ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇقتۇرۇش (ئىقامەت، ئىشلەش رۇخسىتى، دىپلوم تەڭلىكى ۋە تۈركىيە پۇخرالىقى ھەققىدە)

ئۇقتۇرۇش (ئىقامەت، ئىشلەش رۇخسىتى، دىپلوم تەڭلىكى ۋە تۈركىيە پۇخرالىقى ھەققىدە)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

تۈركىيەگە يېقىنقى يىللاردا كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسسىسلەر ھەمدە ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا، ئىقامەت، ئىشلەش رۇخسىتى، دىپلوم تەڭلىكى (Diploma Denklik) ۋە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈشتەك بىر قىسىم قېيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ يۇقارىقىدەك قېيىنچىلىقلىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ يار بەرگىنىچە ھەل قىلىشقا تېرىشىپ، ئىختىساس ئىگىلىرىمىزنىڭ تۈركىيەدە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورنىنى تېپىۋېلىشى ۋە مىللەتكە لايىقىدا خىزمەت قىلىشىغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئامال ئىزدىمەكچى.

تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا، `ئۇيغۇر ئىختىساس ئېگىلىرىنىڭ كونكىرىت قېيىنچىلىقلىرى مۇنۇلار` دەپ، مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۇلارنى قايىل قىلالىشىمىز ئۈچۈن قولىمىزدا ھىچ بولمىغاندا ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىلىق ماتېرىياللىرى بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا. شۇڭا بۇ ھەقتە بەلگىلىك ئۆلچەم ۋە پىرىنسىپلار بىكىتىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 10 يىلدىن بۇيان پەقەت ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىر ئورگاندۇر، شۇڭا ئاكادېمىيە ئۆز خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە تېرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇردۇر. ئەگەر بۇ ئىش غەلبىلىك بولسا، ئىككىنجى قەدەمدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا ساھەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ جىددى ھەرىكەتكە ئۆتۈش پىلانلاندى. بۇ سەۋەبتىن ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇقنى تېخى پۈتتۈرمىگەنلەر بۇ ئەھۋالنى ھازىرچە توغرا چۈشىنىپ تۇرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.

1) بۇ قېتىملىق خىزمەت ئوبىكتى تۆۋەندىكى كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. شەرقىي تۈركىستان، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئىلمىي ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئىختىساس ئىگىلىرى (ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، ئەدىب، يازغۇچى ۋە شائىرلار، دوختورلار ۋە ئىنژىنىرلار…)

2. تۈركىيەدە ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار

3. شەرقىي تۈركىستان، تۈركىيە، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئەڭ تۆۋەن دىگەندىمۇ ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغانلار

2) تۈركىيەنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىغا سۇنۇلۇپ ھەل قىلىنماقچى بولغان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىدەك:

1. تېخىچە قىسقا ياكى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقامەت ئالالمىغان ئۇيغۇر زىيالىيلار

2. خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۈنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئالغان دىپلوملارنى تۈركىيەدە ئىتىراپ قىلدۇرالمىغانلار (Diploma Denklik)

3. ئىشلەش رۇخسىتى ھەل قىلالمىغان زىيالىيلار

4. تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈشتە مەسىلىگە دۇچ كەلگەن زىيالىيلار

5. خىتاي پاسپورتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتالمىغان زىيالىيلار

يۇقارىقىدەك مەۋجۇت مەسىلىلەرگە يولۇققان ئالىي مەكتەپ باكلاۋۇر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار «Uygur Türkü Aydınları Bilgi Formu» جەدىۋېلىنى چۈشۈرۈپ، تۈركچە تولۇق ۋە توغرا تولدۇرۇپ، ئاكادېمىيەنىڭ تۈركىيەدىكى بۇ تۈر خىزمەت تۈرلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان مەخسۇس uygurakademisi@gmail.com ئېلخەت ئادرىسىغا ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ. (دىپلوم تەڭلىكى مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلەر چوقۇم دىپلۇم كۆپەيتىلمىسىنى قوشۇپ ئەۋەتىشىنى سورايمىز.)

ئەسكەرتىش: جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ ئېلخەتتىن ئەۋەتىش ۋاقتى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى يەكشەنبە كېچە سائەت 23:59 غىچە

تۈركىيەنىڭ TCK رەسمىي ھۆججەتتە ساختىپەزلىك جىنايىتى Resmi Evrakta Sahtecilik Suçu گە ئالاقىدار قانۇنىنىڭ 204-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رەسمىي ھۆججەتتە ساختىپەزلىك قىلغانلارغا ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە تۈرمە جازاسى بېرىلىدۇ. شۇڭا تۈركىيە دۆلىتى بىلەن بولغان رەسمىيەتلەردە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ساختا دىپلوم ۋە ھەرخىل ساختا ھۆججەتلەردىن قەتئىي ساقلىنىشلىرىنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

2019-يىلى 23-دېكابىر، ئىستانبۇل

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش