشان ئېنىق بولسا، مىللەتكە پايدىلىق ئىش بولسا، ئالدىغا قاراپ مېڭىش كېرەك. ئامېرىكىلىق داڭلىق رىغبەتلەندۈرۈش نۇتىقى سۆزلىگۈچىسى تونى گاسكىنس مۇنداق دېگەن ئىكەن، “يالغۇز يۈرۈشكە ھازىر بولۇڭ. چۈنكى سىز بىلەن يولغا چىققان كۆپلىگەن ئىنسانلار سىز بىلەن ئاخىرغىچە يۈرىشى ناتايىن”. نىشان ئېنىق بولسا، نىيەت دۇرۇس بولسا، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە خەلقىمىزگە، جۈملىدىن سەلبىي پىكىر بەرگەن ۋە ھۇجۇم قىلغانلارغا نىسبەتەن ئەڭ كۈچلۈك جاۋاپتۇر. باشقىلارنىڭ بىزگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىگە ۋە ياكى قىلغان ئىشىمىزدىن ۋاز كەچتۈرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەرمەسلىكىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالماسلىق كېرەك دېمەكچى ئەمەسمەن. باشقىلارنىڭ پىكىرىگە قۇلاق سالغاندا، ئەڭ موھىمى ئۇلارنىڭ سەمىمىيىتىگە قارىشىمىز كېرەك؛ سەمىمىي تەنقىدلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.

ئىنساننىڭ ماھىيىتى شەخسىيەتچى بولىدۇ. شۇڭا ئىنسان ئەۋۋەل ئۆزىنى ئويلايدۇ. ئىنسانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشتە ئەڭ موھىم رول ئوينايدىغان ئامىل ھەرگىز “باشقىلار” بولماستىن، بەلكى ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئېھتىياجىدۇر. ئىنساننىڭ ئېھتىياجى دېگەندە ئاساسلىقى ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئىھتىياجلىرى كۆزدە تۇتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماددى ئىھتىياج، روھىي ئېھتىياج ۋە ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۆزىنى قانائەتلەندۇرۇش ئېھتىياجىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئېھتىياجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنساننىڭ ماددىي ئېھتىياجىنىڭ چېكى بولىدۇ، بىراق ئىنساننىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنىڭ چېكى بولمايدۇ. ئىنسان قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشنى پەقەت ئۆز مەنپەئەتىگە بىۋاستە باغلىغاندا ئاندىن ئەڭ زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولۇپ، قىلماقچى بولغان ئىشىنى ئەڭ ياخشى قىلالايدۇ. مەسىلەن، بىر ئادەم تىرىشىپ ئوقۇپ ئۇستا دوختۇر بولسا ۋە بىمارلارنى كۆيۈنۈپ ياخشى داۋالىسا، بىز  جەزمەنكى بۇ دوختۇر بۇنى پەقەت بىمارلار ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ، دېيەلمەيمىز؛ چۈنكى دوختۇر شۇ ئارقىلىق يالغۇز ئۆزىنىڭ ماددىي تۇرمىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ قالماستىن، بەلكى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ھەقىقەتەن مەيلى بىر ئىنساننىڭ مىلىياردلارچە پۇل تېپىشى بولسۇن ياكى بىر دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتى بولۇشى بولسۇن؛ مەيلى بىر ئىنساننىڭ دۇنياغا داڭلىق ئالىم بولۇشى بولسۇن ياكى داڭلىق ئارتىست بولۇشى بولسۇن ئۇ ھەرگىزمۇ يالغۇز پۇل ياكى ئىنساننىڭ ماددىي ئېھتىياجى ئۈچۈنلا بولماستىن، بەلكى ئۇ ئىنساننىڭ ئەڭ يۇقۇرى مەنىۋىي ئېھتىياجى بولغان ئۆز-ئۆزىنى قانائەتلەندۈرۈش ئېھتىياجى ئۈچۈندۇر. ماددىي ئېھتىياجدىن ئاشقان ماددىي بايلىقمۇ ئەمەلىيەتتە مەنىۋىي ئېھتىياج ئۈچۈندۇر.

ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە ئىنساننىڭ ماھىيىتى شەخسىيەچى بولىدۇ دېيىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئۆز خەلقى، مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان، ئىنسانىيەتكە مەنپەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان ئالىجاناپ روھنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەس. مەن پەقەت ئۇ روھنىڭ ئىنساندا بولىدىغان مەنىۋىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. مەسىلەن، دۇنيادا ساخاۋەتچىلىكى بىلەن ئۆچمەس ناملارنى قالدۇرغان نۇرغۇنلىغان شەخىسلەر ئۆزلىرى قىلغان ساخاۋەتلىك ئىشلىرى تۈپەيلىدىن مەنىۋىي جەھەتتە ئەڭ چوڭ خۇشاللىققا ۋە قانائەتكە ئېرىشكەن. يەنى ئۇلار ئۇ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز رازىلىقى ۋە خوشاللىقى بىلەن ئۆز كۆڭلىدىن چىقىرىپ قىلغان، ياكى ئۇلار شۇ ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى دەپ بىلگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئارقىلىق ئەڭ زور مەنىۋىي ئوزۇققا ئېرىشكەن. ئۇلار قىلغان ئىشىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆڭلىدىن چىقىرىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن،  باشقىلاردىن بىر نەرسە كۈتمىگەن. باشقىلارمۇ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ ئۇلارنى تىگىشلىك ھۆرمەتلىگەن ۋە ئۇلارنى مەڭگۈ ياد ئەتكەن.

