• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈرك ئائىلسى بۇرۇن قانداق ئىدى، بۇندىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟

تۈرك ئائىلسى بۇرۇن قانداق ئىدى، بۇندىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟

ئاپتورى: زىيا گۆكئالپ

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ھەبىيبۇللاھ مەتقۇربان

تۈنۈگۈن يەنە ھېلىقى يوچۇن پەيلاسوپتىن:

− تۈرك ئائىلىسى قايسى ئائىلە تىپىگە كىرىدۇ ھەم ئۇنى قانداق تۈزىتىمىز؟ – دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

− ئائىلە دەسلەپتە «ئاناخوجا جەمەت» (يەنى ئۇرۇقداشلىق) شەكلىدە باشلانغان. بۇ دەۋردە بالا ئانىنىڭ جەمەتىدىن ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، دادىنىڭ جەمەتى بىلەن ھېچقانداق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولمايتتى. ئۇرۇقداشلىقنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى بىلەن تەڭ بۇ ئاساس غولدىن ئۈچ شاخچە ئايرىلىپ چىقتى: ئاناخوجا ئائىلە، (ئاتىنىڭ ئۇرۇقىنى ئاساس قىلغان) نەسەب ئائىلىسى ۋە ئاتاخوجا ئائىلە.

1. ئانا خوجا ئائىلە:

بۇ تىپتىكى ئائىلە پەقەت قەدىمكى جەمئىيەتلەردە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىمۇ ئاتاخوجا ئائىلىدىكىگە ئوخشاش، مەنسۇپلۇق پەقەت ئانا تەرەپتىن مۇھىم بولۇپ، ئائىلە ئىچىدە دادىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق.

ئەمەلىيەتتە بۇ تىپتىكى ئائىلە «ئاناخوجا ئائىلە» دېيىلىدىغان بولسىمۇ، بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ تىپتىكى ئائىلىلەردە ھوقۇق ئانىغا ئەمەس، ئانىنىڭ ئوغۇل بىر تۇغقىنىغا مەنسۇپتۇر. شۇڭلاشقا بۇ تىپتىكى ئائىلىلەرنى «تاغاخوجا ئائىلە» دېيىش مۇمكىن. ئائىلە تارىخىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى مۇشۇ «تاغىلىق» دەۋرىدۇر.

2. نەسەب ئائىلىسى (دادا تەرەپ تۇغقانلارنى ئاساس قىلغان ئائىلە):

بۇ تىپتىكى ئائىلە دادىغا مەنسۇپ ئۇرۇقنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، نەسەب دادا تەرەپنىڭ ئەر تۇغقانلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئائىلىدۇر. نەسەب ئائىلىسى داۋاسى تۇغقانلارنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. شۇڭلاشقا قان پەقەت قان دەۋاسى ماجىرالىرىدىلا ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان، ئاياللارغا مەنسۇپ بىر مەسىلە بولۇش بىلەنلا قالمىغان. مەسىلەن، گەرچە بىر نەسەبتىن بولسىمۇ تېخى قورال تۇتقۇدەك بولمىغان كىچىك بالىلارنىڭ مىراستىن مەھرۇم قىلىنىشى، بۇ تىپتىكى ئائىلىنىڭ بىۋاسىتە قان دەۋاسى ماجىرالىرىدىن پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسىدۇر.

ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ خۇنىنى پەقەت ئۇنىڭ دادىسى ياكى قېرىنداشلىرىلا ئەمەس، پۈتۈن تۇغقانلىرى ئالىدۇ. خۇن تۆلەشمۇ پەقەت يېقىن تۇغقانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولماستىن، قاتىل مەنسۇپ بولغان پۈتۈن جەمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. ئىنتىقامنىمۇ پەقەت قاتىلدىنلا ئەمەس، بەلكى قاتىلنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ھەر قانداق بىر كىشىدىن ئېلىشقا بولىدۇ. ئىنتىقام ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلارمۇ شۇ جەمەتنىڭ پۈتۈن ئەزالىرىدۇر.

نەسەب ئائىلىسىدىن مۇنداق ئۈچ ئائىلە تىپى بارلىققا كېلىدۇ:

ئا) ئەر بىر تۇغقانلار ئارىسىدا بىردىن ئارتۇق ئايالنىڭ بولۇشى

ب) پارچىلانمىغان جەمەت

ج) ئاتا خوجا ئائىلە

ئا) ئەر بىر تۇغقانلارنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى:

بۇ تىپتىكى ئائىلىدە دادىنىڭ مىراسى پەقەت چوڭ بالىغا قالىدۇ، يەنى مىراس تەقسىم قىلىنمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت پەقەت چوڭ بالىنىڭلا ئۆيلىنىش ھوقۇقى بولۇپ، كۆپ خوتۇنلۇق بولالايدۇ. باشقا بىر تۇغقانلارنىڭ ئائىلە مۈلكىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بولغىنىغا ئوخشاش، ئاكىسىنىڭ خوتۇنلىرىدىنمۇ پايدىلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ. ھەتتا ھەر بىرى خوتۇنلاردىن بىرىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالالايدۇ.

سترابون يەمەندە مۇشۇ تىپتىكى ئائىلىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھازىرقى دەۋردە تىبەتتىكى ئائىلىلەر مۇشۇ تىپتىكى ئائىلىلەردۇر.

ب) پارچىلانمىغان جەمەت:

بۇ تىپتىكى ئائىلىدە دادىدىن قالغان مىراس تەقسىم قىلىنمايدۇ. بىر بوۋىنىڭ نەۋرىلىرى بىر ئۆيدە ياشايدۇ ۋە بىر ئاشخانىدىن تاماق يەيدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ خوتۇنلۇق بولىدىغان قائىدە يوق. ھەر قانداق ئەر كىشىنىڭ ئۆيلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئىسلاۋلار بىلەن قەدىمكى ئەرەبلەردىكى ئائىلە مۇشۇ تىپتىكى ئائىلىلەر ئىدى. ئىسلاۋلار بۇنى «زادروگا»، ئەرەبلەر بولسا «ئەھل» دەپ ئاتايدۇ.

ج) ئاتا خوجا (ئائىلە باشلىقى مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە بولغان) ئائىلە

بىر جەمەتنىڭ تەقسىم قىلىنمىغان مال – ۋارانلىرى شۇ جەمەتنى تەشكىل قىلغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، بىر قىسىم جەمئىيەتلەردە مال – ۋارانلارغا ئائىلە باشلىقىنىڭ خۇسۇسىي مېلى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بۇ تىپتىكى ئائىلە باشلىقىنى «پەدەرشاھ» (ئاتاخوجا) دېيىلگىنىدەك، بۇ ئائىلىنىمۇ «پەردەرشاھىي ئائىلە» (ئاتاخوجا ئائىلە) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تىپتىكى ئائىلىنىڭ باشلىقى پەقەت شۇ ئائىلىگە مەنسۇپ بولغان مال – دۇنيانىڭ مۇتلەق ئىگىسى بولۇپلا قالماي، ئائىلىگە مەنسۇپ بارلىق تۇغقانلارنىڭ، ھەتتا ئۆز ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭمۇ مۇتلەق ئىگىسى ھېسابلىنىدۇ ھەمدە ئۇلاردىن ئۆزى خالىغىنىچە پايدىلىنالايدۇ، ساتالايدۇ، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتەلەيدۇ. قەدىمكى رىم ئائىلىسى بىلەن ھازىرقى خىتاي ئائىلىسى مۇشۇ تىپقا تەۋە.

3. پەدەرىي (دادا خوجا) ئائىلە:

بۇ ئائىلىنىڭ داداخوجا ئائىلە دېيىلىشىدىكى سەۋەب، دادىنىڭ ھەممەيلەننى باشقۇرىدىغان بولغانلىقىدۇر. ئانا گەرچە قانۇنىي جەھەتتىن دادا بىلەن باراۋەر بولسىمۇ، بۇ باراۋەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى بىرىنچى دەرىجە يەنىلا دادىغا بېرىلگەن. بۇ تىپتىكى ئائىلە ئاناخوجا ئۇرۇقداشلىق بىلەن ئاتاخوجا ئۇرۇقداشلىقنىڭ بىرلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن.

ئىپتىدائىي جەمئىيەتلەردە بالا يا پەقەت ئانىنىڭ، ياكى پەقەت دادىنىڭ ئۇرۇقىغا مەنسۇپ دەپ قارىلاتتى. ئىككى ئۇرۇقنىڭ بىر يەردە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى بالا پەقەت بىر دىنغا مەنسۇپ بولالايتتى. ھەر ئۇرۇقنىڭ دىنى باشقا – باشقا بولغاچقا، بالىنىڭ ئىككى ئۇرۇققا مەنسۇپ بولۇشى ئىككى دىنغا مەنسۇپ بولۇش دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

لېكىن بىر قىسىم جەمئىيەتلەردە «دىن» پەقەت داداخوجا جەمەتكە، «سېھىر» بولسا ئاناخوجا جەمەتكە مەنسۇپ بولغاچقا، بۇ ئىككى جەمەت بىر يەردە ياشىغان ئىشلارمۇ بولغان. بۇنداق جەمئىيەتلەردە دىن بىلەن سېھىر باراۋەردۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە داداخوجا جەمەت بىلەن ئاناخوجا جەمەتمۇ ئۆزئارا باراۋەر بولغان.

بۇ ئەھۋالنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇنداق ئىپادىلەش مۇمكىن:

دادا ئانىغا، ئەر خوتۇنغا، دادا تەرەپ تاغا ئانا تەرەپ تاغىغا، دادا تەرەپ ھامما ئانا تەرەپ ھاممىغا، ئوغۇل بىر تۇغقان قىز بىر تۇغقانغا، قىسقىسى ئەر ئايالغا باراۋەردۇر. بۇ باراۋەرلىك سىستېمىسىدىن ئەڭ دېموكراتىك ئائىلە تىپى ئوتتۇرىغا چىققان. قەدىمكى تۈركلەر بىلەن گېرمانلاردا مۇشۇ ئائىلە تىپى مەۋجۇتتۇر. تۈركلەر بۇ ئائىلىنى «سوي»، گېرمانلار بولسا «زىپپە» دەپ ئاتايدۇ.

قەدىمكى تۈركلەردە ئانا جەمەتى بىلەن دادا جەمەتى ئۆزئارا باراۋەردۇر. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئايالمۇ ئەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولغان.

كېيىنكى دەۋرلەردە جەمەت پارچىلىنىپ، داداخوجا ئائىلە دەپ ئاتالغان تېخىمۇ كىچىك ئائىلە شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. داداخوجا ئائىلە بەئەينى ئائىلىۋى جۇمھۇرىيەتكە ئوخشايتتى. دادا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسى، ئانا بولسا ئايال رەئىس ئورنىدا بولۇپ، ھوقۇق ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق قوللىنىلاتتى. دادا ئانىنىڭ رۇخسىتىسىز قىزىنى قەتئىي ئەرگە بېرەلمەيتتى، ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلاردا چوقۇم ئانىغا مەسلىھەت سېلىشى شەرت ئىدى. بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلىناتتى. شۇ سەۋەبتىن داداخوجا ئائىلە پەدەرشاھىي (يەنى ئاتاخوجا، ئائىلە باشلىقى ھاكىممۇتلەق بولغان) ئائىلىگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ.

بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن چوڭ پەرق بار بولۇپ، بۇ پەرق باراۋەرلىك ھەم ئەركىنلىكتۇر.

پەدەرىي (داداخوجا) ئائىلىنىڭ پارچىلىنىشىدىن «ئىزدىۋاجىي ئائىلە» (قۇدا – باجا ئائىلىسى) تىپى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئائىلە تىپىنىڭ ئاساسى مەيلى كۈيئوغۇل، مەيلى كېلىن ئاتا – ئانىلىرى ئولتۇرغان ئۆينى تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن باشقا بىر ئۆي بەرپا قىلىشىدۇر، دەپ خۇلاسىلىنىشى مۇمكىن.

قەدىمكى تۈركلەردە مۇشۇنداق قائىدە – پىرىنسىپ بار بولۇپ، بۇ قائىدە – پىرىنسىپنىڭ ئادەتكە ئايلىنىشىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. قۇدا – باجىلىق ئائىلىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى، مەزكۇر ئائىلىنىڭ چاغداش قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان بىر دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن چاغداش قانۇنغا ئۇيغۇن بىر ئائىلە قانۇنىدىن بارلىققا كەلگەنلىكىدۇر.

ياۋروپا ئەللىرىدە بۈگۈنكى كۈندىكى ئائىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى رىم قانۇنىغا ئاساسلانمايتتى. ياۋروپا ئائىلىسى ئاساسلانغان تايانچ نېمىسلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىدۇر. لېكىن ياۋروپا ئەللىرىدە چاغداش دۆلەت قۇرۇلۇپ تۇرۇپ چاغداش ئائىلە قانۇنلىرى تۈزۈلمىگەن بولسا ئىدى، ياۋروپانىڭ نېمىس خەلقى ئىچىدىمۇ قۇدا – باجىلىق ئائىلە شەكىللەنمىگەن بولاتتى.

لاتىن ۋە ئىسلاۋ خەلقلىرىدىكى ئائىلىلەر پەدەرشاھىي ۋە زادروگا تىپىدە بولغاچقا، بۇلاردا قۇدا – باجىلىق ئائىلىنىڭ ئۆزلۈكىدىن بارلىققا كېلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. دېمەك، بۈگۈنكى كۈندە ياۋروپا ئەللىرىدە ئائىلىنىڭ قۇدا – باجىلىق ئائىلە تىپىدە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئامىل چاغداش ئائىلە قانۇنلىرىدۇر. بۇ قانۇنلار قەدىمكى ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرگە خاتىمە بېرىپ، ئەركىنلىك ھەم باراۋەرلىك پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولغان بۈگۈنكى كۈندىكى دېموكراتىك ئائىلىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

شۇڭلاشقا، قەدىمكى تۈركلەردە قۇدا – باجىلىق ئائىلىسىنىڭ رېئاللىقتا مەۋجۇت بولۇشى، ھەتتا شۇ دەۋردىمۇ مىللىتىمىزنىڭ قۇدا – باجىلىق ئائىلە دەۋرىگە ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمايدۇ. چۈنكى ئۇ دەۋردە تۈركلەردە چاغداش بىر دۆلەت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بىرەر ئائىلە قانۇنى بولمىغاچقا، پەقەت ئۆرپ – ئادەتكىلا تايانغان بۇ پىرىنسىپنىڭ ئىشەنچلىك تايانچىمۇ يوق ئىدى.

شۇ سەۋەبتىن، بىز قۇدا – باجىلىق ئائىلە دەۋرىگە پەقەت يېڭىدىن تۈزۈلىدىغان ئائىلە قانۇنى بىلەنلا كۆچەلەيمىز. ئۇنداق بولغانىكەن، تۈزمەكچى بولغان ئائىلە قانۇنىدىكى ئەھۋالىمىز، ئەڭ قەدىمكى ئەنئەنىلىرىمىزدە پەقەت رېئال بىر ئەنئەنە شەكلىدە مەۋجۇت بولغان قۇدا – باجىلىق ئائىلە سىستېمىسىنى قانۇنىي ئاساسلارغا تايانغان بىر ئاساس سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشتۇر.

(جۇمھۇرىيەت، 1924 – يىل، 27 – ماي)

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئالتى يازىلارى» ناملىق ئەسىرى، توكەر نەشرىياتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top