• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئاكادېمىيە » 2-نۆۋەتلىك «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

2-نۆۋەتلىك «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2019-يىلى 4-، 7- 10- ۋە 11-ئايلاردا بەش قېتىم مەخسۇس 10 ئۇيغۇر ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 61 ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە ئىككى كۈنلۈكتىن تەربىيەلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.

بۇ بەش قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق، تاراتقۇ، تەشۋىقات، خەلقئارا ۋەزىيەت، مىللىي كۆرەش يوللىرى ۋە باشقا مۇھىم تېمىلاردا دەرس ئالدى.

خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلىرى ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە، ئاساسلىقى ئالدىنقى 5 قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلار ئىچىدىن 15 ئوقۇغۇچىغا 1-ئاينىڭ 18- ۋە 19- كۈنلىرى 2-نۆۋەتلىك «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىلىدۇ. (ئالدىنقى قېتىملىق كۇرسلارغا قاتنىشالمىغان، ئەمما شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئالاقىدار مەلۇماتلارغا ئىگە بولغان ياشلارغا ئالاھىدە ئەھۋال سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىدۇ.)

بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئالدىنقى تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» كۇرسىغا قاتناشمىغان ئۇيغۇر ياشلار ئىچىدىن 15 ئوقۇغۇچى تاللىنىدۇ. تاللانغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.

2-نۆۋەتلىك «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا تاللانغانلارغا 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ. كۇرس جەريانىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىككى كۈنلۈك چۈشلۈك تاماق ۋە يىغىندا كىرەكلىك ماتېرىياللارنى تەمىنلەيدۇ.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
2019-يىلى 29-دېكابىر، ئىستانبۇل

ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
كۇرس ئورنى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باغچەلىئەۋلەردىكى ئىشخانىسى
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2020-يىلى 1–ئاينىڭ 5–كۈنىگىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى:
uyghuracademy@gmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇلھەمىد قاراخان
ئالاقە تېلىفۇنى: 05306677851

ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار:

بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.
1) ئۇيغۇرچە ئىسىم–فامىلىسى
2) ئەڭ ئاخىرقى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەكتىپى
3) ئوقۇغان كەسپى
4) ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى ئاكادېمىك ئۇنۋانى
5) تۇرىۋاتقان دۆلىتى ۋە شەھىرى
6) ئالاقە تېلىفۇنى
7) ئالاقە ئېلخېتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top