ئاللاھ ھەممىمىزنى باراۋەر ياراتقان. مەسئۇلىيەت يالغۇز داۋا قىلىۋاتقانلارغىلا خاس بىر ئىش بولماستىن، بەلكى ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ۋىجدانى بۇرۇچىمىز بار. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئابراھەم لىينكولن مۇنداق دېگەن ئىكەن، “سەن بۈگۈندىن قېچىش ئارقىلىق ئەتىدىكى مەسئۇلىيىتىڭدىن قۇتۇلالمايسەن. بىز بىر ئىش قىلساق باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ئۆز ۋىجدانى بۇرۇچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىر ئىش قىلىمىز، ھەم ئۇنىڭ جاۋابىنى باشقىلارغا ۋە ياكى ئىسمى-جىسمى يوق ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى ئەۋۋەل ئۆز ۋىجدانىمىزغا، ئاللاھقا، ئاندىن بىز سۆيگەن ۋە بىزنى سۆيگەن ئىنسانلارغا بىرىمىز. شۇڭا بىزنىڭ ئىسمى-جىسمى يوق ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يازغان ھەر خىل سەلبىي ئۇچۇرلىرى، بوھتانلىرى ۋە ھۇجۇملىرى ئۈچۈن رەنجىشىمىزنىڭ، كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىشىمىزنىڭ ۋە شۇنداقلا ئۇلارغا چۈشەنچە بىرىپ ياكى ئۇلارغا قارشى ئىنكاسلارنى يېزىپ ۋاقىتىمىزنى ئىسىراپ قىلىشىمىزنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. ئەلۋەتتە، بىز ئىنسان بولغاچقا ھىسياتىمىز بار، كۆڭلىمىزگە كېلىدۇ، بىراق بىز بىر ئىش قىلىمەن دەپ ئوتۇرغا چىققان ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆز-ئۆزىمىزنى يىڭەلەيدىغان بىر كۈچ ۋە جاسارەت بولىشى كېرەك. بولمىسا، دۈشمەن مەخسەتكە يەتكەن بولىدۇ؛ بىز ۋەتەن داۋاسىدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئىشقا تېخى تازا تەييارلىنىپ بولمىغان بولىمىز.

بىز بىر ئىش قىلغاندا، مەيلى ئۇ قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇنى قەستەن مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن ۋە ياكى باشقىلار ئۈچۈن دەپ تەسۋىرلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى مىللەتمۇ بىزنىڭ، ۋەتەنمۇ بىزنىڭ؛ ئۇ ۋەتەندە ياشاۋاتقان مىللەت بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىمىزدىن تەركىپ تاپقان. ئۇلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلغانلىق، ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلغانلىق؛ ئۆز ۋىجدانى بۇرۇچىمىزنى ئادا قىلغانلىق؛ بىز بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كۆڭلىنى راھەتلىتەلەيمىز؛ ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالايمىز. ئەگەر بىز قىلغان ئىشىمىزنى ۋە كۆرسىتىۋاتقان پىداكارلىقىمىزنى ئۆز مەسئۇلىيىتىمىز ۋە ۋىجدانى بۇرۇچىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا بىز ئۆزىمىز خالاپ قىلغان ئىشىمىز ۋە كۆرسەتكەن پىداكارلىقىمىز ئۈچۈن ئالدىراپ باشقىلاردىن بىر نەرسە كۈتمەيمىز ۋە ئالدىراپ باشقىلاردىن رەنجىمەيمىز. ئەلۋەتتە ھەممىمىز ئىنسان بولغاچقا قىلغان ئىشىمىزنىڭ ۋە كۆرسەتكەن پىداكارلىقىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى، باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ لېكىن بىز شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، بىز باشقىلاردىن رەنجىش، خاپا بولۇش، قىلغان ئىشىمىزنى ھەر كۈنى نەچچە قېتىم تەكىتلەش ۋە ياكى باشقىلارنى زورلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيمىز؛ بىز پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاق-پەزىلىتىمىز ۋە سۆز-ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيمىز؛ ئۆزىمىزنىڭ ئەمىلىي نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا سازاۋەر بولالايمىز.

ھەربىرىمىز ھەم ئۆزىمىزگە ھەم بىز تەۋە بولغان ئىجتىمائىي چەمبىرەككە تەۋە. ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆزىنى رازى قىلغاندىن كىيىن، ئاندىن ئەتراپىدىكىلەرنى ۋە باشقىلارنى رازى قىلالايدۇ. ئۆزىنى رازى قىلالمىغان ئىنسان ھەرگىز باشقىلارنى رازى قىلالمايدۇ؛ ئۆزىنى خوش قىلالمىغان ئىنسان ھەرگىز باشقىلارنى خوش قىلالمايدۇ. بىز بۇ نۇقتىنى تولۇق تونۇپ يىتىشىمىز، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە، خۇشاللىق ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىمىز چوقۇم ئاكتىپ، خۇشال ۋە ئۈمىدۋار بولىشىمىز كېرەك.

2019- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش